«نارۇتو: ئاخىرقى بوران3 پۈتۈنلەي پارتلاش» نىڭ PC نۇسخىسى چىقتى
ئالدىنقى قېتىم ««نارۇتو: ئاخىرقى بوران 3» نىڭ PC نۇسخىسى پات ئارىدا چىقماقچى!» ناملىق تېمىدا بۇ ئويۇن توغرىلىق خېلىلا تەپسىلىي توختالغان ھەم ئويۇننىڭ بۈگۈن ئېلان قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن. ۋاقتى قەرەلى بويىچە، بۈگۈن «نارۇتو: ئاخىرقى بوران3 پۈتۈنلەي پارتلاش» نىڭ PC نۇسخىسى ئېلان قىلىندى!
ئويۇن توغرىسىدا يۇقىرىدا تىلغا ئالغان تېمىدا خېلى تەپسىلىي توختىلىپ بولغاچ بۇ يەردە يەنە توختىلىپ ئولتۇرمايمىز. پەقەت زۆرۈر بولغان بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى بىلىپ قالساق بولدى.
ئويۇننى قاچىلاش قوللانمىسى
ئويۇننى باشلىغان ياكى پرىستېن يەشكەن جەرياندا كومپيۇتېردىكى ۋىرۇسخور، 360 قاراۋۇلى دېگەندەك دېتاللارنى ئېتىۋېتىڭ، بولمىسا زۆرۈر ھۆججەتلەرنى خاتا ئۆچۈرۈپ سېلىشى مۇمكىن.
1. ئويۇننى پرىستېن يېشىپلا ئويناپ كەتسەك بولىدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دە چۈشۈرۈڭ):
تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: naruto، ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,843 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى
- يازما مەنزىلى: naruto-shippuden-ultimate-ninja-storm-3-pc-version.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مۇنداق ئويلايلى: ناۋادا 974 دانە مارىيو بىرلا ۋاقىتتا ئاخىرقى نۇقتىغا ئېتىلسا، سىزنىڭچە قانداق بىر مەنزىرە پەيدا بولار؟
- كېيىنكى يازما > جەڭگاھ 4 رەسمىي ئېلان قىلىندى
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
- يەنە پاركور – قاتىل ئەقىدىسى : چوڭ ئىنقىلاب
نارۇتو: ئاخىرقى بوران 3» نىڭ PC نۇسخىسى پات ئارىدا چىقماقچى!دىگەن تىمىنى كۆرگەندىن كىيىن بۇ كارتوننى كۆرۈشنى باشلاپتىم ئون نەچچە قىسىم كۆرۈپتىمە ياقتۇرۇپ قالدىم بولىدىغان كارتون فىلىمدەك قىلىدۇ
ۋاي كاساپەت ئاخىرى چىقتى رەھمەت باشتىن ئاخىر بىر ئويناپ چىقمىسام
ماۋۇ ئادرېستا تولۇق نۇسخىسى بار ئىكەن
http://www.baidu.com/link?url=9ukpPEqWYt4jqQhmphgYlkfl9mkEOwNHXz7nrK4BKuhijPgPCFk-42fQlg3EvQ8z
خەنچە ئىسمى نىمە بۇنىڭ مەن ئويۇنلانى مەخسۇس ئويۇن چۈشۈرۈش دىتالىدىن پايدىلنىپ چۈشۈرەتىم ئويۇن چۈشۈش دىتالىدىن بۇ ئويۇننى تاپالمىدىم
ئويۇن چۈشۈرۈش دېتاللىرىغا ئەتە-ئۆگۈنلەردىن چىقىپ قالامدىكىن.
سىزنىڭ باش رەسىمىڭىزدىكى قايسى كارتوننىڭ رەسىمى
تورخۇماركا بۇسىزنىڭ تۇنجى قېتىم يېڭى چىققان ئويۇننى بىر كۈنمۇ ئۆتكۈزمەي يوللىغىنىڭىز،قارىغاندا سىزمۇ پولاتتەك ئىرادە بىلەن ئېلان قىلىنىشىنى ساقلىغانلارنىڭ بىرى ئوخشايسىز..
