[تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
جان ساقلاش(Don’t Starve) ناملىق بۇ ئويۇن چىققىلى 3 يىلدەك بولدى. ئەمما داۋرىڭى جىق بولمىغاچ كۆپ قىسىم تورداشلىرىمىزغىمۇ ناتونۇش بولۇشى مۇمكىن. يېقىندا ئويۇن رەسمىي ھالدا Steam سۇپىسىغا يۆتكىلىپ بىر قانچە يېڭى DLC چىققاندىن بېرى كىشىلەرنىڭ نەزىرىگە قايتىدىن سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. جۈملىدىن، فەقىرمۇ ئەينى يىلى چىققان چاغدا بىر مەزگىل ئويناپ كېيىن ۋاقىت يېتىشمەي تاشلىنىپ قالغان ئىدى. يېقىندا ئويۇننىڭ قايتىدىن مودا بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ سىلەرگە تەۋسىيە قىلغۇم كەلدى.
ئويۇن ھەققىدە
جان ساقلاش(يەنە بىر ئىسمى ئاچ قالماڭ) ناملىق ئويۇننىڭ ھېكايىسدە، بىر تەتقىقاتچى مەلۇم يالماۋۇز تەرىپىدىن يەنە بىر دۇنيادىكى خارابىلىككە تاشلاپ قويۇلىدۇ. بۇ تەتقىقاتچى چوقۇم ئۆزىنىڭ بارلىق پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ بۇ رەھىمسىز ھەم تىلسىماتلارغا تولغان جەزىرىدە ھايات قېلىشى كېرەك ئىدى…
ئويۇنغا مۇنداقلا قاراپ سەل قارىماڭ. ئويۇندا سىزگە بەرگەن ھەر بىر جابدۇق ۋە ئۆزىڭىزگە تايىنىپ تاپقان قورال-سايمانلار سىزگە ھالقىلىق پەيتتە جان ساقلاشتا دەھشەت ئەسقاتىدۇ. باشقا ئويۇنلارغا ئوخشاش سىزنى يېتەكلەپ ماڭىدىغان بىرەر يولباشچى يوق، پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزگە تايىنىسىز. بۇ قىشتىن ئامان-ئېسەن ئۆتەلەمسىز، بۇ پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزگە باغلىق.
يېقىندا ئويۇننىڭ يەنە ھەرخىل DLC بولاقلىرى تارقىتىلدى. Steam دا يەنە كۆپ كىشىلىك تورلاشتۇرۇپ ئويناش بۆلىكى، دېڭىز ساھىلى، گىگانتلار دۆلىتى قاتارلىق مەزمۇنلار بار. ناۋادا مەزكۇر نەشىرىنى ياقتۇرۇپ قالسىڭىز، Steam سۇپىسى ئارقىلىق باشقا DLC لارنى سېتىۋېلىپ ئوينىسىڭىز بولىدۇ. باھاسىمۇ 20 سومدىن ئاشمايدۇ.
قوشۇمچە: DLC دېگىنىمىز، ئويۇن تارقىتىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئويۇن مەزمۇنىنى تولۇقلاش، كېڭەيتىش، داۋاملاشتۇرۇش رولىنى ئۆتەيدىغان مەخسۇس تارقىتىلغان بولاقچىنى كۆرسىتىدۇ.
ئويۇننىڭ سەپلىمە تەلىۋى:
ئويۇننىڭ سەپلىمىگە تەلىۋى ئاساسەن يوق دېيەرلىك، XP دىن تارتىپ Win10 ۋە مەك سىستېمىلىرىدا ئىشلەۋېرىدۇ، سىغىمىمۇ ئاران 100MB كېلىدۇ.
ئويۇننى قوزغىتىش ئۇسۇلى: ئويۇننى چۈشۈرۈپ پرىستېن يېشىپ Bin ناملىق ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى dontstarve_steam.exe ھۆججىتىنى ئىجرا قىلىپ قوزغاتساق بولىدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
جان ساقلاش خەنچە نەشىرى | مەنبە: تورخۇمار
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ACT، ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 33,116 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2016-يىلى 01-ئاينىڭ 03-كۈنى
- يازما مەنزىلى: dont-starve.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مۇكاپاتقا ئېرىشكەن قالتىس يانفون ئويۇنى – Gesundheit
- كېيىنكى يازما > جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- قاتىل ئەقىدىسى تارىخ قىسمى : جۇڭگو
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- قاتىل ئەقىدىسى – ئىنقىلاب
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
بۇنى مەنمۇ خېلى ئويناپ باققان. سىغىمىنىڭ كىچىكلىكىگە باقماي خېلى جەلپ قىلاتتى. ئەينى ۋاقىتتا ساقلىغىلى بولمايتتىغۇ دەيمەن. ئۆلسە باشتىن چىقىدۇ. بىرمۇنچە جابدۇقلارنى تېرىپ بەش-ئالتە كېچىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ ئەمدى بىر تەرەققى قىلغاندا كىچىككىنە سەۋەنلىك بىلەن ئۆلۈپ قېلىپ باشتىن باشلاپ ئويناپ يەنە ئۆلۈپ يەنە باشتىن باشلاپ ئاخىرى زېرىككەنىدىم، ھازىر كۆپ ياخشى بولۇپ كەتكەندەك تۇرىدۇ
دىۋان!!!!تورخۇمار جىق-جىق يىڭىلىنىپ تۇرسا بولاتتى
ئاخىر يىڭى تىما چىقىپتۇ
دۇنيانىڭ ئامانلىقى .ئۇچۇن
چۈشۈردۈم لېكىن ئېچىلمىدى بىرە ھۆججىتى كاممۇ قانداق
ئويۇننى چۈشۈرۈپ پرىستېن يېشىپ Bin ناملىق ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى dontstarve_steam.exe ھۆججىتىنى ئىجرا قىلىپ قوزغاتساق بولىدۇ.
ماندا يېڭىلىنىپ تۇرسا بولمامدۇ، ھەركۈنى قاراپ باقىمەن قاچان يېڭىلىنار دەپ.
ھەي ھەجەپ تەستە يوللىدىڭىز بۇ تىمىنى !!شۇنداقتىمۇ سىزگە رەھمەت!!!
تېلفون نۇسخىسى يوقما
تىما يوللاش ئىقتىدارىنى ئېچىۋەتسەك قانداق بولا ھە
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! تەتبىركار ئەپەندى، ئىسيانكار توغرا ئېيتىدۇ. سىزنىڭ تورخۇمارغا قارىغۇدەك كۆپ ۋاقتىڭىز بولمىغاندىن كىيىن، ئۈندىدار نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرسىڭىز . سىز بىلەن كامىرادا يۈز تۇرانە كۈرۈشۈپ تىما يوللاش ئىقتىدارىنى شۇ سىز بىلەن كۈرۈشكەن تورداشلارغا ئۈگۈتۈپ قويسىڭىز .
تورخۇمارنىڭ تېما ئۇسلۇبىدا تېما يازالايدىغان، قىستۇرما سۈرەتنى PS تا كېسىپ تەييارلىيالايدىغان، تورغا چىقىش ۋاقتى ئۇزۇن ھەم خالىس بۇ ئىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالالايدىغانلار بولسا مۇشۇ ئىنكاس ئاستىغا ئالاقە ئۇسۇلىنى قالدۇرۇڭلار، مەن ئۆزۈم ئالاقىلىشاي.
ئاپتور ئۇچۇرى كۆرىنىدىغان يەرنىمۇ بىر تەڭشەپ قويسىڭىز ئاۋانگارت ئەزەلارباتتى بولمىسا
خىلى ئىسىل ئويۇندەك قىلىدۇ بىر چۈشۇرۇپ ئويناپ باقاي
بۇ يىل تېخى بىرە تال ئويۇنمۇ ئويناپ باقماپتىمە، قېنى بىر ئويناپ باقاي… بۇ يىلقى تۇنجى ئويۇن…
مەنمۇ ئاچالمىدىم بىرەر چاتاق باردەك خاتالىق چىقىپ تۇرۋالدى ئېرروردەپ
ئېسىل
بۇنىڭ ئايفۇن نۇسخىسىمۇ بار ئىكەن ، ھەقلىق ، 30سوم كەن .
dont starve دەپ ئىزدىسە بولدىكەن …
تورخۇمار ھاياتكەندە
سىلەمۇ باكەنھە
بولدىغان ئويۇن بۇ
بۇ تاغ تۇرا باركەن ھە…
بولدىغان ئويۇن بۇ:se:
ياخشىكەن ، تېما يوللاش ئۈزۈلۈپ قېلىش مەسىلىسى مىنىڭمۇ كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىدۇ ، بۇ توربىكەت ماڭىمۇ ئۇزۇننىڭياقى ھەمرا بولۇپ كېلىۋاتىدۇ ، مەن خالىس ياردەم قىلىشنى خالايتتىم ، ئەمما ئاۋۇ تورخۇمارنىڭ .ئۇسلۇبىدا دېگەن تەلەپكە يېتەلمەي قېلىشىمدىن ئەنسىرەيمەن ، يەنە كېلىپ مەندە ئۆزگە تىللاردىن يېتەرلىك سەۋيە بولمىغاچ يېڭى ئۇچۇرلاردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولالىشىم ناتايىن ،شۇنداقتىمۇ تورخۇماركا ياردىمىم يەتكىدەك يېرى بولسا خالىس قوللايمەن . ئۈندىدار تىلفۇن: 18699020223
مەن يىڭى قۇشۇلدۇم دوسلا