مەلۇم بىرەيلەننىڭ لاتارىيە ئويناپ 5 مىليون مۇكاپات چىققاندىن كېيىنكى 24 سائەتتىكى كەچۈرمىشلىرى…
لاتارىيە ئېلىپ 5 مىليون مۇكاپاتقا ئېرىشىش ھەممىلا ئادەمدە بولىدىغان بىر ئارمان بولسا كېرەك؟ تۆۋەندىكىسى، مەلۇم بىرەيلەننىڭ لاتارىيەدە 5 مىليون مۇكاپات چىققاندىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدىكى كۈندىلىك خاتىرىسى…
21:30: لاتارىيە تارقىتىش مەركىزىگە 10 نەچچە قېتىملاپ تېلىفون قىلىپ لاتارىيە نومۇرى ۋە مۇكاپات ئۇسۇلنى سورىدىم، بىراق مۇلازىمەتچى قىزچاقنىڭ ئەگەر ئەمدى تېلىفون قىلىدىغان بولساڭ 110 غا تېلىفون قىلىپ، ئۈستىڭدىن ئەرىز قىلىمەن دېگىنىنى ئاڭلاپ تېلىفوننى ئامالسىز قويىۋەتتىم.
22:30: تېلىۋېزىيە ئىدارىسىگە تېلىفون قىلىپ، مۇكاپات نومۇرىنى ئاچقان بۇرادەرنىڭ تېلىفون نومۇرىنى سورىدىم، بىراق تېلىفوننى ئالغان قىزچاققا ھېچقانداق ئامال كارغا كەلمىدى.
22:40: خۇشاللىقىمدا ئاپامغا تېلىفون قىلىپ بۇ ئەھۋالدىن ئاپامنى خەۋەردار قىلدىم، بىراق ئېرىشكىنىم، ئاپامنىڭ تېلىفون تۇرۇپكىسنى قويماي تۇرۇپلا «ۋاي جېنىم بالام، باي بولىمەن دەپ ساراڭ بولۇپ قاپتۇ» دېگەنلىرى بولدى.
23:00: ئاخىرى ئىشەنمەي، چۈشۈممۇ ئوڭۇممۇ دەپ ئۆزۈمنى چىمداپ باقتىم، نەتىجىدە يېرىم سائەتكە بارماي پۈتۈن بەدىنىم كۆكىرىپ كەتتى.
23:30: ئامالسىز ھېچنىمىنى ئويلىماي ئۇخلىماقچى بولدىم، بىراق ئۇخلاش ئەمەس، كۆزۈمنىمۇ يۇمالمىدىم.
24:00: كېچىدە ئۇيقۇم كەلمەي ئازراق بولكا يېدىم، ئاندىن كېيىن كۆزلىرىم ئاستا-ئاستا ئۇيقۇغا كېتىپتۇ، شۇ ئاخشىمى تېخى يەنە 10 مىليون چىقىپ چۈش كۆردۈم.
4:00: ئەتتىگەندە سەھەرلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم، سائەتكە قارىسام تېخى ئەمدىلا 4 بوپتۇ، نېمانچە بالدۇر تۇرىۋالغاندىمەن؟ ئاخشام يېگەن بولكام ساختا ئوخشىمامدۇ؟ ھەي ھايانكەش بولكىچىلار…
4:30: بۇ سەھەردە نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىگىنى بىلمىدىم، شۇنىڭ بىلەن زېرىكىش ئىچىدە ئالدىنقى قىز دوستۇمغا تېلىفون قىلدىم، نەتىجىدە قىز دوستۇمدىن «سەندەك ئادەمگە لاتارىيەدە مۇكاپات چىقىش نىسبىتى خۇددى سېنى ئاقار يۇلتۇز سوقىۋەتكەنگىلا ئوخشاش نۆل، تاڭ سەھەردە خام-خىيالنى ئاز قىل!» دەپ تەربىيە ئاڭلىۋالدىم.
