نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

نېمىشقا نەشە چەككەن ئادەمنىڭ ھەممىسى قارىماققا ئىنتايىن ئورۇق بولىدۇ؟

ئادەتتە تۇرمۇشتا قارايدىغان بولساق، نەشە چېكىدىغان كىشىلەر چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا ئورۇق كۆرۈنىدۇ، بۇ مەسىلە بەلكىم كۆپچىلىكنىمۇ خېلى ئويلاندۇرغان بولۇشى مۇمكىن. كىچىك ۋاقتىمىزدا دائىم تېلىۋېزوردا بېرىدىغان تەربىيىۋى فىلىملەرنى كۆرگەنلەرنىڭ ئېسىدە بولسا، زەھەر چەككەنلەرنىڭ ئورۇقلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. شۇ ۋاقىتلاردا تېخى بۇ خەق بار پۇلىغا زەھەر ئېلىپ چېكىپ تاماق يېگىلى پۇلى قالماي مۇشتاق ئورۇقلاپ كەتكەن ئوخشايدۇ دېيىشەتتۇق. ھازىر ئامېرىكا ئالىملىرى بۇ ھەقتە ئاخىرى بىر قايىل قىلارلىق جاۋاپ تېپىپتۇ.

pot-smokers-are-skinnier

ئەڭ قايىل قىلارلىق كلىنكىلىق كۆز قاراشلارنىڭ بىرسى شۇكى: نەشە تېز سۈرئەتتە ئىسسىقلىق مىقدارىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ، شۇڭا كۈچ قۇۋۋەت ئۇرغۇپ بېرىپ كىشىنىڭ ئىشتىھاسى ئازلايدۇ، كاربون-سۇ بىرىكمىسى ۋە ئاقسىل بولمىسا، بەدەن تەبىئىيلا ئورۇقلاپ كىچىكلەپ كېتىدىغان گەپ. بۇ تەكشۈرۈش سىتاتسىكىسى قارىماققا بىر رېئاللىقنى ئېنىق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ: نەشە چېكىش سەمىرىپ كېتىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتەلىشى مۇمكىن(ئامېرىكىلىق خەقنىڭ تاپمايدىغان گېپى يوق جۇما؟!)

University of Nebraska ئۇنۋېرسىتى، ئاممىۋى تازىلىق ئىنىستۇتى ھەمدە Beth Israel Deaconess داۋالاش مەركىزى بىرلىكتە بۇ تەتقىقات تۈرىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇلار جەمئىي 4600 نەپەر قۇرامىغا يەتكەن كىشىنى تەكشۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 12% كىشى ئۆزىنىڭ نەشە چېكىدىغانلىقىنى ئېيتقان، 42% كىشى بولسا ئىلگىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. تەكشۈرۈشكە قاتناشقۇچىلار ھەر خىل قان قەنتى تەكشۈرۈش سىناقلىرىغا قاتناشقان، مەسىلەن: ئاچ قورساق ھالەتتىكى ئىنسۇلىن ۋە قان قەنتى مىقدارى، ئىنسۇلىن قارشىلىقى، خولېستېرىن مىقدارى ۋە بەل ئايلانمىسى قاتارلىقلار.

بۇ ئۇچۇرلارنى ئۇنۋېرسال ئانالىز قىلغاندىن كېيىن، تەتقىقات خادىملىرى ئەڭ ئاخىرىدا مۇنداق يەكۈن چىقارغان: نەشە چېكىدىغانلارنىڭ بەل ئايلانمىسى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كىچىك بولۇپ، نەشىخورلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك HDL(يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىل خولېستېرىنى) بولىدۇ، بۇ نەرسە ئىنسۇلىن سەۋىيىسىنى، شۇنداقلا ئىنسۇلىن قارشىلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ھالبۇكى بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىمىزنى كونترول قىلالايدۇ.

گەرچە بىز نەشىنىڭ بەدىنىمىزدىكى ئىنسۇلىننى قانداق ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلىقىنى بىلمىسەكمۇ، ئەمما شۇنداق ئۈنۈمى بارلىقىدا شەك يوق. شۇڭا، مانداق نەرسىدىن يىراقراق تۇرايلى، قالغىنىنى پەستىكى باللادىن ئاڭلايلى.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. غېرىپجان 2013.05.27 , 11:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يەنىلا نەشە چىكىپ باققانلار بىر نىمە دېسۇن :grin:

  2. rock 2013.05.27 , 11:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھېلىقى بىر كىنو باتتى، ئىككى ئىت ئوت كەتكەن نەشىزارلىقتا بىر نەچچە ئادەمنى قوغلاپ بولغۇچە پاڭ بولۇپ، تۆت پۇتى ئاسمانغا قاراپ قالىدىغان. ھايۋانلارنىڭ شۇنداق بولىشى راستمىدۇ؟

  3. ئايشەم نۇقتا كوم 2013.05.27 , 12:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىشقىلىپ نەشە چەككەن ئىش ياخشى ئىش ئەمەس !

