iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
iPhone 6 توغرىلىق پاراڭلار توردا ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۈزۈلمەي تۇرىدۇ. بۇ خەۋەرلەر ئىچىدە بىر قەدەر كەڭرى تارقالغانلىرىدىن، بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرى ئالما شىركىتى ئىككى دانە يېڭى iPhone ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىرى iPhone 6، يەنە بىرى iPhone Air ئىكەن. ئىشقىلىپ چوڭ ئېكرانلىق iPhone نىڭ چىقىدىغىنى ئاساسەن مۇقىملىشىپ قالغان ئوخشايدۇ.
iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: iPhone
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 15,504 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 07-ئاينىڭ 04-كۈنى
- يازما مەنزىلى: iphone6-concept-video.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- كېيىنكى يازما > iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟
- iPhone بىزگە زادى نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟
- تارىخقا نەزەر: ناۋادا iPhone بولمىغان بولسا، Android نىڭ تەققى-تۇرقى قانداقراق بولار ئىدى؟
- iOS 7 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى ۋە دەرسلىك(iPhone5/5s/5c/4S/iPad)
چوڭ چىقارسا ئالمىنىڭ خاسلىقى بۇزۇلۇپ كېتەرمۇ؟‹
ئالمىچىلار باشقا چوڭ ئېكرانلىق تېلىفۇنلارنى ياراتمايتى. قولغا پاتمايدۇ. بىر قولدا مەشغۇلات قىلغىلى بولمايتى دەپ. ئەمدى نىمە بانا تاپار..
مۇشۇ فىلىمنى كۆرۈپ راست مۇشۇنداق ياسايدىكەن دەپ سۆزلەپ كېتىدىغان ، بۇ دىگەن ھەۋەسكارلار ئىشلىگەن فىلىم ھەقىقىي ئالما بۇ دەرىجىدە چىقمايدۇ دىسە ئۇنىمايدىغان ، كىيىن ۋاقتى كىلىپ ھەقىقىي ئالما ئېلان قىلىنغاندا بەزدەك گۆشىرىپ تۇرىدىغان جاھىل ئادەملەر سىلەرنىڭ ئەتىراپىڭلاردىمۇ بارمۇ ؟
ھەئە بار .. .. بەك خوشۇم يوق ئاشۇنداق بىلەرمەن گۇيلار بىلەن
مىنىڭ ئەتراپىمدا بەك كۆپ ئۇنداقلار.
ئالامەتكەن جۇمۇ. مۇشۇنداق لايھەلەر كۆپلەپ چىقىپ تۇرسا كېيىنچە بۇمۇ ئەمەلگە ئېشىپ قالا.
ھەددىدىن زىيادە مۇبالىغە قىلىۋىتىپتۇ
«ئالما ئېلان قىلىنغاندا بەزدەك گۆشىرىپ تۇرىدىغان جاھىل ئادەملەر سىلەرنىڭ ئەتىراپىڭلاردىمۇ بارمۇ ؟:
با با با
مىنىڭ بىر كاج ئاغىنەم دەل ئاشۇنداق.
ئەگەر بۇ قىتىم ئالما6 تىنى 3 تىن مۇداپىيە قىلىپ ئىشلەپ قالسا مەن ئالما ئىشلىتىشنى ئويلىشپ باقىمەن …
« كېسەك » نىڭ ئۆزىلىغۇ ئۇ . بۇ قېتىم Galaxy S4 تىن قىلىشمىغۇدەك …….
ما ئېلان بەك مۇبالىغە بوپ كىتىپتۇ بەزەن باللاغۇ كۇرۇپ ئاشتا چىقىدۇ دەپ گەپ تالىشىپ بەك ئىچىمنى سىقىۋېتىدۇ
ئالما 6 تىنى مۇشۇ فىلىلىمنى ئىشلىگەن باللا ياسىسىمۇ بوپتىكەن
ھى ھى . ئەمدى بۇ سىننى كۆچۈرۈپ تونۇش پونۇشلارغا تارقىتىمەن.6 چىقىپتۇ،مۇشۇنداقكەن.ئاز كۈندىنكىيىن چىقىدۇ دەپ
ئىشنىقىلەپ ئاممىچىلار ئەزەلدىن ئەدەمنىڭ ئويلىغىندەك (بالدۇر ئۇقۇم قىلۋالغاندەك)ئوقەت ياسمايدۇ ماشۇ يەرى ياراتدۇ فەققىرغا… بەلكىم مانۇ قىتىمقى ئالتىنجىپونمۇ ئىنداق چىقماسلىقە مومكەن (ئىملا خۇۋاتالىقى ئىمەس جۇمە)
مۇشۇ ئىنكاسىڭىزنى يىزىپ بولغىچىمۇ تازا جاپا تارتقانسىز ھە؟ چوڭقۇر بىر تىنىۋىلىپ سەل ئارامىڭىزنى ئىلىڭ …..
ئۇشبۇ كۆچمە ئۈسكەنە ئالمەجان ئالتىنجى جۈدەيەم كوركىم چىقادىلەرمىش دەپ ئەيتەدى.ئايىر دېگەنىنىڭ چىقاشىگە تەخە بىر مەزگىل بارمىشلەر.
