كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
ئۆتكەندە بىز بەزى كىشىلەرنىڭ دوخۇپكىدا ئالما iPhone6 يانفونىنى ‹ كاۋاپ› قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغانىدۇق، يەنە بەزى كىشىلەر ئالما iPhone يانفونىنى ئوتتا كۆيدۈرۈپمۇ باققانىدى، ھازىر يېڭى زېنلاندىيىلىك Henry Hargreaves ئىسىملىك فوتوگراف بولسا كاللىسىغا غەلىتە ئوي كېلىپ قالغاندىن كېيىن، ئالما مەھسۇلاتلىرى مەستانىلىرى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان ئايپەد تاختا كومپىيوتېرى، ئايفون يانفونى قاتارلىق ئالما مەھسۇلاتلىرىنى مايغا سېلىپ ‹ قورۇپ› باققان، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ياغدىن قورۇلغاندىن كېيىنكى ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ، تاشقى قېپى كۆيۈپ كەتكەن بولۇپ، ئىچكى قىسمى بولسا ‹ يەنىلا يۇمشاق› ئىدى. سەنئەتكارلارنىڭ ھەر بىر ئىشى چوقۇم مەقسەتلىك ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ يەردىكى ‹ مەقسەت› دەل ئۆزلىرىنىڭ سەنئەت قىلمىشىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئىدى. Henry Hargreaves ئىسىملىك بۇ فوتوگراف ئۆزىنىڭ بۇ خىل قىلمىشى ئارقىلىق ھازىرقى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ خۇددى تېز تاماقخانىلاردىكى ‹ئەخلەت يېمەكلىك› لارگە ئوخشاش تېز سۈرئەتتە ئېستىمال قىلىنىۋاتقانلىقىنى مەسخىرە قىلىپ ئىپادىلىمەكچى بولغان بولۇپ، شۇ ئارقىلىق يەنە كىشىلەرنىڭ ناھايىتى تېزلا يېڭى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىغا بېرىلىپ، كونا نۇسخىدىكى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىشىنى قامچىلىماقچى بولغان.
ئەلۋەتتە، بۇنچىۋالا كۆپ ئالما مەھسۇلاتلىرىنى ياغقا سېلىپ ‹ قورۇۋېتىش› ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىچىنى سەل ئاچچىق قىلىپ قويىدۇ ئەلۋەتتە، لېكىن سىزنىڭ ئەنسىرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى Henry ‹ مايدا قورۇش› ئۈچۈن ئىشلەتكەن بۇ ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي ئالما مەھسۇلاتى بولماستىن بەلكى سۇلياۋدىن يۇقىرى دەرىجىدە تەقلىد قىلىپ ياسالغان بۇيۇملار ئىدى. بۇ خىل بۇيۇملارنىڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىغا چىدامچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاسانلىقچە خەتەر پەيدا قىلمايتتى. تۆۋەندە بىز ‹ مايدا قورۇلغان› ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ قانداق بولۇپ قالىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
رەسىملەرنى كۆرۈپ ھەقىچان PS دەپ قالدىڭىز. ئەمىلىيەتتە، راستلا ئايفوننى قازاندا قورۇپ باققانلار بار، ئىشەنمىسىڭىز تۆۋەندىكى سىنغا قاراڭ.
iPhone 6 نى قازاندا قورۇش
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: iPhone
- يازمــا مەنبەســى: نۇر تورى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 18,861 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
- يازما مەنزىلى: fried-iphone.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > «چوشقا-قوي»نىڭ سىرى
- كېيىنكى يازما > چاترىقىغا تېلىۋېزورنى قىستۇرۇپ ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن ئايال
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟
- iPhone بىزگە زادى نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟
- تارىخقا نەزەر: ناۋادا iPhone بولمىغان بولسا، Android نىڭ تەققى-تۇرقى قانداقراق بولار ئىدى؟
- iOS 7 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى ۋە دەرسلىك(iPhone5/5s/5c/4S/iPad)
بۇلار ئۈچۈن بۇنچىلىك ئىش كىچىك ئىشقۇ !
ئاستىدىكى سىن بولىدىكەن ئەمما ئانچە ياخشى قورامماپتۇ
مىشە دىۋان مىشقۇ
:twisted:ئەستاغپىرۇللا شەيتان بۇ نىمىش دەيتمەن بۇلارنىڭ ئايفۇن قورۇش مودا بوپكەتمىسلا مەيلىغۇ تىخى››››دىۋان جىما غوجىۇرۇم
كاساپەتلە ما بىزلە كۇپەي تىلغۇنمۇ ئالاماۋاتساق ماۋۇلار ئالما 6نى پىشرۇپ يىگلى تۇرۇپتۇ ئەمەسمۇ ؟ ئاجايىپ خەق دە لىكلىن تەپەككۇرى بەك كەڭ ….
ئۈستىدىكى ئۈچ ئەزىز جان خانلار ، دىۋانغا ئامراق بوسىلىرىمۇ ئاستا قاراپ قويۇپ ئاندىن گەپ قىلىشالا دىۋان بىر ،
قورۇپ يېگۈچى تېز يوللانمىدىن ماڭا سەپ بەگەن بوسا ئويناپ بولۇپ ئۆزۈم قورۇپ بېرىتتىم ئەمەسما
قوقماي قورۇپتۇ ، پارتىلاپ كىتىشىدىن قوقماي
مەنمۇ پارتىلاپ كىتەمكىن دىسەم پارتىلمىدى ..باشتىلام ئەسكەرتىپتىغۇ ئۇخشىتىپ ياسالغان يالغان تىلفۇننى سالدى دەپ ……
ئىشقىلىپ قىلمايدىغان ئىشى يوق خەخلەكەن بۇ. …. نۇرغۇن كىشىلەر باردۇ قورۇپ يەيدىغان كۆكتاتقا زار بولىۋاتقان، پاكىز ئىچىمىلىك سۇغا تەشنا بولۇپ لەۋلىرى چاك-چاك يېرىلغان…..
ئەمما بۇلار جوڭگو پۇلىدا 6000 ئاقچا ئەتراپىدىكى بىر ئىلغار ئالاقىلىشىش، كۆڭۈل ئېچىش، ئىشەكتەك ئىشلەپ تاپقان پۇلنى خورۇتۇشتىن باشقا ھېچبىر رولى بولمىغان نەپىس مىتالنى قورۇپ يۈرگەن….
بۇ خەقنىڭ تۇرمىشى كاپالەتكە ئىگە بولغاندىكىن ئۆزى خالىغان ئىشنى قىلدىكەن كاللىسغا نىم كەلسە شۇنى قىلدىكەن ..ئەمما ھەۋەس قىلىپ قالمەن جۇما مۇشۇ خەققە بەزدە …ما بىز چۇ ياقا يۇرۇتتا پول تاپمىز دەپ پاتاڭنى چىقرىپ ئىشلىگىلى خىلى يىللار بولدى ..يانا قايلىسا مۇشۇ تور خۇمارغا خۇما بوپ قىلىپ ۋاڭبادىن چىقماي ئۇلتىرمىز … مىنڭمۇ تۇرمۇشۇم كاپالەتكە ئىگە بولغان بولسا ئىدى بۇچاققىچە ئىلھام دىگەن ئىسمىمنىڭ كەينىگە ئالىم ،ئىنجىنىر .دوكتۇر ،دىگەندەك ئىسىملار قىتلاتتى …يانا سۇزلىسەم ئاغزىم بوزلۇپ كەتكۇدەك …..
有钱就是这么任性 دېگەن شۇدە ….
بۇلار ئۇنى قىلىپ بۇنى قىلىپ ئالما شىركىتىگە ھەقسىز ئىلان ئىشلەپ بىرىدىكەن