ئۇيغۇر ئېلانلىرىنى كىم ياخشى ئەمەس دەيدۇ؟ مەن ياخشى كۆرىدىغان ئېلانلاردىن ئىككى شىڭگىل
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خۇمارداشلار، خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا تورخۇمارغا كىرەلمىگىلىمۇ بىرە ئايچە بوپ قالغانتى، شۇڭا تورخۇمارغا قۇرۇق قول كىرگىم كەممەي ماۋۇ بىرنەچچە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئىشلىگەن ئېلانلارنى ئالغاچ كەلدىم، گەرچە ھەممەيلەن كۆرۈپ بولغان بولساقمۇ يەنە بىر قېتىم تور يۈزىدە خۇماداشلا بىلەن ئولتۇرۇپ ھۇزۇرلانساق دەيمەن.
بۇ ئېلانلاردىن قايسىڭلار زېرىكىش ھىس قىلىسىلەر، قايسىڭلار ھۇزۇرلىنىسىلەر؟
(دادام پىرەنىك ئېلانى) ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن ئېلانلار ئىچىدە مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان ئېلان
ئۈلكەر ئاتەش سۈيى قۇۋۋەت ئىچىملىكى ئېلانى
ئۈلكەر كاتكات ئېلانى
مەشرەپ توڭلاتقۇسى ئېلانى
مۇئەللىم لۇغىتى ئېلانى
ئىخلاس ئېلانى
زەم زەم كولا ئېلانى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئۇيغۇرچە، ئېلان، ھوزۇرلىنىش
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 29,693 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 07-ئاينىڭ 25-كۈنى
- يازما مەنزىلى: uyghurche-elanlar.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 拳皇 2011 ھەقىقى ئادەم نۇسخىسى – چەتئەللىك COS چىلارنىڭ قىلىقىنى كۆرۈڭ، سەت مازكەن
- كېيىنكى يازما > ئوسكاردا ئەڭ نادىر كۆرۈنمە ئۈنۈم مۇكاپاتىغا ئىسمى ئاتالغان فىلىملەرنىڭ كىرىشتۈرۈلمىسى 1-پەسىل
- 2016-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- 2015-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
- Evian نىڭ يېڭى ئېلانى – ئۆمۈچۈك بوۋاق پالۋان
- ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسىڭىز ئاقىۋەت سىز بىلەنلا تۈگمەيدۇ
- ئىنتىلنىڭ ۋىرۇس خاراكتېرلىك ئېلانى – شىركەتتە ئادەم قالمىغاندا، خىزمەتچىلەر شاشلىشىپ كېتىدۇ
- Nike ئەڭ يېڭى پۇتبول كارتون ئېلانى! فەچەتلىكتە دوستسىز قالغان ئېلان بوپتۇ بۇ!
- مېرسېدېس GLA نىڭ ياپوندا ئىشلىگەن ئېلانى، مارىيو ئۆزى بىۋاستە باش رولغا چىقىپتۇ
- 2014 Nike دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئاۋات ئېلانلىرىنىڭ بىرى – تەۋەككۈل قىلىش
- خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ دەھشەت چىققان ئېلانى – Add Power to You Life
بارا-بارا ياخشىلىققا مېڭىۋاتىدۇ. لېكىن ئاددىي، ئەمما تەپەككۇرنى قويىۋېتىشى باشلانغىنى يوق.
تەپەككۇرنى قويىۋەتتى دىگەندىمۇ، بىزنىڭ دىيارىمىزدىكى كارخانا، شىركەتلەر چەتئەلىكلەردەك ئېلانغا كۆپ پۇل خەجلەشنى خالىمايدۇ. تورخۇماردا بۇرۇن ھەر بىر سىكونتتى يۈزمىڭ يۈەندىن يۇقىرى ئېلانلارنى كۆردۇق.
ھەجەپ بۇرۇن ھېس قىلماپتىكەنمەن دىسە، بەزىبىر ماز ئېلانلارنى چىقىرىۋىتىپ كۆرسە، زېرىكىشلىك ھېس قىلمايدىكەن ئادەم.
