نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار، دۇنيادا يالغۇز ئەمەسلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ!



بىز كىشىلىك تۇرمۇشىمىزدا ھەرخىل مىجەز- خاراكتېردىكى كىشىلەرنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز، بەزىلىرى بىلەن تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەردە بولىمىز. بەزىلىرى بىلەن خىلى ئۇزۇن مەزگىل بىرگە تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، يەنە بەزىلىرى بىرەر ۋاخ تاماق يېيىشكە ۋە دەرياغا بويىغا بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىشقىلىپ ئۆزىمىز خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان كىشىلەر بىلەن ھەر خىل يوسۇندىكى مۇناسىۋەتلەردە بولۇپ قالىمىز…

مەيلى كىشىلىك تۇرمۇشتا بولسۇن ۋە ياكى ئۆگىنىش خىزمەتلەردە بولسۇن، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ھە دېسىلا، ئېغىزى ئىتتىكلىك قىلىپ، باشقىلارغا پاراكەندىچىلىك سالغاندا، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە تەسىر يېتىپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ باشقىلارغا بېرىدىغان تەسىرىمۇ ياخشى بولمايدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشتا، تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرلۈك ئىشلارغا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ:

ئۆزىڭىزنىڭ يولىدا مېڭىڭ. باشقىلارنىڭ ئىشىغا ھەددىدىن زىيادە ئارىلىشىپ كەتمەڭ

ئەگەر سىز ھەسەتخور ئادەم بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشقا توغرا كەلسە، ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل ھەمكارلىشىپ، مەلۇم پىلاننى ئورۇنلىماقچى بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ئۇلارغا ئالاھىدە ئۇسۇللار بىلەن تاقابىل تۇرۇشنى خىيالىڭىزغا كەلتۈرمەڭ. چۈنكى ھەسەتخورلۇق پسىخىكىسىدىكى كىشىلەر ئادەتتە ناھايىتى گۇمانخور كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ سىزنىڭ قىلغان ھەممە ئىشىڭىزدىن گۇمانلىنىپلا يۈرىدۇ. شۇڭلاشقا، سىز ھەسەتخور كىشىلەرگە يولۇققاندا ئۇلارغا خۇددى ئاددىي كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىڭ. خۇددى ئەقلىيە سۆز «ئەيىب كۆرۈلگەننى ئەيىبلىمىسەڭ، ئۆزىنى مەغلۇبىيەتكە ئېلىپ بارىدۇ» دە ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك، سىز ھەسەتخور كىشىلەرنىڭ ئىشلىرىغا ھامان پەرۋاسىزلىق بىلەن قارىسىڭىز، ئۇلار بىلەن ئارىڭىزدا ئوقۇشماسلىق بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز. ئەگەر ئارىدا ئېغىز ئېچىپ، بەزى ئۆزىنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا، سىز لايىقىدا پىكىر بەرسىڭىز بولىدۇ. بۇنداق ئىشلاردا سىز «مەيلىگە قويۇۋېتىپ ئىدارە قىلىش» تاكتىكىسىنى قوللانسىڭىز بولىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ خىلدىكى كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا، يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭ مۇقامىنى توۋلاپ مېڭىۋەرگىنىڭىز تۈزۈك، شۇنداق بولغاندا، سىز قارشى تەرەپكە ياخشى تەسىر بېرىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ خىلدىكى كىشىلەر بىلەنمۇ ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتالايسىز. كىشىلەر ھامان سىزنىڭ كەڭ قورساقلىقىڭىزدىن ۋە ئەپۇچانلىقىڭىزدىن سۆيۈنىدۇ.

