ھېلىقىدەك رەسىملەر توپلىمى تۇنجى سان 0524 [60P]
ھېلىقىدەك رەسىملەر سەھىپىسى ئېچىلغاندىن بېرى، تورخۇمارغا يېڭىچە بىر ئاۋات كەيپىيات ئاتا قىلدى دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. بۇ سەھىپە تورداشلارنىڭ نورمال زىيارەت قىلىشىغا دەخلى قىلمىغان ئاساستا، ئۆزى مۇستەققىل ئاساستا تورداشلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان بىر سەھىپىگە ئايلاندى. شۇڭا بۇندىن كېيىن پات-پات بۇ سەھىپىدىكى رەسىملەردىن تاللاپ توپلام قىلىپ ئېلان قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.
تورداشلار بايقىغىنىدەك، ھېلىقىدەك رەسىملەر سەھىپىسىدە مەخسۇس رەسىم يوللىنىدىغان بولۇپ، رەسىملەرنى نۆۋەتتە ئۇلانما قىلىشنى قوللايدىغان ئەڭ مۇۋاپىق دۆلەت ئىچىدىكى بوشلۇق 新浪微博 ئالبومى ۋە 腾讯微博 دىن ئىبارەت. شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ئامال بار مۇشۇ بوشلۇقلاردىن ياخشى پايدىلىنىشىنى، ئۆز تەسەۋۋۇرىنى تېخىمۇ قانات يايدۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۇنىڭدىن باشقا، باش بەت يان ستوندا ھېلىقىدەك رەسىملەر سەھىپىسىدىكى ھەر بىر پارچە رەسىمنى باھالاش ۋە 新浪微博 غا ھەمبەھرلەش ئىقتىدارى بار بولۇپ، باھالاش نومۇرى كۆپ بولغان رەسىملەر، تورخۇمارنىڭ باش بەت يان ستونىغا چىقىش پۇرسىتىگە ۋە شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش شارائىتىغا ئىگە بولالايدۇ. كۆپچىلىكنىڭ رەسىم كۆرگەندە ئاۋارىچىلىق كۆرمەي باھالاپ مېڭىشىنىمۇ ئۈمىد قىلىمىز.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: رەسىم، ھېلىقىدەك رەسىم
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 59,113 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 24-كۈنى
- يازما مەنزىلى: boring-0524.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بۇ كۆزلەرنىڭ قايسى ھايۋاناتلارنىڭ كۆزى ئىكەنلىگىنى تونۇيالامسىز؟
- كېيىنكى يازما > نېمىشقا نەشە چەككەن ئادەمنىڭ ھەممىسى قارىماققا ئىنتايىن ئورۇق بولىدۇ؟
- Google دىن چىققان ئەڭ يېڭى VR رەسىم سىزىش قورالى – Tilt Brush
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- ئەينى چاغدىكى دىسنېي كارتون ئوبرازلىرىنىڭ چىراي ئىپادىسى قانداق لايىھەلەنگەن؟
- 8 تال رەسىم سىزگە بۈگۈن قانچىلىك سوغۇق بولغانلىقىنى دەپ بېرىدۇ
- باشقىلار ماشىنىسىنىڭ ئەينىكى توپا بولۇپ كەتسە قانداق قىلىدىكەن، ئوبدان كۆرۈڭ
- ھېلىقىدەك رەسىملەرگە ئىنكاس يېزىش ئىقتىدارى قوشۇلدى
- قىزلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىدىغان رەسىملىرى، يىغىپ كەلسە شۇ نەچچە خىل چىقىمىش
- ھەقىقىي مەنزىرىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ئاجايىپ قالتىس كومىك رەسىملەر
- بولدى مېنى توسىماڭلار، خەير-خوش كۆپچىلىك، مەن رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگىلى ماڭدىم!
