مۇنداق ئويلايلى: ناۋادا 974 دانە مارىيو بىرلا ۋاقىتتا ئاخىرقى نۇقتىغا ئېتىلسا، سىزنىڭچە قانداق بىر مەنزىرە پەيدا بولار؟
مارىيو ئويۇنى شەك-شۈبھىسىز دۇنيادىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان ئويۇننىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ھالبۇكى، بۇ يىل 8-ئايدا گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئويۇن كۆرىكىدە، بىر قېتىم ئۆزگىچە چەكلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۆتكەلدىن ئۆتۈش مارىيو مۇسابىقىسى تەشكىللەنگەن، شۇنداقلا بۇ مۇسابىقىگە 974 نەپەر ئويۇن ھەۋەسكارى قاتناشقان…
ھازىر، مۇسابىقە ھەيئەتلىرى ھەر بىر ماھىرنىڭ مارىيوسىنى ئېلىپ بىرلا ئېكرانغا يىغقان، شۇ سەۋەپتىن تۆۋەندە بىز كۆرمەكچى بولغان مەنزىرە شەكىللەنگەن.
سىندىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەڭ دەسلەپتە بىر تۈركۈم مارىيولار خېلى رەتلىك تىزىلىپ ھەرىكەتكە ئاتلانغان، ئەمما توسالغۇ ۋە ئورەكلەرگە يولۇققاندىن كېيىن، ماھىرلار ئۆزىنىڭ ئادىتى بويىچە ئوخشىمىغان يوللارنى تاللاپ ماڭغان، ئارىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر «شەرەپ بىلەن قۇربان بولغان» بولسا، بىر قىسىم كىشىلەر ئېنىقلا ئاچچىقسۇ ئالغىلى چىققان، ئەمما يەنىلا ئاساسى جەھەتتىن كۆپ قىسىم كىشىلەر ئوخشاش ئۇداردا ئالغا قاراپ توختىماي ئىلگىرىلىگەن.
ئەڭ ئاخىرىدىكى كۆرەڭ ئەجدىھا BOSS، نەچچە يۈزلىگەن تۇرۇبا ئىشچىسىنىڭ ئۆزىگە ئېتىلىپ كېلىۋاتقىنىنى كۆرگەندە قانداق بولۇپ كەتكەندۇ؟ ئاۋۇ مەلىكىغۇ ئابايلا ھوشىدىن كەتتى ھەقىچان…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Mario، ئويۇن، سىن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,363 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى
- يازما مەنزىلى: super-mario-bros.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > «نارۇتو: ئاخىرقى بوران 3» نىڭ PC نۇسخىسى پات ئارىدا چىقماقچى!
- كېيىنكى يازما > «نارۇتو: ئاخىرقى بوران3 پۈتۈنلەي پارتلاش» نىڭ PC نۇسخىسى چىقتى
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- روسىيەدە يۈز بېرىۋاتقان ھەقىقىي تۇرمۇش نۇسىخىدىكى GTA 5 | بەزى كۆرۈنۈشلەرگە قاراپ توۋا دەپ قالىسىز
بۇ ئويۇننى ئويناپ باقمىغان مەنلام بارمۇ نىمە ؟
مارىيو ، پەيزىدە بۇ ، مەنمۇ دىۋاندا ئولتۇررالايمەنكەندە ….
ئوۋ ، خاتا بوپ قاپتۇ . مەن دىۋاندا ئەمەسكەنمەن .
كۆرۈپ باشقىچىلا بوپ قالدىم . مارىيونى كۆپ كىشلىك قىلىۋەتسە بەكلا قالايمىقان بوپ كېتىدىكەن .
Google Chrome تور كۆرگۈسىدە فىلىم قۇيۇلمايدىغۇ نىمىش بۇ .
ئەھمىيەتسىز تېما
بۇنداق ئوينىغىلى بۇلامدۇ ؟ قايسىسى مەن قايسىسى ئۇ بىلگىلىمۇ بولمىسا ؟ نەدى يوق تىمىنى يوللاپسىلەر دىسە
ھەر بىر سى ئايرىم ئوينىغان كۆرنۈش مۇنتاج ئۇستىسى كىرشتۈرۈپتۇ بۇنى
ئوماقلىقىنى
تورخۇمارغا يېڭى ئەزا بولدۇم. قارشى ئالساڭلار مازكەن نى، قاشى ئالمىساڭلار سازكەن نى بېسىڭلار…
مازنى باسسا نىم بولىدۇ ، سازنى باسسا نىم بولىدۇ ؟
مەن ئەڭ ئۈچ ئويۇننىڭ بىرسدە بۇ ئويۇن نەرى داڭلىقتۇ بۇ ئويۇننىڭ !!!!!
مازكەننى باسسا سىزگە ئامراقلقى كەلگەن بولىدۇ، سازكەننى باسسا سىزگە قايىل بولغان بولىدۇ، شۇڭا تورخۇماردا ئوغۇللارنىڭ ئىنكاسىغا قىزلار جىقراق مازكەننى بىسىپ قويىدۇ . شۇنداقمۇ قىزلا