ھاھا! ما گەپكە بەك كۈلىۋەتتىم. بۇرۇندىن سەل كېچىكىپ ئېلان قىلىشىمدىكى سەۋەپ، ئويۇن چىقىپ ھەرقايسى يېشىش ياماقلىرى ۋە سىستېمىلاردا ئىجرا بولۇش ئەھۋالى، خەنچە ياماق قاتارلىق ئامىللار مۇقىملىشىپ، سىلەرگە ئەڭ قولايلىق بولغۇچە ساقلاپ ئاندىن ئېلان قىلىمەن. بولمىسا ئويۇننى چۈشۈرەلمەي، چۈشۈرۈپ قاچىلىيالماي، قاچىلاپ ئوينىيالماي تورخۇماردىن كۆڭلى سوۋۇپ، مەندىن كۆڭلى سوۋۇپ قالىدىغان تورداشلار بار ئىكەن. بۇندىن كېيىن ئامال بار 1-سۈرئەتتە ئېلان قىلىشقا تىرىشاي.
قارىمكو بىزنىڭ بۇ دەننەۋ سۆرىيەلەمدۇ يا قانداق سەپلىمى تەلەپ قىلدۇ بىي يىزۋەتمەملا ماندا …
قارىچاق بالا، دەپتىغۇ باشتىكى تېمىسىدا تەپسىلىي توختالغان دەپ. «نارۇتو: ئاخىرقى بوران 3» نىڭ PC نۇسخىسى پات ئارىدا چىقماقچى!» بۇنىڭغا ياكى naruto-shippuden-ultimate-ninja-storm-3-pc-trailer.html بۇ ئادرېسقا كىرىڭ كۆرۈۋېلىڭ. يا بى دۇتتانىڭ سەپلىمىسىنى قالدۇرۇپ قويۇڭ……
ئويۇن رەسىملىرىدىن قارىغاندا،كۆرۈنمە يۇزى ھازىرقى قويۇلىۋاتقان كارتون نۇسقىسى بىلەن پەرىقلەنمەيدىغانداك … … شۇنداق بولسا بەك كاتتا ئېش بولغۇدەك.لىكىن بۇ تور سۈرئەت بىلەن ئەتە ئاران چۇشۇپ بولىدىغان ئوخشايدۇ.
شۇ مانا ياماقلىرى بار ئوخشايدۇ. ئويۇن ئېچىلىپ ھېچقانداق كۇنۇپكا ئىشلىمەي قاراپ تۇرىدۇ.
ئويۇن ھۆججەت خالتىسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ NS3FB_launcher.exe نى قوزغىتىپ كۇنۇپكىلىرىنى تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن ئاچسام نورمال بولدى. ئەمما USP رولغا تەڭشىگىلى بولمىدى. رول بولمىسا كۇنۇپكا تاختىسىدا ئوينىماق بىر جاپاكەن. ماسلاشتۇرۇپ بېسىپ بولالماي قوللار تېلىپ كەتتى. ئويۇن 9 قۇيرۇقلۇقنىڭ ئوت ئاتامان دۆلىتىگە ھۇجۇم قىلىشى بىلەن باشلىنىدىكەن.
خاپا بولماي قانداق تەڭشىگەنلىكىڭىزنى تەپسىلى قالدۇرسىڭىز مەن بىرىنجى كاتەكچىگەenterئىككىنجسگە spaceئۈچۈنجىسگە yتۆتىنجىسگە aبەشنجىسگە x مۇشۇنداق تەڭشىدىم باشقىسنى قانداق تەڭشەشنى بىلەلمىدىم
ئويۇن پۈتۈنلەي PC نۇسخىدا ئەمەسكەن. يەنى XBOX360 نىڭ ئويۇنىدىن يەشكىنى ئىكەن. تەڭشەكتىكى خەتلەر XBOX360 رولىنىڭ كۇنۇپكا ئىسىملىرى. بۇ ئىككى رەسىمگە قارىسىڭىزلا بىلەلەيسىز.
