كلاسسىك گىگانت ئويۇنلارنىڭ بىرى – قەبرىستاندىكى ساھىبجامال9(TOMB RAIDER) ئېلان قىلىندى!
قەبرىستاندىكى ساھىبجامال(ئېنگلىزچە نامى Tomb Raider، بۇرۇن ئۇيغۇرچىغا قەدىمىي قەۋرىستانلىقتىكى پەرى كۆلەڭگىسى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان) ئويۇنى، PC ئويۇنلىرى ئىچىدە ئەڭ قەدىمكى ئويۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا سىزنىڭ كومپيۇتېر يېشىڭىز 10 دىن ئاشقان بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئويۇننى چوقۇم بىلىسىز. ئەمما يېقىندا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ئويۇننىڭ ئەڭ يېڭى 9-بۆلۈمى سىزگە پۈتۈنلەي يېڭىچە تەسىر بېرىشى مۇمكىن.
TOMB RAIDER 9 دا باش پېرسوناژ لورانىڭ قانداق قىلىپ ئەڭ دەسلىۋىدىكى نازۇك قىزدىن بىر تەۋەككۈلچىگە ئايلانغانلىقى سۆزلەنگەن. 21 ياشلىق لورا ئولتۇرغان پاراخوت بىر مەيدان دەھشەتلىك قارا بوراننى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، نامەلۇم بىر دېڭىز ساھىلىغا لەيلەپ بېرىپ قالىدۇ، بۇ جايدا ئۇ چوقۇم بىر ئاماللارنى قىلىپ دۈشمەنلەرنىڭ قوغلاپ ئۆلتۈرۈش تەھتىدىدىن ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشى ۋە تەبىئەت دۇنياسىدا جان ساقلاپ مېڭىشى كېرەك ئىدى.
قەبرىستاندىكى ساھىبجامال9(TOMB RAIDER)دىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر:
مەزكۇر ئويۇننىڭ بۇرۇنقى نەشىرلىرىنى ئەسلەيدىغان بولساق، لورانىڭ تىپىك بەلگىسى ئېنىقكى ئىككى يوتىسىغا چاپلىۋالغان قوش تاپانچىسى ئىدى، بۇ بۆلۈمدە لورانىڭ تۇنجى قېتىملىق ھايات-ماماتلىق تەۋەككۈلچىلىك سەپىرى بولغاچ، ئوقيانى لورانىڭ ئاساسلىق قورالى قىلىپ بېكىتكەن. ياپونىيە دېڭىز قىرغىقىغا يېقىن بىر كىچىك ئارالغا چۈشۈپ قالغان لورا، سىرلىق بولغان دىنىي تەھدىتلەرگە دۇچ كېلىپلا قالماستىن، يەنە قانداق قىلىپ جېنىنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ. ئەسلىدىنلا ئاجىز لورامۇ ئامالسىز ئوقيا بىلەن كىچىك ھايۋانلارنى ئوۋلاپ يېيىشكە مەجبۇر بولىدۇ. قىز بالا تۇرۇپ نىمانداق قىلىدۇ دەمسىز؟ ئاشۇنداق شارائىتقا چۈشۈپ قالغاندا، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى ئوۋلاپ يېيىش جان ساقلاشنىڭ ئەڭ ئەقەللىي قائىدىسى، بۇنى چوقۇم چۈشىنىسىز.
خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش، سىرلىق ئىشلارغا يولۇقۇش، ھەرخىل قىيىنلىقتىكى ھەرىكەتلەر، قوراللىق جەڭ، قورقۇنچلۇق مەخلۇقلار، ئۆزىگە خاس بولغان ھېكايە ۋەقەلىگى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پۈتۈن ئويۇن كىشىلەر ئىزچىل قوغلىشىدىغان نەرسىلەرنىڭ بىرى. ھالبۇكى، TOMB RAIDER 9 دەل مۇشۇ ئېلىمېنتلارنى ئۆزىگە تولۇق مۇجەسسەم قىلغان ئويۇندۇر، ئەلۋەتتە، بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەقىقىيلىگىدىن بەلكىم چۆچۈپ كېتىشىڭىزمۇ مۇمكىن. ناۋادا سىز ئىلگىرى مەزكۇر تىپقا تەۋە ئويۇنلارنى ئويناپ باققانلا بولسىڭىز، ئۇنداقتا چوقۇم ئۈمىدسىزلەنمەيسىز…
ئويۇننىڭ سىستېمىغا بولغان تەلىپى:
مەشغۇلات سىستېما: Windows XP/Vista/7
ھېسابلىغۇچ: 2GHz Dual Core
ئىچكى ساقلىغۇچ: 2GB
سىنكارتا: nVIDIA GeForce 8800 / AMD Radeon HD 2900 ياكى ئۇنىڭدىن ياخشىراق بولۇشى كېرەك
قاچىلاش ئۇسۇلى:
- پرىستىن يېشىمىز
- يېشىش يامىقىنى ئۇرىمىز
- ئويۇننى قوزغاتساقلا بولدى
چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دە چۈشۈرۈڭ):
قەبرىستاندىكى ساھىبجامال 9 نى چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار | يېشىش يامىقى | Win8 ئۈچۈن مەخسۇس يېشىش يامىقى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ACT، ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,894 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 03-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: tomb-raider-9.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تەنھا ئارالدىكى كىرزىس(Crysis3) – كۆرۈنمە يۈزى ۋە ۋەھشەت سانىلىدىغان يىل بېشىدىكى گىگانت ئويۇننىڭ بىرى!
- كېيىنكى يازما > نېمىش بولاپ كەتتى؟ روسىيەلىك خاككېر ATM ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدا غەزەپلەنگەن قۇشقاچ ئويناپ يۈرۈپتۇ…
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- قاتىل ئەقىدىسى تارىخ قىسمى : جۇڭگو
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- قاتىل ئەقىدىسى – ئىنقىلاب
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
- يەنە پاركور – قاتىل ئەقىدىسى : چوڭ ئىنقىلاب
- [ئويۇن] مەكس: قېرىنداشنىڭ قاغىشى
ھەي دېۋان، ئاخىرى مېنڭ بولدۇڭدە@!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن بۇ توربەتنى زىيارەت قىلۋاتقىلى
ئىككى كۇن بولدى دەل مىنىڭ كوڭلۇمدىكىدەك ئىسىل چۇشنۇشلۇك مەزمۇنى مول كۆڭۇللۇك بىر مەيدان ھازىر بوپتۇ جىق ئەجىرقىپسىز ئۇيغۇر تورچىلىغىدىكى بىر يىڭىلىق كەنغۇ قىنى يەنە داۋاملىق يىڭىلىق يارتىشىڭىز غا بىز مۇ غاراپ تۇرمايمىز تىىخمۇ تەرەققى قىلىشقا تىلەكداش مەن ~!
كەچۇرۇڭ ئىملاخاتا بوپقاپتۇ . ئەسلى بىزمۇ قاراپ تۇرمايمىز دىمەكچى
سىز دىۋاندا ئولتاسىڭىز مەن تورىدە ئولتاغاچ تۇراي جۇما
مۇشۇ كۈنلەردە كېچىسى دىجورنى تۇرغاندا زېرىكىپ ئاران تۇرغانتىم، خويمۇ بەلەن بولدى. ئەمسە چۈشۈرۈشنى مەن باشلاپ بېرەي.
بۇ ئويۇننى ئۈلۈشكۈن چۈشۈرگەن، 2 كۈندىن بىرى قاتتىق ئويناۋاتىمەن، قىياسىمچە يىرىم قىلدىمغۇ دەيمەن. بۇ ئويۇن بۇرۇنقى قىسىملىرىدىنمۇ پەيزى چىقىپتۇ.
كۆرۈنمە يۇزىنىڭ پەيزىلىكىدىن خوتۇنۇم كۆرۇپ بۇ ئويۇنمۇ كىنومۇ دەيدۇ.
古墓丽影 دىگەن شۇمۇ نىمە؟
پەيزىدەك قىلامدۇ نېمە…
خوتۇن كىشى چىقىدىغان ئويۇن بولسىمۇ ئويناپ باقماي بولمايدۇ .،..
راسلا بۇ قېتىمقىسىدا يېڭىلىق كۆپ. بۇغىنى ئۆلتۈرۈپ كەچۈر دەپ يىغا كېپ كېتىدىكەن…. بىر يېرىدە كېمىدىكى بىر ھايات قالغۇچىنىڭ ئېغىر يارىسىنى تېڭىش ئۈچۈن بۆرىنىڭ ئۇۋىسىغا كىرىپ دورا ساندۇغىنى ئېلىپ چىقىدىغان يېرىدىكى بۆرىگە ئۇچراپ قالساڭلار پەخەس بولۇڭلار ھە، بويۇندىن ئۈزۈپلىۋېتىدۇ….
مەنمۇ ئويناۋاتقىلى ئىككى كۈن بولدى ,ھەقىقەتەن ياخشى .
古墓丽影 دەل شۇ ئويۇننىڭ ئايغى ئىكەن
ئويۇنلارنىڭ ياخشىلىرى ئەمدى چىققىلى تۇردىغۇ ئەمدى
لىكىن ھازىر بۇرۇنقىدەك ئويۇن ئوينىغىلى ۋاقىت يوق
مەن بۇ ئۇيۇننىڭ بۇرۇنقى بۆلىمىنى بىر يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقت ئوينىغان، ھازىر قايتا ئويناي دەپ ئېچىپ، ھېلىقى دىنازاۋىر چىقىدىغان يېرىدىن ئۆتەلمەيۋاتىمەن. بۇرۇن بىر يامىقى بارىتى بىر پاي ئوق بىلەنلا ئۆلىدىغان… نەچچە كۈن ۋاقتىم كەتتى شۇ دىنازاۋىرنى ئۆلتۈرەلمەي… مانى چۈشۈرەي دىسەم كومپىيوتېرىم سۆرىيەلەرمۇ …
ئۇينايمىز، ئوينايمىز !!!
بۇ ئويۇننى win8 ئوينىغلى بولامدۇ؟
بولىدۇ. ئۈستىدىكى Win8 ئۈچۈن بېرىلگەن يامىقىنى ئۇرۇۋېتىپ ئويناۋېرىڭ.
تورداشلا مۇشۇ ياماقنى قانداق ئۇردۇ ئالدىنقى قىتىم يوللانغان تەنھا ئارالدىكى كىرزىس دىگەن ئويۇننىمۇ چۈشۈرۈپ ياماقنى قانداق ئۇرۇشنى بىلمەي ئوينىيالمىغانتىم بىلدىغانلا خاپا بولماي 5 مىنۇت ۋاختڭلانى چىقىرىپ بىر چۈشەن دۈرۋەتكەن بولساڭلا ماڭا ئوخشاش بىلمەيدىغانلا بولسا بىلۋالسۇن رەھمەت
ياماقنى زادى قانداق ئۇردۇ
چۈشۈرۈپ ئويۇن قاچىلانغان مۇندەرىجە ئىچىدىكى ئوخشاش ھۆججەتلەرنىڭ ئۈستىگە باسۇرىۋېتىمىز، بۇ ياماق ئۇرۇش دەپ ئاتىلىدۇ.
ھە….. ئەمدى بىلۋالدىم كۆپ رەھمەت قىنى ماۋۇ ئېلانلانى خۇشاللىقىمدا نەچچىنى دەسسىۋىتىپ چىكىتەي ئەمدى
شۇ ھۆججەتنىڭ ئۈستىگە يېشىمىزمۇ يا ئۈستىگە كۆچۈرۈپ قويساق بولامدۇ ، پەقەت ئۇقالمىدىم ، بوسا ياردەم قىلسىىڭىز
مەن چۇشۇرسەم يېرمىغا كەلگەن دە رار خوججەت يىشىلمەي ۋاتىدۇ نىمىشقا
قاتىل ئەقىدىسى دىگەن ئيۇننىڭ يېرىمىنى تۇگەتىم ئەمدىلىكتە ئوتۇن ئالدىغان مۇندەرىجىسىدىن ئويۇنغا قايتماي ۋاتىدۇ ياردەم قىلامسىز نىمە سەۋەپ تىن شۇنداق بولدۇ ھىي………..
چۈشۈرۈش بولاقچىسىنىڭ ئىچىدىكى بارلىق rar ھۆججەتلەرنى تولۇق چۈشۈرۈپ بىر مۇندەرىجىنىڭ ئىچىگە قويۇپ يېشىپ بېرىڭ، يەنە winrar نىڭ 修复 ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ بېقىڭ. بولمىسا قايتا چۈشۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.
مۇشۇ كەملەردە ئوقيا مودا بولۇۋاتىدۇ ھە، crysis3 تىمۇ ئوقيا ئىشلىتىدىكەن، بۇنىڭدىمۇ شۇنداق…
مەن 10يىلدىن بېرى ئىزچىل ئويناپ كىلىۋاتقان ئويۇن،بۇ قىسمىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ئالاھىدە يارىدى ماڭا،قالغىنىنى ئويناپ بولۇپ بىر نېمە دەي،ئەممازە دەھشەت قىممەتكەن كاساپەت،ياۋروپادىكى سېتىلىش باھاسى59.9ياۋرۇ ۋە69.9ياۋرۇكەن،تۇنۈگۈن تېخى دۇكانداىن لېۋىمنى چىشلىگىنىمچە سېتىۋالماي كەلگەنتىم
ئەنجۈر يانڧفۇننىڭ بار بولسا بىر خەۋەر قىلىپ قۇيارسىلەر!
ئوقيا ئشلىتىش راس مودا بولاۋاتىدۇ جۇما، كىينىكى كۈنلەردە قورال ئشلىمەيدۇ ئەمەسمۇ، شارائىت بولسا ئوقيا ئۈگۈنۇپ قويساق زىىينى يوق ئەلۋەتتە،
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن بۇ ئۇيۇننى چۈشۈرۈپ كۆرسەتمە بۇيچە قىلدىم لىكىن يىشىش يامىقىنى قاپلاي دىسەم 无法定位程序输入点 _BinkShouldskip@4 于动态链接库 binkw32.dll上 مۇنداق بىر كۆزنەك چىقىۋالدى باشقا رايۇنغا يېيىپ باقتىم يەنىلا ئوخشاش قانداق قىلىشنى بىلەلمىدىم .
قەدىمىي قەبرىدىكى پەرى كۆلەڭگىسى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەن ۋىندوۋس8نىڭ يامىقىنى چۈشۈرسەم ۋېندوۋس دېففىندىر ۋىروس بار دەپ يۇيىۋىتىپ بارىدۇ؟؟
ماڭا بىر ياردەم قىلسىڭىز بولاتتى تورخۇمار ئەپەندى .
مەن ھەممىنى چۈشۈرۈپ بولدۇم . ئويۇننى قانداق قوزغىتىمەن ؟ 12 پارچە كىتاب شەكلىدە چۈشكەن ھۆججەتلەرنى پىرىستىن يىشەمدىم ؟
ھەئە، ھەممىسىنى بىر ئورۇنغا قويۇپ پرىستىن يەشسىڭىز بىر ھۆججەت بولۇپ يېشىلىدۇ. باشقىسىنى يازمىدا چۈشەندۈرۈپ قويدۇم.
win8 نىڭ يامىقى بار بەيدۇ تور دىسكىسى ئۆچۈرلۈپتۇ ،توردىن پەقەتلا تاپاممىدىم ،شۇنى قايتا يوللاپ بەسىڭىز تورخۇمار ئەپەندىم
بەيدۇ تور دېسكىسى شىنجاڭ رايونىدا چەكلىۋېتىلگەن، ئەسلى مەنبەدىن ئۆچۈرۈلمەپتۇ. مەن چۈشۈرۈپ تېڭشۈن بۇلۇت دېسكىسىغا يوللاپ ئادرېسنى ئالماشتۇرۇپ قويدۇم، ئەمدى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.