مارىيو بىزگە ئۆگەتكەن 10 چوڭ ھاياتلىق پەلسەپىسى
مارىيو ئاتىسى، ياپونىيە NINTENDO(خەنچە 任天堂) نىڭ ئالدىنقى دېرىكتورى Hiroshi Yamauchi ئۆپكە ياللۇغى بىلەن 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 85 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. Hiroshi Yamauchi بولسا ياپونىيە ئويۇن ساھەسىدىكى ئاتامان دەرىجىلىك كىشى، ئۆز قولى بىلەن NINTENDO نى دۇنياۋى سەۋىيەدىكى ئويۇن ئىمپېرىيەسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپلا قالماي، يەنە بۇ ئىمپېرىيەنى يېرىم ئەسىرگە يېقىن قولىدا تۇتۇپ تۇرغان. مارىيو(Supar Mario) ئويۇنى بالىلىقىمىزغا ھەمرا بولۇپ بىزگە ئاز بولمىغان خۇشاللىقلارنى بەخش ئەتكەن، ئۇنداقتا بىز مارىيودىن قانداق ھاياتلىق پەلسەپىلىرىنى ئۆگەنگەندىمىز، بۇلارنىڭ قانچىسىنى ئويلاپ باقتىڭىز؟
ئەمەلىيەتتە، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە پەلسەپىگە تولغان بولىدۇ، كۆپچىلىك كىتاب كۆرۈپ ئۆزىدىكى كەمچىل بولغان تۇرمۇش پوزىتسىيەسىنى تولۇقلاشتىن باشقا يەنە، ئويۇن ئويناپمۇ نۇرغۇن ھېكمەتلەرنى بايقىيالايدۇ. ئويۇن ساھەسىدە مارىيو ئويۇنى قارىماققا ئىنتايىن كۆڭۈللۈك بىر ئويۇن ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ئازراقلا دىققەت قىلسىڭىز، يەنە ئىچىگە يوشۇرۇنغان تۇرمۇش پەلسەپىسىنى بايقىيالايسىز.
توختاپ گۈل ھىدىنى پۇراش
گەرچە بىز دائىم يول بويىدىكى ياۋا گۈللەرنى قالايمىقان دەسسىمەسلىك توغرىسىدا سۆزلىسەكمۇ، ئەمما توختاپ پۇراپ ئۆتۈپ كەتكەننىڭ زىيىنى يوقتۇ؟ بۇ جۈملىنىڭ مەنىسى شۇكى، تۇرمۇشىڭىز ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ، روھىڭىزنى ساپلاشتۇرىدىغان بىر ئورۇن قالدۇرۇپ قويۇڭ.
سەكرەشتىن بۇرۇن ئوبدان قاراڭ
مەيلى قانداق ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەرىكەتكە كېلىشتىن بۇرۇن ئاۋال ئەھۋالنى ئوبدان كۆزىتىڭ، بەزى چاغدا يارىلىنىپ قېلىش ۋە قايتىدىن كېلىش ئويۇندىكىدەك ئۇنچە ئاسانغا توختىماسلىقى مۇمكىن.
نائېنىق يولغا مېڭىشتىن قورقماڭ
ھەر ۋاقىت تەۋەككۈل قىلىش روھىغا باي، غەيرەتلىك بولۇڭ، ئاندا-ساندا ئوخشىمىغان يوللاردا مېڭىپ، ئوخشىمىغان ئىشلارنى ياكى باشقىچە يېڭى مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ بېقىڭ.
موگۇ دېگەن پايدا قىلىدىغان نەرسە
موگۇ دېگەن پايدىلىق نەرسە، لوق گۆش يېيىش پۇرسىتى كەلگەندە تارتىنىپ ئولتۇرماڭ.
كۆككە ئېسىغلىق يۇلتۇزلارنى نىشان قىلىڭ
ھازىرقى تۇرمۇشىڭىزغا قانائەت قىلىشنى بىلىپلا قالماستىن، ئىقتىدارىڭىز يەتسىلا تېخىمۇ يۇقىرىغا سەكرەشنى ئۇنتۇماڭ.
بوشاشماسلىقتا چىڭ تۇرۇڭ
پەقەت زېرىكمەي، بوشاشماي، جاپادىن قورقماي ئاشۇ بىر خىشقا ئۈسىۋەرسىڭىز، ھامان بىر كۈنى خىشتىن تەڭگە چۈشۈشى مۇمكىن.
جۇغىڭىز ھەرقانچە كىچىك بولسىمۇ، ئىرادە، ئويىڭىز تېخىمۇ چوڭ بولسۇن
ئىشىكتىن چىقىشتىن بۇرۇن ھاۋارايىدىن مەلۇمات كۆرۈپ قويۇڭ
شۇ…ھاۋارايىغا دىققەت قىلمىسىڭىز، قايسى بىر كۈنى ئۇشتۇمتۇت كىرپىدەك تاشپاقىلار يامغۇر بولۇپ يېغىپ كەتسە ئىش چاتاق.
ۋاقىت ھەممىدىن مۇھىم
دەل ۋاقتىدا بولۇشىغا دىققەت قىلىڭ، باشقىلار قەلئەيىڭىزگە ئوت قويۇشتىن بۇرۇن يېتىپ بېرىپ بولۇڭ.