يەنە بىر ئىش بۇ ئېلانلارغا ئېلان قىستۇرۋالماپتۇ……..
ئىفتاردا دوغنى جىق ئىچىۋالدىممۇ يا ، ما گەپ ھەجەپ سوغوق تۇيۇلۇپ كەتتى … ھې ھې …
يوۇكۇ نىڭ سىن بېشىغا قىستۇرۋالىدىغان ئېلانلىرى يوقكەن دەيمەن…..
بىر دام دام بەسەم ! ماۋۇ ئىلان بەك پەيزى چىقىپتا … خېنېم دىيىشلىرىچۇ تېخى …
قىزىل بۇغىنىڭ ئىلانىمىدۇ ئىشقىلىپ ، ھېلىقى … ھەر سەپەردە ئوتلاپ قوي ماشىناڭغا ساقلاپ قوي دىگەن بىر ئىلان بۇلىدىغان بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر بەك ئامراقتۇق مۇشۇ ئىلانغا …
ئەمما لىكىن بىر ئىلان باكى قۇلاققا مۇش ئۇغاندەك ئاڭلىنىدىغان : ئالىمجان ،ماي تۈگەپتۇ ، بازادىن بىر باك ماي ئەكىرىڭە بالام ! مانا … زەنجىۋىل بىژمە يېغى ! نەچچە يىل بۇلدى تېخىچە بىرىۋاتىدۇ مانى، بىر ئۈتۈنۈپ قاسام قويمىسىمۇ بوپتىكەن مۇشۇ ئىلاننى
راست دەيسىز ئاشۇ ئېلاننى زادىلا ياقتۇرمايمەن…. ھەم يەنە بىر ئېلان بار
قۇناق مېيىنى داملاپ چىقىدىغان… ئىچچىمنى سىقىپ… ھىھ
ئالىمجان ماي تۈگەپتۇ ئاچچىقسۇ تاتلىقسۇ ئەكىر دەپ بولغۇچە
ئىشىك پىركالىمىدەك سىرتتىن كىرىپلا مانا سىز ئىزدىگەن xxxماركىلىق ماي تەبىئىي نوچى ماي دەپ كىرىشلىرى… ھېي…
مۇشۇ ھۇۇۇر قارىنىڭ ئوغۇت داملىغانكى ھېلىقى قۇملۇق كېزىپ بىر غەزىنىگە كىرسە ئۈنچە مەرۋايىتلار تۇرغۇچىدا ئوغۇتقا ھۇجۇم قىلىدىغان ئېلانى… بەك ياقىدۇ جۇما…. خېلى تەبىئىي ئىشلەپ قويۇپلۇغ….
ھۇشۇراخۇن قارى دېمەكچىدىم… ئەپسۇس ھۇزۇراخۇن دەپ ساپتىمە ھەممىسى مۇشۇ زوھۇر ۋاقتىدا ئالدىراش ئىنكاس يازغانلىقتىن… دە…
قىزىل بوغىنىڭ ئىلانىنى بىزنىڭ شىركەتتىكىلە ئىشلىگەن تى
سىزلە قايسى شىركەتتىنكى….
ئوكيان
توشىمايدۇ بىزنىڭ ئۆيگە دەپ بىر ئېلان بولىدىغان، ھازىرمۇ بارما؟
نارات ھەسىلىنىڭ ئىلانىغۇ دەيمە …
ئاشۇ ئىلانمۇ ساپ ئادەمگە ياقمايدۇ ھەسەل دىگەن پات پات يەپ قۇيدىغان نەرسە تۇرسا توشىمايدۇ ئۇنى قىمماي بۇنى قىمماي دەپ… توۋا ئۇن بوممىسا يە ئۇ…. كۈندە 3 ۋاخ كاپ ئەتكىلى
بوپتۇلا بۇلارمۇ تەراققىيلىشىپ قالار….
داڭلىق ئىلانلاردىنمۇ قىلىشمىغۇدەكق ئىلاملامۇ بار . بىر يىرى ئۇلاردەك قىممەتچى ئەمەس ئىلان ئىشلىگۈچىلەر ئەمدە . ئا دام دامنىڭ ئىلانىنى كۆرسە ۋوييو دەپ قالامدىكى بىزنىڭ قەشقەردىن باشقا يەرنىڭ كىشىلىرى
دادام پىرەنىك دېسە قاندىقىدۇ دەپتىمە. ئىۋۇ دام دام پىرەنىكنىڭكىكەنغۇ ؟
خېلى بولىدىغان ئېلانلاكەن بۇ.
بىزنىڭ ئۆيدە باللا تاماق يىگىلى ئۇنىمىسا « دام دام لەغمەن ، دام دام پولۇ ئەتتۇق، تېخى ئىچىگە ئۈلكەر سالدۇق ..» دەپ قويسام ھەممىسى بەسلىشىپ يەيدىغان بولدى تاماقنى. بۇمۇ شۇ ياخشى ئىشلەنگەن مۇشۇنىڭدەك ئېلانلانىڭ تەسىرىمىكى دەپ قالىمە. ھى …ھې ھې…
مۇشۇ ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئېلانلار توغرىلىق توختىلىپ باقمايلىمۇ باللا؟
مەن كۆگەن ئەڭ ماز ئېلان بولسا، بىر ئەرنىڭ ھەيز قەغىزىنى داملاپ چىقىشى.
299 يۈەن ، پەقەتلا 299 يۈەن… يەنە نېمىگە ئىككىلىنىسىز ؟! … دەيدىغان تەرجىمە ئىلانلار بارغۇ ؟ مازلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ.
تىخى بۇكىسەلنى داۋالاش مومكىن ئەمەس لىكىن ئەنسىرمەڭ بىزنىڭ پۇستانى ماركىلىق دورىمىز بىر باسقۇچتىلا بىر نىمىنى بىرنىمە قىلىپ …….. دەيدىغان ئىلانلارچۇ تىخى
زەم زەم كولا سىنىڭ تەگ مۇزىكىسىدىكى دولان راۋابىنىڭ ئاۋازىمۇ شۇنداق پەچەت ماسكەپتۇ
ئۇيغۇر ئېلانچىلىقلىرىمۇ خېلى ياخشىلىنىۋاتىدۇ ئەمما بىزدىكى ئىكىسپورت پەقەت شىنجاڭغىلامىكىن دەيمەن…. چەت ئەللىكلەرنىڭ ئېلانلىرى ساز بولغىنى بىلەن بەلكىم ئىگىلەش دائىرىسى كەڭرى بولىشى مومكىن…
ئەمما ماۋۇ ئېلانلار سەرخىل چىقىپتۇ ياقتۇردۇم ئۆزىمىزنىڭ ئېلانلىرى بەك ساز جۇمۇ ئەمما
ئۇيغۇرلانى دۆتچاغلايدىغان ئېلاننىڭ بىرسى دەپ ئويلايمەن ھېلىقى ھۇشۇقارىنىڭ ئۇغۇت ئېلانى شۇنچىۋالا ئالتۇن كۈمۈش تۇرسا قاراپ تۇرۇپ ئۇغۇت -سىلياۋيۇپۇق ئۇرۇقنى \ئالغىننى
ما ئىلاننى ھازىرمۇ بىرىۋاتامدا ؟ قاسى قانالدا قۇيىدا بۇنى ؟كۈرەپ باقمىغان ئىلانكە بۇ
نىمىدىگەن كۆپ دىھقانلاربۇ نەگە ماڭغاندۇ ……….. كىۋەز گۈلى تاپالماي غەم قايۇدا قالغانلار …….. دىگەن ئىلاننى دەمسىز ؟؟؟
ئىخلاسنىڭ ئېلانى ماڭا ھەممىدىن بەك يارايدۇ … تۇلۇممۇ تەسىرلىك ،
ئېلان دىگەن ئادەمنىڭ ئىچىكى تۇيغۇسىنى ئۈزىگە مايىل قىلىش كۈچى بىلەن‹‹ ئېلان›› بۇلالايدۇ … مەسلەن مۇشۇ ئېلانى مىسالغا ئالساق جىق چىقىم كەتمىگەن نۇقۇل چىقىمغا تايىنىپ ئېلان ئىشلەشمۇ ياخشى ئەمەس … بۇ ئېلاندىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتى نەزەر بولسسا ئاتا -ئانا بىلەن بالا ئوتۇرسىدىكى مېھىر- مۇھاببەت ، بۇ بولسسا دۇنياۋىي تېما بۇنى ھەرقانداق بىر ئىنسا ئىتراپ قىلىدۇ … يەنە ۋەقەلىكى ئىنتايىن چۈشنىشلىك ھەم ئاددى ، چوڭدىن كىچىككىچە ھەرقانداق ئادەم قۇبول قىلالايدۇ ..
