ھەقىقىي پۇتبول 2014
پۇتبول ئويۇنلىرى توغرىسىدا سۆزلىگىنىمىزدە، pes بىلەن FIFA دىن ئىبارەت ئىككى سەركىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، PES نىڭ يېقىننىڭ ياقى ئىپادىسى ئانچە كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولمىسىمۇ، بىراق يەنىلا دۇنيادا نۇرغۇنلىرىغان ئويۇن ھەۋەسكارلىرىنىڭ ھىمايىسىدە يىلدا بىر چوڭ نەشىر يېڭىلاپ مېڭىۋاتىدۇ.
ئويۇن ھەققىدە
بۇ ئويۇن توغرىسىدا جىق توختىلىشنىڭ، ھەتتا تونۇشتۇرۇشنىڭمۇ جىق ھاجىتى يوق. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئازغىنە توختىلىپ ئۆتەيلى.
ھەقىقىي پۇتبول 2014 بولسا Konami نىڭ دۇنياغا داڭلىق تەنھەرىكەت تۈرىدىكى ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. بۇ قېتىم ئويۇن موتورىغا Fox موتورى ئالماشتۇرۇلغان بولۇپ، ئويۇننىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. باشقا تەپسىلاتلارنى قىززىققۇچىلار چۈشۈرۈپ كۆرۈپ ھېس قىلىۋالسا بولىدۇ.
ئويۇننىڭ سەپلىمە تەلىۋى:
- مەشغۇلات سىستېمىسى: XP دىن Win8 غىچە
- سىنكارتا: Geforce GT 440 ياكى ATI Radeon HD 5550 دىن يۇقىرى
- بىر تەرەپ قىلغۇچ: Core 2 Duo E7400 دىن يۇقىرى
- ئىچكى ساقلىغۇچ: 4G
- قاتتىق دېسكا: 10G
قاچىلاش ئۇسۇلى:
- ئويۇننى چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز
- خەنچىلەشتۈرۈش يامىقى لازىم بولسا يامايمىز
- ئويۇننى باشلىساق بولدى
چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دە چۈشۈرۈڭ):
PES 2014 نى چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار | خەنچىلەشتۈرۈش يامىقى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: pes، ئويۇن، پۇتبول
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 17,053 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 09-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: pes2014.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مارىيو بىزگە ئۆگەتكەن 10 چوڭ ھاياتلىق پەلسەپىسى
- كېيىنكى يازما > «نارۇتو: ئاخىرقى بوران 3» نىڭ PC نۇسخىسى پات ئارىدا چىقماقچى!
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- مېسسى يېڭى يىلدا ياپونغا بېرىپ بىر تۈرلۈك رېكورد تاماملىۋېتىپ كەپتۇمىش
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
ماۋۇ رىۋايەتلەردىكى دىۋان شۇما ،
دىۋانغا مەنمۇ چىقىدىكەنمەن دېسە !
بۇئويۇننى بىزنىڭ ياتاقتىكىلەر ۋەششى ئويناپ قويىمىز
ئاپلا دىۋان فەتھى قىلىنىپ بولۇپتىدە” ئىسىت ئىسىت
ئەتتىگەندە كىرمەي قالغىنىمنى دىمەمدىغان’ كېچىكىپتىمەندە…..
بۇ ئويۇننى ئويناش ئۈچۈن خاتىرە كومپىيوتۇرۇم ئالماشتۇرسام بولغۇدەك سەپلىمىسى سەل يۇقۇرى ئىكەن
سىز بۇرۇن دىۋانىدا ئولتۇرۇپ باقمىغانما .
قىنى بىي چۈشۈرۈپ ئويناپ باقاي،
ھە راس تورخۇماركا 4 جىدىن كىچىك بوسا چۈشمەمدۇ .مىنىڭ كومپىيۇتىرىم 2 جى ئىدى،
بولىدۇ. مەن ئويۇننىڭ تەۋسىيەلىك سەپلىمىسىنى قالدۇرۇپ قويدۇم. ئىچكى ساقلىغۇچ 2G دىن چوڭ بولسىلا ھازىرقى ئويۇنلارنى ئاساسەن ئەپ ماڭالايدۇ.
