iPad دىن پايدىلىنىپ سىزىلغان داڭلىق ھوللىۋود چولپىنى Morgan Freeman نىڭ رەسىمى، بەك ئوخشىتىۋېتىپتۇ
دۇنيادا قابىلىيەتلىك ئادەملەر ھەقىقەتەن ئىنتايىن كۆپ. بۇ سىننى كۆرگەندىن كېيىن، رەسسامنىڭ قابىلىيىتىگە قول قويماي تۇرالمايسىز. يىقىندا ئەنگىلىيىلىك داڭلىق قىستۇرما رەسىم ئۇستىسى كىيلى لامبرىت (kyle lambert) ھوللىۋودنىڭ داڭلىق چولپىنى مورگىن فولىيماننىڭ ئوبراز رەسىمىنى iPad دىن پايدىلىنىپ سىزىپ چىقىپتۇ. iPad تە بۇ رەسىمنى سىزىپ چىقىشقا كەتكەن ۋاقىت تەخمىنەن 200 سائەت. iPad رەسىم قەلىمىنى تەخمىنەن 285 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ئىشلەتكەن، ھەتتا بۇرنىنىڭ ئۇچىدىكى پارقىراپ تۇرغان نوقتىلارمۇ ئادەمگە ھەقىقى سىزىلغان رەسىمنى ئەمەس، بەلكى تارتقان رەسىمنى ئەسلىتىدۇ. خوش قېنى، بۇ رەسىم ئۇستىسىنىڭ نادىر ئەسىرىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن باھا بېرەيلى.
iPad دىن پايدىلىنىپ سىزىلغان داڭلىق ھوللىۋود چولپىنى Morgan Freeman نىڭ رەسىمى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: iPad، رەسسام، رەسىم
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 40,628 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 05-كۈنى
- يازما مەنزىلى: morgan-freeman-ipad.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 2013-يىللىق دۆلەت جۇغراپىيەسى فوتو-سۈرەت مۇسابىقىسىدىكى نادىر تاللانمىلار
- كېيىنكى يازما > يەنە بىر تۈركۈم ئۆزگىچە يول – تاختا ئېلانلىرى(33P)
- Google دىن چىققان ئەڭ يېڭى VR رەسىم سىزىش قورالى – Tilt Brush
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- ئەينى چاغدىكى دىسنېي كارتون ئوبرازلىرىنىڭ چىراي ئىپادىسى قانداق لايىھەلەنگەن؟
- 8 تال رەسىم سىزگە بۈگۈن قانچىلىك سوغۇق بولغانلىقىنى دەپ بېرىدۇ
- باشقىلار ماشىنىسىنىڭ ئەينىكى توپا بولۇپ كەتسە قانداق قىلىدىكەن، ئوبدان كۆرۈڭ
- قىزلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىدىغان رەسىملىرى، يىغىپ كەلسە شۇ نەچچە خىل چىقىمىش
- ھەقىقىي مەنزىرىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ئاجايىپ قالتىس كومىك رەسىملەر
- بولدى مېنى توسىماڭلار، خەير-خوش كۆپچىلىك، مەن رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگىلى ماڭدىم!
- iOS 7 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى ۋە دەرسلىك(iPhone5/5s/5c/4S/iPad)
- فرانسىيەنىڭ قىزىقارلىق ئىشلەنگەن تازىلىق قەغىزى ئېلانى – Emma
ھەي راستىلا ھەيرەن قالارلىق سىزىپتۇ جېمۇ ،ئاسان ئەمەس . مۇنداق دىسەم ئوشۇق كەتمەس ھازىرمۇ كۆزلىرىگە ئىشەنمەيۋاتىمەن . قايىل بولدۇم .بىر نەرسىگە ئىشتىيق ، قىزىقىش ، سەۋىر ، ئىشەنچ مۇشۇلاردا بار ھە .
ھەقىقەتەن قالتىس رەسسامكەن،رەسسامنىڭ نۇر ۋە رەڭگە بولغان سىزىمى ھەقىقەتەن يۇقىرى ئىكەن ،خۇددى ھەقىقى تارىتقان رەسىمدەكلا سىزىۋەتتى دىسە!
