ئالمىنىڭ يېڭى MacBook سى چىقىپتۇ، يامان سەتەڭ دەيدۇ
ئالما شىركىتى تېخى ھېلىلا 12 ديۇملۇق يېڭى macbook نى ئېلان قىلدى، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ھازىرغا قەدەر ئەڭ نېپىز ۋە يېنىك MacBook ئىكەن، 900 گرام ئېغىرلىق….
بايۋەتچىلەر ئالتۇنرەڭ نۇسخىسى يېقىندىن قارىغاندا مۇشۇنداق كۆرۈنىدىكەن.
پەقەت بىرلا سىرتقى ئېغىزى بار ئىكەن! ھەممىسى سولدىكى مۇشۇ USB-C غا مۇقىملاشتۇرۇلۇپتۇ، توك قاچىلاش، بارماقدېسكا چېتىش، سىرتتىن سىن ئۇلاش دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردىكەن، ماز يېرى، باشقا نۇسخىدىكى سىملار بۇ ئېغىزغا ئىشلىمەيدىكەن.
يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئېكران، ئىشقىلىپ بۇ ئوقەتكە بىر قاراپ كۆنۈپ قالسىڭىز، ئادەتتىكى ئېكرانغا قارىغۇڭىز كەلمەيدۇ.
پۈتۈن كۇنۇپكا، كۇنۇپكا قانچىلىك كەڭرى بولسا، MacBook مۇ شۇنچىلىك كەڭرىپ بارىدۇ، ئازراقمۇ ئارتۇق ئەمەس.
بۇ قېتىم MacBook يەنە شامالدۇرغۇچنى سۆكۈپلا ئېلىۋېتىپتۇ، ئاۋازى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ تىنجىغاندىن باشقا، يەنە بىر قىسىم ئاقسالارنىڭ MacBook قا Windows قاچىلاپ ئوينايدىغان يولىنى پۈتۈنلەي ئېتىپ تاشلاپتۇ( سوۋۇتىدىغان ئوقەت بولمىسا Windows پارتىلىتىۋېتىدۇ بۇ MacBook نى)
باتارىيەسى قالتىسكەن، ئىلگىرىكىدىن 35% ئارتۇق ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولۇپ، 9 سائەتكە يېتىدىكەن.
ئەمما بۇ قېتىملىق MacBook نىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى يەنىلا ئۇنىڭ گۈزەللىكىدە بولسا كېرەك، بۇنچە چىرايلىق نەرسىنى تىزىپ قويسىمۇ بىر ھوزۇردە
باھاسى 9288 سومدىن باشلىنىدىكەن، ئۈچ خىل رەڭدىن خالىغاننى تاللايدىكەنمىز.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Apple، macbook، يانكومپيۇتېر
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 22,583 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2015-يىلى 03-ئاينىڭ 11-كۈنى
- يازما مەنزىلى: the-new-macbook.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- كېيىنكى يازما > iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- تارىخقا نەزەر: ناۋادا iPhone بولمىغان بولسا، Android نىڭ تەققى-تۇرقى قانداقراق بولار ئىدى؟
- Apple ھەققىدىكى سىز بىلمەيدىغان 10 كىچىك ئىش
- 13 يىلدىن بېرى، Apple تۇنجى قېتىم كوكا-كولادىن ئېشىپ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ماركىغا ئايلاندى
- ئالمىنىڭ تىجارەت تاكتىكىسى – iPhone 5C ھەرگىزمۇ ئەرزان باھالىق ئايفون ئەمەس
- سىز كۆرۈۋاتقان iOS 7 تېخى پۈتمىگەن بىر چالا مەھسۇلات | iOS 7 يوقاتقان شۇ نەرسىلەر ھەققىدە بىر قىسىم كۆز قاراشلار
- پۈتۈنلەي يېڭىچە لايىھەلەنگەن iOS 7 Beta نۇسخىسى ئېلان قىلىندى
- ئون مىڭ تال iPhone5 ئارقىلىق دومىنو قارتىسى ئويناش؟ چەتئەللىكلەر بىلىپ-بىلمەي بىزنىڭ كوممۇنىزىمغا كىرىپ قالغان چىراي
- ئالما ئىمپىرىيەسىدىكى سىز بىلمەيدىغان بىر قىسىم ئىشلار
- فانتازىيەلىك فىلىم «يانفونلار ئۇرۇشى» – Apple ۋە Android ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش، زادى كىم ئاخىرقى BOSS بولالايدۇ؟!