1_ تولۇق ئاتىلىشى : http://ww3.sinaimg.cn/large/e719158bjw1ea06qvl77tj20dw07874s.jpg
2_ قىسقارتىلمىسى : http://ww4.sinaimg.cn/large/e719158bjw1ea06rx1200j20hy0bljs4.jpg
ئەمدى ئويۇندا ئوڭ-سول، ئۈستى-ئاستى, START – BACK (بۇلار ئويۇن ئىچىدە كۆرۈنمەيدۇ) لاردىن باشقا Y, O, X, A , LB_RB , LI_RI سەككىز كۇنۇپكىلا ئىشلەيدىكەن.رەسىم: http://ww4.sinaimg.cn/large/e719158bjw1ea07f8tl8rj20sa0ifn0h.jpg
شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلىرىنى تەڭشىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. مەن ئۆزۈمگە ئەپلىشىدىغان قىلىپ تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تەڭشىۋالدىم( ئېتىش ئويۇنلىرىدىكى تەڭشەكلەردەك :mrgreen:)
http://ww4.sinaimg.cn/large/e719158bjw1ea07ghnrygj20sf0gttc2.jpg
ئوماچ بولۇپ كەتمىگەندۇ…….
تورخۇماردا كۆرگەن ئەڭ قىسقا تىما……..
مەن كارتۇنىغا بەك ئامراق…
چۈشۈرۈپ قاچىلاش ھاجەتسىزمىكەن .
مېنىڭ كونۇپكا تەڭشەيدىغان يېرى ئېچىلمىدىغۇ باللا ؟ ئويۇنغا كىردى . لېكىن باشلىيالمىدىم .
بۇنىڭدا بىر رار ھۇججەت ئىككى 7ز ھۆججەت باركەن . شۇ رار ھۆججەتنى يىشىپلا ئوينامدۇق تەپسھىلىرەك دىمەي بى …
چۈشۈرۈش ئادرېسىنى يېڭىلاپ قويدۇم، چۈشۈرۈپ پرىستېن يېشىپلا ئويناشقا بولىدۇ.
PS: توردىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، مەزكۇر PC نۇسخا PSP دىن يۆتكىگەن نۇسخىدەك تۇرىدۇ. شۇڭا كۇنۇپكا تاختىسىدا ئويناش سەل قولايسىز بىلىنگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر قىممەت كۆرمىسەڭلار، تاۋباۋدىن 100 سومغا 360 ئويۇن رولى سېتىۋالغىلى بولىدۇ.
مەن قاچىلىغانتىم شۇ ئويۇننىڭ گەپ قىلىدىغان يېرىنىڭلام ئاۋازى چىقمايۋاتىدۇ باشقا يەرلىرى نۇرمال سىلەرنىڭچۇ
ئۆتكەندە خەنچىلەشتۇرۇش يامىقى باتتى ، ھازىر قارىسام يوقيا …
تاۋباۋدىن سىتۋالغان رول كومپىيۇتېرغا چاتىدىغنىمۇ يا xbox360نىڭ رولمۇ كومپىيۇتىر رولى بولسا ماڭا ئادىرسىنى ئەۋەتىپ بەرمەمسىز
مەن قاچىلاۋاتىمەن ئويناپ باقاي .
قاچىلاشنىغۇ قاچىلاپ بولدۇم لىكىن ئۇيۇنغا كىرىشنى باسسام 无法创建存档目录چىقۋالدى مۇشۇنداق چىقۋالغانلار بارمۇ توردىن ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم ئوڭشاش ئۇسۇلىنى system:win7,64位
بىلدىغانلا ئايماي ياردەم قىلۋېتىڭلار
خەنچە ياماق……….
مۇشۇمۇ ئويۇن بولدىمۇ لاۋزىلىغى بۇ ئويۇننىڭ ئاتايتەن تەڭشەپ كىتىپتىمەن تىخى كىچىك باللاغا بولغۇدەك بۇ ئويۇن بىردەم ئوينىسام كۈڭلۈم ئىلىشىپ كەتتى بۇنداق ئويۇنلار ئىچىدە 鬼泣گە يىتىدىغىنى يوقتە 6 -سى قاچان چىقا 恶魔城:暗影之王بۇ ئويۇننمۇ بەك ئىسىلكەن چۇقۇم ياقتۇرۇپ قالسىلەر لىكىنزە سەل كاللا ئىشىلتىپ قويسىلەر