مارىيو ئەسەبىيلەشسە ساھىبجامال لورا ھەم قاتىل Connor مۇ تەڭ كېلەلمەيدۇ!
قاتىل ئەقىدىسى ئويۇنىدىكى Connor، قەبرىستاندىكى ساھىبجامال لورا قاتارلىقلار مارىيونىڭ دۇنياسىغا بۆسۈپ كىرىپ قىممەتلىك بايلىقلارنى ئوغۇرلىماقچى بولىدۇ، ئەمما بۇنىڭ بەدىلىگە تەڭداشسىز مارىيو تاغىنىڭ قوغلاپ زەربە بېرىشىگە دۇچار بولىدۇ. قارىماققا، بۇ بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىر قانچە شەخىسنى بىر ھېكايىگە كىرگۈزۈپ قويغان سېنارىيەگە كىشىنىڭ كۈلگىسى كېلىدۇ. ئەمما Corridor Digital ئەترىتىنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈم تېخنىكىسى بىلەن پۈتۈن چىققان بۇ سىننى كۆرسىڭىز، چوقۇم كۆزىڭىزنى بىر ئېچىۋالىسىز.
بۇ سىن يېقىندا كارىدورغا بىر يوللانغان، كۆرمىگەن تورداشلارنى يەنە بىر كۆرۈۋالسۇن دەپ تورخۇمارغا يوللاپ قويدۇم.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: Mario
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,181 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 01-ئاينىڭ 03-كۈنى
- يازما مەنزىلى: corridor-digital-mario.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مىكرو فىلىم – بوۋاق
- كېيىنكى يازما > 4 مىنۇتتا 2014-يىلىدىكى چوڭ كىنو-فىلىملەرنى كۆرۈپ چىقايلى، بۇ يىلمۇ ياخشى كىنولار خېلى كۆپتەك قىلىدۇ
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- 4 مىنۇتتا مارىيونى تۈگەتكەن كىشىمۇ بىلمەيدىغان 12 مەخپىيەتلىك
- چەتئەللىكلەر كىرىشتۈرۈپ ھارمايدىغان مەڭگۈلۈك مارىيو
- مارىيو مەستانىسى بولا، مۇشۇنچىلىك بولا
- مارىيو ئويۇنىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە تۈگىتىش رېكورتى يەنە يېڭىلىنىپتۇ
- مېرسېدېس GLA نىڭ ياپوندا ئىشلىگەن ئېلانى، مارىيو ئۆزى بىۋاستە باش رولغا چىقىپتۇ
- مۇنداق ئويلايلى: ناۋادا 974 دانە مارىيو بىرلا ۋاقىتتا ئاخىرقى نۇقتىغا ئېتىلسا، سىزنىڭچە قانداق بىر مەنزىرە پەيدا بولار؟
- مارىيو بىزگە ئۆگەتكەن 10 چوڭ ھاياتلىق پەلسەپىسى
- موگو(Super Mario) نۇسخىدىكى پاركورنى كۆرگەنمۇ؟
- موگۇلارنى يەنچىپ چەيلەپ، تاملارنى پارتىلىتىپ تاشپاقىلارنى كۆيدۈرۈپ غالجىرلىشىپ كەتكەن بۇ قايسى مارىيودۇ ئەمدى؟!
تېخى مەن ئىنكاس يېزىش بىلەن بوپ كېتىپتىمەن بىردەمدە يېڭىلىنىپتىغۇ!سۈرئەت ھەر جەھەتتىن تېزلىشىپتۇ جۇما!كارىدوردا كۆرۈپتىكەنمەن…
كارىدورنىڭ ئىچىدىكى يارىغۇدەك مەزمۇنلارنى تاللاپ بۇ يەرەە چىقارسىمۇ بولىدىكەنغۇ.
ۋوججۇ، مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئۇيۇنلاردىكى باش پىرسۇناژلاركەنغۇ. ————— تېخى نۇر ھالقا ئۇيۇنىدىكى Master Chief مۇ باركەن تېخى لىكىنزە بىردەمدىلا يىڭىلىپ قالدى. مارىئونى بەك دەششەت چىقىرىپتا..
ئاۋۇ مارىيو 117نى بىر تېپىپلا يوق قىلۋەتتى خەپ ،177-نۇمۇرلۇق ئالاھىدە جەڭچى جون يەنى Master Chief مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پالۋاننىڭ بىرىتى ،سىنارىيەنى يازغۇچىنى بىر تىللىغۇم كېلۋاتىدۇ
117 نى بىر پەشۋا بىلەن يەر چىشلىتىۋەتتى ،يارايسەم ئادىشىم ھەم ئىسىمدىشىم موگو
ھاھاھا موگو ھىھىھى ھاھاھا موگو ھۇھۇھۇ ھاھاھاھا
كىچىك ۋاختىمدا تازا دىققەت قىلماپتىكەنمەن. موگوجاننېڭ چاڭگىدەك بۇرېتى باركەن ئەمەسمۇ؟
يەنە كىم ماڭا ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئادرېسىنې دەپ بىرىدۇ؟
نېمىنىڭ؟
مەن مۇشۇ بەش توربەتنى بىلىدىكەنمەن.
www.akburkut.com,
turanim.com/forum.php
,terjimefilim.com/bbs
,oghulchaq.com,
filimla.com
ئالاھىدە ئۈنۈم تېخنىكىسى ياخشىكەن ،
ئاچچىقىنى كەلتۈرگەنلەرنىڭ بېشىغا دەسسەپ دەدىنى چىقاسىمۇ بولغۇدەك !