راس دەيسىز ، بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى ئىلان بۇ …
ياخشىمۇسىز نەۋقىران، قانداقلا بولمىسۇن ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قويمامسىز؟
ۋاي ماقا مەنچە ئىختىزاتتىن قىسىلمىسىلا ئۇيغۇر باللىرىدا تولاپ تىشىشىپ ئىلھام باركەن
بىر ئېلان قاپتۇ .ھېلىقى كىچىك چاغلىرىمىزدا قويىدىغان ئارمان بالىلار قۇۋەت تالقىنىنىڭ ئېلاننى قايسى بىر خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئىرىشىپتۇ دەپ ئاڭلىغان .دىمىسىمۇ بەك نوچى ئېلانتى .بادام ،ياڭاق ،نۇقۇتجان ….لاي لاي لاي لىلاي دايغان چۇ .ئامىركىغا چىكەتكەن گۈلچىھرە ئېزىز دىگەن رىياسەتچى قىز ئاۋاز بەرگەن.
تاپساڭلا يوللاپ قوياڭلا
كىچىك بالا ياڭاقنىڭ كەينىدىن يۈگىرەيدىغىنى دەيسىز غۇ دەيمە …..
مەن تاپسام يوللاپ قۇياي
خالمۇرات ئۆمەر چىقىدىغان ئىلخان كىيىملىرىنىڭ ئېلانىنى ئەڭ ياقتۇرمەن.
ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ بىر نەچچە ئېلانلىرى بولىدىغان « ئېنىرگىيە كەلگەندە پوش پوش دىمەيدۇ » دىگەندەك ، يەنە بىر قانچىسى …..
ھازىر راسلام ئېلانچىلىقىمىز خېلى تەرەققىي قىلىپ قالدى. ماۋۇ خەنلەرنىڭكىدىن كۆپ ياخشى .
يېڭى ناۋاغا قىستۇرۇلغان بىر ئېلان بار، « ئېلانغا چىقامسەن دېدى، چىقىمەن دېسەم مۇشۇ يەردە ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. يېسەڭ قۇرسۇغۇڭ تۇيىدۇ … » دېگەندەك. ئەمما بۇ ئېلان ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتىكەن.
بىز ئىشلىگەن ئىلانتى بۇمۇ
بۇ ئىلاننى ياقتۇرىدىغانلار چىقىدىكەن ھە ، ماڭىمۇ يارايدۇ بۇ ئىلان
ئاشۇ ئىلاندىكى قىسمەن دىئالوگلار سەل قاملاشماپتىكەن، لېكىن بۇ ئولتۇرۇشۇڭ… مۇشۇ يېرى پەقەت تەبئىي ئەمەس،قالغان يېرى ماڭىمۇ يارايدۇ.
ئاۋۇ زەمزەم كولانىڭ ئىلانى ھەقىقەتەن نوچى ئىشلەنگەن
رازىمەننىڭ ئېلانىمۇ پەيزى مەن بەك ئامراق. لېكىن ماۋۇ كۇچادا ئۆزىنىڭ بۆرەك دورىسى،بىرنېمە دورىسىنىڭ ئېلانىنى شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ ئېلان ۋاقتىدا ئۇلاپلا بېرىۋالىدۇ. شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ ھوقۇقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ…. كىنونىمۇ كۆرەلمەيمىز بەزىدە…..
