پۈتۈنلەي يېڭىچە لايىھەلەنگەن iOS 7 Beta نۇسخىسى ئېلان قىلىندى

2013-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 11 دە، ئالما شىركىتى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان ئاچقۇچىلار يىغىنى WWDC ئېچىلدى. يىغىندا Apple شىركىتىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرىدىن، Mac Pro، MacBook Air، OS X قاتارلىقلار ئېلان قىلىندى. شۇنداقلا، كۆپچىلىكنى ئەڭ قىززىقتۇرىدىغان ۋە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يېڭى يانفون مەشغۇلات سىستېمىسى – iOS 7 رەسمىي ئېلان قىلىندى!

iOS7

يىغىندا، ئالما شىركىتىنىڭ CEO سى Cook، بۇ قېتىمقى iOS 7 نىڭ يېڭىلىنىشى iOS سىستېمىسى 2007-يىلى ئېلان قىلىنغاندىن بېرىقى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق يېڭىلىنىش ئىكەنلىگىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. iOS 7 بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ياپىلاق، ئايكونلىرى پۈتۈنلەي يېڭىدىن لايىھەلەنگەن، نۇرغۇن مەشغۇلات ۋە ئىقتىدارلار قوشۇلغان بولۇپ، رەڭ ئۇسلۇبى جەھەتتىنمۇ يېڭىچە ئەندىزە قوللىنىلغان.

پۈتۈنلەي يېڭىچە لايىھەلەنگەن iOS 7 مېنى خېلىلا رازى قىلدى، ۋە ئەتراپىمدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ياقتۇرمىغانلىقىنىمۇ ئاڭلىدىم. قېنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشتىن بۇرۇن، ئاۋال iOS 7 تونۇشتۇرۇلغان سىننى بىر كۆرۈپ باقايلى.

شۇنداق. سىز Video دا كۆرگەندەك، iOS 7 دىكى ئۆزگىرىشلەر خېلىلا كۆپ. بىز نۇقتىلىق قىلىپ بىر قانچىنى سۆزلەپ باقايلى.

پۈتۈنلەي يېڭىچە كۆرۈنمە يۈز(UI)

LY0Hk91

iOS 7 پۈتۈنلەي يېڭىچە كۆرۈنمە يۈز ئىشلەتكەن بولۇپ، تېلىفون ئۇرۇش، ھاۋارايى، كالېندار، قىسقا ئۇچۇر قاتارلىق بارلىق ئەسلى تەمىنلەنگەن ئىقتىدارلار قايتىدىن لايىھەلەنگەن. ئومۇمىي كۆرۈنمە يۈز ياپىلاقلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تېخىمۇ ئاددى ۋە مودا تۈسىگە ئىگە.

ئۇنىڭدىن باشقا پۈتۈنلەي يېڭىچە ئېكران قۇلۇپىنى ئېچىش، 3D ئېكران ئۈنۈمى قاتارلىقلار قوشۇلغان. ئۇقتۇرۇش مەركىزىمۇ يېڭىدىن لايىھەلەنگەن. ئىلگىرى پەقەت تۈرمىدىن قاچۇرۇپ، Cydia دىن لازىملىق قىستۇرمىلارنى قاچىلاش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان بىر قىسىم ئىقتىدارلار، مەسىلەن، تورسىز ھالەت، Wifi، كۆكچىش، قولچىراق قاتارلىقلار ئېكراننى ئاستىدىن ئۈستىگە سىيرىغاندا چىقىدىغان كونترول مەركىزى شەكلىدە مۇقىملاشتۇرىۋېتىلگەن.

syKgQn

ئىلگىرى ھەرخىل ئەپلەرنى قاچىلاش ئارقىلىق رەسىملەرگە ھەرخىل ئۈنۈملەرنى بېرىدىغان فىلتىرلەر، بۇدا يانفوننىڭ ئۆزىدىكى كامېراغا قوشۇۋېتىلگەن. ئالبوم ئىقتىدارىمۇ پۈتۈنلەي يېڭىدىن لايىھەلەنگەن بولۇپ، رەسىملەرنى ۋاقىت بويىچە ۋە ئورۇن بويىچە رەتلەش ئىقتىدارى قوشۇلغان.

