«نارۇتو: ئاخىرقى بوران 3» نىڭ PC نۇسخىسى پات ئارىدا چىقماقچى!
«نارۇتو» كارتون فىلىمى 2002-يىلى تۇنجى بولۇپ ياپونىيە توكيودا ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ، بۈگۈنگىچە بولغان 11 يىل مابەينىدە، دۇنيادىكى مىليونلىغان كىشىلەرنى نارۇتو ھەۋەسكارلىرىغا ئايلاندۇردى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئويۇنلار كەينى كەينىدىن ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ ئارىسىدا ئەڭ زور ئالقىشقا ئېرىشكىنى، ياپونىيەدىكى داڭلىق ئويۇن شىركىتى NBGI شىركىتى ياسىغان «نارۇتو: ئاخىرقى ئويغىنىش(火影忍者究极觉醒)»ۋە «نارۇتو:ئاخىرقى بوران(火影忍者究极风暴)» يۈرۈشلۈك ئويۇنلىرى بولۇپ، ئوينىغان كىشىنى ئويۇن ئىچىگە باشلاپ كىرىپ نىنجالاردەك ھېس قىلدۇرىدۇ. ئەمما بۇ ئويۇنلارنىڭ ھەر قېتىم پەقەت PS3/Xbox360 نۇسخىسىلا چىققاچقا، بۇنداق ئويۇن ماشىنىلىرى يوقلار پەقەت باشقىلارنىڭ ئوينىغان سىنلىرىغا قاراپ ھەۋەسلىنىپ ئولتۇراتتى. مانا ئەمدى ھازىرقى ئەڭ يېڭى نۇسخىسى «نارۇتو: ئاخىرقى بوران(火影忍者究极风暴)» نىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسى ئېلان قىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.
«نارۇتو: ئاخىرقى بوران(火影忍者究极风暴)» بولسا، NBGI شىركىتى نارۇتو كارتون فىلىمىنى ئاساس قىلىپ ياسىغان ياسىغان بىر تۈرلۈك ئويۇن بولۇپ، ئېنگىلىزچە نۇسخىسى 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، ياپونچە نۇسخىسى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى تارقىتىلغان، 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى خەنچە نۇسخىسى، 10-ئاينىڭ25-كۈنى PC نۇسخىسى تارقىتىلىدىكەن.
بۇ قېتىم ئويۇن، نارۇتو ئاپىسى بىلەن كۆرۈشكەندىكى تەسىرلىك بايانلار بىلەن باشلىنىدۇ ۋە ۋەقەلىك شۇنىڭدىن كېيىن 4-قېتىملىق نىنجالار ئۇرۇشىنى ئاساس قىلىپ تەرەققىي قىلىدۇ.
ئويۇننىڭ كومپيۇتېرغا بولغان تەلىپى:
ئەڭ تۆۋەن تەلەپ
سېستىما: Windows XP, Vista, 7, 8
بىر تەرەپ قىلغۇچ: 2Ghz Dual Core or AMD equivalent
ئىچكى ساقلىغۇچ: 2GB RAM
كۆرسەتكۈچ كارتا: 512MB
DirectX: Version 9.0c
قاتتىق دېسكا: 8GB
ئاۋاز كارتىسى: DirectX 9
تەۋسىيەلىك سەپلىمە
سېستىما: Windows XP, Vista, 7, 8
بىر تەرەپ قىلغۇچ: 2Ghz Dual Core or AMD equivalent
ئىچكى ساقلىغۇچ: 8GB
كۆرسەتكۈچ كارتا: 1024MB
DirectX: Version 9.0c
قاتتىق دىسكا: 8GB
ئاۋاز كارتىسى: DirectX 9
دىققەت: مەزكۇر ئويۇننىڭ ۋەقەلىكى ئەسلى نارۇتو كومىك ۋەقەلىكى بىلەن 99.9% ئوخشاش، يەنە كېلىپ ۋەقەلىك كومىك بىلەن تەڭ باسقۇچتا يېڭىلىنىپ ماڭىدۇ. شۇڭا نارۇتونىڭ پەقەت كارتونسىنىلا كۆرۈپ كومىكسىنى كۆرمىگەن بولسىڭىز، ئاستىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلمايمىز. چۈنكى ۋەقەلىك ئالدىنئالا ئاشكارىلىنىپ كەتسە، كېيىنكى ھاياجاندىن قۇرۇق قېلىشىڭىز مۇمكىن.
ئويۇندىن بىر قىسىم نادىر كۆرۈنۈشلەر:
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئويۇننىڭ ۋەقەلىك ھالىتى دەپ بىر خىل تاللاپ ئويناش ھالىتى بار، بۇ ھالەتتە، پۈتۈن ۋەقەلىك ئەسلى كومىكقا ئوپئوخشاش دېگۈدەك، يەنى كېيىنكى بىر ۋەقەلىككە ئۆتۈش ئۈچۈن، چوقۇم ئالدىنقى ۋەقەلىكنى تۈگىتىش كېرەك، بولمىسا كېيىنكى ۋەقەلىكنى كۆرىمەن دەپمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ. بۇ بىر تەرەپنىڭ نارۇتو ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن بىر خىل قىززىقتۇرۇش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئويۇننىڭ داۋاملىشىپ بېرىشىدىكى يەنە بىر خىل تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان كۈچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، مەزكۇر ئويۇن تېخى رەسمىي ئېلان قىلىنمىدى، بىراق ئېلان قىلىنىپ قالسا، مەزكۇر ئويۇننى ئوينىغۇسى بار، ئەمما PC دىن باشقا مەخسۇس ئويۇن ماشىنىسى يوقلار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى بىر تاللاش بولۇپ قالغۇسى.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: naruto، ئويۇن، كارتا، كومىك
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,886 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 02-كۈنى
- يازما مەنزىلى: naruto-shippuden-ultimate-ninja-storm-3-pc-trailer.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ھەقىقىي پۇتبول 2014
- كېيىنكى يازما > مۇنداق ئويلايلى: ناۋادا 974 دانە مارىيو بىرلا ۋاقىتتا ئاخىرقى نۇقتىغا ئېتىلسا، سىزنىڭچە قانداق بىر مەنزىرە پەيدا بولار؟
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
- ھەقىقىي مەنزىرىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ئاجايىپ قالتىس كومىك رەسىملەر
بۇلدۇق … بۇلدۇق …بۇلدۇق … مەن چىمىتى؟ دىۋانەي
دىڭىز قاراقچىسنى كۆۈڭ مەن 500قىسىم كۆرۈپ بولدوم ناروتودىن بىرقىسىمنىڭ يىرمىنى ئاران كۆرۈپ تۈگەتتىم
يوقاپلا كەتتۇققۇ ئابومجان
نارۇتودا ئاساسلىق قانداق ۋەقەلىك سۆزلىنىدۇ ؟ دىڭىز قاراقچىسى شاھى (海贼王)بىلەن نارۇتونىڭ قايسىسى بەكرەك قىززىق ،مەزمۇنى ياخشىدۇ ؟كۈرەپ باققانلا دەپ بىقىڭلا قېنى
مېنىڭچە نارۇتو بەكرەك قىزىقارلىق . ئەگەر ھەقىقىي چۈشىنىپ كۆرگەن بولسىڭىز بۇ كارتوندا نۇرغۇنلىغان ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى بايقايسىز. دېڭىز قاراقچىسىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمىدىم بىلىشىمچە بىر دېڭىز قاراقچىسىنىڭ گېپى بىلەن بىر پاتمان ھېكايىلىك چىقىدىغۇ دەيمەن. ئىشقىلىپ بىر قسىمنىمۇ تولۇق كۆرگۈم كەلمىدى.ئەگەر نارۇتونىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز قۇتياردىن كۆرسىڭىز بولىدۇ
بىر دوستۇم دېڭىز قاراقچىسىنى بەك ماختاپ كەتكەن ، ئىزدەپ باقسام باشقىلارنىڭ باھاسىمۇ خېلى يۇقىرىكەن ، نارۇتودىن سەل يۇقىرىكەن تېخى ، ئەرلەر چۇقۇم كۈرۈشكە تىگىشلىك فىلىم دەيدىغۇ
ئۇيغۇر05، سىزنىڭ بۇ باھايىڭىز دېڭىز قاراقچىلىرى ھېكايسىگە نىسپەتەن بىر ھاقارەت بوپتۇ، بىلمىگەندىكى قالايمىقان گەپ-سۆز قىلمىغۇلۇق جۇمۇ.
ئۇيغۇر05 بۇرادەر ، قۇتيار تورىغا نېمە بولغانلىقىنى بىلەمسىلەر ؟ بىرەر ئاي بولۇپ قالدى ئېچىلمايدىغۇ ؟
ھەر ئىككىسى نوچى ئارماندا قالماڭ
مەن كۈرىۈاتقىلى 6 يىلدىن ىېشپتۇ دىگەندەك ياغشى چىققان بىر كارتون بوپقۇيۇدۇ جۇمۇ
ps2 دەۋر سۈرۈۋاتقان ۋاقىتلار. دۇكانغا خەنلەر كىرىپ بىر كۇنۇپكىلارنىلا بېسىپ ھەممە ئادىمىنى چىقىرىۋالاتتى ئاندىن vs قىلىپ تولا ئوينايتتى. مەن ۋەقەلىكنى ئوينايتتىم. ھازىر ھايت-ھۇيت، جار_جۇر قىلغان ۋاراڭ-چۇرۇڭنى ئاڭلىساملا بېشىم ئاغرىيدۇ.
دېڭىز قاراقچىسىنى بىر كۆرۈڭلار ،كۆيەپلا قالىسىلەر !!!!!!!!!!
بىرىنجى قىسىمىدىن باشلاپ تولۇق كۆرۈۋاتىمەن بۇ كارتوننى يەنە كومىك رەسىمىدىن تارتىپ،مانا ئەمدى ئويۇنى چىقىسا كاساپەت تېزىراق چىقسا بولىتى
دېڭىز قاراقچىسىنى 30نەچچە قىسىم كۆرۈپلا زىكىرىكىپ كەتكەن ئىدىم . ئىشقىلىپ مېنى ئانچە قىززىقتۇرالمىغان بەلكىم ئاخىرى قىزىقارلىقتۇ . لېكىن نارۇتو دېگەن كارتوندەكلا كارتوندە …
نارۇتودا قارايدىغان بولساق يامان نىيەتلىك ئەسكى ئادەملەر يوق . ھەممىسى ئۆزىنىڭ غايىسى ، ئارزۇسى بويىچە كۆرەش قىلىدۇ .
مېنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇممۇ شۇ . ھەرگىزمۇ بۇيەردە بۇ ياخشى بۇ ناچار دەپ ئايرىش ئەمەس ، پەقەت قىزىقمىغىنىمنى دېدىم (ھەر ئادەمنىڭ قىزىقىشى ئوخشىمايدۇ ئەمەسمۇ)
ICP بىجىرىلىۋاتىدۇ. مۇشۇ پۇرسەتتە بېكەتمۇ رەتلىنىۋاتىدۇ. ICP چىقسىلا ئېچىلىدۇ.
مەن بۇنى كۆرۈۋاتقىلى 10يىل بوپتۇ،مەن بۇيەردە (دېڭىز قاراقچىلىرى شاھى)نى چۈشۈرگىممۇ يوق، (دېڭىز قاراقچىلىرى شاھى)نىڭ ئۇرۇشلىرى ھەقىقەتەن ئادەمنى پۇخادىن چىقىرىدۇ،بىراق بۇ كارتوندا سۆزلەنگەن ۋەقەلىك ئادەمنى قايىل قىلىدۇ…
مەن كۆرۈۋاتقىلى 9يىل بولدى، ھەقىقەتەن پەيزە كارتۇن بۇ. ئويۇنىنىڭ كومپىيۇتېر نۇسقىسى چىقسا بىر ئوينايمىز كەندە.
قۇتيار تورى رەتلىنىۋاتقاچقا ھازىرچە ئېچىلمايۋاتىدۇ . ئۇزۇنغا قالماي ئېچىلىدۇ يەنە
مەن بۇ كارتوننىڭ بىر قىسمىنى ئاقبۈركۈتتىن كۆرگەن، خىلى بولىدىغان كارتونكەن،
نارۇتو قىززىق!
مەنمۇ مۇشۇمۇ كۆرىدىغان نەرسىمۇ ئىتى پىتى دەپ يۈرۈپ، مۇشۇ تورخۇمارنىڭ ئازدۇرىشى بىلەن بىلىپ بىلمەي تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان بەندىمەن، ھازىر ھەر ھەپتە قوغلاپ كۆرىمەن، بەزىدە ھېيت بايرام، شىڭچى قىلىدىغان خۇيلىرى بار، شۇ ھەپتىلىرى بىر تۇزسىز تاماق يىۋالغاندەك يۈرىمەن. كۆرۈپ باقمىغانلا ئامال بار كۆرمەڭلا، بۇ ھاياتىڭلاردا بۇنداق پايتىما نەرسىگە يېقىن يولىماڭلار. كۆرۈۋاتقانلار بولسا، جۈتو قىمماي تۇرۇشاسىلە ماقىما، ھەر بىر قىسىمىنىڭ ھاياجىنى ئۆزگىچە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئەخلەت قىسىملىرىنى قىستۇرمايۋاتىدۇ.