خوتەندە ئەزەلدىن شۇنداق مەن نەچچە قىتىم شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىغا تېلىفۇن قىلىپ سوراپ بېقىشنى ئويلىغان …….
شىنجاڭ تىلىۋىزىيەسىدە ئىلان بەرگەن شىركەتلەر نىمىشقا يەرلىك تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۈستىدىن ئەرىز قىلمايدىغاندۇ ؟
ھەي قىززىق كەنسىلە ئۇ كۇچالقلارمۇ نان يىمىسە بولماس؟ئاتايىن جاپا تارتىپ ئۇلاپ تارقىتىدىغان تۇرسا پىروگىراممىلارنى 2 تۆتتال ئېلان بېرىپ قويسا قاقشايمىز(لىكىن بەزىدە ئاشۇرىۋېتىدۇ)،باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگەنسەك بولمامدۇ دەيمە!؟
ئابدۇكېرەمنىڭ ھېلىقى بىرسى بار…داۋۇىـــــــــــــــــــــــت ، بىزنىڭ داڭلىق تېتىمى ماۋۇ دەيدىغانچۇ…
مەن ھەممىدىن ھېلىقى ئەپەندىمنىڭ سوقماق ئېلانىنى ياخشى كۆرىمەن، ھازىرغىچە كۆرسەم كۈلۈپ قېتىپ قالىمەن
ئاجايىپنى ئىچكەندىكىن ئاجايىپ چۈشمەمدۇ دېگىنىمۇ پەيزىدە لېكىن… يۇمۇرلۇق.
ئۆمىد ئاكا بولدى قىلە، بولدى، ھاياتنىڭ مەززىسى بولمىسا روندونىڭ قايمىقى بار دېگەن ئېلانمۇ پەچەتقۇ ؟
كىچىكىمدە v26 دەيدىغان ئېلاندىن شۇندا زېرىككەن، ھازىر خۇداغا شۈكرى مۇشۇ دىلبۇزۇرنى كۆرمىدىم 2 يىلدەك بولدىمىكى
سىزنىڭمۇ ئىسىڭىزدە بارمۇ v26 ؟
ھە ، ھېلىقى مايكول جېكسونمۇ چىقامدۇ ئىشقىلىپ ئۇ ئورۇقلىتىش مەھسۇلاتى ئېلانىدا. يەنە تېخى بىر نېمە ماركىلىق ماگنىتلىق يىڭنە سانچىپ داۋالايدىغان بىرسىمۇ بارتى . تولا قويىۋەگەنلىكتىن كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېلەشتۈرىدۇ.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇ ئېلاندىكىسى ھەقىقىي مايكول جېكسون ئەمەسلىكى بايقالدى.
ئالاي شاكىلاتنىڭ ئېلانىمۇ پەيزىتى،
ماڭا ھەممىدىن بەك ياقىدىغىنى ئارخان قوناق ئىتىلدۇرمىسى ئېلانى. ئۇ ئېلاننى قورقۇنۇچلۇق قىلىپ ئىشلەپتىكەن ئىشقىلىپ خىلى ياخشى چىقىپتۇ. كۆرۈشنى خالايدىغانلار بولسا ئادرېسىنى يوللاپ قوياي.
ھەمىسلا ياخشى چىقان ئېلانلاكەن
ئېلانلارمۇ سەرخىل!ماڭا ئەڭ يارايدىغىنى يەنىلا ئەشۇ ئارماننىڭ ھە…ھە دەپ ئارماننىڭ ئابىدىسىنى تىكلەيدىغان ئېلانى.باشقا ئېلانلارمۇ بولىدىكەن مەۋەدىكىلىرى.زەم-زەم كولانىڭ ئېلانىنى قەشقەر كوزىچى يار بېشى،ھېيىتگاھلاردا ئىشلەپتۇ، بەك پوچى چىقىپتۇ جۇمۇ!