6:30: قارىسام ۋاقىت يەنە باركەن، ئامالسىز تېلىۋېزورنى ئاچتىم، بىراق بۇ سەھەردە پروگراممىلارنىڭ تايىنى يوق ئىدى، گىژىلدىغان تېلىۋېزورغا قاراپ ھىجىيىپ ئولتۇرۇپ تاڭ ئاتقۇزدۇم.
7:30: تاكسىغا ئولتۇرۇپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش ئۈچۈن يولغا چىقتىم، بىراق يېرىم يولدا يانچۇقتىكى پۇلنىڭ يەتمەيدىغانلىقىنى بايقاپ، ئامالسىز تاكسىدىن چۈشۈپ ئاپتوبۇسقا ئولتۇردۇم.
8:00: ئاپتوبۇستا خىيال سۈرۈپ كېتىۋاتسام خوجايىنىمدىن تېلىفون كەلدى، بۈگۈن ماڭا نەدىن كەلگەن جۈرئەتكىن بىلمىدىم، تۇنجى قېتىم خوجايىننىڭ گېپىنى ياق دەپ رەت قىلدىم ۋە ئۆزۈمنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويدۇم. نەتىجدە خوجايىنىم مېنى تەپەككۇرى ئوچۇق، دادىل، يوشۇرۇن قابىلىيىتى زور دەپ ماختاپ كەتتى!
8:30: لاتارىيە مەركىزىدە تۆنۈگۈن گېپىمگە ئىشەنمەي ماڭا تەھدىد سالغان قىزغا ئۇچراپ قالدىم، قىزچاق مەندىن قايتا-قايتىلاپ كەچۈرۈم سوراپ كەتتى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىنكى پىسخىك ھالەتنى تەڭشەش ئۈچۈن، داڭلىق پىسخىك دوختۇرلىرىغا كۆرۈنۈشۈمنى ئالاھىدە تاپىلىدى ۋە ئۇلارنىڭ تېلىفون نومۇرىنى ئاتايىتەن يانفونۇمغا كىرگۈزۈپ بەردى.
9:00: لاتارىيە مەركىزىدە مۇكاپات چىققانلىغىنى تۇللۇق جەزىملەشتۈردۈم، خۇشاللىقىمدا لاتارىيە مەركىزىنىڭ مۇدىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ ئۆكسۈپ يىغلاشتۇق.
9:30: قائىدە بويىچە رەسمىيەت بېجىردىم، بىراق بىر مىليون باج تاپشۇردىغانلىقىمنى ئاڭلاپ «ھە؟!» دەپ قاتىتىقراق توۋلاپ قويغىنىم ئۈچۈن ئىڭىكىم چۈشۈپ كەتتى.
10:30: باشقىلار خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن پۇل ئىئانە قىلدىغان-قىلمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئېچىلىپ قالغان ئاغزىمنى ئىتتىكلا يۇمۇۋالدىم، نەتىجىدە چۈشۈپ كەتكەن ئىڭىكىم دوختۇرخانىغا بارماي تۇرۇپلا ساقىيىپ كەتتى.
10:30: بانكىغا پۇل قويۇش شەرتلىرىنى دېيىشتىم شۇنداقلا 10مىڭ يۈەنلىك تەڭگە پۇل ئېلىپ ئويناپ بېقىش تەلىپىم ماقۇللىققا ئېرىشتى.
11:00: قولۇمدا 3مىليون 990مىڭنىڭ بانكا چېكى تۇراتتى، پۈتۈن بەدەنلىرىم تىتىرەشكە، چىرايلىرىم ئاقىرىپ ھوشىدىن كېتىشنىڭ ئىپادىلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئاقىۋەت لاتارىيە مەركىزىدىكى خادىملارنىڭ غەمخورلۇقى ئاستىدا ئۆيۈمگە بېرىۋالدىم ۋە ئۇلاردىن تاماققا تەكلىپ قىلمىساممۇ بولىدىغانلىقىنى، ياخشى ئارام ئېلىشىم كېرەكلىكىنى ئاڭلىۋالدىم.
13:00: تۇيۇقسىز ئامەت كەلگەندە ئانچە مۇنچە سەدىقە قىلىۋېتىشتەك گەپ سۆزلەرنىڭ بارلىقى ئېسىمگە كەلدى، شۇنىڭ بىلەن سىرتتىن 100 نەپەر تىلەمچىنى تېپىپ ھەر بىرىگە 1 يۈەندىن بەرمەكچى بولدۇم، بىراق ئارىسىدىكى غورۇرى سەل كۈچلۈك %7 تىلەمچى تەرىپىدىن رەت قىلىندىم.
21:30: تېلىفونۇم تۇيۇقسىز سايراپ كەتتى، ئېكراندا كۆرۈنگىنى ئالدىنقى قىز دوستۇمنىڭ نومۇرى ئىدى. ئۇ تېلىفوندا ئاۋازىنى ئەمدى 18كە كىرگەن چاغدىكىدەك چىقىرىپ، مېنى ئاقار يۇلتۇزنىڭ سوقىۋەتكەنلىكىنى بىلگەنلىكىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى. ئۇلۇغ كىچىك تىنىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا دۇنيادا ھەرقانداق ئىشنىڭ يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ۋە باشقا يىگىتلەرگە ياخشىراق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا تەربىيە قىلىپ تېلىفوننى قويۇۋەتتىم.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: قىزىقارلىق، مۇكاپات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,240 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 04-ئاينىڭ 14-كۈنى
- يازما مەنزىلى: after-the-five-million.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار، دۇنيادا يالغۇز ئەمەسلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ!
- كېيىنكى يازما > تورغا ئۇزۇن چىقىدىغانلار دىققەت! سالامەتلىكىڭىز ئۈچۈن كومپيۇتېر ئالدىدا توغرا ئولتۇرۇشقا دىققەت قىلىڭ!
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- [پارول] ئەپچىلەم ۋە ئۈجمە سايىسى (يېڭى زامان نۇسخىسى)
سائەت24:00دەئۇيقۇم كەلمەي ئازراق بولكا يىدىم ئەمەس ئۇخلىتىش دورىسى يىدىم.
ئوھوي مۇكاپات چىققان دوستىمىز مۇشۇ ئوخشىمامدا IP سىنى ئىنىقلاپ بىر بۇلىمىسام بۇ بالىنى ھى ھى ھى
نېمانداق قىززىق… ئىشىڭىز بولمىسا ئاۋارە قىلماڭ دىگەن پىروگىراممىدىكى بىر يولداشنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا سورىغان سۇئالى يادىمدىن كەچتى…
قىززىقكەن…
پاھ ! ماڭا چىقىپ قالسا شۇ 5 مىليون
ئىككىلەنمەيلا تورخۇمارنى سېتىۋالاتتىمدە تەدبىركارغا سائېتىگە بىر تېما يوللاشنى بولمىسا قوڭىغا تېپىدىغىنىمنى ئېيتاتتىم !
ھا ھا ھا قىززىق نەك قىززىق جۇمۇ بۇ ۋىروس ئەپەندى!
دەھشەت جېنى بار ئىنكاس،پۇتى بولسا مېڭىپ كەتكۈدەك
سىرتتىن 100 نەپەر تىلەمچىنى تېپىپ ھەر بىرىگە 1 يۈەندىن بەرمەكچى بولدۇم، بىراق ئارىسىدىكى غورۇرى سەل كۈچلۈك %7 تىلەمچى تەرىپىدىن رەت قىلىندىم.
مەنمۇ بەزىدە شۇنداق ئاسماندىكى پىنگىۋىننىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ ئېچىشكە بەك ئامراق…
خۇشاللىقىمدا لاتارىيە مەركىزىنىڭ مۇدىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ ئۆكسۈپ يىغلاشتۇق.
لېكىن ماڭا .‹21:30: تېلىفونۇم تۇيۇقسىز سايراپ كەتتى، ئېكراندا كۆرۈنگىنى ئالدىنقى قىز دوستۇمنىڭ نومۇرى ئىدى. ئۇ تېلىفوندا ئاۋازىنى ئەمدى 18كە كىرگەن چاغدىكىدەك چىقىرىپ، مېنى ئاقار يۇلتۇزنىڭ سوقىۋەتكەنلىكىنى بىلگەنلىكىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى. ئۇلۇغ كىچىك تىنىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا دۇنيادا ھەرقانداق ئىشنىڭ يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ۋە باشقا يىگىتلەرگە ياخشىراق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا تەربىيە قىلىپ تېلىفوننى قويۇۋەتتىم.› ئاز تولا ياقتى
يا ئاللا پۇل دىگەننى مەرى نىمانچە ئىسسىق ھە ئاغرىقنىمۇ ساقايتىۋىتىدىغان ئاۋۇ بىچارە ھېسابتا تېخىچە تاماق يىمىدى ھە ئاخشام يىگەن بولكا بىلەن 24 سائەت ئۆرە تۇرالىدى ھېلىمۇ تاكسى ، ئاپتۇبۇس باركەن ھېرىپ قالمىدى ئەگەر ئۇلار بولمايدىغان بولسا ئاچلىق نەدە قالسۇن ئۆمىلەپ بولسىمۇ بارار ئىدى ئۇ ؟
ماڭا 5 مىليون شىغىپ قالسا، وندا انامدى الىپ مەكەگە باراتىن ەدىم.
ئۇ ئادەم ئەجىر قىلمايلا كەپ قالغان پۇلنى خەجلىگىلى بولامدۇ ( ھارام پۇلمىكى ئۇ )
ول دەگەن تالەي .اللانىڭ ساغان بەرگەن تالەيى. ونداي تالەي جوق بولىپ تۇرمايما بىزدە..
بۈگۈن ھىچبىر يىڭىلىق يوققۇ!؟
بۇنداق پۇل چىقىپ قالسا مەن پۇتكۇل ئۇيغۇر تور بىكەتلىرى ئۇششاق چوڭ كىچىك ھەممە بىكەت بىلوگلارنى سىتىۋالاتتىم ھى ھى ھى
ئەگەر ماڭا 5 مىليۇن چىقىپ قالسا قانداق قىلشىمنى پەقەت بىلەلمەيۋاتىمەن، بۇ ۋاقىت نىمانچە ئاستا ئۆتىدىغاندۇ.
ئاغىنىلەر : بارمۇ سىز مومكىن بولسا بىر ئالاقىلاشساق بوپتىكەن 780692919چچ
سەۋىرنىڭ تىگى ئالتۇن
ئون يىلنىڭ ئالدىدا 5 سوم مۇكاپات چىققاندا ,ھېلىقى ساۋاقداشنىڭ قىلغان سۆزلىرى ئەمدى يادىمدىن كېچىۋاتىدۇ…
توۋا 5 مىليون چىقسا ئاۋال ياخشە خىزمەتتىن سىتىۋالمەن ،قالغىننغا
نىفىت – كۈمۈر سىتىۋىلىپ ئازگال كارىزلانى تولدۇرغۇزىمەن ،ئىشلىگەن ئىشچىلارنىڭ مۇئاشىنى نىسي قۇيۇپ$ 贷款10000000000ئېلىپ يوللانى كەڭ راۋان ياپــيىشىل ياساتقۇزۇپ ،ئاشقىنىغا تورخۇمار بىلەن تەدبىركارغا 情侣 گاڭسار ئەپپېــــر مە ، ئـــۇف… كىيىنكى ئۈمرۈمنى ئىدارەمدە مۇقۇملۇق خىزمەتلېرىنى جان دىل بىلەن ياخشى ئىشلەپ ،مۇئاش بىلەن نسي قايتۇرمەن 贷款 تۆلەيمەن . ئۆزۈم توي قىلدىغان ئىشلار نەدە تۇرۇپتۇ تېخى ……
ئەجەپ قىززىق ماڭا چىقىپ قالسىچۇ شۇ 5 مىليۇن