مەن ئىزچىل بىر ئىشقا ھەيران مۇشۇنداق ئادەملەر ئادەتتە قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغاندۇ؟ بىر تال سىن بىلەنلا يوقاپ كېتىدۇغۇ تاڭ؟
بەزىدە ئويلاپ قالىمەن: مۇشۇنداق رەسىم سىزىدىغان سەنئەتكارلارنىڭ ئايلىق كىرىمى قانچىلىكتۇ دەپ. مۇشۇ رەسىمنى سىىزىشقا 200 سائەت سەرىپ قىلغان بولسا كۈنىگە 10 سائەت ۋاقىت چىقاردى دىگەندىمۇ 20 كۈن كېتىدىكەن، مۇشۇنداق رەسىملەرنى سىزىپ ساتامدىغاندۇ ياكى قىزىقىش ئۈچۈن سىزامدىغاندۇ؟ بىلىدىغانلار بولسا دەپ باقساڭلار.
بەزىلەر ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە سىزىدۇ، بەزىلىرىنى شىركەتلەر، مەسىلەن ئاشۇ رەسىم سىزىدىغان دىتالنى لاھىيەلىگەن شىركەتلەر، ياكى ئاشۇ رەسىم سىزغاندا ئىشلەتكەن قەلەمنى ياسىغان شىركەتلەر، ياكى ئالما شىركىتى ipad نى تەشۋىق قىلىش دىگەندەك مەقسەتتە سىزدۇرىدۇ….
بىزدىمۇ مۇشۇنداق سەۋىر ئىجداھات بولدىكەن، بىزمۇ بۇلاردىن ئېشىپ چۈشالايمىز،باشقىلار يولنى بېسىپ بولدى ،بىزنىڭ قايتىلاپ بېسىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلايمەن چۈنكى ئازراق ئۆگىنىش روھى بولسىلا ئېشىپ كىتىشكا قادىربىز.
پەچەت سىزىپ قويدىكەن لىكىن.
خەقنى يارتمايدىغان كورەمەيدىغان ئادەملىرىمىز بار ئەمەسمۇ مۇشۇنداق ئاداش سىلە رەسىم سىزىمەن دىمەي پايپىقىڭلارنى سېلىپ بارمىقىڭلارنى ساناپ ئويناڭلا
ۋاي نىم بۇ … مەنچىلكمۇ سىزاممايدىكە ھې ، ئىشىنى قىسىچۇ سىزىمە دىگۈچە
ئەمدى سەت بولسىمۇ سىزىپتۇ. سىلىدەك ئۇستىلا ئۆزىنى ئەتىۋا قىلىپ سىزمىغاندىكىن….(ھىجايغان چىراي ئىپادىسى)
سول كۆزى ئازراق چالا قاپتۇ
تالانت!!!!!!
ھەي….بىزنىڭ باشقىلارنى كۈرەلمەيدىغان كىسىمىلىمىز قاچانمۇ تۇۈگەر
سىزگە دىسەم بىزدىكى بۇ كىسەل مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ …
توردا بىر خەن بۇ كىشىنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ رەھمەتلىك ماندېلاغا تەزىيە بىلدۈرۈپ يۈرىدۇغۇ؟
قايسى ئەپنى ئىشلىتىپ سىزغاندۇ بۇنى … iphone .. ipad لاردا مۇشۇنداق رەسىم سىزىدىغان ئىسىل ئەپنىڭ ئىسىمىنى بىلىدىغانلار بارمۇ .. بىر چۇشۇرۇپ مەنمۇ سىزىپ سىناپ باقاي ..
مەنمۇ خېلە يىلاردىن بۇيان پوتىرىت ئوبرازلارنى سىزىپ كېلىۋاتمەن،لىكىن بۇ سەۋىيەگە بارمىساممۇ مەزكۇر ھىلىمدىكى شەلىكدەك ئۈنۈم ھاسىللاشنى 70% ئېلىپ بارالايمەن دەپ قارىدىم!
مەنغۇ photoshop cs&wacom دىلا سىزىپ كېلىۋاتمەن
سازكەن
ھەقىقەتەن قايىلمەن ، ئىزچىللىق ئادەمنى چوقۇم بىر نىشانغا يەتكۈزىدۇ.