نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > رەقەملىك دۇنيا > يازما مەزمۇنى

iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)

iPhone 6/Plus نى ئېلان قىلغىلى ئۇزۇن بولمىغان ئالما شىركىتى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، ئەڭ يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسى بولغان iOS 8 نى رەسمىي ئېلان قىلدى! iPhone 4S تىن باشلاپ 5S كىچە بارلىق كونا ئىشلەتكۈچىلەر يېڭىلاپ ئىشلەتسە بولىدۇ. بۇداقى يېڭىلىقلارمۇ خېلى كۆپ بولۇپ، iOS 8 نى نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك كۆچمە مەشغۇلات سىستېمىسى دېسەك تامامەن ئارتۇق كەتمەيدۇ.

ios-8

بۇدا iOS 8 گە قوشۇلغان يېڭىلىقلار ئاز ئەمەس. مەسىلەن، ئۈچىنچى تەرەپ كىرگۈزگۈچ قاچىلاپ ئىشلىتىش(تۈرمىدىن قاچۇرمايمۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولىدۇ)، سىستېما/تور كۆرگۈ قىستۇرمىسى، كەلگەن تېلىفون نومۇرىنى كۆرسىتىش، بارماق ئىزى ئارقىلىق ئەپلەرگە تىزىملىتىش دېگەندەك…

iOS 8 كە يېڭىلاش ئۇسۇلى

iOS 8 نى يېڭىلاشتىن بۇرۇن، ئاۋال iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرىنى چۈشۈرۈش كېرەك، بۇ بەتنى ئېچىپ iTunes نى چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. ناۋادا سىزدە كومپيۇتېردا دەرىجە كۆتۈرۈشكە شارائىت بولمىسا، ئۇنداقتا WiFi بار شارائىتتا يانفوننىڭ ئۆزىدە يېڭىلاش ئېلىپ بارسىڭىزمۇ بولىدۇ، بىراق سۈرئەت جەھەتتە يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا بۇ ئۇسۇل ئانچە تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.
ئەڭ ياخشى ئۇسۇل، ئاۋال ماتېرىيالنى iTunes ئارقىلىق تولۇق بىر زاپاسلىۋېلىپ، ئاندىن iOS 8 نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ، يانفوننى كومپيۇتېرغا چېتىپ iTunes ئارقىلىق يېڭىلاش. بۇ نۆۋەتتىكى ئەڭ بىخەتەر ۋە قولايلىق ئۇسۇل. يەنى ئاۋال iTunes نى قوزغىتىمىز، ئاندىن Shift نى بېسىپ تۇرۇپ 检查更新 دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ، چىققان كۆزنەكتىن توردىن چۈشۈرۈپ تەييار قىلغان iOS 8 نىڭ بولىقىنى تاللاپ بەرسەكلا بارلىق مەشغۇلات ئاپتوماتىك تاماملىنىدۇ.

ئەسكەرتىش: يېڭىلاشتىن بۇرۇن بارلىق ئۇچۇرلارنى زاپاسلاشنى ئۇنتۇماڭ

ios8-update

iOS 8 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ھەققىدە

نۆۋەتتە iOS 8 تېخى يېڭىلا ئېلان قىلىنغان بولغاچقا، تېخى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ھەققىدە گەپ يوق. بىراق ئاڭلاشلارغا قارىغاندا يەنە بىر تۈركۈم پىداكارلار بۇ ھەقتە ئىزدىنىشنى باشلىۋېتىپتۇدەك. بىراق iOS 8 نىڭ ئۈچىنچى تەرەپ كىرگۈزگۈچ قوللاش، سىستېما قاتارلىقلاردا قىستۇرما ئىشلىتىش دېگەندەك يېڭىلىقلىرىنى كۆزدە تۇتقاندا، ھازىر تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئېھتىياجىمۇ زور دەرىجىدە كىچىكلىدى دېيىشكە بولىدۇ.

iOS 8 قوللايدىغان ئۈسكۈنىلەر

نۆۋەتتە iOS 8 سىستېمىسى iPhone 4S、iPhone 5、iPod Touch 5、iPad 2、iPad 3、iPad Air、iPad mini 2、iPad 2/3/4 قاتارلىقلارنى قوللايدۇ. بىراق سىستېما بولىقى بىر قەدەر چوڭ بولغاچقا يېڭىلاش جەريانىدا، ناۋادا يانفوندا ئارتۇق بوشلۇق بولمىسا يېڭىلاش مەغلۇپ بولىدىغان ئىشلارمۇ بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا 4S قاتارلىقلاردا ئېغىرلىشىش ئەھۋاللىرى بار دەيدۇ. مەندە 4S بولمىغاچقا سىناپ بولالمىدىم. تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىنى ئاڭلاپ باقساق بولىدۇ.

ios8-concept-homescreen-1

iOS 8 نى چۈشۈرۈش    |    مەنبە: تورخۇمار



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ،
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 18,921 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 09-ئاينىڭ 22-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: ios8.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. سادا 2014.09.22 , 12:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تۇنجى قېتىملىق ……………..ساااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااا…… بولدى ئۈزەمنى تۇتىۋالاي :oops:

    ياخشى بۇپتۇ . ئالما شىركىتى ھەرقېتىم يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىپ، خېلى ۋاقىتلاردىن كىيىن يېڭىلاش ئېلىپ باراتتى . بىراق بۇ قېتىم يېڭىلىقلارنى ئارقا -ئارقىدىن ئۇلاپ تارقىتىپتۇ .

  2. مايماق 2014.09.22 , 12:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋال «دىۋان» دېمىسەك تورخۇمارغا يۈز كېلەلمەيمىز
    تېمىغا كەلسەك ، ئالما مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىپ باقمىغاچقا بىلمەيدىكەنمەن . شۇڭا پەستىكىلەرنىڭ پارىڭىنى تىڭشاپ ئولتۇراي

    • مايماق 2014.09.22 , 12:50

      سېكۇنت ئەمەس ، دەقىقە بۇيىچە تالىشىمىز ھە دىۋاننى :wink:

  3. شەھرۇ 2014.09.22 , 12:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ياخشى خەۋەركەن ، ئەمدى تۈرمىدىن قېچىشنىڭمۇ ھاجىتى قالماپتىغۇ.!

  4. hababam 2014.09.22 , 13:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بىر قىتىمدىلا قولۇمدىكى4s نى 8گە كۆتۈرىۋالدىم.تېلىفۇندا ئىغىرلاشقان ئەھۋال يوق،بىراق تېلىفۇندا ئەسلىدە بار ئەپلەرنى app store ئارقىلىق يېڭىلاپ بولغاندىن كىيىن ئېچىلمىدى (يېڭىلىمىغان ئەپلەر نورمال) .

  5. تەپەككۇراخۇن 2014.09.22 , 15:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما بولىدىغان ئوۋقەتكەن … ئاممازە ،كامچۇللىقلىرىمۇ ئاز ئەمەس.

  6. ۋەيرانى 2014.09.22 , 15:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ تۆت ئېس ئىشلىتىمەن،ئېغىرلاشقان ئەھۋال يوق .يەلتاپان كىرگۇزگۇچنى قاچىلغان،باگ باردەك ھېس قىلدىم.بەيدۇ كىرگۇگۇچ ئۇيغۇرچە تېرىنى ئېلان قىلماپتۇ.بولمىسا شۇنى ئىشلەتكەن بولار ئىدىم.

  7. مەردان 2014.09.22 , 16:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭ iPhone 4 تى ماۋۇ سىستىمىنى قوللىماسمۇ…..؟:sad:

  8. ئىلتەبىر 2014.09.22 , 21:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باھاسى بەكلا قىممەت ئىكەن. بەلكىم بىر مەزگىل ئۆتسا باھاسى تۆۋەنلىشى مۇمكىن.

    • ئىسيانكار 2014.09.22 , 23:00

      ھەقسىز چۈشۈرۈپ يىڭىلىسا بولىدىكەنغۇ نەرى قىممەت ؟:grin::grin:

  9. خۇشتار 2014.09.23 , 09:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مېنىڭچە ۋاقتىنچە يېڭىلىماي تۇرۇپ 8.1 ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى نۇسقىسى ئېلان قىلىنغاندا كۆتۈرسەك بولغىدەك ،مەن بايقىغان مەسىلىلەر 1.تۈرمىدىن قاچۇرغىلى بولمايدۇ (لېكىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنىڭ بالدۇرراق ئېلان قىلنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن) 2. توك سەرپىياتى يۇقىرلاپ كېتىدىكەن(ئىلگىرى بىركۈن يېتەتتى لېكىن ھازىر ئەتتىگەن قاچىلىسام چۈشتىن كېيىنگە تۈگەپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى) 3. بىرقىسىم دېتاللار قېتىپ قالىدىغان ياكى چېكىنىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار بار ئىكەن(ئۈندىدار،سىنا مىكروبىلوگى،qq,بەيدۇ تيېبا قاتارلىق دىتاللاردا كۆرۈلدى) 4. تاشقى كۆرنىشى جەھەتتىن ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق

    • خۇشتار 2014.09.23 , 09:32

      يەنە بىر ياقتۇرمىغان يېرىم ئالبۇم بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرىمىز دەپ رەسىم ئىزدەش قولايسىز بولۇپ قاپتۇ ،ئالبۇمنىڭ ئىچىدە پەقەت 30 كۈن ئىچىدىكى رەسىملەر كۆرىنىدىكەن بۇرۇنقى رەسىملەرنى سول تەرەپتىكى 照片نىڭ ئىچىدىن ۋاقىت تەرتىۋىگە ئاساسەن كۆرگىلى بولىدىكەن ،يەنە بىر يېڭىلىق بولسا رەسىم ئەخلەت ساندۇقى بار بولۇپ ئۆچۈرىۋەتكەن رەسىملەر بۇيەردە 30 كۈن ساقلىنىدىكەن

  10. سەيياھمەن 2014.09.24 , 13:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    闪退دېگەن نەرسىنىڭ ئاۋارىچىلىقىنى ئويلىسام،قەتئىي كۆتۈرگۈم يوق.7گە يېڭىلىغاندا ئۈندىدار،مۇڭداشقۇدىن تارتىپ بوشلۇق دېسكىسى تېرمىناللىرىغىچە ھەممە ئەپ شۇنداق بولغان،سىستېما نەشىرىنى كۆتۈرسە مۇقەررەر بولىدىغان ئەھۋال ئوخشايدۇ بۇ.

  11. كارۋان 2014.09.24 , 14:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنى ھەممىدىن خۇش قىلغان يىرى تىل بولىقى تىزىملىكىدە ئۇيغۇرچە دىگەن خەتنىڭ كۆرۈنگىنى، مۇمكىن بولسا 100% تەرجىمە قىلىۋەتكەن بولسا بەكلا ياخشى بولاتتى …

  12. saba132 2014.09.26 , 02:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇيغۇرچە يازماقچى بولغدن دوسلارغا touch pal كىرگۇزگۇچنى تەۋسىيە قىلمەن

    • نازىل 2014.10.11 , 16:21

      ئۇيغۇرچىنى قانداق كىرگۈزىدۇ؟ تەپسىلى دەپ بەرسەڭلا بوپتىكەن؟

  13. نۇرشات 2014.09.29 , 15:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    5sكە بولمامدىكە ؟

  14. مۇزىكا 2014.10.02 , 10:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    4sدىمۇ ياخشى ىشلەيدىكەن نورمال:razz:

  15. ئەزەل 2014.10.08 , 21:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشىكەن

  16. بىپەرۋا 2015.02.18 , 00:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    4sنى 8.1غا كۆتۈرگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزەلمىدىم ، دەپ بېرىڭلا

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量