قاتىل ئەقىدىسى – ئىنقىلاب
تورخۇماردا ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان قاتىل ئەقىدىسى – ئىنقىلاب ھەققىدىكى پاركور يادىڭلاردىمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۇ چاغدا ئويۇن ھەرقايسى سۇپىلاردا تېخى رەسمىي ئېلان قىلىنمىغان ئىدى. يېقىندا ئويۇن يېڭىلىنىپ ھەرقايسى جەھەتتىن بىر قەدەر مۇكەممەل بولغاندىن كېيىن، تورخۇمارلارغا بىر تونۇشتۇرىۋېتىشنى لايىق تاپتىم.
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار:
پارىس شاھزادىسى ئائىلىسىدىكى نادىر 3D ئويۇن – قاتىل ئەقىدىسى2
قاتىل ئەقىدىسى3(Assassin’s Creed) خەنچە رەسمىي نەشىرى
قاتىل ئەقىدىسى4: قارا بايراق | Assassin’s Creed IV: Black Flag
«قاتىل ئەقىدىسى : ئىنقىلاب» Ubisoft نىڭ يېڭى ئەسىرى، قاتىل ئەقىدىسى يۈرۈشلۈك ئويۇنلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئويۇننىڭ ھېكايە ئارقا كۆرۈنۈشى 1789-يىلىدىكى پارىژغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى نامرات، پۈتكۈل دۆلەت ئىقتىسادى كىرزىسقا پاتقان، نامراتلىق، ئاچارچىلىق ھەممە يەرنى قاپلىغان. ئەمما، ئاقسۆڭەكلەر يەنىلا دۆلەتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم بايلىقىنى كونترول قىلىۋالغان بولۇپ، باي-غوجاملار ئۆيلىرىدە نازۇ نېمەت سېسىپ ياتقان، زىمىستاندا بىچارىلەر كوچىلاردا ئۆلۈپ ياتقان ئىدى. 1789-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى، خەلق ئاخىرى قوزغىلىپ ئېسىيان كۆتۈرۈپ ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ، ئويۇن ئىسمىدىكى ئىنقىلاب دېگەن سۆزمۇ دەل مۇشۇ يەردىن كەلگەن.
مەزكۇر نەشىرگە ئويۇننىڭ ئەڭ يېڭى DLC قىسمى، قازا تاپقان شاھ قوشۇلغان. بۇ ئارقىلىق ئويۇننىڭ ئاساسى ۋەقەلىكى داۋاملىشىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن يېڭى ۋەزىپىلەرمۇ قوشۇلغان. ( DLC دېگىنىمىز، ئويۇن تارقىتىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئويۇن مەزمۇنىنى تولۇقلاش، كېڭەيتىش، داۋاملاشتۇرۇش رولىنى ئۆتەيدىغان مەخسۇس تارقىتىلغان بولاقچىنى كۆرسىتىدۇ)
ئويۇندىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر
قاتتىق دېتال سەپلىمىسىگە بولغان ئەڭ تۆۋەن تەلەپ
Windows® 7 SP1, Windows® 8/8.1 (پەقەت 64 بىتلىق سىستېمېنىلا قوللايدۇ)
ntel Core® i5-2500K @ 3.3 GHz ياكى AMD FX-8350 @ 4.0 GHz
NVIDIA GeForce® GTX 680 ياكى AMD Radeon HD 7970 ھەمدە 2GB ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى
6GB ئىچكى ساقلىغۇچ
50GB لىق قاتتىق دېسكا بوشلۇقى
چۈشۈرۈپ ئورنىتىش ئۇسۇلى
پرىستىن يېشىمىز(چوقۇم Winrar نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى ياكى 好压 دېگەندەك قوراللاردا پرىستىن يېشىشى كېرەك)
1.5v يامىقىنى چۈشۈرۈپ ئويۇن مۇندەرىجىسىگە قاپلايمىز
语言切换.exe نى قوزغىتىپ ئۆزىمىزگە لازىملىق تىلنى تاللاپ ئويناشنى باشلاپ كەتسەك بولىدۇ
«قاتىل ئەقىدىسى : ئىنقىلاب» چۈشۈرۈش مەنزىلى
«قاتىل ئەقىدىسى : ئىنقىلاب» نى چۈشۈرۈش | 1.5v يامىقى | مەنبە: تورخۇمار
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D ئويۇن، ACT
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 25,147 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2015-يىلى 02-ئاينىڭ 22-كۈنى
- يازما مەنزىلى: assassins-creed-unity.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- كېيىنكى يازما > 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- قاتىل ئەقىدىسى تارىخ قىسمى : جۇڭگو
- [ئويۇن] مەكس: قېرىنداشنىڭ قاغىشى
- قاتىل ئەقىدىسى4: قارا بايراق | Assassin’s Creed IV: Black Flag
- «قاتىل ئەقىدىسى4: قارا بايراق» نىڭ ئەڭ يېڭى كۆرۈنۈشلىرى، دېڭىز قاراقچىسىدەك ياسىنىپ قاتىللىق قىلىش؟!