iOchZU

تېلىفوننىڭ ئۆزىدىكى ھاۋارايىنى كۆرسىتىدىغان ئەپ تېخىمۇ جانلىق ۋە كۆركەملەشتۈرۈلگەن، ھاۋارايى ئۈنۈملىرى پۈتۈنلەي ھەرىكەتچان بولۇپ، كىشىگە تېخىمۇ بىۋاستە تۇيغۇ بېرىدۇ.

InF0P9

قىسقا ئۇچۇر يېزىش كۆرۈنمە يۈزىمۇ قايتىدىن لايىھەلەنگەن.

4fyfBW

Siri نىڭ كۆرۈنمە يۈزىمۇ قايتىدىن لايىھەلەنگەن، ئاۋازىغىمۇ ئەرنىڭ ئاۋازى قوشۇلغان بولۇپ، خالىغانچە تاللاپ ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.

gLp65H

Safari نىڭ ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن بولۇپ، Tab ئىقتىدارى قوشۇلغان.

ACnWWE

بارلىق ئەپلەرنى پەسكە چۈشۈرۈپ خالىغانچە ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولۇپ، ۋەزىپە باشقۇرۇش سۇپىسىمۇ پۈتۈنلەي يېڭىچە لايىھەلەنگەن. بۇرۇنقىدەك HOME كۇنۇپكىسىنى ئىككى بېسىپ، ۋەزىپە ستونىدىكى ئايكوننى بېسىپ تۇرغاندىن كېيىن چىققان تاقاش بەلگىسىنى بېسىپ تاقايدىغان مەشغۇلات ئۇسۇلىغا پۈتۈنلەي خاتىمە بېرىلگەن. ھازىر HOME كۇنۇپكىسىنى ئىككى باسقاندىن كېيىن، نۆۋەتتە ئىجرا بولىۋاتقان بارلىق ئەپلەر كۆرۈنمە يۈز ھالەتتە ئېكراننىڭ ئوتتۇرىسىدا چىقىپ تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ ئەپلەر ئوتتۇرىسىدا خالىغانچە ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، ناۋادا خالىغان ئەپنى تاقىۋەتمەكچى بولساق، شۇ ئەپنى تۇتۇپ ئېكراننىڭ ئۈستىگە سىيرىۋەتسەكلا بولىدىكەن.

002790205

ئالبوم ئىقتىدارىدىن بىر كۆرۈنۈش

jOJWQ7

كامېرا ئىقتىدارىدىن بىر كۆرۈنۈش

z743A9

تېلىفون دەپتىرى، FaceTime، ھېسابلىغۇچ قاتارلىقلاردىن بىر كۆرۈنۈش

pNIYi1

ئۇنىڭدىن باشقا، Find my iPhone(ئايفوننى ئىزدەپ تېپىش) ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن بولۇپ، ناۋادا تېلىفون يۈتۈپ كەتكەن بولسا، تېپىۋالغان كىشى Find my iPhone نى تاقىۋېتىشكە ئۇرۇنسا، ئۇنداقتا تېلىفوننى قايتا ئاكتىپلاشقا ئامالسىز قالىدىكەن.

iOS 7 Beta ئاچقۇچىلار نۇسخىسى:

