iOS 7 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى ۋە دەرسلىك(iPhone5/5s/5c/4S/iPad)
iOS 7 ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالىنىڭ قاچان چىقىشى ئىزچىل توردىكى قىززىق مەسىلىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بۈگۈن ئالدىنقى قېتىملىق تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالىنى ئېلان قىلغان Evad3rs ئەترىتى ھېچقانداق ئالدىنئالا ئۇقتۇرۇش بەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا تۇيۇقسىزلا iOS 7 نى تۈرمىدىن مۇكەممەل قاچۇرۇش قورالىنى ئېلان قىلدى. تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن iOS ئىشلەتكۈچىلىرى ئۈچۈن، شەك-شۈبھىسىزكى بۇ يىل ئاخىرىدىكى ئەڭ ياخشى سوۋغىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ…
ئاۋالقىدەكلا، مەزكۇر يازمىدا تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى ھەققىدىلا توختىلىمىز.
تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا كېتىدىغان تەييارلىقلار
1. بىر دانە كومپيۇتېر: Win XP/ Windows8/Mac OSX/Win7/Vista ياكى Linux سىستېمىسى قاچىلانغان بولۇشى كېرەك
2. بىر دانە ئاللىقاچان iOS 7.0.4 رەسمىي نەشىرىگە كۆتۈرۈلگەن iOS ئۈسكۈنىسى(iPhone، iPad، iPod دېگەندەك). دىققەت: iOS 7 دىن 7.0.4 گىچە بولغان بارلىق نەشىردىكى سىستېمىلارنى تولۇق قاچۇرۇشقا بولىدۇ.
3. USB ئۇچۇر سىمى
تۈرمىدىن قېچىشتىن ئاۋال دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
1. تۈرمىدىن قېچىشتىن بۇرۇن چوقۇم iTunes ياكى iCloud ئارقىلىق ماتېرىياللىرىڭىزنى تولۇق زاپاسلىۋېلىڭ
2. تۈرمىدىن قېچىش جەريانىدا سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاڭ، باشقا ئارتۇقچە مەشغۇلات قىلىشتىن ساقلىنىڭ
3. تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن، ناۋادا يانفونغا مەخپىي نومۇر سېلىنغان بولسا ئۇنى بىكار قىلىۋېتىڭ.
4. ناۋادا مەشغۇلات جەريانىدا قېتىپ قالسا، evasi0n پروگراممىسىنى قايتا قوزغىتىڭ، يانفوننىمۇ قايتا قوزغاتسىڭىز بولىدۇ.
تۈرمىدىن قېچىشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى:
1. يازما ئاستىدىن ماس ھالدىكى تۈرمىدىن قېچىش قورالىنى چۈشۈرىمىز ۋە پرىستىن يېشىمىز
2. يېشىلگەن ھۆججەت ئىچىدىن evasi0n7 نى قوزغىتىمىز.
3. Cydia دېگەن تۈرنى تاللاپ كېيىنكى قەدەمدە باسىمىز
4. ئۈسكۈنىنىڭ ئېكرانى ئوچۇق ھالەتتە تۇرۇپ مەشغۇلاتنىڭ داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز
5. بۇداقى تۈرمىدىن قېچىشتىمۇ ئالدىنقىغا ئوخشاش، ئۈسكۈنىدە پەيدا بولغان يېڭى ئايكوننى بىر بېسىپ مەشغۇلاتنى داۋاملاشتۇرىمىز.
6. تۈرمىدىن قېچىش تامام بولدى.
يېڭىلانغان مەزمۇن:
evasi0n7 تۈرمىدىن قېچىش قورالى 1.0.1 نەشىرىگە يېڭىلاندى. مەزكۇر نەشىرىدە ئالدىنقى نەشىرىگە قارىغاندا كۆپ قىسىم خاتالىقلار تۈزىتىلگەندىن باشقا، يەنە 太极助手 چىقىرىۋېتىلگەن. ناۋادا تېخى تۈرمىدىن قاچۇرمىغان بولسىڭىز، مەزكۇر نۇسخىسىنى سىناپ بېقىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز. ناۋادا ئاللىقاچان قېچىپ بولغان بولسىڭىز، قايتا قاچسىڭىزمۇ ھېچقانداق مەسىلە يوق.