  4. كامىران 2013.05.27 , 12:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھى ھى نىمىشققا ئورۇقلىقۇمنى بىلىۋالدىم دە . . . ھى ھى

  5. ۋاقتىم 2013.05.27 , 13:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىشقىلىپ بۇنداق نەرسىلەرنىڭ ئادەمگە زىيىنى بولسا باركى قەتئىي پايدىسى يوق.
    زەھەرلىك چېكىملىكلەردىن يىراق تۇرۇپ، سالامەتلىكىمىزنى ئاسرايلى!
    ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !!!

  6. پەرۋاز 2013.05.27 , 14:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نەشەچەككەن ئادەملەر ھەقىقەتەن ئورۇق بولىدۇ ، خېلى كۆپ كۆردۈم ، ئەمما ئاڭلىشىمچە چېكىپ تاشلىۋەتكەن ئادەملەر بەك سېمىرىپ كېتەمىش .

  7. كۇسەن 2013.05.27 , 19:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھى ھى ھى چىكىپ باققانلار تەسىراتىڭلارنى سۆزلەڭلار ئاڭلاپ باقايلى

  8. خۇشال 2013.05.27 , 19:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنغۇ ئەمدى نەشىكەن ، تاماكىغىمۇ يىقىن يوللىمايمەن ، بولسا مۇشۇنداق يامان ئىشلاردىن يىراق تۇرساق .
    ئۇلۇغ ئاللا ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن !!!!

  9. مەنسۇر 2013.05.27 , 21:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تېخى نەشە چەككەن «نوچى»لار دەيدۇ: نەشە چەكسە ئادەم ئۇچىدۇ دەپ، ئەمەلىيەتتە نەشە(زەھەر) چېكىپ ئۇچقانلار ئۇدۇل دەۋزاخقا چۈشىدۇ (ئاتا-ئانىسىنى قاقشىتىپ…)، شۇلانىڭمۇ كۆڭلىگە ئىنساپ بېرە ياراتقان ئىگەم.

  10. تۈركلان 2013.05.27 , 23:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ راست ئوخشىايدۇ،مىنىڭمۇ ئىككى تۇنۇشۇم بار بەك چىكىدۇ نىشىنى ھەر ئىككىلىسى بەكلا ئۇرۇق،بۇرۇن بىلىشىمچە ئۇنچە ئۇرۇق ئەمەستى ،

  11. قادىخان 2013.05.27 , 23:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نەدە ئۇچىدۇ ئاخىرى گوردا ئۇچىدىغاندۇ نەشە چىكىدىغانلا يوق ئوخشايدۇ بۇيەدە تەسىراتىنى ئاڭلاپ باقساق بولتى.

  12. ئەلشاھ 2013.05.28 , 02:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قىزىقساڭلار مەن ئەتە كومپىيوتېردىن چىققاندا تەسىراتىمنى دەپ بېرەي.
    دۆلىتىمىزدە چەكلەنگەن ئەمما شىنجاڭنىڭ بارلىق يېرىدە تاپقىلى بولىدىغان(26-ئىيۇلدىن باشقا ۋاقىتتا) نەشە ھەققىدە ئازراق بىلىپ قالارسىلەر

  13. ئوغۇل 2013.05.28 , 02:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خۇدا ساقلىسۇن شۇ نىجىسلاردىن

  14. ئەلشاھ 2013.05.28 , 14:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    22ياش. ئەر. ئېغىرلىقىم76كلوگرام.ئېگزلىكىم178سانتمېتىر. نەشە چېكىش تارىخىم3ئاي. مىقتارى: تەخمىنەن ھەپتىدە ئۈچ قېتىم.
    دوستلىرىمنىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن چېكىپ باقتم، دەسلەپ چەككەندە راستىنلا بەدەن يېنىكلەپ قان تومۇرلىرىمدا بىر نەرسە مېڭىۋاتقاندەك تۇيغۇ بولدى. خىزمەت بېسىملىرىممۇ خىيالىمدا يوق، ئۆچ تۆت سائەت خىيالى تۇيغۇدا ياشىدىم. ئىچ ئىچىمدىن بىر خىل خۇشاللىق چقىپ تۇرىدىكەن. ئۆزىچە كۈلگۈم كېلىپ تۇرىدۇ. توختىماي بىر نەرسە يېگۈم كېلىدۇ. تۇنجى تەسىراتىم ياخشى بولغاندەك قىلدى. بىر ئايدىن كېيىن:
    خىزمەت زىچلىقىم تۆۋەنلىدى. (ئادەتتە خىزمەت ۋاقتىم 12سائەتتىن ئارتۇق ئىدى)ئۈستەللىرىمدە قالايمىقان قەغەز، ئاخىپلار دۆۋىلەكلىك. سەپرا مىجەزىممۇ ئاخىرلاشقاندەك ھېس قىلدىم.
    ئىككى ئايدىن كېيىن:
    يۇقىرىقى ئىشلاردىن باشقا ئىشتىھايىم تۇتۇلۇشقا باشلىدى. كۈنلىرىم دەككە دۈككىدە ئۆتۈشكە باشلىدى. نەشە چېكىۋاتقانلىقىمنى ئۆيۈمدىكىلەرنىڭ، خىزمەتداش ۋە باشقا دوستلىرىمنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپلا يۈردۈم.بىر نەچچە قېتىم باشلىقلاردىن تەنقىد ئاڭلىدىم، نەچچە پارچە جەرىمانە تالونى تاپشۇرىۋالدىم.:mrgreen: :mrgreen:
    ئۈچ ئايدىن كېيىن:
    نەشە چېكىدىغان ئەسۋاپلارنى ئۆزۈم ياساشنى ئۆگەندىم. باشقىلاردەك ئورۇقلاپ چاندۇرۇپ قويۇشۇمدىن ئەنسىرەپ زورلاپ كۆپ تاماق يېيشنى ئۈگەندىم نەتىجىدە قورسىقىم چىقىپ قالدى. قىسقىغىنە ئۈچ ئاي ئىچىدە خىزمەت ئۈنۈمىم كۆرۈنەرلىك ئازلاپ كەتتى، ئىش خوشياقماس، ھورۇن بولۇپ قالدىم.ئۈستەللىدىمدە بىر مۇنچە ماتېرىيال، كېرەكسىزقەغەزلەرنىڭ دۆۋىلەكلىك تۇرىشى نورمال ئەھۋال بولۇپ قالدى.
    ھورۇن، لەقۋا قىپ قويىدىكەن ئادەمنى.
    تاشلىشىمدىكى سەۋەب.
    ھورۇن، لەقۋا قىپ قويىدىكەن، جەمئىيەتتىكى ئىناۋىتىڭىز چۈشۈدىكەن. تېنىڭىز بارغانسېرى ئاجىزلاشقا باشلايدىكەن. (تاماقنى ياخشى يېگەن بىلەن بەدەنگە سىڭمىسە بىكاركەن، مېنىڭمۇ قىسقىغىنە ئۈچ ئايدا قورسىقىم خېلىلا يوغىناپ قاپتىكەن…)
    ماتېريال:
    نەشە توغرىلىق ئەسلى تەپسىلى توختىلاي دەپ ئويلىغان ئەمما ئىزدە تورىدىن ئىزدەپ باقسام تورلىرىمىزدا بۇ توغرىلىق ماتېرىياللار ئاز ئەمەسكەن، شۇڭا تەپسىلى توختالمىدىم. قىزىقساڭلار ئۆزۈڭلار ئىزدەپ باقساڭلار بولىدۇ.

    ئىشقىلىپ نەشە چېكىش نورمال ئادەمنىڭ ئىشى ئەمەسكەن دېگەن نىيەتكە كېلپ نەشە چېكىدىغان بارلىق دستلىرىم بىلەن بېرىش كېلىشنى توختاتتىم. ئۆزۈممۇ توختىدىم. ھازىر بىرەر يىلچە بولۇپ قاپتۇ. دوستلىرىم تېخىچە شەيتان كەينىدە(نەسىھەت بىكاركەن بۇلارغا) يا ھۆكۈمەت كۆڭۈل بۆلمىدى. …

  15. باتۇر 2013.05.28 , 21:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن نەشە چەكمەيمەن، بىراق خېلىلا ئورۇق. تېمىنى كۆرۈپلا بىر خىل باشقىلار مېنى نەشە چېكىدىكەنسەن دېگەندەك ئۆزۈمگە ئېلىپ كەتتىم :!:

