2048 ئويۇنىنى ئويناۋاتامسىز؟ ياق؟! ئۇنداقتا مودىنىڭ كەينىدە قاپسىز!
ئالدىنقى بىر مەزگىللەردە Flappy Bird ئويۇنى قاتتىق مودا بولدى، ھەتتا ھەممە ئادەم بېشىنى كۆتۈرمەي شۇ ئويۇننى ئوينايدىغان ھالەتكە يەتتى، ئۇنداقتا يېقىندىن بۇيان يەنە قانداق ئويۇنلار مودا بولۇۋاتقاندۇ؟ شەك-شۈبھىسىزكى 2048 ئويۇنى بۇنىڭغا نامزات بولالايدۇ.
ناۋادا سىز بۇ ئويۇن توغرىلىق تېخى ھېچنىمە بىلمىسىڭىز، ئۇنداقتا مودىدىن بەكلا قاپسىز. چۈنكى ئويۇن مودا بولغىلى خېلى بولدى، چۈنكى مەن بۇ ئويۇننى تونۇشتۇرۇپ بىر نەرسە يېزىۋاتقىنىمدا، ياندىكى ئىككىيلەن ماڭا قاراپمۇ قويماي 2048 ئويناۋاتىدۇ…
ئۇنداقتا 2048 دېگەن زادى نېمە؟ ئاۋال بىر پارچە كەسمە رەسىم كۆرۈپ باقايلى.
قارىماققا ئىنتايىن ئاددىيدەك كۆرۈنەمدىكەن؟ رەسىم قۇراشتۇرۇش ئويۇنىغا ئوخشامدىكەن؟ ئەمەلىيەتتە 2048 ئۇنچە ئاددىي ئەمەس. ئويۇننى ئويناش قائىدىسى مۇنداق: يەنى ئېكراندىكى كاتەكلەرنى ئوڭ سول ئاستى ئۈستى يۆنىلىش ئارقىلىق سىيرىپ يۆتكەشكە بولىدۇ. ئىككى كاتەكتىكى سان ئوخشاش ھالەتتە جۈپلەشسە، ئۇنداقتا بىر كاتەككە ئايلىنىدۇ. ئۇتۇشنىڭ شەرتى شۇكى، 2048 پەيدا بولۇشى كېرەك. تاكى مەيداندا كاتەك قالمىغۇچە تىرىشىپ سانلارنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە بىرىكتۈرۈش كېرەك.
2048 نى ئويناشنى تېز سۈرئەتتە ئۆگىنىش
2048 ئويۇنى مودا بولغاندىن باشلاپ، توردا بۇ تۈردىكى ئويۇنلار يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك يامراپ كەتتى. بۇلارنىڭ زادى قايسىسى جىڭ ۋۇكۇڭ بۇنى مەنمۇ ئايرىپ ئولتۇرمىدىم. بۇ يەردە كۆپچىلىككە يوپۇرماق گۇرۇپپىسى توردىكى تەييار كودلاردىن پايدىلىنىپ كىرىشتۈرگەن ئۇيغۇرچە 2048 ئويۇنى جۈپلەشنى تەۋسىيە قىلىپ قوياي. ھە راست، بۇنىڭ iOS نۇسخىسى باركەن، نەتىجىنى ئۈندىداردا ھەمبەھرلىگىلى بولىدىكەن. Android ئىشلىتىدىغانلار ئۈچۈن 2048 دەپ ئىزدەپ Google Play دىن چىققان تۇنجى نەتىجىنى قالدۇرۇپ قويدۇم، ھەممىسى ئاساسەن ئوخشاش.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Android، iOS، ئويۇن، مودا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 18,876 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 05-ئاينىڭ 19-كۈنى
- يازما مەنزىلى: 2048.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كەلگۈسىدىكى ئويۇن دۇنياسى – دەۋر ھالقىغان يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ئويۇنچۇق Virtuix Omni
- كېيىنكى يازما > مارىيو ئويۇنىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە تۈگىتىش رېكورتى يەنە يېڭىلىنىپتۇ
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- يەنە پاركور – قاتىل ئەقىدىسى : چوڭ ئىنقىلاب
- [ئويۇن] مەكس: قېرىنداشنىڭ قاغىشى
دىۋان ھاھاھا نىم دىگەن ياخشى
ئادەتتە دىۋانغا ئولتۇرغانلارغا مازكەننى باسىمىز . بۇ خۇمارداشلارنىڭ دېيىشمەي پۈتىشىۋالغان قائىدىسى
دەۋىر نىڭ بەك كەينىدە قالدىممۇ نىمە يىتىشى ۋاسام بوغىدەك جىما
مەن ئۆزەم كودىنى ئۆزگەرتىپ يىزىپ 32768 ئاپىرىۋەتكەن ئازىر ئويناشقا خوش ياقمايدۇ
مەن تېخىچە 2048 قوراشتۇرۇپ باقمىدىم، ئەجەپ خىجىل بولدۇم
مەنمۇ بىر چۈشۈرۈپ ئويناپ باقاي. گۇگىل ئەپ بازىرىدىن بىر ئىزدەپ باقاي.