يەنە بىرسىگە، تۈرمىدىن قېچىپ بولغاندىن كېيىن Cydia غا تۇنجى قېتىم كىرگەندە، چوقۇم ئاپتوماتىك قايتا قوزغىلىشىنى ساقلاڭ، ھەرگىز قولدا چېكىنىپ بېرىدىغان ئەھۋال يۈز بەرمىسۇن.
قوشۇمچە: iPhone غا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە فونت قاچىلاش(بۇ ئۇسۇل iOS7 غىمۇ ئوخشاش ئۈنۈملۈك)
تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالىنى چۈشۈرۈش:
Windows نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار | Linux نۇسخىسى | Mac نۇسخىسى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: iOS، iPad، iPhone
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 36,433 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى
- يازما مەنزىلى: ios7-jailbreak.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > يان تېلېفون ھەققىدىكى سىز بىلمەيدىغان 8 كىچىك ساۋات
- كېيىنكى يازما > تارىخقا نەزەر: ناۋادا iPhone بولمىغان بولسا، Android نىڭ تەققى-تۇرقى قانداقراق بولار ئىدى؟
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- 2048 ئويۇنىنى ئويناۋاتامسىز؟ ياق؟! ئۇنداقتا مودىنىڭ كەينىدە قاپسىز!
- Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟
- سامسۇڭ Tizen قاتارلىق سىستېمىلار Android قا ھۇجۇم باشلىدى
بۇ بىر ياخشخ ئىش بوپتۇ لېكىن 4س دە قاچقان بولسا ياخشى بۇلاتتى
2- ئايدىن كېيىن iOS7 دىن تۆۋەن نەشىرنى قوللايدىغان ئەپلەرنىڭ ھەممىسىنى Appstore دىن چىقىرىۋىتىدىكەن دىگەن خەۋەرنى كۆرۈپ سەل نىرۋا بولۇپ قالغان ئىدىم، ئەمدى iOS7 تۈرمىدىن قاچسا خاتىرجەم يېڭىلايدىغان بولدۇق-دە.
باللا يامان-دە، گەپنىڭ ئاخىرى تۈگەپ تورخۇمارنى ئېچىپ بولۇشۇمغا بىردەمدە تېما قىلىپ يوللىۋەتكىنىنى … تېلىفۇندىمۇ تېما يوللىغىلى بولامدۇ يا تەدبىركارباي ؟
4s كىمۇ بولاۋىرە بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك توربەتتىغۇ تۆت س نىغۇ 7。0 گە كۆتۈرمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىپتۇ
مەن ئالما5 نى ئاق ئىكران قىپ قويدۇم، قەتتى ئىچىلماي تۇردۇ ، قانداق قىلسم بۇلا
تۇرمىدىن بىر قاچۇرۇپ باقاي…
ئۆپكىلىرىنى سەل بېسىۋېلىشىپ، ئالدىراپ قاچماي تۇرۇشسىلا.بۇ قېتىمقى تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالىدا دۆلەت ئىچىدە نامى چىقمىغان ئاددى بىر ئەپ سۇپىسى قۇشۇپ قويۇلغان. دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇنلىغان ئىشلەتكۈچىلەر cydia دىكى نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنى توختىماي ئىنكاس قىلىۋاتىدۇ.بۇ تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالىنىڭ سىناق نۇسخا ئىكەنلىكىنى ھەمدە نۇرغۇنلىغان كەمچىلىكلەرنىڭ بارلىقىنى تېخى باياتىن جاكارلاپتىلەر…
شۇندا توغرا گەپ بولدى مەن مۇ قېلقالدىم 4Sدىن ئايرىلىپ قاغىلى
ئالدىرمايلى بىر ئاز ئارام ئىلىۋىلىپ ئاندىن قاچايلى، ئالم شىركىتى بىلەن بىزنىڭ ئارلىقىمىز خىلى يىراق جۇما قوغلاپ كەپ بولالمايدۇ.
تىمىدىكى رەسىملەر تىلغۇندا كۈرۈنمەيدىغۇ ؟
مەندىن نەسھەت ھەرگىز تۈرمىدىن قاچمارلار مەن يامان تەستە ېەسلىگە ـەكلىۋالدىم
ئەتتىگەن ۋېيشىغا مۇنداق ئۇچۇر كەپتىغۇ؟
ﺋﺎﮔﺎﮪﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ : ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﻤﺎﯓ. ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ajrim ﺋﯘﭼﯘﺭ ﻳﻮﻟﻼﺵ 7 ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻡ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ ,ﺋﺎﻟﻤﺎ ﮪﻪﯞﻩﺳﻜﺎﺭﻻﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭ,ﺋﻪﺟﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﺳﺎﻻﻡ ﯞﻩ ﺋﺎﮔﺎﮪﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ.ﮪﻪﻗﯩﻘﻰ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﯘﺭﯗﺵ ﻗﻮﺭﺍﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﯕﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﯓ. 22-ﭼﯩﺴﻼ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﯘﺭﯗﺵ ﻗﻮﺭﺍﻟﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭘﻼ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﯘﺭﯗﺵ ﻗﻮﺭﺍﻟﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﯨﺪﻯ,ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺷﯘ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ,ﺑﯘ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﯘﺭﯗﺵ ﻗﻮﺭﺍﻟﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻧﯘﺳﺨﺎ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯨﻢ.ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﯘﺭﯗﺵ ﻗﻮﺭﺍﻟﯩﺪﺍ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻧﺎﻣﻰ ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﭖ ﺳﯘﭘﯩﺴﻰ ﻗﯘﺷﯘﭖ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ,ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﻼﺭ ﺑﯘ ﺋﻪﭖ ﺳﯘﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ 快用 ﻗﻮﺭﺍﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺷﯘﻣﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ,ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﯩﺮﻧﯩﯔ 360 ﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﯩﺮ ﺋﺎﺩﯨﺮﯨﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ,ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﭘﯩﺮﻭﮔﯩﺮﺍﻣﻤﯩﺮ ﺟﻮﯕﮕﯘ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﯘﺭﯗﺵ ﻗﻮﺭﺍﻟﯩﻐﺎ ﻣﯩﻠﯩﻴﻮﻥ ﺩﻭﻟﻼﺭ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺑﺎﮪﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ cydia ﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯞﯦﺘﯩﭗ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﭖ ﺳﯘﭘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻯ ﻗﺎﭼﯩﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻛﻼ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﻪ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﻰ ﮪﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﯘﺭﯗﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﻪ ﺋﻪﭖ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﻗﯘﺷﯘﻟﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ ﺑﯘ ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﺍ cydia ﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﻣﺎ,ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ.ﺭﻭﻟﻰ cydia ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﭘﺘﯩﻦ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ.ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻨﻼ cydia ﻻﮪﻴﯩﻠﯩﮕﯜﭼﯩﺴﻰ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﭼﯩﻼﻧﻐﺎﻥ cydia ﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﻻﮪﯩﻴﻠﯩﮕﻪﻥ cydia ﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ,ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ. ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﻼ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭ cydia ﺩﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ…… ﺋﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ iphone4S ﻗﯘﺷﯘﻟﯘﭖ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻠﻪﺭ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ 7.0.4 ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﺰﯨﯟﺍﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﭖ 7.0.4 ﺗﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﭗ ﺗﯘﻟﯘﻗﻠﯩﻤﯩﻼﺭﻧﻰ,ﻳﯘﭼﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﻣﯩﯟﯦﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ,ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﻘﺎﻧﻼﺭ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻛﻪﻟﮕﮕﻨﺪﻩ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﺎ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﺴﺎ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ,ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﺎ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻤﯩﺴﺎ ﺋﻪﭘﻠﻪﺭ,ﻗﺎﭼﯩﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﻣﯩﻼﺭ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﺪﺍ ﺩﯗﭺ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺋﯧﻨﯩﻖ,ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ﮪﻪﻣﺪﻩ 7.0.4 ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﺎ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﻗﯧﭽﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﺸﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ. Xj mac ..
مەن pp越狱 ياردەمچىسىنى ئىشلىتىپ 4 س تىلفۇننى تۈرمىدىن نورمال قاچۇردۇم. cydia مۇ ناھايىتى نورمال cydia دىن پايدىلنىپ pp助手 نىمۇ قاچلاپ باقتىم ھەممە يەر نورمال دوسلارغا pp越狱 ئارقىلىق قاچلاشنى تەۋسىيە قىلمەن.
ماڭا ياردەم قىلغان بولسڭىز بوپتىكە…چ چ نۇمۇرمنى جالڭە 1106304060
ئىككى كۈندىن ياقى توختىماي سىناۋاتىمەن،ئىككى تېلېفۇنغا كېمىدە ئون قېتىمدەك سېستىما يازغاندىمەن.تۈرمىدىن قاچۇرۇش گۇرۇپپىسىدىكىلەرمۇ يۇچۇقتىن پايدىلىنىپلا پىروگىراممىنى لاھىيلەپ، سىناپ بېقىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي تارقاتقاندەك تۇرىدۇ.تەۋسىيە يەنە 3،4 كۈن چىداپ ئاندىن قاچۇرۇڭلار،ئۇ ۋاقىتقىچە مۇكەممەللىشىپ قالغۇدەك.cydia لاھىيلىگۈچىسىمۇ يېڭى نەشىرگە ماسلاشتۇرۇشنى باشلاپتۇ.باشقا پىروگىراممىلارمۇ ئاستا-ئاستا يېڭىلىنىۋاتىدۇ…ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇش ئۈچۈن ئالما كۇلۇبىدىكى جىنايەت دىگەن بۇرادەرنىڭ يازمىسىدىن پايدىلىنىڭلار،ئەسلىدىكى خەت نۇسخىسى بەكلا ئىنچىكە چىقىۋالىدىكەن.
تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلاپ باققانلار بارمۇ؟
ئۇففففف كېسەك بولدى مانا ، ئېكراندا ئالمىنىڭ ئايكونى چىقىۋېلىپ تۇرۋاتقىلى يېرىم سائەتتىن ئاشتى ، زادىلا قوزغالمىدى ، قايتىدىن سېستىما يېزىشقا توغرا كەلدى
مەن ئەسلىگە كەلتۈرىۋالدىم…. ھەرگىز ئالدىراپ قاچۇرماڭلار…
كىم ماڭا iPhone3 gs نى قانداق تۈرمىدىن قاچۇرۇىدىغانلىقىنى ئىيتىپ بىرەلەيدۇ ! پېر ئۇستازلار تەلىم بەرگەيسىلەر !
سېستىما نەشىرى قانچە؟
سىستىما نەشىرى : 6.1.3 (10B329)
سېستىما نورمال قىلالمىساڭلا باھانە تاپماڭلار ….
پەقەتلا سىدىيا ۋە باشقا ئىقتىدارلار تېخى 7.0.X سېستىمىغا ماسلىشىپ بولالمىغان ( نەشىرى يىڭىلىنىپ بولالمىغان گەپ) مەن ئۇيغۇرچە فۇنىتمۇ تۇنۇتۇپ بولدۇم پەقەتلا خەت كىرگۈزگۈچ قاچىلاشنى سىناۋاتىمەن ،
سىستىما نەشىرىنى چۇشۇرۇپ قىچىڭ 6.1.3 نى تۇرمىدىن قاچۇرغىلى بولمايدۇ
شۇڭا زاپاسلاقلىق shshنۇمۇرى بولسا توۋەن نەشىرگە چۇشۇرۇپ ئاندىن قىچىڭ بولمىسا ئامال يوق
ھازىر ئىلان قىلىنغان 6.1.3نى مۇكەممەل تۈمىدىن قاچۇرۇش دىگەن دىتال redsn0w0.9.15b3cnغا قانداق قارايسىز؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورخۇمار ئەپەندىم ھازىر نىمكەش ئالغان ئالما تېلېفۇنلارغا قايتا سېستىما يازسا ئاكتىپلاش نومۇرى يەنى (appleid) نۇمۇر تەلەپ قىلىپ تۇرۋالىدىكەن! ئۇ نۇمۇرنى بىز بىلمىگەچكە ئالما كېسەككە ئايلىنىدىكەن.شۇڭا مۇشۇنىڭغا بىر ئامال بارمىدۇ؟؟؟
تورخۇمار ئەپەندىم ، تۆۋەندىكى ئنكاسلارغا قارىتا ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمىدىڭىز ، نۇرمال قاچامدۇ ، كام يەرلىرى تولۇقلاندىمۇ يوق .