PES < FIFA
رول تەڭشەكلىك چىقمايدىكەن. رول چېتىپ ئوينايدىغانلار ئويۇن قاچىلىغان يەرگە كىرىپ settings.exe نى قوزغىتىپ تەڭشىۋېلىڭلار. ئويۇننىڭ ئىچىدە تەڭشەك يوق ئوخشايدۇ.
pes2013 دەك ياخشى چىقماپتۇ ، باشقىلا بىر ئويۇنغا ئايلاندۇرۇپ قويۇپتۇ !
گەرچە بەزى يىڭىلىقلار قىتىلغان بولسىمۇ ، بىراق توپ ئېلىپ مىڭىش، توپ تىپىش قاتارلىق مۇھىم تەرەپلەردە چىكىنىش بوپتۇ ، ئويۇن ماتورى يىڭىلىدۇق دەپ مۇشۇنداقمۇ قىپ قويامدۇ؟
ئەگەرھازىر تۇنجى قىتىم تۇنجى قىتىم پۇتبول ئويۇنى ئوينىشىڭىز بولسا ئۇنداقتا 2014 سىزگە بەلكىم قالتىس تۇيۇلىشى مۇمكىن ، ھەم ياخشى ئوينىيالىشىڭىزمۇ مۇمكىن .
بىراق بىزدەك نۇرغۇن يىل pes ئويناپ كىلىۋاتقانلارغا نىسبەتەن بۇ ئويۇننىڭ ئويناش شەكلى ۋە ئۇسۇلى تۈپتىن ئالدىنقىلىرىغا ئوخشىمىغاچقا ئويناش ھەقىقەتەن قىيىن بولدى ، بولۇپمۇ مەن قەتئى ھوزۇرلىنىپ ئوينىيالمىدىم .
مانا ئەمدى fifa14 كە ئىشتىھا كۈتۈپ تۇردۇم!
بولۇپمۇ توپنى ئېلىپ ماڭماق تەسكەن ئاسانلا تارتقۇزۇپ قويۇپ ، يەنە توپ ئوينايدىغان مەيداننىمۇ غەلىتە چىقىرىپ قويۇپتۇ ، ئىشقىلىپ بەزى يەرلەردە 2013 مۇ ياخشىكەن
قاچىلاش ئۇسۇلى :
1. ئويۇننى چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز …
…………
ئوبدان چۈشەندۈرىدىكەنسىز .
مانىڭغا تازا كۈلۈپتىمەن ھا ھ ھا
تورخۇمارنىڭ كۈلىشىنى تۇنجى كۈرۈشۈم ،كۆز تەگمىسۇن
تورخۇمار ئادەتتە بەك خۇشخۇي ئادەم. ئۇ ئىشخانىدا كۈلۈپلا ئولتۇرىدۇ
xbox تا ئوينىسا پەچەت بولىدۇدە بۇنداق ئويۇنلارنى ، بەزى ھەركەتلەرنى كۇنۇپكا تاختىسىدا چىقىرىپ بولغىلى بولمايدىكەن
گەپ سۆزلەرگە قارىغاندا بۇ قېتىمقى نەشىرمۇ يەنىلا 2008نىڭكىگە يەتمەمدۇ نىمە .،.
بۇ ئويۇنغا قىزىقىدىغانلا ماۋۇ يەرگىمۇ كىرىپ بېقىڭلا http://www.uypes.com
مۇنداق كەسمە رەسىم تەشۋىقات فىلىم دىگەندەكلە يوقما ، خىزمەت ۋاقتىدا يازغانمۇ يا ، تەدبىركارنىڭ نامىدا باشقا بىرسى يېزىپ قويغان تېمىمۇ بۇ ؟؟؟
1. بۇ ئويۇننى يەرشارىدا بىلمەيدىغان ئادەم قالمىدى، يەنە تەپسىلىي چۈشەندۈرسەممۇ يەنە شۇ.
2. ئويۇندا يەنە بىر ۋاھ دېگۈدەك يېڭىلىق يوق، ھەتتا چېكىنىش ئەھۋاللىرىمۇ بار.
3. بۇنى ئېلان قىلىش توغرىسىدا بىر قانچە ئېلخەت كەپ بولدى، شۇڭا لايىقىدا تونۇشتۇرۇپ تۇردۇق.
يەنىلا 2012 گە يەتمەمدۇ قانداق ؟ 2012 نى ئەمما لېكىن قالتىس ئويناپ قويىمەنغۇ،،،دوڭزو ،پوڭزو دېگەننى چىقىرىپ…،،،مانى مۇنداقلا يېزىپ قويدۇم ھە، ئانا تىلنى بۇزۇپ سۆزلىمەڭ دەپ تۇرىۋالماڭلەر……مۇشۇ كاساپەتنىڭ 2008 گە ئوخشاش تار دائىرىلىك توردا 2 ئادەم ئۆز ئارا تورلاشتۇرۇپ ئوينىغىلى بولسا ياخشى بولاتتى،،،ھەي…
ئەجەپ تېز چىقىپتا!
ئىسمىڭلە بىر قىسمىلا ئىكەنغۇ..
تۇك ھەرىسى
توك ھەرىسى
تۈك ھەرىسى
زادى قايسىسى توغرا
توك ھەرىسى دېگەن توغرا، ئىملا خاتالىشىپتىمەن.
ئىسمىم غەلىتە مىكە؟
غەلىتە ئەمەسكەن
غەلىتىرەك بولغان بولسا قويماس ئىدىڭلە”
مەن بەزى ئويۇنلارنى چۈشەسەم ئاۋازى چىقىپ سۈرتى چىقمايۋاتىدۇ بۇنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز تورخۇمار ئەپەندىم
سۈرەت كارتىڭىز تۆۋەن كىلىپ قاپتۇ …
مەن تېخىچە 2010دىن مىھرىمنى ئۈزەلمەي يۈرۈيمەن ، ماڭا ئەڭ يارىغىنى 2010 باشقىلارنى ئويناپ باقتىم، بىرەرىنىمۇ 2010نى ئوينىغاندەك ھاياجانلىق ئوينىغىلى بولمايدىكەن
مۇشۇ پۇتبول توغرىلىق بىر يۇمۇر ئاڭلىغانمەن….
Xxxدۆلەتتىن بىرقانچە كىشى چەتئەلنىڭ Xxx دىگەن يېرىگە بېرىپ بىر-توپ كىشىلەرنىڭ مەيدان ئىچىدە پۇتبول ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ
ئېغىر خۇرسىنغان ھالدا بۇلار نىمانچە ئەخمەق ھەممىسى بىرتوپنى قوغلاپ ھاسىراپ ھۆمۈدەپ يۈرگىچە ھەممىسى بىردىن توپ تەپسە ياخشى ئەمەسمۇ دەپ…
مۇنۇ يۇمۇر سۆز ئانچە ئېسىمدە قالماپتۇ قايسىڭلار تولۇقىنى بىلىسىلەر….
نىمدا قىززىق ئەمەس بۇ يۇمۇر رىچاردجون…
يۇمۇردىگەن قىپ قىززىق بوممامدە دەيمە، پو گەپ ئەمەس ، بۇ يۇمۇرنى ئون يىل بۇرۇن ئاڭلىغەن دىسەممۇ بۇلىدا ھې ھې
ئاۋۇ يۇمۇر بولماي قاپتۇدە….
بەلكىم ئون يىلدىنمۇ ئاشقان بولىشى مومكىن
ئەمىسە تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر يۇمۇر سۆزلەپ باقاي ھە
بىر كۈنى يولدا ئاشۇق مەشۇقلار سوقىشىپ قاپتۇ، يىگىت ئاچچىقىدا قىزنىڭ يۈزىگە بىر تەستەك ساپتۇ. قىز ئاچچىقىدا: يامان بولساڭ يەنە بىرنى سەپ باقە دىيىشىگىلا «ۋاس» سىدە قىلىپ يەنە بىر تەستەك يەپتۇ. قىز كۆزىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ يىگىتنىڭ قۇلىنى چىڭ تۇتۇپ : جېنىم بۇنداق گەپ ئاڭلايدىغان ئىشىڭ بولسا ئىككىمىز ئۇرۇشماي ئىناق ئۆتىلى دەپتۇ.偷笑][偷笑].
تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولۇپ قالدى ھە”
مەنبە:تور دۇنياسى
يەنىلا 2010 ياخشى ئوخشايدۇ…2012نى ئويناپ باقتىم لىكىن تازا ياخشى ئوينىيالمىدىم …
يىڭى چىققاندا شۇنداق بىلىندۇ،كۆنىۋالغاندىن كىيىنلا چاتاق يوق! مانا 2008دىن باشلاپ پۈتۈن نەشىرنى ئويناپ كەپتىمەن!ما يىلقىسىنى ساقلاپ ئوتتاغىلى خىلى بولدى! مەنچە يىلدىن يىلغا ھەقىقەتەن ئوخشىمايۋاتىدۇ،ئەمما قانچە تەس بولسا شۇنچە ھوزۇرلىنىپ كىتىمەن! ھازىر كونا نەشىرىگە قارىسام ئوينىغۇممۇ كەلمەيدۇ،شۇنىڭغا قارىغدندا يىڭىلىرى يەنىلا ياخشىكەن!
مەن 2010 دىن باشلاپ ئويناپ كىلىۋاتىمەن,ئاندىن 2011، 2012، كىيىن 2013 نى شۇنداق ياقتۇرۇپ ئوينىدىم، بىزنىڭ ياتاكتىكى بالىلار 2013 نى بىر يىل شۇنداق ياقتۇرۇپ بېسىپ ئوينىدۇق,2013نىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىن باشقا نەشىرىدىن ئالاھىدىلىكى كۆپ,ئەمدى يىڭى چىققان بۇ 2014 نى ئويناپ باقايلى دەپ چۈشۈرگەن ئىدۇق، لىكىن ئوينىغاندىن كىيىن ، ھەممەيلەن قاتتىق ئەپسۇسلاندۇق،گەرچە فوكىس چىراي موتۇرى قوشۇلغان بولسىمۇ، پاس بېرىش،توپ تىپىش,مەيداننىڭ سۈپىتى، چىمنىڭ رەڭ تۇيغۇسى ئىنتايىن ناچار،توپنى ناھايتى تېزلا تارتقۇزۇپ قويىدۇ، 2 يۇلتۇرزلۇق قىلىپ ئويناپ باقساممۇ,توپنى پاس بېرىش، ئىتتىرىپ چىقىرىش، ۋارتاغا تىپىش تولمۇ تەسكە توختىدى. بوپتۇ دەپ بىر ھەپتە زورمۇ زور ئويناپمۇ باقتىم،لىكىن ئامال قانچە كۆنگەن يامانمۇ كۆيگەنمۇ دەپ، 2013 نى ئېچىپ خۇمادىن چىققۇچە ئوينىدىم. تەسىراتىم تۈگىدى. تورخۇمارغا ، كۆپچىلىككە رەخمەت
دوسىلار ماڭا تۈزۈك مۈزۈك ئېتشىدغان ،ھەركەتلىك ئۇيۇنلاردىن بىر نەچچىنى تۇنۇشتۇرۇپ كۇيۇڭلار…..
مەن پەقەت قاچليالمىدىمىۇ؟