بارا-بارا تېلفون ،قول كومپىيوتېر،تاختا كومپىيوتىرلار قەغەزدەك نىپىزلىشىپ كىتەمدۇ نىمە؟
بوپ قالدىكەنغۇ ، ئەمدى ئېلان قىپتۇدە بۇنى ، نەچچە ھەپتە بۇرۇن ئالمىدا ئىشلەيدىغان بىر ئاغىنەم ئىشلىتىپ باق دەپ بىرنى ئەۋەتىپتىكەن بۇنىڭدىن بىرنى …… ئامما لىكىن 18kئالتۇندىن ياسالغان128000 كويلۇق سائىتى iWatch Edition ھەقىقەتەن ئۆتتۈردىكەن ئەدەمنى، ھەپتە بولدى ئىشلەتكىلى ، نەچچە مىڭ ئەپ باركەن ھازىرچە ، ئەپ سەل ئازكە دەپ پىكىر بەسەم خاپومماي ئىشلىتىپ تۇساڭ دەپ ئىلخەت قايتۇرۇپتۇ ، بىكارلىق نەسە بوغاندىكىن بوپتۇ دىدىمغۇ باللا
ھە راس ھېچكىمگە تىنمايدىغان بىر گەپ بار ئىدى ، يات ئەدەم بوممىغاندىكىن تىنىۋىتەي بولدى … iCarنى ياساپ خېلى بىر يەگە ئاپىرىپتۇ ، چاغاننىڭ ئالدىدا iCarنىڭ ئىچكى سىناق دوكلاتىنى ھەم نەچچە ئونتال رەسىمىنى ئەۋەتىپتىكەن ، ۋاقىت چىقىرىپ ھېلقىدەك رەسىمگە چىقىرىپ قۇياي قىزىققانلا شۇيەدىنلا كۆرۈڭلا …بۇمۇ توكلۇق ماشنىكەن ، باتارىيەسە 800كىلومىتىرغا قوقماي يىتىدىكەن ، قىززىق يىرى نىم ئويلايدۇ بۇلا ، iCarنىڭ رۇلىنى ئۈچ بۈرجەك ياساپ قۇيۇپتۇ ، توۋا ……
ما ئابۇمجان سۇزلەپ قالغان چىغى باللا پارچە پۇل بۇلسا تاشلاپ ئۇتەپ كىتىڭلارا سادىغان كىتەيلە ما ئابۇمجاننى بىر كۇرسىتىپ كىللىك
ئاستىدىكى سىن چىقماپتۇ،كۆك رەڭلىك بىرقوچاق لا چىقىپتۇ
كاساپەت ، بىر كۆرۇپ ياخشى كۆرۇش دەپ مۇشىنى دەيمىز.ئادەمنىڭ ئىچى ھەجەپ قىززىدا…
ھەي …
لىكىن ماڭا جىددى لازىم ئوقاتكەنتۇق بۇ…
نىپىز بولغىنغا ،چىدامچانلىقى قانداقراقتۇ؟
ئالما 6 ئالمەن دەپ خېلى پۇل خەجلىدىم ئەمد ماۋۇنى ئالغىم كىلۋاتىدۇ
ۋاھ نىمانچە نىپىز…
ما جۇگگۇ پۇلدا 900سۇملارغا بەسە ئىپ تاشلاپ قۇيدىغان كاساپەتكەنتۇك ئەمما …………………. 9300 بىزدەك نامىراتلاردىن چىقمايدۇ ‹ ئەمما ياردەم قىلىپ ئىپ بىردىغانلار بۇلسا دۇسلۇق سۇغىسى سۇپىتىدە قۇبۇل قىلىمەن جۇمۇ
ھەرھالدا ماڭىمۇ يارىدى بۇ كاساپەت… بارغانسىرى ئەپچىل، قولايلىق ھەم سۈپەتلىك – ياساۋاتىدۇ جۇما بۇ ئوقەتنى، ھەجەپ بىر ياقتۇرۇپ قالدىم دىسە ئۆزەمچە…
ھەقىقەتەن سۈپەتلىك ،چىرايلىق چىقىپتۇ بۇ .سەپلىمىسىمۇ يۇقۇرىدەك قىلىدۇ تازا .بۇ كومپىيۇتېر ۋىندوۋس مۇھىتىدا مەشغۇلات قىلمامدىكەن ؟سېستىمىسى باشقا چىقامدىكىن بۇنىڭ ؟
ئۈستىدىكى سىننى نۇرمال كۆرەلمىگەنلە بۇ يەردىن كۆرۈڭلا
http://detail.zol.com.cn/398/397644/video.shtml
ipad ari نىڭ 12 دىيۇلۇق چۆڭ ئېكرانلىقى چىقىدىكەن دەپ شۇنىڭغا ئىئشتەي ساخلاپ ئۆلتۇرغان ئىدىم . ئەمدى ماۋۇ MacBook چىقىپتۇ . بۇمۇ بەك پىچەتتەك قىلىدۇ . ماۋۇ MacBook بىلەن ipad ari نىڭ قانداق پەرقى باردۇ … ؟ قارىسام MacBook نىڭ پەقەتلەم كۆنۇپكا تاختىسى ئارتۇقدەكلام بىلىندى . يىنە قانداق باشقا ئالاھىدىلىكلىرى باردۇ .. ؟
بىرسى تاختا كومپىيۇتېر ، بىرسى خاتىرە كومپىيۇتېر
ئاھ تەڭرىم
ئاھ پۇل ، پۇل بولسا بىر كىلو ئالما ئېلىپ يەپ كەتسەم ، يەپ كەتسەم …