نورمال قاچىدۇ. بۈگۈن 1.0.1 نۇسخىسى چىقتى، تېمىغىمۇ تولۇقلىما يېزىپ قويدۇم. ئىلگىرى نۇسخىسىنى ساختا دېگەن پاراڭلار ھەممىسى يالغان. تۈرمىدىن قېچىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولىدۇ. پەقەت بىر قىسىم مۇقىمسىزلىق يۈز بېرىشى مۇمكىن. يېڭى نۇسخىسىدا خېلى كۆپ قىسىم خاتالىقلار تۈزىتىلىپتۇ.
مۇۋاپپىقىيەتلىك قاچتىم ، لېكىن cydia دىن بەيدۇ ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچنى چۈشۈرسەم ، خەت نۇسقىسىنى نۇرمال ئەمەس ، كونۇپكا تاقتىسىنى قوشقىلى بولمايۋاتىدۇ ،
fake carrier مۇ نۇرمال ئەمەس .
cydia.mypospace.com/jinayet
ماۋۇ مەنبەنى قوشۇپ ئىچىدىكى كۇنۇپكا تاختىسىنى قوشۇپ سىناپ بېقىڭ، فونتمۇ تەڭ قوشۇلىدىكەن. قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن كۇنۇپكا تاختىسىدىن 加泰罗尼亚 دېگەن تىلنى قوشۇپ قويسىڭىزلا بولىدىكەن.
مەن بىلىپ – بىلمەي بىر گەپ قىلاي ، بۇ گىپىمنىڭ راستلىق نىسبىتى98%.
تەدبىركار ئەپەندىمدە چوقۇم Iphone5s بار.
ھەي قېرىنداشلىرىم! نېمىشقا ما باش سۈرەت دېگەن نېمىنى چىقىرالمايمەن…؟
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئايفۇن4 كە IOS7 نى قاچىلىسا، يەنى نەشىرىنى يۇقىرى كۆتەرسە بەك ئېغىرلاپ كېتەمىشقۇ… راسمىدۇ؟ ئېغىرلىسا قانچىلىق ئېغىرلا؟؟
ئۇنداق ئىش يوققۇ مىنىڭكىدە شۇنداق نورمال
137گىرام بىرگىراممۇ ېغىرلاپ كەتمەيدۇ
ئاق ئىكران
قېچىپ كەتتۇق
مىنىڭ ئوڭۇشلۇق قاچتى . ئالما 4
2014 嗨皮牛耶 !
ipad airنى مۇۋاپىقىيەتلىك قاچۇرۋالدىم لىكىن قىستۇرماقاچىلىسام ئىجرابولمايۋاتىدۇ.
زادى تۈرمىدىن قاچايمۇ قاچمايمۇ؟… كېسەك بوپ قالسا قانداق قىلارمەن؟ ئايفون ئىشلىتىۋاتقىلىغۇ 24 سائەتمۇ بولمىدى تېخى… بىرەر ئەپمۇ قاچىلاپ باقمىدىم.
ھە راس مەن ئىشلىتىۋاتقىنى ئايفون4س كەن IOS7 گە كۆتۈرۈلگەنكەن، ھېچ ئېغىرلاش يوققۇ؟؟
ئەسالام ئۇستازلا6.1.3سىستما تۇر مېدېن قاچۇر دېىخان سېستما زادىى بامۇيوقمۇ
با قېرىندىشىم. مەن سىناپ باقتىم نۇرمالكەن.
http://xjmac.com/mac/forum.php?mod=viewthread&tid=6142
ئايغۇننىڭ قوزغالغاندىكى ئالمىنىڭ رەسىمنى رەڭگىنى قانداق ئۆزگەرتىمىز تىلغۇننى تۇرمىدىم قاچۇرغان نەشىرى7.02
太极7نى نەدىن چۇشۇرىمىز؟
Failed during injecting evasi0n app(2/2).Please rerun the program and try again. بولۋالسا قانداق قىلىمىز؟
ئۇففففف كېسەك بولدى مانا ، ئېكراندا ئالمىنىڭ ئايكونى چىقىۋېلىپ تۇرۋاتقىلى يېرىم سائەتتىن ئاشتى ، زادىلا قوزغالمىدى .
kiydiaنى ئۇيغۇرچۇغا تەرجىمە قلغىلى بولامدىغاندۇ مىنىڭ دىگىنىم ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش