تارىخقا نەزەر: ناۋادا iPhone بولمىغان بولسا، Android نىڭ تەققى-تۇرقى قانداقراق بولار ئىدى؟
بۈگۈنكى كۈندە، بىرىنچى ئەۋلاد Android تەقلىدچىسىگە قارايدىغان بولساق، ئېنىقلا NOKIA E61/E71 نىڭ ئۆزگەرتىلمە نۇسقىسى ئىكەنلىگىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. شۇنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەسكى، ناۋادا 2007-يىلى Steve Jobs بىرىنچى ئەۋلاد iPhone نى ئېلان قىلمىغان بولساق، ئەتىمالىم Android نىڭ ھالىتى مۇشۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
Google ئىلگىرى بۇ توغرىسىدا توختىلىپ، iPhone ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇنلا Android نىڭ ئېچىش خىزمىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ھەقىقەتەن راست ئىش. Android ئاتىسى، Andy Rubin بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن، يەنى 2003-يىلى 10-ئايدا Android Inc. شىركىتىنى قۇرغان، 2005-يىلى 8-ئايغا كەلگەندە Google بۇ شىركەتنى قوشۇۋالدى. Andy Rubin بولسا Google نىڭ Android بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىقىغا تەيىنلەندى. Google تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان چاغدا، Andy پەقەت بىر يۈرۈش كۆچمە ئۈسكۈنىگە ماس كېلىدىغان Linux يادروسىنى تاماملىغان بولۇپ، Google غا كەلگەندىن كېيىن، ئۇ مەخسۇس تەقلىدكۈچكە مەسئۇل Dan Bornstein نى ئىزدەپ تاپتى، Dan Bornstein كېيىنكى Dalvik تەقلىدچىسىنى ئېچىشقا مەسئۇل بولدى. 2006-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، Android نىڭ ئاساسلىق مودىلى پۈتۈپ بولغان ئىدى. بىراق تۆۋەندىكى رەسىمدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 2007-يىلى 1-ئايدا Steve Jobs ئىنقىلاب خاراكتېرلىك iPhone نى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، Google نىڭ نەزىرىدىكى ئەقلىيفون يەنىلا E71 نىڭ ھالىتىدە ئىدى.
گەرچە iPhone ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنمۇ، Google تېخى سەزمە ئېكران ئېلىپ كەلگەن ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئىشلەتكۈچى تەسىراتىنى تېخى ھېس قىلمىغان ئىدى. iPhone ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن Google تاراتقۇلارغا مەسخىرە ئارىلاش مۇنداق دېدى: كىشىلەر ھەرگىز كۇنۇپكا تاختىسىمۇ يوق بىر يانفونغا ئېھتىياجلىق بولمايدۇ. Google بىلەن HTC ھەمكارلىشىپ چىقارغان بىرىنچى ئەۋلاد ھەقىقىي تۈردىكى Android يانفونى HTC G1 نىڭ ھېلىھەم كۇنۇپكا تاختىسى بار ئىدى.
ئەمما iPhone نىڭ مودا بولۇشىغا ئەگىشىپ، Google ئاخىرى ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ھېس قىلدى. HTC G2 ئېلان قىلىنغاندا، كۇنۇپكا تاختىسى ئېلىۋېتىلدى. ئەلۋەتتە، بۇ ئىشتا خىجىل بولىدىغان يالغۇز Google لا ئەمەس. Moto مۇ ئىلگىرى كۇنۇپكا تاختىسىنى ئېلىۋەتمەسلىكتە چىڭ تۇرغان ئىدى، Milestone يانفونىنىڭمۇ سېتىلىشى خېلى ياخشى بولدى، خېلى بىر مەزگىلگىچە، Moto ئىزچىل: كۇنۇپكا تاختىسى قوشۇلغاندىلا ئاندىن يانفون يانفونغا ئوخشايدۇ – دەپ قارىدى. بىراق بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كۆپچىلىك ھەممەيلەن نېمىنىڭ يۈزلىنىش ئىكەنلىگىنى ھېس قىلدى: تېخىمۇ چوڭ ئېكران، تېخىمۇ نېپىز گەۋدە. ئارتۇقچە قوشۇپ قويۇلغان كۇنۇپكا تاختىسى پەقەت ئاز ساندىكى بىر قىسىم خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايتى.
ئەمەلىيەتتە، iPhone مۇ سەزمە ئېكرانلىق يانفوننىڭ ئىجادچىسى ئەمەس. ئالدىنقى ئەسىردىلا نۇرغۇن PDA ئۈسكۈنلىرى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بىراق ئۇلارنىڭ ئېكرانى ھەممىسى ئېلىكتر قارشىلىق ئىدى، مەشغۇلات قىلغاندا بولسا، چەكمە قەلەم ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىناتتى.
چەكمە قەلەم دائىم يۈتۈپ كەتكەچكە، بۇ كارخانىلار ھەممىسى دېگۈدەك مەھسۇلاتنىڭ قېپىغا يەنە زاپاس چەكمە قەلەم قوشۇپ قوياتتى. مىكروسوفت بۇ ساھەدە خېلى يىللار تىرىشتى، ئەينى چاغدا بۇ ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن Windows CE مەشغۇلات سىستېمىسىنى چىقاردى. كېيىن يەنە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ Windows Mobile نى بازارغا سالدى(بۇ دەل ھازىرقى Windows Phone نىڭ ئانىسى). ئەڭ دەسلەپتە مىكروسوفت بۇ ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن قويغان ئىسىم – Pocket PC دىن كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس، مىكروسوفت ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ PC ساھەسىدىكى ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇردى، يەنى ئەقلىيفون دېگەن كىچىكلىتىلگەن PC دەپ قارىدى. Windows CE بولسۇن، ياكى Windows Mobile بولسۇن، ھەممىسى كىچىكلىتىلگەن Windows ئىدى. «مائۇسنى چېكىش» چەكمە قەلەمنى چېكىشكە، «مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىش» چەكمە قەلەمنى چېكىپ ئۇزۇن تۇرۇشقا ئالماشقان ئىدى، ئىلگىرى بۇ يانفونلارنى ئىشلىتىپ باققانلارنىڭ ئېسىدە بولۇشى مۇمكىن، ئېكراندىكى كۆزنەكنى تاقاش ئۈچۈن X بەلگىسىنى بېسىشقىمۇ خېلى كۈچ كېتەتتى.
شۇنى جەزملەشتۈرەلەيمىزكى، iPhone نىڭ بىر قانچە يادرولۇق ئېلىمېنتى – سەزمە ئېكرانلىق مەشغۇلات، ئەقلىي مەشغۇلات سىستېمىسى ھېچقايسىسى Apple نىڭ شەخسى ئىجادىيىتى ئەمەس. بىراق ئاۋارىچىلىق كۆرمەي 2007-يىلىدىكى تۇنجى ئەۋلاد iPhone نىڭ ئېلان قىلىنىش مۇراسىمىنى ئەسلەپ باقايلى.
Steve Jobs ئاۋال ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاۋال ئىلگىرىكى «ئاتالمىش» ئەقلىيفونلارنىڭ يېتەرسىزلىكلىرى ھەققىدە توختىلىدۇ، ئاندىن iPhone بۇ توغرىسىدىكى يېڭىلىقلىرىنى تىلغا ئالىدۇ. ھەقىقەتەن، ھەر بىر تېخنىكا ھېچقايسىسى Apple نىڭ ئەمەس، ئەممە بۇلارنى قانداق قىلىپ بىرىكتۈرۈپ ئەڭ ياخشى ئىشلەتكۈچى تەسىراتى ئېلىپ كېلىش، بۇ دەل Apple نىڭ پەخرلىنىدىغان ئىشىدۇر. نۇرغۇن ئادەم تېخنىكىدىكى ئازراق يېڭىلىقنىلا كۆرۈپ شۇ تەرەپكە ئېغىپ كېتىدۇ، ئەممە شۇ سەۋەپتىن پۈتكۈل ئىشلەتكۈچى تەسىراتىغا ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشكە سەل قارايدۇ. شۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، Jobs ھەم ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ تۆھپىسى بولمىغىنىدا، بۈگۈنكى كۈندە بەلكىم بىزنىڭ ئىشلەتكىنىمىز تېخىچە E71 غا ئوخشاش يانفونلار بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Android، Apple، Google، iPhone
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,338 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 01-ئاينىڭ 03-كۈنى
- يازما مەنزىلى: android-copy-iphone.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > iOS 7 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى ۋە دەرسلىك(iPhone5/5s/5c/4S/iPad)
- كېيىنكى يازما > iPhone بىزگە زادى نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟
- Google دىن چىققان ئەڭ يېڭى VR رەسىم سىزىش قورالى – Tilt Brush
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- ئالمىنىڭ يېڭى MacBook سى چىقىپتۇ، يامان سەتەڭ دەيدۇ
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
دېمىسىمۇ ئالما ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن يانفۇن تەرەققىياتى تېخىمۇ تېزلىشىپ كەتتى…
خازىر كىشىلەرنىڭ ئىسىتىمال سەۋىيىسى ئىشىپ بۇرۇنكى كىچىك ئىكىراننىڭ تېلفۇنلارنىڭ ئورنىغا خازىرقى چوڭ ئىكىرانلىق تىلفۇنلار ئالدى بۇندىن كىيىن خاتىرە كومپىيۇتىرنى كۇتۇرۇپ يۇرۇپ سوزلىشىدىغان ئىشلارمۇ ئالدىمىزغا كەپ قىلىشى مومكىن جۇما
مەنمۇ دەسلىۋىدە ئاندروئىد تېلىفۇنلىرىنىڭ htc g2 نى ئىشلەتكەن ئىدىم ھۇزۇرى باشقىچە بولىدىكەن..ئەمما ئالمىنىڭ يېڭىلىقىغا قول قويىمەن
تاختا كومپىيوتىرنى كۆتۈرۈپ سۆزلىشىدىغان ئىشلار ئاللىقاچان پەيدا بولۇپ بولدى تۇرمۇشىمىزدا، ئاڭلىسام باتارىيەسى بىر ئاي يېتەرمىش (چاقچاق ماۋۇ ھە )، دىمىسىمۇ تاختا كومپىيوتىر بىلەن ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇننىڭ پەرقى پەقەتلا بىر SIM كارتا ئوقۇيدىغان ئۆزەك كامچىلدەك ، ئەگەر iPad كە تېلفۇن ئۇرىدىغان ئۆزەكنى قوشىۋەتسە ئەھۋالدا قانداق ئۆزگىرىش بۇلار…
ئۇچاغدا ئەيفۇن ئۆلىدۇ شۇ ..
مۇشۇ سىتىۋ جوبىسقا ئالاھىدە ھۆرمىىم بار مىنىڭ،
جوبىسنىڭ بالدۇر كەتكىنىگە ئىچىم بەكلا پۇشىدۇ،ئەگەر ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى بولمىغان بولسا ھازىرقى زامان تەرەققىياتىمۇ ئاستا بولغان بۇلاتتى دەپ ئويلايمەن.
ئىلخەتكە بىر قاراپ قويسلا غوجام سىلى بىلەن ئالاقىلاشقىلى بولمىدى
جوبىس ئەسلى ئۇيغۇر كەنتۇق
ھەممىڭلا خاتالاش تىڭلا
مەن يا ###تايچە يا ئېنگىلىزچە بىلمەيمەن،‹‹شېت›› دىگەن گەپنىڭ تازا ياخشى گەپ ئەمەسلىكىنى باشقىلاردىن ئاڭلىغان ، لىكىن مەن خاتا ئاڭلىۋالدىممۇ بىلمىدىم ، ما رەمەتلىك تازا قىززىق سۆزلەپ كىلىۋىتىپ ‹‹شېت›› دەۋەتتى ، يەنە دىققەت قىلسام نەق شۇ ‹‹شېت›› دىگەن گەپنىڭ ئالدى كەينىمۇ ###تايچىغا تەرجىمە قىلىنماپتۇ ، شۇ چاغدا رەمەتلىك نىمە دىگەن بولغىيدى
《shit شېت》دېگەنلىك «ئاناڭنى، ئۆلمىگۇر، نىجازەت» دېگەن گەپ. ئامېركىلىقلارنىڭ بىر ئىشقا ئاچچىقى كەلگەندە سۆزلەپ قۇيىدىغان گېپە بۇ.