ئويناشنىڭ سىرى بار دەيمەن، ئاۋۇ سىندىكىدەك ئوينىسىڭىز،ھەرگىز ئۈستىگە سىرىمەيسىز، يەنە بىر ئىش ئەڭ چوڭ ساننى جۈپلەشتىن بۇرۇن ھەرگىز يۆتكىمەيسىز شۇنداق قىلسىڭىز چىقىدۇ، 2048 تىن كېيىن ئاندىن تەسلىشىدىكەن، مەن كەينىگە ياندۇرغىلى بولدىغىنى ئويناپ(ئاران 99 قېتىم يانغىلى بولىدىغىنى) 16384كە ئاپاردىم، ھى ھى ھى
ۋاي، بۇنى مەن ئويناپ مودا قىلىۋېتىپ تاشلىۋەتكىلى خېلى بولغان ئۇيۇنغۇ بۇ. چاقچاق ئەمەس راست جۇما، خېلى ئۇزۇن بولغان بۇ ئۇيۇننى ئوبدانلا ئويناپ قويغان، لېكىن 2-3 ئايدەك بوپقالدى ئۇيۇن قاچىلىماسلا بولدۇم تېلفۇنۇمغا. شۇنىڭ ياقى بىر تالمۇ ئۇيۇن يوق تېلفۇنۇمدا.
ئادەمنى بىكاچى قىپ قويىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك باللا كۆرسىلا تېلفۇن تالىشاتتى، ھازىر تېلفۇن گىپى قىلسا « مە » دەپلا بىرىمەن، ئيان چۆرۈپ بۇيان چۆرۈپ ئاستا تۇتقۇزۇپ قويىدۇ قولۇمغا.
ۋۇي خىلى تەسكەنغۇ،،،،
مەندەك ھىساپ بىلەن تازا ئىپى كىلىشمەيدىغانلارنى تىرىكتۈرۈپ قويىدىكەن، مەنمۇ مىڭ بىر جاپادا 1024 كە ئاران دىگۈدەك چىققان، ئۇنىڭ ئارقىسىغا ئۆتەلمىدىم
تىلفۇندا چۈشۈرگىلى بولمىدى
نەدىن كۆردۇم ما ئويۇننى ئويۇن ئوينىمايدىغان ئادەممۇ كىرىشىپلا قالدىم
ھازىر ئېكىسېل جەدۋىلىنى ئىشلەۋېتىپمۇ ئوخشاش سانلار بولسا بىرلەشتۈرگۈم كېلىدىغان بولۇپ قالدىم دىسە!
بولدىغان ئۇيۇندەك قىلامدۇ قانداق
مەنمۇ خېلى ئويناپ باقدىم يۇقىرى سانىم 1024، ئەمما قايتا قايتا ئوينىسا سەل زىرىكىشلىك ئويۇنكەن شۇڭا تاشلاپ قويدۇم
ھازىر ھېلىقى «ئاق كاتەكچىنى دەسسىمەڭ»دىگەننى ئازراق ئويناپ قويىمەن
تېخى دورامچى مۈشۈك تومنىڭ ئۇيۇنى ئۆزگەرەپتۇ، ئۆتكەللەردىن ئۆتىدىكەن ئۇنىڭدىمۇ، تېخىمۇ باقىدىكەن ئۇ مۈشۈكنى
بۇ ئۇيۇن ھەقىقەتەن قالتىس ئۇيۇن. مەن ئويناپ يەككە چاقماقتىكى نومۇرنى 4092 گە ئاپاردىم. ئومۇمىي ئېرىشكەن نومۇرۇم 58728 ؛
http://i325.photobucket.com/albums/k379/bilimhumar/IMG_0058_zps8d44ab9c.jpg
يەنە بۇ ئۇيۇننىڭ 6 تەرەپلىك نۇسخىسىمۇ بارئىكەن ، بۇ نۇسخىسىدا يەككە چاقماقتىكى نومۇرنى 8192 گە ئاپاردىم. ئومۇمىي ئالغان نومۇرۇم 131444 ؛
http://i325.photobucket.com/albums/k379/bilimhumar/IMG_0102_zps3c7f1ae8.png
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خۇمارداشلار، ئالدى بىلەن تورخۇمار ئەسلىگە كېلىپ خۇش بولدۇم. ئاندىن ماۋۇ ئويۇننىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى ئالغاچ كەلدىم.
مۇشۇ ئادرىستىن كىرىپ ئويناڭلار. http://teshna.me/2048/index.html
قارىغاندا بۇ ئويۇن يامان تەستەك قىلىدۇ…
4096غا پەقەت ئاپىرالمىدىم.
چۇشەن مىدىم
قانداق چۇشۇردۇ ئۇ ئوياننى
نەرى ياخشى بۇ ئويۇننىڭ ،سىلەر مودىدىن قاپسىلە زامانغا لايىق نەرسە چىقىرىپ ئاندىن ماختاڭلا ،بىر تايىنى يوق نەرسىنى چىقار ماي