- iPad دىن پايدىلىنىپ سىزىلغان داڭلىق ھوللىۋود چولپىنى Morgan Freeman نىڭ رەسىمى، بەك ئوخشىتىۋېتىپتۇ
پەگاما بۇ ؟ مەنمۇ بەك ياختۇرمەن مۇشۇ سەھپىنى بولدۇ مەن باھالاپ ماڭاي
تەدبىكار بۈگۈن ھېلىقىدەك رەسىملەرنىڭ جەۋھەرلىرىنى يوللىغاندەك قىلىدۇ
بۈگۈن تور خۇماردىكى بالىلار قەيەرگە كەتكەندۇ ؟
باشقا ۋاقىتتا تېما يوللىنىشى ھامان ئىنكاس يوللايتى
ھەممە رەسىمنى پرېسلاپ،چۈشۈرۈش ئادرىسىنى يوللاپ قويغان بولسا،تېخىمۇ ياخشى بولاركەن؟!
ۋېيشىندا ئۆزئارا ئەۋەتكۈدەك كىچىك ھەركەتچان قىزىقارلىق رەسىملەر بولسا پىرىسلاپ قويسىڭىز بوپتىكەن…
ئابومجاندەك تۆر خۇمارلىرى ساقلىماس بولاپ قاپتۇ دەيمىنا..
ھەقىقەتەن قىزىقارلىق ئىكەن تېخىمۇ كۆپ چىقىراسىلە!
ئەتتىگەندە تاماقمۇ يىمەي تۇرۇپ دىۋان ماراپ ئولتۇرىدىغان ، يېرىم كىچىدە خالاغا چىققاندا ئۇنتۇپ قامماي تورخۇمارنى ئېچىپ باقىدىغان ھەجەپ كۈنلەرتى ئاشۇ
دىۋاننىڭ غەلۋىسىنى تۇلا قىپمۇ تەدبىركارنى دىۋانى قانۇن چىقىرىشقا مەجبۇرلاپ قويدۇق ، ئالدىنقى قېتىم دىۋاننىڭ غەلۋىسىنى ئازراق قىپ قويسام مازكەندىن 30 نەچچىنى بىرىپتۇ ، شۇڭا غىڭ قىمماي ئولتادىمغۇ تالاشماي
مۇشۇ ھېلىقىدەك دىگەپ غەلىتىلا ئاڭلىنىدۇ ماڭا ……
قانداق ئاڭلىنىدۇ؟
ئىستىلىڭىزدا چاتاق باكەن
ئۇيغۇرچە ئاڭلىنىدۇ …… ( ھې ھې ھې )
ئىستىلىم سازتى بوممىسا ……
ھېي مۇشۇ ۋىروس تەدبىركار ئاخۇنۇملارنىڭ يازمىللىرى باشقىچە جانلىق ، ئادەتتىكى گەپلەرنى قىلىپمۇ كۈلگۈڭىزنى كەلتۈرىدۇ ، مەنمۇ ھېلىقىدەك رەسىم دىگەننى كۆرگەندە قىزىقىپ ئېچىپ باققان ، ئەگەر مۇشۇنىڭ ئورنىغا رەسىملەر دەپلا يازغان بوسا كۆرمەستىم بەلكىم .
ئالدىراش ۋاقتلاردا تورخۇماردا بىژدەم چۆگلىسە ھاردۇق چىقىدۇ جۇما ،
تورخۇمارنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئىلانلارنى بىژ چىكىۋىتەي ، ۋوي ھاجىمكو ، سىلىمۇ چىكىپ قويماملا ئېلاننى
بىرىنچى توپلام ئاخىرى ئېلان قىلىنىپتۇدە، ئىزچىل ساقلاپ كېلىۋاتاتتىم
تەدبىركارنىڭ دىۋان قانۇنىدىن مەن خەۋەرسىز قالغان ئوخشايمەن، بىلىدىغانلار دەپ بەرسەڭلار…
مەن كۇندە كۇرىمەن ھەممە رەسىملەنى كۇرەپ بۇلدۇمغۇ دەيمەن لىكىن ئالامەت رەسىملەر باكان
行尸走肉 《 تىرىك جەسەتلەر 》 دېگەن كىنونى 2022-يىلغىچە ئىشلەيدىكەن.
2022- يىلغىچە داۋاملىق ئىشلەمدىكەن ياكى ئاخىرىنى 2022- يىلى ئاندىن ئىشلەمدىكەن؟
ئەپسۇس، بۇ ھېلىقىدەك رەسىملەرنى تېلفۇندا كۆرگىلى بوممايدىكەن. تېلفۇن نۇسخىسىدا ئۇ رەسىملەر چىقمايدىكەن. ئەمەلىيەتتىغۇ بۇ iPhone دىگەن كاساپەتقۇ Flash ۋە Gif رەسىملەرنى تونۇمايدۇدە !
چاخچاق قىممىسىلا ئەركەك ئاكا ، سىلەنىڭ ئاشۇ ئايپون مىدىرىغان رەسىملەنى كۆسىتەممەمدا ؟
بىزنىڭ ما قوتا ئەنجۈرلەر پوش دىمەي كۆرسىتىدىغۇ ھەممىنى ، ئايپونلىرىغا تەكلىماكاننىڭ قۇملىرى چىرىۋاغان ئوخشايدا ، بىژ پۈدىىتىپ سىناپ باقسىلا ئەينا
بەزىلىرى ھەقىقەتەن قىزىقارلىقكەن… ئاۋازىمنى چىقىرىپ كۈلۈپ سالدىم
ئاۋۇ موگۇ چىنىڭ قىزىق ئىكەن !
تەدبىركار ئەپەندى QQ غا چىقسىڭىز مىنى قۇشۇۋالسىڭىز،سىز بىلەن كۈرۈشىدىغان ئىش بار ئىدى.QQ:69289966
ھاھاھا تازا بىر كۈلۈپتىمەن. تورخۇماردا ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن قالتىسكەن. مەن بەك ياقتۇرىمەن بۇ سەيىپىنى.
رەھمەت
ئوبامانىڭ بەك قىززىقكەن…… قېلىچ تاپانچىغا تەڭ كېلەلمەيدۇ… ھەرقانچە ھەيۋىسى بولسىمۇ…
سىلەرگە بىر گەپنى دىسەم باللا، ئاۋۇ Windows+L دىگەن رەسىمنى كۆرۈپ بۇنى باسسا قاندا بولىدىغاندۇ دەپ ئاتايىن بېسىپ باقتىم دەيمە !
قىزىق، سەت قىزىق ھە ……!
ۋاي ۋاي ئالدام خالتىغا چۈشۇپسىز دە
قانداق خالتا ئۇ ئالدام خالتا دىگەن ….. ؟
مەنغۇ خالتىغا چۈشكەندەك قىلمىغان بولمىسا…؟
ھە راست، ماۋۇ تورخۇمارنىڭ تېلفۇن نۇسخىسىدا چىراي ئىپادىسى يوق ئىنكاس گۈزەەەەەل چىقمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن Emoji نى ئىشلىتىپ سىناپ باقسام چىقماپتۇ. قارىغاندا Emoji نى تورخۇمار تونۇمايدىكەندە ……
بولسا تەدبىركار ئەپەندىم مۇمكىن بولسا مۇشۇ Emoji نىمۇ تونۇيدىغان قىلىپ قويسا يا بولمىسا ئەسلىدىكى ئىپادىلەرنى تېلفۇندىمۇ كۆرۈنىدىغان قىلىپ قويغان بولسا بوپتىكەن ……
ھاھاھا 清真 نى پارتىيە دەپ ……. قوش لوككۇلۇق ياۋا تۆگە دېگەن دەرىسنى يامان ئەمەلىي ئۆتىۋېتىپتۇ ، ئاۋۇ خەتمە تويچۇ تېخى دوپپا كىيگۈزۈپ قويغان گەپ ھاھا ھەقىقەتەن قىززىقارلىق رەسىملەركەن .
ۋىندوس بىلەن L نى مەنمۇ بېسىپ باقتىم ھې ھې ،ھېچ يۈز بەرمەيدىكەن ھە
ھەممىدىن سۈت بىلەن مۈشۈكنىڭ قىززىق تۇيۇلدى ماڭا