بۇدۇنيادا مۇتلەق Game Over بولىدىغان ئىش يوق
گەرچە يارىلانسىڭىزمۇ، مەغلۇب بولسىڭىزمۇ، ئەمما سىزنىڭ مەڭگۈ «باشتىن باشلاش» پۇرسىتىڭىز بار.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Mario، ئويۇن، پەلسەپە، تۇرمۇش، ھېكمەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,998 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 09-ئاينىڭ 24-كۈنى
- يازما مەنزىلى: mario-ogetken-10-pelsepe.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > جەڭگاھ 4 نىڭ كۆپ كىشىلىك سىنىقى پات ئارىدا ئېچىلىدىكەن
- كېيىنكى يازما > ھەقىقىي پۇتبول 2014
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
ياخشى چۈشەندۈرۈلۈپتۇ……
كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا مۇشۇ ئويۇندىن باشقىنى بىلمەيتتۇق
دائىم ئويۇنچۇقخانىلارغا كىرىپ سائەتلىك پۇل ساناپ ئويناپ كىتەتتۇق
ھەممىنى يېڭىدىن باشلاش ،يېڭىلدىم دەپ بەل قۇيىۋەتمەسلىك”
ئۇتۇق قازانغان كىشىلەرنىڭ ئورتاق سۆزى ئوخشايدۇ بۇ سۆز”!
Game Over
90 يىلنىڭ بالىلىرىنى شۇنچىلىك مەپتۇن قىلغان بۇ ىۇيۇن خۇسىسەن مەنمۇ شۇنداق ىويناپ قۇياتتىم
بالىلىقىمغا ھەمرا بولغان ئۇيۇن … راست نۇرغۇن ھەقىقەت باركەن
كىچىكىمدە 5 موچەنمۇ يوق، مۇشۇ موگو، رامبولارنى ئوينيالمىغاندە مەن، يەنە خىلى جىق ئويۇنلار باتى كىچىكىمدە باشقا بالىلارنىڭ ئوينىغىنىغا قاراپ ئولتۇرۇپ كىتەتتىم، 2009- يىلى دىۋىدىغا پىلاستىنكا سىلىپ ئويناپ بىقىپتىمەن ……..
بەك ئەھمىيەتلىككەن تۇرمۇشقا چۆكۈش دەمدمدۇق
كىچىگىمدە كېچىنى كۇندۇزگە ئۇلاپ ئوينايدىغان ئۇيۇنلارنىڭ بىرسى ئىدى بۇ … مەغلۇپ بولغانغا تەن بەرمەي قايتا قايتا ئويناپ تۇگىتەتتىم بۇنى…
بۇ ئويۇننى كۈندە ئويناپ زىرىكمەيتتتىم ، ھەر ئوينىغاندا ئويۇن ئىچىگە باشچىلاپلا كىرىپ كىتەتتىم شۇڭلاشقىمۇ بۇ پەلسەپىلەرنى بايقىماپتىكەنمەن مانا ئەمدى ئويلىنىپ باقسام ھەقىقەتەن شۇنداقكەن
ما ئوياننى مەندەك جىق ئوينىغانلار يوق بولسا كېرەك،بۇنىڭ بىر نەچچە خىل ۋارىيانتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئويناپ تۈگەتكەنمەن.كېچىلەر تاڭغا ئۇلىشىپ كېتەتتى لېكىن ئۆيدە چوڭلار يوق كۈنلىرى
بۇئويۇننى 6ياش ۋاقتىمدىن باشلاپ ئويناپتىكەنمەن ،ھازىر تېلفوندىمۇ ئويناپ قويىمەن بۇ ئويۇننى ،كىچىكىمدە مۇشۇ ئويۇننى ئوينايمەن دەپ كېچىچە ئويناپ تېلۋىزورنىڭ سۈرەت لامپىسىنى كۆيدۈرۋېتىپ دادامدىن چىشقىچە تاياق يېگىنىم ھازىرمۇ ئېسىمدە !
ھەي بالىلىق چاغلار
بۇ ئويۇننى 94- يىلى سۈننەت تويۇم بولغان چاغدا كارۋاتتا يېتىپ تۇرۇپ ئويناپ ، پۈتۈن مەيداننى ئاخىرلاشتۇرۋەتكەن ئىدىم ، ئۇيۇن بىلەن بۇلۇپ كېتىپ خەتنىلىكنىڭ ئاغرىغىنىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان ئىدىم.
مەنمۇ بەك ئۇستا ئىدىم ،ھەتتا موگو ۋاڭ دەم ناممۇ ئالغانتىم،ھازىرمۇ چوڭ بولغىنىمغا قارىماي كۈندە بىر ئىككى مەيدان ئوينىۋالمىسام ئاخشىمى ئۇيقۇغا كىتەلمەيمەن،
ئەسلى مۇنداقمۇ ھىكمەتلەر باركەندە بۇ ئويۇندا، بۇ ياپۇنلارزە بويى سەك ئىگىز بوپ قاپغان بوسا ئىش باكەنتۇق،