ئاۋۇ ئاتەش سۈيىدە چىققان كىشىنىڭ ئۇسقىنى پوچىكەن
ئابدۇكىرەمكام چىقىدىغان ھىلقى ئىلان قاپتۇ، ھىلىقىچۇ….، ئۇلكەر مىتىرونىڭ، ئىنىرگىيە كەلسە پوش پوش دىمەيدۇ دەيدىغان
ھرلىقى گۇزەل سوپۇننىڭ ئېلانىمۇ ياخشىدى
ماڭا ھەممىدىن ئىخلاسنىڭ بىلەن زەم-زەم كولانىڭ بەك يارىدى….
ھەممىسى سەرخىل ئېلانلاركەن…….
شاكىلات كۆزلەرىمدە ،تونۇشتەدۇر لىۋىمدە دەيدىغان ئىلاندىكى قىزغا كۆيتىمدە لىكىن.
مەن ياقتۇردىغان ئىلانلاردىن خېلى بار ، ياقتۇرمايدىغانلاردىن پەخرى سوپۇنىنىڭ ئىلانى ,مەشرەپ توڭلاتقۇسىنىڭ ھەممە ئىلانى (مەشرەپ توڭلاتقۇسى ئىلانىدا ئەكىس ئەتكەن بىزگە بىلدۈرمەكچى بولغىنى مەشرەپ توڭلاتقۇسى نەرسىلەرنى مۇزدەك ساقلايدۇ ….توڭلاتقۇ دىگەن مۇزدەك ساقلايدىغۇ ) . باشقا توڭلاتقۇلاردىن قانداق پەرقى بار شۇنى دىمەمدۇ
نازىىل چاچ سوپۇنىنىڭ بىر ئېلانى بارغۇ؟ خالمۇرات ئۆمەر چىقىدىغان. بىر تاللا بازىرىدىن نازىل چاچ سوپۇنىنى ئوغرىلاپ قاچسا،تاللا بازىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرگۈچىسى سايراپ كېتىپ،ساقچىلار قوغلاپ كېتىدىغان.ئاندىن ئۆيىگە كىرىپ چېچىنى شۇ سوپۇندا يۇيۇپ چىقسا،ساقچىلار تونۇيالمايدىغان…
ئابدۇكېرىم ئابلىز بىلەن قۇربانجان مالايسىيادا ئىشلىگەن بىر ئېلانمۇ باتتى…
ئۇ مالايسىيا ئەمەس،ئىچكىرىكى ئۆلكىدۇ ھېي.
بۇ ئېلانلارنىڭ ئاستىدىن سانىغاندا ئىككىنچىسىنى شىرزات ياقۇپ ئىشلىگەن. قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئاتامان ئېلان شىركىتىنىڭ ئېلانلىرى.بۇ تېما تەبىئىيلا ئاتاماننىڭ ئېلانى بوپ قاپتۇ.دېمىسمۇ ھازىر ئاتاماننى ھەم سان ھەم سۈپەت جەھەتتىن ئالدىنقى قاتاردا دېيىشكە بولىدۇ. ئاتاماننىڭ مەسئۇلى ئابدۇۋەلى ئەپەندىم شىرزات ياقۇپنىڭ قولىدا تەربىيلەنگەن،سۈرەتكە ئېلىش ئۇسۇلى،رەڭ تەڭشەش قاتارلىق نۇرغۇن جايلىرىدا شىرزات ياقۇپنىڭ ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ.بۇلار بەلكىم بۇنى كىنوتىلى دەپ ئاتىشى مۇمكىن،بىراق كۆرۈنۈشلەر ھەددىدىن زىيادە تېز.يېڭىدىن ئىشلەنگەن مىراسنىڭ كىيىم تىكىدىغان ئېلانلىرىنى كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار.
سوپۇنىيا سوپۇنى ، گۈللەللە سوپۇنى ،
قىلىۋېتەر ئاق تەنلىك ، نېگىرلارنىڭ يۈزىنى ….
سوپۇنلارنىڭ شاھىسەن ، رازى قىلدىڭ ئەلنىمۇ ….
كۆپ نوچىكەن.