ئىككىسنى تەڭ ۋاقىتتا ئېلان قىلاشمىش… ئىككى تېلفونغا ئىككى قېتىم مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئىچىشنىڭ ئورنى يوقتۇ؟
تەسەۋۋۇر كۈچى ئادەمنى قايىل قىلىدىكەن، بۇنىڭ چىقىشغا يەنە يېرم ئەسەرچە ۋاقىت كىتىدىغاندك قىلىدۇ.
4.7 يىنىلام كىچىك .. 5.5 سەل چۆڭ . كىچىكىنىڭ ئېكرانىنى ھېچ بولمىغاندا 5.2 قىلغان بولسا .. چۇڭىنى 6 سۇڭ ئەتىراپىدا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ سەل چوڭ چوڭايىتقان بولسا تازا مۇۋاپىق بۇلاركەن .. كىچىك ئېكرانلىقنى ئىشلىتىدىغانلار 5s نىلام ئىشلەتسە تۇگەيدۇ ..
4.7سۇڭلۇق بىر قولدا مەشغۇلات قىلدىغانلارغا ،5.5 سۇڭلۇق SAMSUNG GALAXY Note 4 بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆز كۆز قىلدىغانلارغا ماش كىلىدۇ!
بىرسى 5.5 سۇڭلۇق يەنە بىرى 4.7
http://t-1.tuzhan.com/ff2c316b4cde/p-2/l/2014/07/06/17/130537f40a4b4e709e25646adf1a008f.jpg
مىنىڭمۇ بىر ئاغىنەم بار ئايفۇن ئالتە چىقىپ بوپتۇ مەن كۆردۈم دەپ تۇرۋالىدىغان ئەمەس دەپ قەسەم قىلىپ بەرسەممۇ ئىشەنمەيدىغان
ھازىر تورلاردا يۇقىرى دەرىجىدە ئوخشىتىپ ياسالغان «iPhone 6» ئېلان قىلىندى.
iPhone 6 نىڭ ئېلان قىلىنىشىغا يەنە ئىككى ئايغا يىقىن ۋاقىت بار بولسىمۇ، بىراق، ئۇنىڭغا ئائىت ھەرخىل مىش-مىش خەۋەرلەر ۋە «يوشۇرۇن تارتىلغان رەسىملەر» توختىماستىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقىنىغا خىلى بىر مەزگىل بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، %99 كىشى ھازىر 9-ئايدا ئېلان قىلىنىدىغان iPhone 6 گە 4.7 دىيۇملۇق ئېكران سەپلىنىدۇ دەپ قاراشماقتا. ھالبۇكى، پۈتۈن دۇنيا ئەھلى يېڭى ئايفوننىڭ تېزرەك مەيدانغا كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، جۇڭگودىكى يانفون كارخانىلىرى دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ، چوڭقۇر دەرىجىدە ئۆزگەرتىلگەن ئاندىرويىد سىستېمىسى قاچىلانغان، يۇقىرى دەرىجىدە ئوخشىتىپ ياسالغان «iPhone 6»نى ئېلان قىلىۋەتتى، بۇ ئايفوننىڭ شەكلى ۋە چوڭ-كىچىكلىكى iPhone 6 ھەققىدە ئاشكارىلانغان مەھسۇلات مودېلى بىلەن قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايتتى.
«iPhone 6» نىڭ گەۋدىسى ۋە شەكلى ئىلگىرى ئاشكارىلانغان 4.7 دىيۇملۇق نۇسخىدىكى iPhone 6 بىلەن ئوخشاش بولۇپ، سىستېما ئارا يۈزىدىمۇ ھېچقانداق پەرق يوق ئىدى، بىراق، ئۇنىڭغا قاچىلانغىنى iOS سىستېمىسى بولماستىن، بەلكى چوڭقۇر دەرىجىدە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، يۇقىرى دەرىجىدە تەقلىد قىلىنغان iOS 7 ئۇسلۇبى قاچىلانغان ئاندىرويىد سىستېمىسى ئىدى. ئەگەر سىز ھەقىقىي iPhone 6 بىلەن ئىككىسىنى بىر يەرگە ئەكىلىپ سېلىشتۇرمىسىڭىز، بۇ تەقلىدىي ياسالغان ئايفونغا ئاندىرويىد سىستېمىسى قاچىلانغانلىقىنى ئاسان پەرق ئېتەلمەيسىز، چۈنكى، ئۇ ھەقىقەتەن iPhone 6 گە ئىنتايىن ئوخشايدۇ! بۇ يەردە بىز «دۇنيانىڭ زاۋۇتى» دەپ تەرىپلىنىدىغان جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ياساش ۋە دوراش ئىقتىدارىغا قول قويماي تۇرالمايمىز.
ۋاي ۋۇي مۇشۇخەقلەرنىزە چوڭ ئىكرانلىق يانفۇنلارغا نىمانچە ئامراقتۇ دەيمە ،،، مەن دۇنيادا ھەممىدىن بەك چوڭ ئىكرانلىق يانفۇنلارغا بەك بەك ئۆچ ، يانفۇن دېگەن ئەپچىل كىچىكراق بولسا ياخشى ئەمەسمۇ