نۆۋەتتە، iOS 7 تېخى سىناق ھالەتتە بولۇپ، تۆنۈگۈندىن باشلاپ ئاچقۇچىلارغا چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگەن. ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە 9-ئايدا چۈشۈرۈشكە تەمىنلىنىدىكەن. لېكىن شۇنداقتىمۇ، توردا ئاچقۇچىلار نەشىرىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى يەنىلا ئاشكارىلانغان. بۇ نەشىرىنى خالىغانچە قاچىلاشقا بولىدىغان بولۇپ، ئالما پروگرامما ئېچىش ھېسابات نومۇرى بولمىسىمۇ بولىدىكەن، ئىشلەتكەندىن كېيىن، ئىلگىرىكى iOS 6 نى قايتا يېڭىلاشقىمۇ بولىدىكەن. پېقىر تەدبىركارمۇ بىرىنچى ۋاقىتتا چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆرۈپ باقتىم، ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن بەكلا كۆپ. ئەگەر قىززىققۇچىلار بولسا ئاستىدىكى چۈشۈرۈش ئادرېسىدىن چۈشۈرۈپ سىناپ باقسا بولىدۇ.

دىققەت: تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان ھالەتتىكى iOS بولسا، بۇ نەشىرىنى يېڭىلاشقا ماس كەلمەيدۇ. تۈرمىدىن قاچۇرغانلار ئاۋال ئەڭ يېڭى iOS 6.1.4 گە يېڭىلاپ ئاندىن بۇ نەشىرىنى يېڭىلىيالايسىز. ناۋادا تۈرمىنىڭ ئىچىدە بولسىڭىز، ئۇنداقتا خالىغانچە سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.

iOS 7 Beta ئاچقۇچىلار نەشىرىنى چۈشۈرۈش:

  1. iPhone 5 ئۈچۈن(A1429، تېلىگراف، كۆچمە، بىرلەشمە، شىياڭگاڭ، سىنگاپور نەشىردىكى ھەممىسى بولىدۇ، ئامېرىكا ۋە كانادا نەشىرىدىن باشقا)
  2. iPhone 5 ئۈچۈن(A1428، پەقەت ئامېرىكا ۋە كانادا نەشىرىگە ماس كېلىدۇ)
  3. iPhone 4S ئۈچۈن
  4. iPhone 4 GSM ئۈچۈن

باشقا نەشىرلىرىنى قالدۇرۇپ ئولتۇرمىدىم، نۆۋەتتە iPad نۇسخىسى بارمۇ يوق بىلمەيمەن، لازىملىقلار ئىزدەپ باقساڭلار بولىدۇ.

يېڭىلاش ئۇسۇلى:

iTunes قا iPhone نى چېتىپ، بارلىق ئۇچۇرلارنى بىر قېتىم زاپاسلىۋالغاندىن كېيىن، Shift كۇنۇپكىسى بىلەن قوشۇپ، 检查更新(دىققەت، 检查更新 نى، 恢复 نى ئەمەس) نى باسىمىز، چىققان كۆزنەكتىن توردىن چۈشۈرگەن ماس ھالدىكى iOS 7 سىستېما بولىقىنى تاللاپ بەرسەكلا بولدى.

خۇلاسە:

ئومۇمەن ئېيتقاندا، iOS 7 نى مەن خېلى ياقتۇردۇم. ئىنقىلاب قىلغۇچىلار ھامان بەزىبىر قارشىلىقلارغا ئۇچرايدىغىنى راست، iOS 7 مۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئېنىقلا بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنى ياقتۇرماسلىقى، كۆنەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىز كۆرىۋاتقان بۇ iOS 7 ھەرگىزمۇ ھەقىقىي iOS 7 ئەمەس، ھەقىقىي نەشىرى ئېلان قىلىنىشقا يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت بار، رەسمى قولغا چىققاندا، ئىشلىتىپ كۆنگەندە، ئاندىن بەزى ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ نېمىشقا شۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز مۇمكىن. iPhone 4S، 5 لەر يېڭى چىققاندىمۇ ھەممىمىز تىللاپ چىققان، ئەمما كېيىن قولغا چىققاندىن كېيىن قانداقلىقىنى بىلگەن، بەلكىم iOS 7 مۇ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. izdan 2013.06.11 , 16:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسى ۋە كىرگۈزگۈچ قوشۇلمىغىنى ئوبدان بولماپتۇ.

  2. خىيال 2013.06.11 , 17:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دەھشەت يېڭىچە بوپتۇ، تەدبىركار مەن بۇنى چۈشۈرگەندىن كېيىن يەنە بۇرۇنقى نۇسخىغا نەشىر چۈشۈرمەكچى بولسام مۇمكىن بولامدىكەن؟

  3. ئاۋاتار 2013.06.11 , 17:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن جۇمۇ ماۋۇ 3 بولۈان

  4. beginner 2013.06.11 , 17:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەزى يەرلىرىنى كۆرۈپ Google Glass نىڭ uiسىنى كۆرگەندەك بولدۇم…
    ئانچە ياقمىدى.:smile:

  5. ajayip 2013.06.11 , 18:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توۋا، ئەنجۈر ياپىلاق ئۇسلۇب تەرەپكە قاراپ تەرەققى قىلسا زەڭلىق قىلدىڭلار. ۋىندوۋس ياپىلاق قىلسا تىللىدىڭلار. ئەمدى ئالما ياپىلاق قىلسا ياقاڭلارنى چىشلەپ ھەيران قېپسىلەر. ئالمىچىلار دەششەت يەكلىمە خۇسۇسىيەتكە ئىگە جۇمۇ.

    • سەرسان 2013.06.11 , 18:02

      سىز قانداق تېلىفون ئىشلىتىسىز(ياقتۇرىسىز)؟

    • خىيال 2013.06.11 , 18:18

      ئالما ئاشۇنداق قىلىپ قويىدىكەن شۇ، باشقىلىرى ئۇنداق قىلىپ قويالمىغاندىكىن ئامال قانچە….:evil:

  6. خىيال 2013.06.11 , 18:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مېنىڭ ئەڭ يېڭى iTunes، لېكىن 6.1.4 دەپ چىقىۋاتىدىغۇ؟

    • خىيال 2013.06.11 , 19:04

      تۈرمىدىن قاچقانلا شۇ 6.1.4 كە كۆتۈرۈپ قاچىلايدۇ مۇندا:mrgreen:

  7. ھەۋەسكار 2013.06.11 , 18:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن پۈتۈنلەي ياقتۇردۇم. لىكىن ئېكران بىر خىل ئىغىرلىشىپ قالغاندەكلا بىلىنىپ كىتىۋاتىدۇ ماڭا .

  8. بەخــتىم 2013.06.11 , 18:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ يىڭىلاپ بولدۇم、ماڭا يارىدى…

  9. razzak 2013.06.11 , 18:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئالدىرماي كوتۇرەي , باكا ماڭا ياقماي قالسا يەنە پەسكە چۇشىمەن دەپ ئاۋارە بولغۇدەكمەن

  10. كۆك كەپتەر 2013.06.11 , 19:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇيغۇرچېنىڭ قىتىلمىغانلىقى كۆڭلۈمنى بەكلا يىرىم قىلدى. :cry:

  11. xilas 2013.06.11 , 19:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسلى مىكروسوفت ئالدىن كۆرەرمۇ قانداق ، ھەممىلا نەرسە يالپاقلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىپ كىتىۋاتىدۇ دىسە .

  12. Mr. President 2013.06.11 , 20:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماڭا ئاۋۇ كۆرۈنۈشلىرى بەك يېقىپ كەتتى، ھازىرلا يېڭىلىماقچىمەن!

  13. موللاخۇن 2013.06.11 , 21:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەجەپ پەيزىكە ماڭا بەك يارىدى ، iphone4 s 6.13 نىمۇ كۈتۈرگىلى ھەم قايتۇرغىلى بۇلامدىكە !:mrgreen::se::se:

  14. مۇھەممەد 2013.06.11 , 21:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋۇ بەدبەخلەر ئۇيغۇر تىلىنى قوشىۋەتسە بوممامتى دەيمە،

  15. موللاخۇن 2013.06.11 , 21:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چۈشۈرۈش سۈىتى نىمانداق ئاستا ، 37ksدىن زادىلا ئاشمىىدىغۇ ؟

  16. ئۇقۇغۇچى 2013.06.11 , 21:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يىڭلىقلار كۆپكەن
    ?R u sure this is not Android
    :mrgreen:

    • ئەركە 2013.06.11 , 23:35

      Yeah, im sure. This is not Android . but some like to Android … So so … پەقەتلا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ شۇ ئازراق.

    • خىيال 2013.06.12 , 17:32

      ھىسسىيات پەقەتلا ئوخشىمايدىكەن، بىر چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقسىڭىز ھېس قىلىسىز،بەك ئالاھىدە، بەك سۈزۈك….

  17. سەھرالىق 2013.06.11 , 22:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەزىرەت بىلەن ئىككىڭلار ئادەمنىڭ يۈرىكىگە ئوت ياقتىڭلار جۇما…خەپ مەنمۇ بىر يېڭىلاپ باقمىسام!

  18. abdurexit 2013.06.11 , 22:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇيغۇرچە قېتىلمىغان بولسا مەن بەك ئۈمىدسىزلەندىم. مەنغۇ تۈرمىدىن قاچقۇچە نەشىر كۆتۈرمەيمەن. ئەگەر بۇنىڭغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلۇپ كەتكەن بولسا دەرھال نەشىر كۆتۈرەتتىم، ئەمدى ئالدىرىمايمەن، مەن ئايفوندا ئۇيغۇرچە يېزىققا بەكلا مۇھتاج.

    • خىيال 2013.06.12 , 17:33

      قارلۇق شىركىتىنىڭ خاتىرەم دىتالى نورمال ئىشلەيدىكەن، ئۇيغۇرچىدا چورتلا سەۋەب يوق…

  19. مەپتۇن 2013.06.11 , 22:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ سىستېما ئاندرويىدقا بارغانسېرى يېقىنلىشىپ، تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىپتۇ.:razz:
    قايىل بولمايدىغانلار بولسا ئىسپاتلىرىم تولۇق.

  20. ئەركە 2013.06.11 , 23:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ بەكلا ياقتۇردۇم، قاچىلاشنى باشلايمە ئەمدى.
    ئاندرويدقا ئوخشاپ قېلىۋاتقانلىقى ئېنىق. لېكىم ئۇ يەنىلا iOS 7 ئەمەسمۇ.
    ئەپسۇس، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ يوقكەن. بەلكىم كىيىنكى ئۇششاق نەشىر يېڭىلاشلاردا قوشۇلۇپمۇ قالار.

  21. سەھرالىق 2013.06.12 , 00:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قېنى مەنمۇ بىر سىناپ باقاي لىكىن ياقمىسا قانداق قايتۇرمىز كەينىگە

    • ئابدۇرېشىت 2013.06.12 , 02:32

      نەشىر قايتۇرۇش شۇنداق ئاددىي. ناۋادا iOS7 گە كۈنەلمىگەن بولسىڭىز ئايفوننى كومپيۇتېرغا ئۇلاپ iTunes نى قوزغىتىپ Shift بىلەن قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ 6.1.4 (ئەگەر ئايفون 5 تىن تۆۋەن ئۈسكۈنە بولسا 6،1.3) نەشىر بۇلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ.

  22. نۇرئەلى 2013.06.12 , 05:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مېنىڭ تىلفۇنۇمنى تۈرمىدىن قاچۇرمىغان قانداق قاچۇرىدۇ بۇ يىڭى چىققان نەشىرىنى قانداق قاچىلايدۇ. تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغانلار بارمۇ..

    • خىيال 2013.06.12 , 17:35

      تۈرمىدىن قاچۇرۇش تولىمۇ ئاددىي، بۇ توغرىسىدا پاسىبان كۇلۇبىنى زىيارەت قىلىپ بېقىڭ… www.pasiban.com

  23. موللاخۇن 2013.06.12 , 08:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كىچىچە ئولتۇرۇپ ئاران دىگەندە چۈشۈرسەم ،يېڭلانمىدى ،تىلفۇنۇم iphone4s 6.1.3 نەشىرى ئىدى ،错误 此时无法更新iphone,因为软件更新服务器不可连接或暂不可用. ئەمدى قانداق قىلىش كىرە ك؟:cry::cry::cry::cry:

    • خىيال 2013.06.12 , 17:36

      ئاۋۋال 6.1.4 كە نەشىر كۆتۈرۈڭ، ئاندىن توردىن چۈشۈرگەن iOS7 نى چۈشۈرۈپ، Shift+检查更新 نى بېسىپ، چۈشۈرگەن ھۆججەتنى كۆرسىتىپ بېرىڭ…

  24. موللاخۇن 2013.06.12 , 09:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئورگان تەرەپنىڭ مۇلازىمىتىرى بۇزلۇپ قالغانمىدۇ ياكى مۇلازىمىترغا قارايدىغان ھىتىم ئۇخلاپ قالغانمىدۇ ، ئەتتىگەندە ئەجەپ كەيپىمنى ئۇچۇردى :twisted::twisted::twisted:

  25. سالام 2013.06.12 , 10:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ياقتۇردۇم، لېكىن ئۈندىدار ۋە باشقا ئەپلەردە مەلۇم خاتالىقىلار كۆرۈلگەلچكە ۋاقتىنچە نەشىرىنى iOS 6.1.3 كە چۈشۈرۋەتتىم … :arrow:

    • ئفژگم 2013.06.12 , 17:21

      سىز قانداق ئاكتىپلىىدىڭىز مەن ئاڭتىپلاش باسقۇچىغا كەلگەندە ئالما پىراگىملار دپ خەت چىقىۋالدى پەقەت ئاڭتىپلانمىدى

    • خىيال 2013.06.12 , 17:37

      توغرا راست ئۈندىداردا دوستلۇق چەمبىرىكىگە رەسىم يوللىغىلى بولمايدىكەن ھازىرچە… ۋاقىپلانغايسىلەر، مەنچە بۇ ئۈندىدارنىڭ مەسىلىسى…

  26. ئەنىشتە 2013.06.12 , 12:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالمىچىلار(ئامۋايچىلار ) دىگەندەكلەرگە ماختىنىدىغان پۇرسەت كەپتۇ بىر…..

  27. ئادەم 2013.06.12 , 17:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭ پەقەت ئاكتىپلانمىدى

  28. دىلخۇش 2013.06.12 , 21:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نەشىرىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن سانلىق مەلۇماتلارنى زاپاسلىۋالدىم ، ئاندىن نەشىرىنىمۇ كۆتۈرگەنمۇ بولدۇم … بىراق زاپاسلىۋالغان سانلىق مەلۇماتلارنى يىڭى نەشىرىگە ياندۇرسام بۇندىن بۇرۇن بار بولغان يۇمشاق دىتاللارنىڭ ھەممىسى يوقاپ كەتتىيا … مەن بىرەر باسقۇچنى خاتا قىلدىممۇ ياكى راستىنلا يوقاپ كىتىشى نورمالمۇ … ؟ نۇرغۇن يۇمشاق دىتاللىرىم بارتى ، قاچانلارنى چۈشۈرۈپ بولارمەن … :cry:

  29. ئاتامان 2013.06.13 , 09:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاكتىپلىغىلى بولمايۋاتىدۇ، قانداق قىلىمىز ؟ ياردەم قىلىڭلار قېرىنداشلار !!!

  30. نەۋقىران 2013.06.13 , 09:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىلخۇش دىتاللىرىڭىز 7گە ماس كەلمەپتۇ بۇيىڭى ئەمەسمۇ ،ھەماڭا يارىغىنى ھاۋارايى بولدى iphone4sئەمەلدىن قالىدىكەن دىگەن كالۋالارنىڭئاغزىغا ئۇرغۇمكىلىۋاتىدۇ سىلەنىڭچۇ دوسلار مەن تىخىiphone4sبۇ يىل ئالغان تۇسام ئابومجون ئىدىش سىلى ئەنجۈر يەۋەلىما

  31. مېھمان 2013.06.13 , 11:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن قانداقلا قىلسام 6.1.3 گە كۈتىرەلمىدىم .ئەسلىدە 6.1.0 نىڭ تۈرمىدىن قاچقان نۇسخىسى ئىدى، تىلفۇندا 还原出厂设置 مۇ بولمىدى،،恢复 Shift+检查更新 مۇ بولمىدى ،قانداق قىلىش كىرەكتۇ؟

  32. boss 2013.06.13 , 11:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    kandah kil sam ios7 ni quxu ralay man maga dap bagan bolsag laكىرەكkandah kilix

  33. V 2013.06.13 , 14:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاڭلىشىمچە سىن بەلگىللىرى تازا باشقىلارنىڭ كۆڭلگە ياقماپتىمىش. ماڭىمۇ ياقمىدى. مەنچە ھەرقانداق بىر سېستىمىنىڭ سىرىتقى كۆرۈنىشى كۆركەم بولمىسا باشقىلار ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدۇ جۇمۇ.

  34. كۆك كەپتەر 2013.06.13 , 19:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالىپاينىڭ بۈگۈن يېڭىلانغان ئايفون نۇسقىسى، ios7 نىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى ئىشلىتىپتۇ.

  35. خىيال 2013.06.13 , 22:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يولداشلار مەن بىر ئىككى كۈن سىناق ئىشلەتتىم، ھازىرچە بايقىغان مەسىلىلىرىم:
    1. ئۈندىدار قاتارلىق بىر قىسىم ئەپلەرنىڭ تېخى بۇ نۇسخىغا ماسلىشىدىغان نەشىرلىرى ئېلان قىلىنمىغاچقا، يەنىلا ئىشلىتىشتە بەك قولايسىز؛
    2. يانفۇننى قىزىتىۋىتىش قىلمىشى سادىر بولدى؛
    3. توكنى ئاچ قالغان بۆرە ئولجا يېگەندەك يەپ كېتىدىكەن؛
    4. ئەپلەر ئىجرا بولغاندا ياكى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرغاندا، قاتلاملىق دېكراتسىيە ئىشلىتىلگەن بولغاچقا، يان تەرەپلىرى سەل – پەل ئويناپ كېتىدىكەن؛
    5. سۈرئەت جەھەتتە پۇتلىشىش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت؛
    6. ئۆزىدە بار بولغان بەزى كونۇپكىلىرىنىڭ ئىشلىشى بەزى ياخشى ئەمەس، بۇ بەلكىم سۈرئەت جەھەتتىن پۇتلاشقانلىقتىن ئېكران تولۇق سەزگۈرلۈك ئىنكاسىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن سەۋەب بولىشى مۇمكىن؛
    7. سىمسىز تورغا ئۇلىنىشى ئانچە نورمال ئەمەس، ئۇلىنىۋالسا چاتاق يوق، لېكىن يېڭىدىن تاپماقچى بولغاندا سېگىنال قوبۇل قىلىشى سەل تەس؛
    يەكۈن: سېستىما گۈزەللىك ۋە قولايلاشتۇرۇش جەھەتتىن، تارىختا ئۆتكەن ھەرقانداق بىر يانفۇن سىستېمىسىدىن گۈزەل ۋە قۇلايلىق، ئىشلەتكەندە ئادەمگە باشقىچىلا تۇيغۇ ئاتا قىلىدىكەن، لېكىن سىستېما تېخى تولۇق نەشىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، سۈرئەت ۋە سەزگۈرلۈك، ماسلىشىشچانلىق جەھەتلەردە دېگەندەك ئەمەس.
    كۆپچىلىكنىڭ بىر چۈشۈرۈپ سىناپ كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، تولۇق نەشىرى بولمىغانلىقنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سىستېمىدىن ھەقىقەتەن رازى بولىسىز. تولىمۇ سۈزۈك…
    ماختىسام بەك جىق، شۇڭا مەسىلىلەرنى ئاۋۋال ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتۈم. ناۋادا دېگەندەك 9-ئايدا بۇ سىستېمىنىڭ تولۇق نۇسخىسى ۋە ئەپلەرنىڭ بۇ سىستېمىغا ماس نۇسخىسى چىققان ۋاقىتتا، باشقىچىلا تەسىراتتا ئىشلىتىشىپ كېتىشىمىز مۇمكىن، مەن بۇنىڭغا مۇتلەق ئىشىنىمەن… ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن، چۈشەنمىگەن جاي بولسا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇڭ…

    • تورخۇمار 2013.06.13 , 22:56

      تور سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك تېزدەك بىلىندى ماڭا. لېكىن تېخى تولۇق پۈتمەپتۇ ھەقىقەتەن

    • خىيال 2013.06.13 , 23:08

      تور سۈرئىتىدە مەسىلە يوق، مەسىلە دەل يېڭى سىمسىز تورغا ئۇلانغان ۋاقىتتا كۆرۈلىدىكەن، ئاندىن سىمسىز تورنى بۇرۇنقى سىستېمىغا قارىغاندا يېقىنراق جاندا تۇرمىسا ئۈزۈلۈپ كېتىش ئېھتىمالى بولىۋاتىدۇ… iPhone5 تىكى سىناق.

    • خىيال 2013.06.13 , 23:11

      تەدبىركار سىز كۆنۈپ قالدىڭىزمۇ ياكى ئازىراق بىر يېرى بارمۇ؟ مەن شۇ كونۇپكا تاختىسىنىڭ سان يازىدىغان يېرىگە كۆنەلمەيۋاتىمەن. baidu كىرگۈزگۈچىدەك قىلىدىغان ئامال يوقمۇ؟

    • تورخۇمار 2013.06.13 , 23:59

      مەن ئازراق ئىشلىتىپ بىرەر قۇر سىناپ بولغاندىن كېيىن 6 گە چۈشىۋالغان. سىستېما ئومۇمىي جەھەتتىن مېنى رازى قىلدى، لېكىن شۇ تېخى تولۇق پۈتمەپتۇ. رازى قىلمىغان يەرلىرىنى بىر تېما قىلىپ قويايمىكىن دەپ ئويلاۋاتىمەن.

  36. خۇشخۇي 2013.06.14 , 02:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سىلەرنىڭ يىڭىلىنىپتۇ دىگەن ئاۋۇ ھاۋارايى،ھىساپلىغۇچ دىگەنلەر قولۇمدىكى 小米2S تېلفۇننىڭكى بىلەن ئوشاشكەنغۇ، راسلا ئاندىرويىتقا ئوخشاپ قاپتۇ:grin::???:

  37. ئەممار 2013.07.16 , 08:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ipad mini نىڭ تىخى چىقمىدىما:sad::sad:

  38. باخادىر 2013.07.24 , 15:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماڭا كومپاس بىلەن ئۇنئالغۇ ئەجەپ ئەزىدى.

  39. ئىپتىخار 2014.02.28 , 11:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بوپ قويدۇ ئىشقلىپ جۇما ……………ياخشى

  40. سەبرا 2015.04.04 , 20:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەندە 4s باردى .سىغىمى تۇشۇپ قاپتكە .بارلىق نەرسىلەرنى يۇيۋاتساما سىغى يانىلا تۇشۇق دەيدۇ .قانداق قىلسا بولىدۇ ياردەم قىلساڭلە

باھا بېتى: 1 2
         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量