ئارىدىكى بەزى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، مۇرەسسە قىلسىڭىز ۋە باشقىلارغا يول قويسىڭىز بولىدۇ

شۇنداق. بىلىملىك، تەربىيە كۆرگەن، ئىش ئۇقىدىغان كىشىلەر، ئارىدا مەلۇم نىزا ياكى ئۇقۇشماسلىق يۈز بەرگەندە، چاپىنىنى تەتۈر كىيىپ، ھەممىنى بىر پەشۋا ئارقىلىقلا يوقىتىشىنى ئويلىمايدۇ. ئۇلار ھامان ئىشىنىڭ باشلىنىشى، جەريانى، ۋە نەتىجىسى توغرىسىدا ياخشى ئويلىشىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپكە كېلىدىغان پايدا-زىيان مەسىلىگە نىسبەتەن كاللىدا ئېنىق بىر سان بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇلار ھەرقانداق ئىش يۈز بەرسىمۇ، ئالدىراپ كەتمەيدۇ ۋە قارشى تەرەپ بىلەن تەپسىلىي پاراڭلىشىشىنى، مۇرەسسەلىشىشنى، ۋاقتى كەلسە بىر قەدەم چېكىنىپ تۇرۇپ، يول قۇيۇشنى بىلىدۇ. چۈنكى ئۇلۇغۋار ئىشلارنى بېجىرىش ئۈچۈن، كاللا خاتىرجەم بولمىسا بولمايدۇ. ھە دېسىلا ئۇرۇش-تالاشتىن باش كۆتۈرەلمەيدىغان ئادەمنىڭ چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتىشى ناتايىن. شۇڭلاشقا سىز ئالدىراقسان، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەيدىغان، ئاتالمىش «پىچىقى ئىتتىك» كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەتتە بولغاندا، تېخىمۇ سەزگۈر ۋە ئېھتىياتچان بولۇشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. ھامان تەمكىن تۇرۇپ، نۆۋەتتىكى ئىشنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى لايىھىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسىڭىز، قارشى تەرەپ قوشۇلمىغان تەقدىردىمۇ، ئاڭلاپ بېقىشى مۇمكىن، سىز مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئىشلارنى ئامال بار تىنچ، ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق بولغان يوسۇندا بىر تەرەپ قىلسىڭىز بولىدۇ.

باشقىلارنى قايىل قىلىشقا تىرىشىڭ ۋە ئۇلارغا مەدەت بېرىڭ

مەيلى نېمە ئىش بولمىسۇن، ئارىدا مەلۇم ئۇقۇشماسلىق يۈز بەرگەندە، قارشى تەرەپكە چۈشەندۈرۈش ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ. ئەگەر سىز ئىشىنى كەينىگە تارتىپ، چۈشەندۈرۈشنى راۋا كۆرمىسىڭىز، بۇ ئىشلار ناھايىتى تېزلىكتە زورىيىپ كېتىدۇ-دە، كىچىككىنە ئۇقۇشماسلىق ئاخىرىدا چوڭىيىپ، زىددىيەتكە ئايلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، ئارىدا بىرەر ئىش يۈز بەرسە، ئاكتىپلىق بىلەن مۇۋاپىق پەيتنى توغرىلاپ قارشى تەرەپكە چۈشەندۈرۈش بەرگىنىڭىز ياخشى. باشقىلارغا چۈشەندۈرگەندە، ئامال بار ئىشلارنىڭ سەۋەبى ۋە بەزى ئەگەشمە ئىشلارنى، ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭ بەزى كۆز قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويسىڭىز بولىدۇ. ئەمما مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرنى تىلغا ئېلىپ، مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ قويسىڭىز، سىزنىڭ  بۇرۇن دېگەن گەپلىرىڭىز باشقىلارنى قايىل قىلالمايدۇ ۋە ئارىدىكى ئۇقۇشماسلىق تېخىمۇ زورىيىپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا مۇۋاپىق گەپ قىلىشىڭىز، ئىشلار كۆڭلىڭىزدىكىدەك بولغاندا، ۋە قارشى تەرەپ مەلۇم نەتىجە قازانغاندا ماختاپ قويسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتكە بولغان پايدىسى ھەقىقەتەن زور.

كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئەڭ ئۈنۈملۈك پرىنسىپ شۇكى، باشقىلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىڭ

سىزنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل، مېھرىبان بولۇپ كېتىشى ناتايىن، ئەلۋەتتە، ئۇلار ھەرقايسى قاتلاملارغا مەنسۇپ. مەيلى قانداق كىشىلەر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىز ئۇلارغا سەمىمىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلسىڭىز، ھامان ئۇلارنىڭ قەلب تۆرىگە ئېرىشەلەيسىز. ئۇ ھالدا سىز راستىنىلا يولۋاس ئۇۋىسىغا كىرىپ، ساق-سالامەت يېنىپ چىققان «پالۋان»غا ئوخشايسىز.

بۇ ھەقتە سىتانفۇرد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى روجا مۇنداق دەيدۇ:
* سىز قانچە ئىقتىدارلىق بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر،  جەزمەن ئۆزىڭىزگە ئىشىنىشىڭىز ھەمدە تەكەببۇرلۇقتىن يىراق تۇرۇشىڭىز كېرەك. بولۇپمۇ ئۆزىڭىز بىر ئايرىم دۇنيا بولۇۋالماسلىقىڭىز كېرەك. چۈنكى سىز ئىشخانىدا بىر ئىككى سىرداش دوستقا موھتاج بولسىڭىز، ئۇلار بىلەن بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە پاراڭلىشىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بۇلار سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولماستىن، بەلكى كىشىلىك پەزىلىتىڭىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلەشتۈر.
* ئەگەر سىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولاي دېسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ئوبرازىڭىزغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. مەيلى نېمە ئىشى يۈز بەرمىسۇن، تەمتىرىمەي، ھودۇقماي ناھايىتى ئاددىي ئۇسۇللار بىلەن ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشىڭىز كېرەك. ھەرقانداق قېيىن مەسىلىلەرگە كەڭ قورساقلىق ۋە تەمكىنلىك بىلەن يۈزلىنىشىڭىز كېرەك.
* ئەلۋەتتە، سىنىپتا ياكى ئىشخانىدا سىزنىڭ پىكرىڭىزگە تەتۈر مۇقام توۋلايدىغانلار چىقىشى تەبىئىي، بۇلارنى كۆڭلىڭىزدە ساقلاپ، ئاھ-پاھ دەپ ئازابلىنىپ يۈرۈشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى بۇ نورمال ھەم تەبىئىي ئەھۋال. ئەگەر خىزمەت جەھەتتىكى تەجرىبىڭىزنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبىدىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالسىڭىز، كۈچلۈكلەرنى ئۇستاز تۇتسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى ئىلىم ساھەسىدىكى كۈچلۈك كىشىلەرمۇ ئۆزىنىڭ ئەتراپىدا بىر قىسىم مېھنەتسىز پەرۋانىلەرنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇنىدىن باشقا يەنە، ئۆزىڭىز لايىق دەپ قارىغان بەزى ئۇسۇللارنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ، بۇلارنى سىناش داۋامىدا ئۆزىنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ.
* ئەگەر سىز ھەر كۈنى چۈشلۈك تاماق ۋاقتى ۋە ئىشتىن چۈشكەن ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ، خىزمەتداشلىرىڭىز ۋە سەبداشلىرىڭىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دەردىگە يەتسىڭىز، ئۆزىڭىزمۇ يەڭگىللىك ھېس قىلغاندىن سىرت، ھايات مۇساپىڭىزدە سىز ماڭىدىغان يەنە بىر كۆۋرۈك كۆپىيىدۇ.



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 5 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ،
  • يازمــا مەنبەســى: [ مەنبە: نۇر تورى ]
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 04-ئاينىڭ 06-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: relationships.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. دولقۇن731 2011.04.06 , 00:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۆزۈڭنى بىل،
    ئۆزگىنى قوي.
    قوڭۇڭنى قىس،
    يۇلۇڭغا ماڭ!
    ماۋۇنى بىر ساۋاقدىشىم دائىم دەپ تۇراتتى

  2. نۆل ۋە بىر 2011.04.06 , 17:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمسە wall-eغا ئوخشاش بولىشىمىز كىرەككەندە؟! :lol:

  3. ...كەپسىز شۇم... 2011.04.07 , 00:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ تىما بوپقويدىكەن…. تەدبىركار ئەپەندىم …. بولسا مۇشۇ دائىردىكى تىمىلانى كۆپرەك يوللاپ تۇرغان بولسىڭىز….رەھمەت!

  4. رىتا1028 2013.01.12 , 00:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توغرا ئېيتىلا تەقسىر

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif