نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما مەزمۇنى

كۆرۈنمە يۈزى ئەڭ ئېسىل دەپ تەرپلىنىدىغان ئويۇنلارنىڭ بىرى : تەنھا ئارالدىكى كىرزىس2

تەنھا ئارالدىكى كىرزىس2 – ئالدىنقى ئەۋلات نۇسخىغا ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئويۇن ۋەقەلىكى ئالدىنقى ئەۋلاد بىلەن خېلىلا پەرق قىلىدۇ. يەنى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى مەخپىي ئورمانلىقتىن، چوڭ شەھەرلەرگە كېڭەيتىلگەن. Crysis2 نىڭ يەنە «تارىختىكى كۆرۈنمە يۈزى ئەڭ پۇزۇر ئويۇن» دەيدىغان نامىمۇ بولۇپ، كۆرۈنمە يۈزى كۆپچىلىك ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان مەجبۇرىيەت چاقىرىقى ئائىلىسىدىكى ئويۇنلاردىن قېلىشمايدۇ!

ئويۇن ۋەقەلىكى، «تەنھا ئارالدىكى كىرزىس» بىرىنچى ئەۋلادتىن ئۈچ يىل كېيىن، يەنى 2023-يىلىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، تاشقى پلانېت ئادەملىرى يەرشارىدا خېلى چوڭ دائىرىلىك بىر ئۇرۇشنى قوزغاشقا سەۋەپچى بولىدۇ، چوڭ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ، نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ كىشىلەر قىرىلىپ، شەھەردە ھاياتلىقتىن ئەسەر قالمايدۇ. ئەلۋەتتە، ئويۇن ئوينىغۇچى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگۈچى بىز، بۇ قانلىق جەڭدە يەرشارىنى قوغداش ئۈچۈن ئاجايىپ-غارايىپ دۈشمەنلەر بىلەن قان كېچىپ جەڭ قىلىمىز.

ئويۇندىن بىر قىسىم كەسمىلەر

ئويۇندىن قىسقىچە كۆرۈنۈشلەر

قانداق؟ يۇقارقى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ ئويۇنغا بولغان ئىشتىھايىڭىز يەنە بىر بالداق كۆتۈرۈلدىغۇ دەيمەن. ئۇنداقتا ئويۇننىڭ باشقا ئۇچۇرلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.

قاتتىق دېتالغا بولغان تەلەپ:

مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ: CPU:2GHz Core 2 Duo / A64 X2 CPU

ئىچكى ساقلىغۇچ: 2GB RAM

سىنكارتا: 8800GT / HD3850, 512MB Video Memory

قاچىلاش ئۇسۇلى:

1. پرېستىن يېشىمىز، 10G دەك بىكار ئورۇن بولۇشى كېرەك

2. setup.bat نى قوش چېكىپ قاچىلاش ئېلىپ بارىمىز، 15 مىنۇت ئەتراپىدا قاچىلاش ئېلىپ بارىدۇ

3. يېشىش يامىقىنى ئورنىتىۋېتىمىز، ئاندىن نورمال ئويناشقا بولىدۇ

چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):

تەنھا ئارالدىكى كىرزىس2 |   مەنبە: torhumar.com |   يېشىش يامىقى



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 19 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ، ،
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 04-ئاينىڭ 16-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: crysis2.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. پرېستان 2011.04.16 , 00:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇيناپ باقايلى ئەمىسە،،، قېنى ئالغا…. :mrgreen:

  2. رازۋىتچىك 2011.04.16 , 09:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن تۈگۈتۈپ بولاپتىمەن،،ھى،،ھى بولدىغان ئۇيۇن بۇ،مەن ھەممە قىسمىنى قالدۇرماي ئويناپ چىققان،ماڭا ئەڭ ياقىدىغان يېرى يوقاپ تۇرۇپ كىكىدەكنى سىقىش…ھى..ھى
    :lol:

  3. شەمشەر117 2011.04.16 , 10:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    1-، 2- قىسمنى ئويناپ بولغان بۇنىڭ ، كۈرۈنۈشلىرى ھەقىقەتەن ئسىل …. ، ماۋۇ قىسمىنىمۇ ئويناپ باقسام بولغىدەك ””`!

  4. ...كەپسىز شۇم... 2011.04.16 , 11:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇنداق قالايمىقان ئويۇنغا پەقەت خوشۇم يوق دىسى…. :idea:

  5. Forever 2011.04.16 , 16:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    10G دەك بىكار ئورۇن بولۇشى كېرەك ،،،،،،، ئاللا ئاللا …..مەن جايىمدىلا قېپ قالاي :!:

  6. نۆل ۋە بىر 2011.04.16 , 16:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يەنە ئېتىشىدىغان ئويۇنكەن.ھەركەتلىك ئويۇنلھردىن بىرەرنى تەۋسىيە قىلمامسىز؟!مەسىلەن ‹شەپەرەڭ ئادەم›دىگەندەك…

  7. ئىز 2011.04.16 , 22:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قايسىسىنىڭ يېشىش يامىقى ئىكەنلىكىىنى بىلەلمىدىم ،ياردەم قىلساڭلار :wink:

  8. سەھرالىق 2011.04.17 , 00:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئامراق ئويۇنلارنىڭ بىرىكەن بۇ … تېڭشىغۇچنى تاقاپ ،ئاۋازنى بولۇشىچە قويۇۋىتىپ ئوينايدىغان بولسام… دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ قەھرىمان دەل مەن :mad:

    • ئويۇن ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى 2011.04.17 , 01:06

      ماۋۇ سەھرالىقنىڭ گىپىنى!!!

  9. سەھرالىق 2011.04.17 , 01:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھاجىم ئويۇننى مەنلا ئوينامدىمەنكى دىگەنما، سەھرالىقلارمۇ ئويۇننىڭ كاتتىسىنى تاللاپ ئوينايدۇ جۇما :idea:

    • ئويۇن ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى 2011.04.18 , 18:03

      قارىم بۇ ئويۇن سىللىنىڭ سەھرالىردىكى يۇشىجىدا چىقمايدۇ جۇما! :evil:

    • سەھرالىق 2011.04.18 , 21:02

      كومپېيۇتىرىمنىڭ سەپلىمىسىنى كۆرسىلە دوختۇرخانىدايېتىپ قالىلا، يۇشىجىنى ئېغى يوق ئىشتان كىيىدىغاندا ئوينايتىم مەن :idea:

    • ئوت يۈرەك 2011.04.19 , 00:20

      ۋاي بولدىلا گەپ تاپالمىدىم، سىللىگە گەپتە تەڭ تۇرۇپ بولماق سەل تەسكە چۈشكىدەك…ئوشۇق زىھىن ئۇپراتمايچۇ! :neutral:

  10. 1380 2011.04.17 , 13:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇيۇننى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن تەرتىپ نۇمۇرى كىرگۈزۇڭ دەپ چىقىۋالدىغۇ نىمە ئىش بۇ ؟

    • تورخۇمار 2011.04.17 , 13:45

      يېشىش يامىقىنى قاپلىۋېتىڭ

  11. 1380 2011.04.17 , 14:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يىشىش يامىقىنى قاندق قاپلايدۇ.ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىجرا ھۆججىتىنى ئىجرا قىلساممۇ شۇنداق دەپ چىقىۋالدىغۇ‹؟؟؟

  12. ئاغىنىلەر 2011.04.22 , 15:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋەشششى ئويان جۇمۇ باللا بۇ ھەقىقىي كۆرنۇشتەكلا بۇ ئويون خۇددى ئويناۋاتقان كىشى ئۆزى شۇ نەخ مەيداندا تۇرغاندەك سىزىم پەيدا قىلىپ قويدۇ ئادەمگە

  13. v 2011.06.18 , 16:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يىشىش يامىقىنى قاندق قاپلايدۇ.ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىجرا ھۆججىتىنى ئىجرا قىلساممۇ شۇنداق دەپ چىقىۋالدىغۇ‹؟؟؟

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif