مىكرو فىلىم – بوۋاق
ناھايىتى يىراق كەنتتىكى بىرجۈپ ئەر-خوتۇن ئۆزلىرىنىڭ مۇھەببىتىنىڭ مىۋېسى بولغان پەرزەنتىنىڭ بۇ دۇنياغا كىلىشىنى تەقەززارلىق بىلەن كۈتۈپتۇ،ئاتا بولۇش ئالدىدا تۇرغان يىگىتنىڭ قەلبى ئېيتقۇسىز دەرىجىدە خوشاللىق،ئەندىشە،ھاياجان ھىسلىرى بىلەن تولۇپتۇ.ئاخىرى پەرزەنت دۇنياغا كۆز ئېچىپتۇ، ئەمما…
مىكرو فىلىم – بوۋاق
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئۇيغۇرچە، پەرزەنت، فىلىم، مۇھەببەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 32,104 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى
- يازما مەنزىلى: mikro-film-bowaq.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئىككى Volvo نىڭ ئارىسىدا تۇرۇش دېگەن نىمە ئۇ؟! ئاكاڭ قارىغاي ئىككى ئايروپىلاننىڭ ئارىسىدا ئوينايدۇ!!
- كېيىنكى يازما > مارىيو ئەسەبىيلەشسە ساھىبجامال لورا ھەم قاتىل Connor مۇ تەڭ كېلەلمەيدۇ!
- ھوللىۋود سەھىيسىدىكى قىسقا فىلىم – ئانا مۇھەببىتىنىڭ قۇدرىتى
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- ھېلىقىدەك فىلىملەر – پۈتۈنلەي يېڭىچە قىياپەتتە ئېچىۋېتىلدى!
- روسىيەلىك تورداشلارنىڭ كىرىشتۈرۈپ چىققان 1-شەخس ئۈنۈمىدىكى قوراللىق ئېتىشىش فىلىم -Hardcore
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- ئالاھىدە ئۈنۈمچى سولتەكلەر ئىشلىگەن قالتىس فىلىم – ئويۇنچۇق تاپانچا جېڭى
- كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان كارتون فىلىم – باتارىيە ئالماشتۇرۇش
- قورقۇنچلۇق ھەمدە ئۆزگىچە خاتىمىگە ئىگە قىسقا فىلىم – ۋەھىمىلىك ساتىراشخانا
شاش تۇرۇڭلا باللا ..دىۋان ھە….
بۇ باش پىرسوناز ناۋاغا چىققان بالا شۇغۇ !
ھەقىقەتەن تەسىرلىك فىلىم ئىكەن . كۆرىۋىتىپ كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش كەلدى . ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ ، پەرزەنت ئاللاھنىڭ ئاتا ئانىلارغا بەرگەن ئامانىتى. ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمگە بۇ ئامانەتنى بىرىدۇ . ئاللاھنىڭ ئامانىتىنى ياخشى قوغداش ئاتا ئانىلارنىڭ بۇرچى . بىز ئاللاھنىڭ ھەر بىر نىمەتلىرىگە شۇكۇر قىلىشىمىز كېرەك .
ماڭا قىلچىلىكمۇ ياقمىدى، بۇ فىلىمدە تەسۋىرلەنگەن تاش يۈرەكلىكنى ئۇيغۇرنىڭ ئارىسىدا ئۇچرىتىپ باقمىدىم. رېجىسسورنىڭ ‹‹سىرتتىن›› قوبۇل قىلغان ئامىللارنى ئۇيغۇر ئەركەكنى دوپپا كىيگۈزۈپ چىرايلىق ياساندۇرۇپ رولغا چىقارغۇزغىنىغا بەكمۇ ئېچىندىم. ئەگەر قارىغۇ تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاق تاشكىۋېتىلگەندىن كېيىن مۆجىزە يۈز بېرىپ ھايات قالمىغان بولسا، مېيىپلارنى خورلاشنىڭ تەشۋىقاتى بولۇپ قالاتتىكەن. قاتتىق تەنقىدلەش كېرەك دەپ ئويلىدىم. قېنى قاراشلىرىڭلار بولسا دەپ بېقىڭلار.
خاتا كۆرۈپ قالدىڭىزمۇ قانداق ؟؟ بالىنى تىپىۋالماپتۇ بالا ئۆلۈپ بۇپتۇغۇ ؟؟بىرسى تىپىۋالماپتۇ بەلكى تاشلىۋەتكەن ئاتىسى قايتا بېرىپتۇ…بۇ مىكرو فىلىمنىڭ مەزمونىنى ئۆزگەرتىپ قورقۇشۇشلۇق قىلىپ ئىشلىسە بولغۇدەك…
ھەي توۋا دەيكى جۇمۇ جىق ئىشلارغا مىنىڭ شۇنداق كۆڭلۇم يىرىم بولدى
بۇ مىكرو فىلىمنىڭ بولىدىغان يىرىگە كەلسەك ، تارتىلىش ئۇسلۇبى ۋە تارتىلىشتىن كىيىنكى بەرگەن ئۈنۇمى بۇلۇپ قالىدىكەن ، بىراق فىلىم مەزمۇنى ۋە تەربىيۋى ئەھمىيتىگە كەلسەك مەن بۇ فىلىمدىن بىرەر چوڭقۇر تەسىرات ئالالمىدىم ، پەقەت ئەپسۇسلاندىم خالاس ! مىنڭ پىكىرىم ئەمدى ھازىرقى ياشلىرىمىز مىكرو فىلىم ئىشلەش مودىسىغا ئەگىشىپلا فىلىم سۈپىتى ۋە مەزمۇنىغا ئىتىبار بەرمەيۋاتىدۇ ، مىكرو فىلىمنىڭ ھەقىقىي مەنىسى بولسا قىسقا ۋاقىتتىن ئۈنۇملىك پايدىلىنىپ چوڭقۇر پەلسەپەنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن ھالدا مەنىلىك ، تەربىيۋى – ئەھمىيىتى كۈچلۈك فىلىىم ئىشلەش دىمەكتۇر ! نۆۋەتتە مىكرو فىلىم ئىشلەش قىزغىنلىقى ياشلىرىمىز ئارىسىدا ئومۇملىشىۋاتىدۇ ، بۇ بىر ياخشى باشلىنىش ، بىراق سۈپەت چۇقۇم بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇش لازىم .. شۇڭا ياشلىرىمىزنىڭ تىخمۇ كۆپ مەنىلك ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۇرۈشىگە تىلىكداشمەن ! ( يۇقارقى ئىيتىلغانلىرىمىنىڭ ھەممىسى شەخسى كۆز قاراشلا خالاس ، ئومۇمغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ . ھەر كاللىدا ھەر خىيال دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ ! )
ئاللاھنىڭ بەندىگە بىرىشىدە بىر ھېكمەت بار، بەرمەسلىكىدە بىر ھېكمەت بار…
بۇنىڭدا پەقەت فىلىمگە ئىلىش ماھارىتى ئىشقا سىلىنغان دىيىلىشكە لايىق . تۇزۇكرەك سىنارىيە تىپىلمىدىمۇ ئۇلارغا ؟؟؟
ئاسماندىكى بۇلۇت بىلەن ئاتنىڭ چېپىشىنى يامان جىق تارتىۋېتىپتىمۇ قايدا … مىتىلداپ ئىچىنى پۇشۇرۇپ ئادەمنىڭ ….. ھېكايىنىڭ تۈگىنىدە دادىنىڭ ۋىجدان ئازابى تارتقىنى تازا ياخشى ئىپادىلەنمەي قاپتۇ …
ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدە راس بارمۇدۇ بۇنداق ئىشلار ؟….. بۇ قەتئىي ئەقلىمگە سىغمايۋاتىدۇ.
قانۇن ۋە پۇخرا پىروگىراممىسىنى كۆرۈڭ، بۇنۇڭدىن ئۆتە ئىشلاربا.
بىزدىمۇ يوق ئەمەس
سۇرەتكە ئېلىش ،كىرىشتۈرۈش،رەڭ تۈسى ياخشى بىر تەرەپ قىلىنىپتۇ.ئوپىراتۇرغا بارىكاللا يەنىمۇ تىرىشىڭ
پۇل ئۈچۈن ھەممىنى قىلىدىغان ئادەملەر بىزدىمۇ بار . لىكىن بۇنداق قىلىدىغان ئادەملەر ئەلۋەتتە چىقىدۇ. لىكىن بۇ ئاتىنىڭ پۇشايمان قىلماسلىقىدىن قورىققان ئىدىم.
بىلىم باشقا ئەقىل باشقا،بۇفىلىمنىڭ رىژىسورى بىلىملىك ئوخشايدۇ لىكىن تازا ئەقلى توشماپتۇ،
ئاۋاز بېرىش يەنىلا بەك سۈنئىي ، تەبئىي ئەمەس . فىلىم راستىنلا بەك تەسىرلىك ئىكەن . ھېچقانداق بولمايدىغان يېرىمۇ يوق
ئاۋاز ياخشى ئەمەس بىردەم يۇقۇرلىتىپ بىردەم تۆۋەنلىتىپ ئاران كۆردۈم ، ئەمما مەنچە فىلىمنىڭ سۈپتى بەلەن چىقىپتۇ ، ئارتىسلارنىڭ رول ئىلشىمۇ ياخشى ئىكەن ، ئەمما شۇ سىنارىيە….
قانداقلا بولمىسۇن مىكروفىلىم ساھەسىگە بىر قەدەم قويۇلۇپتۇ. تەنقىدىي پىكىرمۇ مۇۋاپىقىيەتكە تۈرتكە بولىدۇ. ئەمما ياخشى تىلەك ۋە قوللاشلارمۇ مۇۋاپىقىيەتكە ئۆگەي ئەمەس….. قوللايلى بەلكىم كىيىنكى قىتىملىق فېلىمى تېخىمۇ ئېسىل بولۇر ئىنشا ئاللاھ…… ئۇيغۇرجەمىئىتىدە بۇنداق ئىشلار يوق دەپ كىم دەيدۇ؟؟؟ شەيتان ئۇيغۇرلارنى ئازدۇرمايمەن دەپتىكەنمۇ؟؟؟؟؟؟
بىر ئادەمنىڭ بالىسى ئەما تۇغۇلۇپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەم كىچىك بىر ئاتنى خېلە ئۇزاق مىنىپ، يىراق بىر يەرگە بالىنى ئاپرىپ تاشلىۋېتىپتۇ. يېنىپ كىلىپ تۇسا، يامان بەك يامغۇر يېغىپ كىتىپتۇ. مانداق ئويلاپ باقسا توغرا قىلمىغان. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى كىچىك ئاتنى مىنىپ باسا، بالىسى ئۈلۈپ قاپتۇ. مەشەدە تۈگەپتۇ؛ يامان ئەمەس ئاپىراتتا خېلە ئوبدان سۆرەتكە ئېلىپ، رەڭ، ئاۋاز، كۈرۈنۈش ئۈنۈملىرىگە تازا ئىش قۇشۇپ، تورغا يوللاپ قۇيۇپتۇ. كۆرۈرمەنلەر فىلىمنىڭ مەركىىزى ئىدىيەسىنى ئاڭقىرالماي يۇقارقىدەك ئىنكاسلارنى قالدۇرۇپتىلەر…
نەق مۇشۇنىلا ھىس قىلدىم مەن…
تۇغۇلغىنى «ئەما» بوۋاق. فىلىمنىڭ داۋامىدا ۋە ئاخىرىدا دىققەت قىلمىغان ئوخشايسىلەر بالىلار. بالىنىڭ كۆزى يىغلاش جەريانىدا قانايدۇ ھەم ئاخىرقى كۆرۈنۈشتە كۆزىدىن ئاق يىرىڭسىمان بىر نەرسە سىرغىپ چىقىپ قالغان، بالىنىڭ كۆزى بولسا تامامەن نورمال ھالەتكە كەلگەن. بۇ يەردە بىر ئلمىي نەزىرىيە باردەك قىلىدۇ.
فىلىم ئىشلىگۈچىلەر تېخنىكىدا راست خېلى كۈچەپتۇ. كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق يار بولغاي!
ماڭا بىردىنبىر تەسىر قىلغىنى قارىغۇ بالىنىڭ كۆزىدىن ئاققان قان بىلەن كۆزىنىڭ يېڭى تۇغۇلغاندىكى ئاق ھالەتتىن قارچۇقى بار ھەلەتكە كەلگەنلىكى بەلكىم ئۇ بوۋاق ئەڭ ئاخىرقى نەپەسلىرىدە بۇ دۇنيانى كۆرەلىگەن بولۇشى مۇمكىن !….
چۇڭقۇر بىر ئىدىيە ئىپادىلەنگەن سىنكەنغۇ بۇ ! ياخشى ئىشلىنىپتۇ ! لىكىن بەزى دۇنياۋى داڭلىق فىلىملەرنىڭ رېژىسورلىرىغا يارىماپتۇما فىلىم ! ياخشىنى ياخشى دەڭلا ، ئەگەر چەتئەللىكلار ئىشلىگەن بولسا باشقىچە بولامدىكى يا تاڭ ….
راس دەيسىلەر يا ئۆزى قىلالمىغان يا باشقىلارنىڭكىنى ياراتمىغان گەپ قىلىشلىرى تىخى دۇنياۋى رېژىسورلاردەك …. بۇ فىلىمدە رول ئالغان بالا ئەمدە سەنئەت مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتىدۇ. بىز قوللاپ قۇۋەتلىمىسەك قانداق بولىدۇ . قاچانغىچە خەقنىڭكىنى داڭلاپ ئۆزىمىزنىڭكىنى زاڭلىق قىلىپ يۈرىۋىرمىز ……..
ئاللاھ سىزگە قارىغۇ بوۋاق بەرسىمۇ ئۇ ئاللانىڭ سىزگە قىلغان ئامانىتى ! ئامانەتكە خىيانەت قىلماڭ ! ئاللانىڭ ئامانىتىنى تەربىيلەپ چوڭ قىلىپ ئۇنىڭغا ئاللاھنى تۇنۇتۇش مەجبۇرىيىتى سىزدە بار ! كىچىككىنە بوۋاقنىڭ كۈزىدىن نىمىشقا ياش چىقماي قان چىقىدۇ ؟؟؟؟ بۇنى ئويلاپ كۆرۈشنى ئاپتور كۆرۈرمەنلەرگە قالدۇرۇپتۇ …… ئويلاپ بېقىڭە ! بىۋاستە سېزىم ، بىۋاستە تەپەككۇرغا كۆنىۋالمايلى قېرىنداشلا !
ماڭقۇرت
مىنىڭچە بۇفىلىم تېخنىكا جەھەتتن بولسۇن ، سۆرەتكە ئېلىش جەھەتتن بولسۇن ، ئاكتىيورلارنىڭ رول ئېلىش جەھەتتن بولسۇن .شۇنداق ياخشى چىكىپتۇ ، بۇفىلىمگە تېخنىكا جەھەتتن خېلە كۇچ كەتكەندەك قىلىدۇ . ھازىر جەمىتىمىزنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلشىغا ئەگىشىپ ،بالىسىنى تاشلىۋېتىشتىن سىرت ، بالىسىنى ئىشكىرگە ئوغۇرلىققا سېتىۋاتىدىغان ئىشلارمۇ جىق .
يامغۇر ياغقان ئۈنۈم كىرىشتۈرۈلگەنلىكى ئازراق چىنىپ قاپتۇ ، لىكىن بۇنداق قىلىپ كىرشتۈرۈپ سىن ئىشلەپ چىقىش خىلى-خىلى ئادەملەرنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. كىم ئىشلىگەن بولسا خىلى كەسپىيلىشىپتۇ.
فىلىمدە بالا تۇغۇلغاندا بالىنىڭ كۆزىدە كۆپ مىقداردا چاپاقمۇ ياكى يىرىڭمۇ ئىشقىلىپ ئاپئاق بىر نەرسە كەپلىشىپ توغۇلغان، تاش يۈرەك ،ئۈمىدسىز دادا بولغۇچى بالىنى كۆزقارچۇقى يوق قارغۇ تۇغۇلدى دەپ خاتا ئويلاپ ، ئاللاھنىڭ بەرگەن نىسىۋىسىگە خوش بولماي ، بالىنى ئادەم باسماس چۆلگە تاشلىۋەتكەن،
ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن يامغۇر يىغىپ ، يامغۇر سۈيى بالىنىڭ كۆزىدىكى ئاق نەرسىنى چىقىرۋەتكەن .
يامغۇر توختىغاندا تاش يۈرەك دادا پۇشايمان قىلىپ بالىنى ئىزدەپ بارغان ۋە بالىسىنىڭ ئەسلى قارغۇ ئەمەسلىكىنى ئۆزىنىڭ بالىسىغا زىيانكەشلىك قىلغىنىنى چۈشىنىپ تۈگىمەس – پۈتمەس مەڭگۈلۈك ئازاپ ، دەرت-پۇشايمانغامۇپتىلا بولغان.
فىلىم بەك تەسىرلىك ، كىشىلەرگە تەربىۋي ئەھمىيىتى بولىدۇ. ئازراق چىنىپ قالغان بولسىمۇ ئىشلىگەن ئادەمنىڭ تىخنىكىسى خىلى يامانكەن. قول قويدۇم.
فىلىمنىڭ ئىشلىنىشىنى ياخشى دېيىشكە بولىدۇ… بۇنداق تاش يۈرەكلىك خېلىلا ئەۋج ئېلىپ قالدى ھازىر. شەخسەن ئۆزۈمم بالىلىرىنى ئەرزىمەسلا پۇلغا كۇلىچىلارغا سېتىۋەتكەن ئادەمنى كۆرگەنhtml، بۇ گەپلەرنى شۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭىغانمەن
بىرە بەتنى ئەمدى باشلاپتىكەنسىزدە
ئاللا جاجىسىنى قاتتىق بىرىدۇ مۇشۇنداق نامەرت ئىنسانلارنىڭ . ھەقىقەتتەن ياخشى بىر ئىبىرەتلىك فىلىم بوپتۇ،
biz uyhurlardiki hakiki , halatni taswirlap bargandak ,kilidu….
1.xvkri kilmaslik
2.sawatsizlik
3.namratlik
4.qogqilik
5.tax yvraklik
6.namartlik
7.mehir-muhabbat
……
filim nahayiti , tarbiyiwi haraktiri kvqlvk , filim
boptu ..nini..kiska filimlardin yahxi qikiptu,,tirixiglar
filimni korgiqa , yvraklirim kartildap katti, kormay dap oylihan , amma ,tarbiyiwi haraktiri intayin kvqlvk,yahxi ixlanganliki vqvn ozamnig yvrvkini qig tutiwelip turup kordvm….
balinig dadisinigmu deganliri orunluk bolsimu , amma hata ixtin birni kip koydi, ….
amdi dada bolhiqi bu azap vqvn ozini oltvwalmisilam bolattihu…
ئىبىرەتلىك فىلىم بوپتۇ،
بۇ كىنو بەكمۇ تەسىرلىك ئىكەن
بىزدە بۇنداق ئىش يوقتۇ ؟! نەدە خەق تاشلىۋەتكەن ئاجىز بالىلارنى باقىمىزيۇ ئۆزىمىزنىڭ بالىسىنى تاشلىۋىتىمىزما ؟! ئاپام دەيدىغان تېلۋىزۇر پەيدا بولۇپ نۇرغۇن ناچار قىلىقلارنى ئۆگەتتى دەپ ئەمدە ھالا بۈگۈن ئېنتىرنېت پەيدا بولۇپ مىكرو فىلىم پەيدا بولۇپ تېلۋىزور بىزگە ئۆگىتىپ بولالمىغان نىمىلەرنى ئۆگىتە ؟! قاتتىق سۆكۈش كېرەك !!!!!! ئىسىت ئىشلەشكە كەتكەن چىقىم ، ئىشلەشكە كەتكەن ئادەم كۈچى ، زېھىن~
ئالى مەكتەپنىڭ قىزلىرىغا قاراپ بېقىڭە…. ھەرخىل ناملاردىكى ئاتالمىش زامانىۋى قىزلار دوختۇرخانىلىرىغا قاراپ بېقىڭە…. بارمىكىن يوقمىكىن….. پۇلغا ساتىدىغان ئۇيغۇرلىمىز بار…. سىز كۆرۈپ باقمىغان بولسىڭىز كېرەك؟ ئەمەلىيەتتە بۇناچار ئادەتلەر بىزگە يۇققىلى خېلى بولۇپ قالدى…….
ئالى مەكتەپنىڭ بەزى قىزلىرى…. ئارلىقتا گەپ چۈشۈپ قاپتۇ… توغرا چۈشۈنۈڭ
بىزدە بەك جىق! بىزدە ھەممىدىن دېھقان جىق، ئۇنىڭدىن قالسا مۇناپىق، ئۇنىڭدىن قالسا قىزىل كادىر ئۇنىڭدىن قالسا سودىگەر جىق…
مەن مۇ ئوخشاش پىكىردە ،بۇ جاھان ساڭا كەلدى، ماڭا كەلمىدى. دەيدىغان جاھان ئەمەس،بالىسى مۇشۇنداق مېيىپ تۇغلۇپ قالغانلارئاپىرىپ تاشلىۋەتكىلى تۇرسا بۇ جاھان نىم بوپ كىتتە ھە …..!ئاۋال بالىنى دوختۇرخانلارغا ئاپىرىپ تەكشۇرتۇپ باقمايلا ،قانداق تاش يۇرەك دادا ئۇ .دادىمۇ يا ئۇ ئەزىرائىلل مۇ ؟
بەكمۇ تەسىرلىك ئىكەن
ئات مىنگەن يېرى نىمدا ئۇزۇن..ئوخخو..
ئامما مەنزىرلەر بىلەن ئات چاپتۇرغان كۆرۈنۈش فەچەت چىقىپتۇ!
ياخشى ئىشلىنىپتۇ!
قانداقلا ئويلىسام مۇنداق ناچار ئىشلارنىڭ بىزنىڭ ئارىمىزدا بارلىقىغا ئىشىنەلمەيۋاتىمەن.
شەخشىي كۆزقارىشىمنى دەپ ئۆتەي بۇ فىلىمدا ئۇ يىگىت بالىنىڭ كۆزىنىڭ ئەما ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ ۋىجدان ئازابى تارتقان ، ئەگەر راسلا ئەما بولغان بولسا ۋىجدان ئازابى تارتماسمىدى ؟
ئاشۇ بوۋاقنىڭ كۆزى راسلا ئەما بۇلۇپ ، ئاندىن ۋىجدان ئازابى تارتقان بولسا بۇ فىلىم تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك چىقىشى مۇمكىندى .
فىلىمنىڭ سۈرەتكە ئېلىنىش قالتىس چىقىپتۇ
ئەسەر ۋەقەلىكى ئاددى بولسۇمۇ ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان كارتىنىلارنىڭ يارىتىلىشى ۋە ئەتراپ مەنزىرە مۇھىتنىڭ يارىتىلىشى تولۇمۇ جانلىق ماسلاشغان. سۈپەت جەھەتتە ئىلگىرلەش زور، لېكىن كىچىك نۇقتىلارغا دىققەت قىلمىغان، مەسلەن باش پېرسوناژنىڭ ئات مىنگەبدىكى ھالىتى ئات مىنىپ باققاندەك قىلمايدۇ،لېكىن ئوموم جەھەتتىن ياخشى ئوبدان چىقىپتۇ، قۇتلۇقلايمىز
bu filim ning kop yer liri chinip qaptu
meslen :
yamghur
qan
yamghur yaqqan chagda at chaptursa topa koturliwatidu …
…….
likin filim ni ixlegvchiler hilila japa tartip tu …
filim suzvkliki bilen herket tizlik ipadilnishi bek yahshi chiqip tu …….
ھىم……………….
نېمە بۇ؟ ئەدەبىيات دەرېسىدېكى ھېكايىما ؟
يا بولمىسا …
ۋاي خۇدايىم ، نېمە دېگەن قورقۇنۇچلۇق فىلىم بۇ ، بولۇپمۇ ئاۋۇ كىچىك بالىنىڭ ئۆلگەندىن كېيىنكى قىياپىتى ئادەمنىڭ يۈرىكىنى قېپىدىن چىقىرىۋېتىدىكەن
ناھايىتى ئەھمىيتى بار فىلىمدەك ھىس قىلدىمغۇ
سازكەن…..
باش پېرسۇناژ sb كەن!!!
بىزدە نۇرغۇن ياخشى ئىشلارمۇ جىق ئىدى كىنو قىلىپ ئىشلىش توغرا كەلسە ئەپسۇسلاندىم
بولدى تالاشماڭلا سىلە كىمنى دىسەڭلا مەن شۇنىڭغا تىگەي !
كۆڭلۈمدىكىنى دىسەم رىژىسور ۋە ئارتىسىتلار كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، كۆزىمىز كۆمىگەن ئىشلانى يۈز بەرمىگەن دەپ ئېيتالمايمىز،شۇڭا مۇشۇنداق سەۋىيەسى يۇقىرى تىپىك كىنولارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كىلشىگە تىلەكداشمىز!