  16. يىگانە 2013.05.28 , 21:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ ئىنكاسىم ئارقىلىق سىتاتسىكا قىلىپ باقىلى. نەشە چېكىدىغانلار ئىنكاسىمدىكى مازكەننى، چەكمەيدىغانلار سازكەننى بېسىڭلار. بۇرۇن چېكىپ باققان بولساڭلارمۇ مازكەننى باسساڭلار بولىدۇ، قەتئىي چېكىپ باقمىغانلار سازكەننى بېسىڭلار:idea:

  17. ياخشى بالا 2013.06.14 , 14:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دەسلەپ چېكىپ كەيىپ بولغاندا قورساقنى بەك ئاچۇرۇپ بىرنەسە يىگىڭىز كېلىدۇ.لىكىن بېسىپ چېكىۋەگەنسىرى قورساق ئاچماسلا بوپ كېتىدۇ. شۇ 3ۋاخ تاماق يىمىسىڭىز مۇ قورسىقىڭىز ئاچماس بوپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەزىز دوسلا بۇنداق زەئىپ نەرسىنى ھەرگىز چەكمەڭلا!!!!!!!!!!!!!

  18. ئىلھام 2014.12.21 , 01:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توۋا كەندىرىم دىگەن ناخشىنى ئاڭلاۋاتسام ماۋۇ يازمىنى كۇرەپ قالسام بولدۇ ….ۋاي ۋاي ……كەندىرىم دىگەن ناخشىنى ئىزدە توردىن ئىزدەپ ئاڭلاپ باقسىڭىزلا ھەممىنى چۇشۇنسىز ئەمەسمۇ ………:mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  19. ئەردەم 2015.05.03 , 03:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھاياتلىقىنى قەدىرلەپ، زەھەردىن يىراق تۇرايلى!

  20. جىن 2015.11.24 , 14:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يېشىم 25 ياش ، بوي ئېگىزلىكىم 183 ، ئېغىرلىقىم 110 ، چېكىش مەقسىدىم ئورۇقلاش ،چېكىش تارىخىم بىر يىل
    تۇنجى چەككەندە ھىچقانداق ھىسيات يوق(يەتتە قاپاق ) ، ئىككىنچى قېتىممۇ شۇنداق (ئالتە قاپاق )،ئۈچىنجى قىتىممۇ شۇنداق (ئالتە قاپاق ) ،تۆتىنچى قىتىم كەيپنىڭ نېمىلىكىنى ئۇقتۇم ،،تۆتىنچى قېتىم ئۈچ قاپاق كەلگەن ئۇ كۈنى ،ھىچقانداق سىيات يوق نورمال پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتىم ،تۇيۇقسىز تىلىمنىڭ كالۋالىشىۋاتقىنىنى ھىس قىلدىم ،بىر گەپنى قىلالماي بىر سائەت كۈلۈپتىمەن شۇ گەپنى قىلالمىغىنىم كاللامغا كىرىۋېلىپ ،ئاغىنىلىرىم نېمىگە كۈلىسەن دىسە ،ك ك ك ك ك ك ك كك ك كك ، كەيپ !!!! دەپ شۇ بىر گەپنىلا دىيەلىدىم ،ئىككىنچى كۈنى كۈلگەنلىكىمدىن ھەتتا قورساقلىرىممۇ ئاغرىپ قوپتۇم ،شۇندىن كېيىن كۈندە ئۈچ تۆت قاپاق چىكىدىغان بوپ كەتتىم ، ئىشتەيگە كەلسەك ئادەتتىكىچە ، بەك قوساق ئاچمايدۇ ، لېكىن يەپ قالسام راۋۇرۇس يىۋىتىمەن ، ئادەتتە چېكىۋالسام ئىجادىيەت قىلىمەن ،چۈنكى مەن رەپچى ،تېكىست يازمىسام بولمايدۇ ،ناخشا تېكىستى يېزىپ ناخشا ئاڭلايدىغان بولسام ۋاھ ۋاھ ۋاھ ! بىر خىل تېتىپ كېتەتتى ،ئەمما بۇ ئىشنى قىلغانسىرى ۋاقتىمنىڭ بىكار ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم ھەم ئورۇقلاش دىگەندىن ئەسەر يوق بىر خىللام تۇردۇم ،شۇڭا تاشلىۋەتتىم ، ئەڭ ياخشىسى چەكمەڭلار !:mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量