نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما مەزمۇنى

تەنھا ئارالدىكى كىرزىس(Crysis3) – كۆرۈنمە يۈزى ۋە ۋەھشەت سانىلىدىغان يىل بېشىدىكى گىگانت ئويۇننىڭ بىرى!

بۇ يىل بېشىدىكى تۇنجى گىگانت ئويۇن – تەنھا ئارالدىكى كىرزىس(ئېنگلىزچە ئىسمى Crysis3) ئاخىرى ئېلان قىلىندى! مەزكۇر ئويۇن مۇشۇ يۈرۈش ئويۇنلارنىڭ ئۈچىنچى بۆلۈمى بولۇپ، ئۇرۇش تېما قىلىنغان FPS تۈرىدىكى قوراللىق ئېتىشىش ئويۇنلىرىنىڭ ئىچىدىكى گىگانت ئەسەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

crysis-3

تەنھا ئارالدىكى كىرزىس3 تىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر:

بۇ كۆرۈنۈشلەردىكى بىر قىسىم ئالاھىدە ئىقتىدارلارنى كۆرۈپ ھەيران قالدىڭىزغۇ دەيمەن؟ Crysis3 ئالدىنقى ئىككى ئەۋلادنى مۇكەممەل بىرىكتۈرۈپ چىققان بولۇپ، EA شىركىتىنىڭ بۇ يىلقى مەيدىسىگە مۇشتلايدىغان يەنە بىر چوڭ ئويۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا سىز ئالدىنقى يۈرۈشلەرنى تېخى ئوينىمىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا مەزكۇر بۆلۈم كۆزىڭىزنى بىراق ئېچىپ قويۇشى مۇمكىن.

[ تەنھا ئارالدىكى كىرزىس3 تىن كەسمىلەر ]

تەنھا ئارالدىكى كىرزىس3 نىڭ يەككە كىشىلىك ۋە كۆپ كىشىلىك ئىككى خىل ئويناش ھالىتى بار، كۆپ كىشىلىك ئوينىغاندا ئىككى گۇرۇپ قوشۇن ئايرىم ھالدا ئەسكەر ۋە ئوۋچىنىڭ رولىنى ئالىدۇ، دەسلىۋىدە ئوۋچىدىن پەقەت ئىككىسىلا چىقىدىغان بولۇپ، ھەممىسى نانو ماتېرىيالدىن تىكىلگەن، خالىغان مۇھىتتا ئادەمنى يوشۇرىۋېتەلەيدىغان كىيىم كىيىدۇ، شۇڭا ئادەتتە ئۇلارنىڭ ھالىتى يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ زەربە بېرىش شەكلىدە بولىدۇ. ئۇنداقتا ئوۋچىلارنى يوقىتىش پەقەت مۇمكىن ئەمەسمۇ؟ ھاھا! ئەلۋەتتە مۇمكىن، بۇنداق ھالەتنى پەقەت مەرگەننىڭ قولىدىكى قورالنىڭ دۇربۇنىدىلا كۆرگىلى بولىدۇ. شۇڭا ناۋادا سىز بىر ئوۋچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئۆزىڭىزمۇ تۇيمايلا ئۆلۈپ كېتىشىڭىزمۇ مۇمكىن. ئەسكەرلەر ئۆلگەندىن كېيىن ئوۋچىغا ئايلىنىدۇ، تاكى پۈتۈن ئەسكەرلەر ئوۋچىغا ئايلانغۇچە بۇ جەڭ داۋاملىشىدۇ. بۇ خىل ھالەتنىڭ سىزگە بېرىدىغان ھاياجىنى شۇكى، ئەسكەر بولغان ئادەم چوقۇم دائىم ئېھتىياتچان بولۇشى، ئەتراپتىكى كۆرۈنمەس دۈشمەنلەردىن ھەزەر ئەيلىشى ۋە باشقا ئەسكەرلەر بىلەن ياخشى ھەمكارلىشىشى كېرەك.

ئويۇننىڭ ئاۋاز ئۈنۈمى جەھەتتىن ئېيتقاندا، مەزكۇر يۈرۈش ئويۇنلارنىڭ تەگمۇزىكىسى ئىزچىل ئويۇن مەستانىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. مۇزىكىنىڭ ئۇدار تۇيغۇسى ئۇنچە بەك كۈچلۈك ئەمەس، ئەمما سىرلىقلىق تۇيغۇسى كۈچلۈك، ئويۇننىڭ كەيپىياتى بىلەن ئىنتايىن ياخشى ماسلاشقان دېيىشكە بولىدۇ. Crysis3 تىمۇ شۇنىڭدەكلا، ئۆلگەن چاغدىكى ئاۋازنىڭ ئانچە بەك ئىنچىكە ئىشلەنمىگەنلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قورال ئاۋازى ۋە قەدەم ئاۋازلىرى ئىنتايىن تەبىئىي چىققان دېيىشكە بولىدۇ.

ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئويۇننىڭ كىشىگە بېرىدىغان تەسىرى ئىنتايىن قالتىس دېيىشكە بولىدۇ! ئەلۋەتتە، بۇ يۈرۈش ئويۇنلارنى ئويناپ باقمىغانلارغا نىسبەتەن ئېپى-جېپىنى بىلىپ بولۇشقا ئازراق ۋاقىت كېتىدۇ، ئەمما سىز فانتازىيەلىك ئۇرۇش تۈرىدىكى FPS ئويۇنلىرىنى ياخشى كۆرسىڭىز، مەزكۇر يۈرۈش ئويۇنلار بەلكىم سىزنى باشقا ئويۇنلاردا ھېس قىلالمىغان يېڭى تۇيغۇلارغا باشلىيالىشى مۇمكىن.

 

ئويۇننىڭ كومپيۇتېر سەپلىمىسىگە بولغان ئەڭ تۆۋەن تەلىپى:

  1. سىستېما: Windows Vista/7/8
  2. سىنكارتا: DirectX11 نى قوللايدىغان، 1GB تىن يۇقىرى سىنكارتا بولسۇن(مەسىلەن، GTS 450 دېگەندەك)
  3. ھېسابلىغۇچ: بولمىدى دېگەندە قوش نېگىزلىك بولسۇن
  4. ئىچكى ساقلىغۇچ: 2GB تىن يۇقىرى

ئەسكەرتىش: يۇقارقىسى ئەڭ تۆۋەن تەلەپ، يەنى ئاشۇ سەپلىمىدە ئويۇننى ئاران قوزغىتىپ ئوينايسىز دېگەنلىك بولىدۇ. ئەگەر سەپلىمە بەك تۆۋەن بولسا ياكى سىستېمىڭىز XP بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئاۋارە بولماڭ.

قاچىلاش ئۇسۇلى:

  1. چۈشۈرۈپ پرىستېن يېشىمىز
  2. چوقۇم ئېنگلىزچە ھەرپتىن تۈزۈلگەن مەنزىلگە يېشىش كېرەك، مەسىلەن: D:\game\oyun
  3. setup.bat ھۆججىتىنى قوش چېكىپ قاچىلاش ئېلىپ بارىمىز
  4. يېشىش يامىقىنى ئۇرىۋېتىمىز
  5. ئويۇننى قوزغاتقاندا ئەڭ ياخشىسى كومپيۇتېرنى توردىن ئۈزىۋېتىڭ ياكى ئوتتام يۇمشاق دېتاللىرى ئارقىلىق ئويۇننىڭ تورغا ئۇلىنىشىنى چەكلەپ ئاندىن قوزغىتىڭ

چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):

تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش   |   مەنبە: تورخۇمار    |    يېشىش يامىقى    |   تەنھا ئارالدىكى كىرزىس2



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. owchi 2013.02.26 , 10:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ ئويۇننى ئويناپ باقققۇم بار ئىدى.. پەقەت چول تەگمەيۋاتىدۇ.

    • ئابومجان 2013.02.26 , 11:46

      قېنى ما نەفىسە ؟ :idea: بەرگەن ۋەدەمگە دەششەت ئەمەل قىلىپ ما دىۋاندا قەستەن ئولتامىدىم جۇما ، ئەمدى تۈزلەشتۇق ، بۇنىڭدىن كىيىن ئولتۇرىۋىرىمە :mrgreen: :shy:

  2. ئابدۇۋاھاب 2013.02.26 , 10:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پاھ…..ساخلىغىلى خىلى بولغان رەھمەت،،،:wink:

  3. كۇسەن 2013.02.26 , 11:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يەنە كىيىن قاپتىمەندە :sad:

    • ئابومجان 2013.02.26 , 11:44

      سەۋىر قىلىڭ ! سەۋىرنىڭ تېگى دىۋان ! :mrgreen: نەچچە قېتىم كۆردۈم سىزنىڭ كىيىن قاغىنىڭىزنى .
      بىتەلەيگە سۇ كەلسە ئاللاكۇدىن يا كەتتى دىگەن شۇ :lol:

    • مەرگەن 2013.02.26 , 22:14

      ‹‹ سەۋەرنىڭ تىگى دىۋان ›› ئالامەت ماقال تەمسىل بوپتۇغۇ ! !:mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  4. ئابومجان 2013.02.26 , 11:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەلكىم ھەربىر ئۇيۇنغا ئامراق ئۇغۇل بالىنىڭ قەلبىدە شۇنداق بىر ئوت بولسا كىرەك ، خىزمەتكە چىقىپ ھاجىتىمدىن چىققۇدەك بولغاندا شۇنداق ئىسىل سەپلىمىلىك كومپىيۇتېردىن بىرنى ئالىمە ، ئاندىن مۇشۇ بۇرۇن ئوينىيالمىغان نەچچە ئون G لق ئۇيۇنلارنى ئويناپ ، مۇمكىن بولسا شۇ ئۇيۇنلارنىڭ راس نەشىرىنى ئالىمەن ، قىممەت بولسىمۇ مەيلى ، ھەقىقى ئۇيۇنخۇمار دىگەن مۇشتا بولسا بۇلىدۇ ، ئويناپ بۇلۇپ چىرايلىق ئوراپ ساقلاپ قۇيىمە ~~ۋوجووووون ، ۋوجان ئاز قالدى بۇ ئۇقۇشمۇ ~~خەپ ، توغرا ، خوتۇن ئېلىشتىن بۇرۇن چۇقۇم كومپىيۇتېر ئالىمە :mrgreen:

  5. كۆك بۆرە 2013.02.26 , 12:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تور خۇمار ئەپەندىم ، قاچىلاپ ئاۋارە بولغۇچە قاچىلىغىلى سالمايدىغان يىشىل نۇسقىسىنى تەۋسىيە قىلسىڭىز بولمامدۇ.
    ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ قاچىلاشنى خالىمايدىغانلار بۇ بەتتىن يىشىل نۇسقىسىنى چۈشۈرۈڭلار. پىرىستىن يىشىپلا ئويناپ كەتسەڭلار بولىدۇ.
    http://www.gamersky.com/Soft/201302/43824.shtml

  6. ۋاپاسىز 2013.02.26 , 13:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنڭ كۆرسىۈتۈش كارتىسى GT630 ئىدى 450 GTS كە يەتمەمدۇ نىمە kk مۇشۇ ئويۇنىنى تەكشۈرسەم كورسۈتۈش كارتىسى بولمايدۇ دەيدۇ:?:

  7. xilas 2013.02.26 , 13:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئۇيۇننىڭ قاتتىق دىتالغا تەلەپى خېلى بار .:!:

  8. ئايشەم تورى 2013.02.26 , 16:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يېقىننىڭ ياقى دىۋان تەگمەيدىغان بوپ كەتتە تورخۇماردا ، تورخۇماردا دىۋاننىڭ بىلىتىنى ساتىدىغانلار بولسا زاكاس قىلىپ قويسام بولارمىكى ؟ :grin:

    • سالىھ بىگ 2013.02.26 , 18:13

      ۋاي ئايشەم خىنىم بىلەت دەپ قاپلا ، سىلنىڭ نۇقتا كوملىرىدا بىلەت ساتسا ئاندىن ساتدۇ بي تورخۇمار …. سىتىپ قاسىمۇ سىلە بىرىنچى بولاپ ئالىدىغان ئوخشايلا . تورخۇمارغا ياخشى پۇرسەت بولغۇدەك .

    • ئايشەم تورى 2013.02.26 , 19:13

      ماقا ھاجىمكا

  9. سەنسىز 2013.02.26 , 18:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاخ نىمە دىگەن پەيزى ئويۇن بۇ ۋاقىت بولسا چوقۇپ ئويناپ تۇگۇتىمەن:mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  10. قارا ھەرە 2013.02.26 , 19:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دەششەت ئويۇنكەنتۇق، ئەمما ما كومپىيۇتېرنىڭ كۆرسىتىش كارتىسى ماس كەلمىگىدەك، باشقا تەرەپلىرىغۇ تەلەپكە لايىقكەنتۇق بولمىسا.

    ۋاز كەشتىم.

  11. ئۆزەم شۇ 2013.02.26 , 19:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نوچى ئويۇندەك قىپ تۇرىدۇ.
    ھەر قايسى ئاپتور بۇرادەرلەر،85-نۆۋەتلىك ئوسكار تارقىلىتىپ بولدى،سىلەر ھېلىغىچە ئويۇننىڭ گېپىنى قىلىپ ئولتارماي،چاقماق تېزلىكىدە بىر تېما تەييار قىلىپ ھوزۇرىمىزغا سۇنمامسىلەر،بەك كەڭ كۇشادەك بولسۇن ئامما لىكىن.

  12. تەلبا 2013.02.26 , 21:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ ئابومجاننىڭ ئەسھۇشى دىۋاندىلا ئىكەن جۇمۇ. ھەي ئابومجان ئادەتتە دىۋاندىن باشقا ،ئانچە مۇنچە تېمىنىمۇ ئۇقۇپ قويۇدىغانمىدۇ:evil:

    • ئابومجان 2013.02.26 , 23:08

      ئۇندامۇ دەپ كەتمەڭ ، دىۋاندىن باشقا تىما دىگەننى سەت ئۇقۇۋىتىمە مەن :mrgreen: ، مانا سەپەرگە چىقىدىغان بولدۇم ، تورخۇماردىكى باللاغا دىۋان ئوڭچە قالدى ، ياتامسىز يۇملامسىز ئەمدى تالاشمايمە ، بەش كۈنگىچە :mrgreen:
      ئەمسە باللا مەن ماڭدىم ، تورخۇماردا ئۇرۇشماي تىللاشماي بەلەن ئويناڭلا ھە

    • تەلبا 2013.02.26 , 23:35

      مۇشۇ تورخۇمار دىۋانىنىڭ ھەجەپمۇ مەرى ئىسسق ھە ئابومجان ،بۇ گىپىڭىزدىن بەشكۇندىن كىيىن دىۋان تالىشىپ چاڭ چىقىرىۋېتىدىغاندەك قىپ تۇرىسىز قاراپ باقسام. چاناپ چاناپ چاناپ چاناپ چاناپ چاناپ چاناپ چاناپ چاناپ چاناپ چاناپ چاناپ چاناپ چاناپ چاناپ چاناپ…………………….

    • ئابومجان 2013.02.27 , 00:56

      ساناپ باقتىم 16 تال چاناپكەن :mrgreen: ، تورخۇمارنىڭ مەرى سىز با ، ئۇ با شۇڭا ئىسسىق ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاتايىن خوش دىگىلى كەلدىم سىلەگە ، بەش كۈندىن كىيىن دىۋاندا كۈرۈشىلى ئېمسە :shy:

  13. خىيال 2013.02.26 , 23:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قاتىل ئەقىدىسى تىپىدىكى ئويۇنلار بولسا تەۋسىيە قىلمامسىز… پېرسىيە شاھزادىسىدىن باشقا.

    • تورخۇمار 2013.02.28 , 15:52

      ACT تىپتىكى ئويۇنلاردىن بىر قەدەر داڭلىقىدىن 鬼泣 بار، ئاندىن تورخۇماردا ئېلان قىلىنغان شەپەرەڭ پالۋان ئويۇنلىرىمۇ ياخشى، 细胞分裂 مۇ ياخشى ئويۇن. يەنە شانك، ئانا تەن، يېقىندا ئېلان قىلغان Alan Wake لار ھەممىسى بولىدۇ. بۇ ئويۇنلار ھەممىسى تورخۇماردا بار، ئىزدەپ بېقىڭ.

  14. AUTO 2013.02.27 , 00:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەزكۇر ئۇيۇننىڭ ئالدىنقى ئىككى نەشىرىنى ئويناپ تۈگەتكەن ئىدىم .بۇئۇيۇن ئۇيۇن خۇمار دوسلارغا بەك ماس كىلىدۇ .

  15. ئەنۋەر 2013.02.27 , 18:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئۇيۇننىڭ ئالدىنقى نۇسقىللىرنىڭ ھەممىنى ئويناپ تۈگەتكەن ئىدىم بۇ نۇسقىسىنىمۇ ئويناپ خېلى بىر يەرگە چىقتىم 。 بۇ ئويۇننىڭ قاتتىق دېسكىغا بولغان تەلىپى ناھايتى يۇقىرى ئىكەن ,بولۇپمۇ كۆرسىتىش كارتىسىغا بولغان تەلىپى يۇقىرى ئىكەن

  16. ئۇغۇزخان 2013.03.01 , 01:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مېنىڭ كۆرسىتىش كارتام NVIDIA GeForce GT 440 ، ئىچكى ساقلىغۇچ 4Gئىدى .
    بۇ ئويۇننى ئويناشقا ماس كېلەرمۇ؟
    :evil:

  17. بەخــىيار 2013.06.16 , 23:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بوۇئۇيۇننى چۇشۇرگەن لىكىن قەتتى قۇزغىتالمىدىم كۇمپىيۇتىرنىڭ سەپلىمىسى يۇقىرى بولمىسا gpu دەپ خەت چىقىۋالدې ياردەم قىلساڭلار 254825524چچ

  18. ئەلى 2013.09.28 , 12:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن 2 كۈندە ئويناپ تۈگەتتىم بۇ ئويۇننى

  19. chaqmaq 2014.02.28 , 15:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ بۇ ئويۇننى قاچىلاپ سۇپىلارنى ھازىرلاپ قوزغاتسام DX11 ،GPU دىگەندەك خەتلەر چىقىۋالدى ،مېنىڭ سىنكارتام قارىغاندا DirectX11 نى قوللىمايدىغان ئوخشايدۇ دىگەن ئويغا كەلدىم ،بولمىسا خېلى ئويۇنلارنى نورمال قاچىلاپ ئوينىغان مۇشۇ ئويۇنغا كەلگەندە ئاجىزلىق قىلدى .:shy:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量