- سوقۇنۇپ كىرىش تىپىدىكى چوڭ سىغىملىق ئويۇن – ھۈجەيرە بۆلۈنمىسى6: قارا تىزىملىك
- ACT تىپىدىكى بۇ يىلقى نادىر ھەرىكەتلىك ئويۇنلارنىڭ بىرى: ئۇنۇتما(Remember Me)
- ئويۇن ھەپتىلىگى | بوشلۇقتا تۇرۇپ ئوينايدىغان فانتازىيەلىك ئويۇن – بىئوخىمىيەلىك ھۇجۇم3: چەكسىزلىك
- «جەڭگاھ 4(战地)» نىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى 17 مىنۇتلۇق كۆرۈنۈشلىرى ئاشكارىلاندى! سىنكارتىغا پۇل يوق!!!
- كلاسسىك گىگانت ئويۇنلارنىڭ بىرى – قەبرىستاندىكى ساھىبجامال9(TOMB RAIDER) ئېلان قىلىندى!
د……………ۋا……. بولدى ئۆزەمنى بېسىۋالاي .
نىمىشقىكىن مۇشۇ ئۇيۇن كۆزۈمگە باشقىچە ئىللىق كۆرۈنىدۇ .
ﯞﺍﻱ ﺩﯦﯟﺍﻥ ﺩﻩﻱ ﺩﯨﺴﻪﻡ، ﻣﻪﻥ ﺗﻮﺭﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯚﮔﯜﻧﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻧﻐﯘ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯜﮔﯜﻧﯜﭖ ﺗﻮﺭﺧﯘﻣﺎﺭﻏﺎ ﮪﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺩﯨﯟﺍﻧﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﻰ ﺋﯘﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﺎﻟﻼ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﻪﯞﻩﺕ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﻳﯜﺭﯨﻴﺪﯨﺪﯗ ﺩﻩ ﮪﺎﮪﺎﮪﺎ
توخۇرخۇماردا بۇئۇيۇننى سۆرەيدىغان كومپىيۇتېر چۇقۇم بىردىن ئاز
intel Xeon(R) E5410 @ 2.33GHz x4
4G
500 GB
ATI Radeon HD 6770 Series 1 GB
مەندە بىرسى بار،سىستىما ۋىن8 64بىتلىق
英特尔 Core i5-4590 @ 3.30GHz 四核
8 GB ( 金士顿 DDR3 1600MHz )
Nvidia GeForce GTX 750 Ti ( 2 GB / 华硕
ئەمما مۇشۇ ھەركەتلىك ئويۇنلار ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى دەپ ئويلايمەن مۇشۇنى، لېكىن كومپىيۇتېر سەپلىمىسىگە بولغان تەلىپى بارغانچە يۇقىرىلاپ بېرىۋاتىدۇ.. يەنىلا xbox ئويۇن ماشىنىسىدىن ئالمىساق بولمىغۇدەك…
مەن كومپىيۇتېرغا PES2015 نى چۈشۈرگەن ئىدىم ، لېكىن رولدا ئوينايدىغان قىلىپ تەڭشىيەلمىدىم …
مېنىڭ رولۇم سەل كونا نۇسخىدىراق ئىدى ، ئانچىمۇنچە گوخولاڭ سەيچې ئويناپ قوياتتىم …
قارىغاندا xbox نىڭكىدەك رول ئالمىسا بۇ ئەبجەق رولنى قوللىمايدىغان ئوخشايدۇ .
كونۇپكا تاختىسىدا ئويناشقا پەقەت كۆنۈپ بولالمىدىم دىسە بۇ پۇتبولنى …
بەك نوچى ئويۇندەك تۇرىدۇ دوسلار مەن ئويۇن ماشىنىسىدىن بىرنى ئېلىپ ئويناي دىگەن Xbox one بىلەن ps4 قايسىسنى ئېلىشنى بىلەلمىدىم. سىلە مەسلىھەت بىرىڭلار قايسنى ئالسام بۇلا قايسىسى ياخشى.
مۇشۇ توغرىسىدا مەخسۇس بىر تېما يېزىلغانلىقى ئېسىمدە،ئىزدەپ كۆرۈپ بېقىڭ.
ئۇيۇنچى تۇرغا كىرىپ قايلاپ بىقىڭ
ps4 ئالسىڭىز ياخشى. 战神 ئوينىيالايسىز. ھەم xbox تىكى بارلىق ئويۇنلارنى ئوينىيالايسىز
ps4 ئېلىڭ ، 战神 ئوينىيالمايسىز ، ئۇ ps3 كە تەۋە. بىراق بۇ قېتىملىق ئويۇنچۇق ماشىنىلار جېڭىنىڭ يەگگۈچىسىمۇ ps4 .
يەنە كېلىپ 神秘海域4 دەك كاتتا ، ئېسىل ئويۇنلارنى ئوينىغىلى بولىدۇ. ئىشقىلىپ ئۇنى ئالسىڭىز مەنچە ھەرگىز پۇشايمان قىلمايسىز.
ماۋۇ تەشۋىقات فىلىمنى تەگ ناخشىسى بەك پەيزىكەن ئادەمنى ئويلاندۇرۇپ قويىدىكەن ، تولۇق نوسخىسىنىڭ ئىسمىنى بىلىدىغانلا بولسا قالدۇرۇپ قويۇڭلا ئاڭلايلى باللا.
مىنىڭ 32 ئىدى ،ئاپلا قاندا قىلغۇلۇق،
ھە راس تورخۇماكا قاچاندىن بىرى ئىۋۇ ئەسكەرتىشنى قىستۇرۋالدىڭىز،
تورخۇمارنىڭ تىمىلىرى سالونلاردا مەنبەنىمۇ ئەسكەرتمەي لەيلەپ يۈرگەنكىن قوشۇۋالغان گەپ
بۇ ئويۇن مەن بىر قىسمىنىمۇ قويماي ئويناپ كىلىۋاتقان ئويۇنلاردىن بىرى ، ھەقىقەتەن قالتىس ئويۇن ، لىكىن بۇقىتىم چققان قىسمىنىڭ سەپلىمە تەلىۋى بەك يۇقىرى ئىكەن .
ھەراس Unity بىرلىك ، ئىتىپاقلىق دىگەن مەنىدەدۇ ..
مەنچە
مەنمۇ ئاجايىپ ھەۋەس بىلەن ئوينايمەن ، مەن ئوزوم( 360 xboxچايخانىسى ) ئاچىمەن.
مەنمۇ قاتىل ئەقىدىسى يۈرۈشلۈك ئۇيۇنلىرىغا بەك ئامراق ، بۇ ئۇيۇننى ئوينىسا ھەقىقى پەيزى ئۇيۇن ئوينىغاندەك بۇلىدۇ ئادەم. مىنىڭ كومپىيوتېرىممۇ گەپ يوقى سۆرىگىدەك بۇ ئۇيۇننى.
مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ:intel : i7 4770k. سىن كارتا : GTX 760 4G ئاساسى تاختا : asus z87 دىگەندەك.
ئوئەسسىلام ئەلەيكۇم ياخشىمۇ سىلەر، مەن غۇلجا سۇيدۈڭ بازىرىدىن ،مەن بىر ئويون خومارى،
مەنxbox360 ئويونخانىسى ئاچىمەن ، خالىساڭلا مەن بىلەن بىرگە ئويون خارەكتىرىنى ئالگان شىركەت قۇرۇشنى خالايدىغانلا بارمۇ.
مەن پىرىستىن يىشەي دەپ قارىسام بەزى ھۆججەتلەر بۇزىۋىتىلگەن دەپلا چىقىۋالدى، بۇنىڭغا بىرەر ئامال بارمىدۇ. بۇنىڭغا بىر كۆرسەتمە بەسەڭلا بوپتىكەن. پايدىلانغان ئەپ 好压
Winrar نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرىنى سىناپ بېقىڭ.
ﻣﻪﻧﺪە ﻣﯘ ﺑﺎر xbx360 دﯨﮕﻪن ﺳﺎﺗﻘﯩﻠﻰ ﺧﯧﻠﯥ ﺑﯘﻟﺪې ھﺎزﯨﺮ ps3 ﺑﺎر ﺋﯘﺑﺪان ﻧﻪرﺳﻪ ﻛﻪن ﻛﻴﻨﯘ ﻛﯚرﮔﯜﻟﯥ ﺑﯘﻟﯥ دﯦﻜﻪن ھﯚﺟﺠﻪت ﺗﺎﻟﯧﻤﺎﻳﺪﯦﻜﻪن ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯧﺐ ﻣﻪن ئاﻣﺮاق ps1 ps2 psp ﻗﯘﻳﯘدﻳﻜﻪن ﻛﯘﻣﭙﯘﻳﯘﺗﺮدا ps2 ﻧﯘﻟﻤﺎل ﻗﯘﻳﻤﺎﻳﺘﯥ ﻟﯩﻜﯩﻦ ps3 ﺑﯘﻟﺴﺎ soniy ﺗﯜردﯦﻜﯥ ﺋﯘﻳﯘﻧﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯧﻤﺎي ﻗﯘﻳﯘدﯦﻜﻪن
ئەسسىلام ئەلەيكۇم ، مەن ( 360 xboxچايخانىسى ) دۇككىنىمغا(ps4 ،Xbox one) ئالغان ئىدىم دەششەت ئويونلانى ئوينىۋەتتم ، خالىساڭلا دۇككىنىمغا كىلىپ ھەقسىز ئويناپ كىتىڭلا قارشى ئالىمەن.