نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما مەزمۇنى

كەلگۈسىدىكى ئويۇن دۇنياسى – دەۋر ھالقىغان يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ئويۇنچۇق Virtuix Omni

Omni بولسا، مەۋھۇم دۇنيادىكى مۇھىتتا مەشغۇلات قىلىش ئۈچۈن ھازىرلانغان مەخسۇس قۇرۇلما بولۇپ، ئىشلەتكۈچى قۇرۇلمىدا تۇرۇپ 360 گىرادۇس ھەرقانداق يۆنىلىشتە ئەركىن يۆتكىلىش ئېلىپ بارالايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، سىز ئىلگىرى تورخۇماردا كۆرۈپ ئۆتكەن Kinct تا ئېكرانغا قاراپ تۇرۇپ ھەرىكەت قىلغان بولسىڭىز، Omni سىزنى ئويۇننىڭ ئىچىگە بىۋاستە باشلاپ كىرىدۇ.

virtuix-omni-preorder

بۇ قۇرۇلما توغرىسىدا بەك تەپسىلىي توختالغاندىن، بىر تال سىن ئارقىلىق تېخىمۇ بىۋاستە تونۇشقا ئىگە بولۇپ باقايلى.

Virtuix Omni

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، Omni نىڭ باھاسى 399 دوللار(تەخمىنەن 3000 سوم ئەتراپىدا) قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، 7-ئايدا رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ناۋادا ھازىرقى XBox، PS3 دېگەندەكلەرنى قوللاۋاتقان ئويۇنلار بۇ سۇپىغىمۇ يۆتكەلسە، شۇنداقلا بۇ ئۈسكۈنە تۇرمۇشىمىزغا ئومۇملىشالىسا، ئۇنداقتا كەلگۈسىدىكى ئويۇن بازىرى تېخىمۇ قىززىغۇدەك.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. kulka56 2014.05.14 , 00:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋانمىكىن دىسەم دىۋاندا ئولتۇرمەن دەپ خام خىيال قىلماڭ دەيدۇ:arrow:

  2. ئۆمەر 2014.05.14 , 00:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم خۇماداشلار.كۈندە كىرسەم ئېچىلمايدۇ ما تورخۇمار،بىر ئىككى كۈن ئالدىراش بۇلاپ، كىرەلمىسەم،ئېچىلىپ بۇلاپتۇ مىنە. مارەك ۋوسۇن.ئۆمرىنىڭ ئۇزاق بۇلۇشىنى،بېشىنىڭ باش، ئايىغىنىڭ تاش بۇلۇشىنى تىلەيمە.
    ۋۇي دىۋانمىدە بۇ.خوش قېنى يۇقۇرغا ئۆتىلى.
    ماقۇل ئەمىسە تاتىنمىدىم ئەمىسە.:mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  3. ئەلكان 2014.05.14 , 09:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مانا تىخنىكا دىگەن،،، قاچانمۇ ئويناشقا مۇيەسسەر بولامىز ؟ خۇمار خۇمار:kiss::kiss:

  4. پادىچى001 2014.05.14 , 10:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئۇسكىنە ھەقىقەتەن ياخشى ياسىلىپتۇ ،بولۇپمۇ ئويۇن خۇمار دوسلار بۇنىڭ بىلەن ھېيىت ئوينىغىدەك . ئەمما مىنىڭ بايقىشىمچە ئۇ قۇرۇلمىدا پەقەت ئۆرە تۇرۇپلا ھەركەت قىلغىلى بولدىكەن ، ئولتۇرۇش ياكى يىتىش دىگەندەك ھەركەتلەگە ماس كەلمىگىدەك ،:sad:مىنىڭچە چوڭراق ئويۇنلاردا بۇنداق ھەركەتلەر كام بولسا بولمايدۇ .:mad:ئۇستىلارنىڭ ئالدىدا بىلەرمەنلىك قىپ قويمىغاندىمە ھە :evil::evil::evil:

  5. مەۋلان 2014.05.14 , 12:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بولاپ قالامدۇ نىمە

  6. رېتسىپ 2014.05.14 , 13:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مانا تېخنىكا ، مانا ئىجادىيەت روھى …

  7. ئابدۇبەگ 2014.05.14 , 14:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    Xbox Ps4 بىرياقتا ئېڭەك يۇلەپ ئولتۇر دىكەندە ئەمدى :lol:

  8. سىندىبات 2014.05.14 , 16:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمدى 360 ئالسام بۇ چىقىدىكەندە!
    ئەمما مەندەك پۇلى ئازلارغا 360 ئەڭ ماس كىلىدىكەن جۇما.دەھشەت!!!!

    • ئېھسان 2014.05.14 , 17:45

      360 دىگىنىڭىز …..؟ مىنىڭما پۇلۇم ئازئىدى

  9. OQU 2014.05.14 , 18:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن كىچىك ۋاقىتلىرىمدا مۇشۇنداق بىر نەرسىنى خىيال قىلىپ يۈرۈيتىم ….
    بۇنى ياساپ بولۇپتۇ مانا

    • مايكول 2014.05.15 , 01:40

      توغرا دەيسىز، ئوخشاش قاراشتا.. :mrgreen:

  10. ئارسلان 2014.05.14 , 21:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شەمشەر تورىدەك ئويۇن ئوينىغىلى بولسا شۇ چاغدا كارامەت بولاركەن.

  11. لاچىن 2014.05.14 , 22:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما تورخۇمار ئۇزۇن بولغان ئېچىلمىغىلى ، قاچانلاردىن ئېچىلىپ قالدىكىنە ؟ باشقۇرغۇچى غوجام ، بامۇ سىللى ؟ نىم بولغىنىنى سورىۋالسام بولاما ؟ مەن بەك .امراقتىن بۇ تور بىكەتكە ، بىرنىمىسى چاتاق ، دەپ پەقەت كىرگىلى بولمىغان……

  12. چاتقال 2014.05.14 , 23:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇھەممەد ئابدۇلكەرىم دەيدۇ ھە
    ما نەسىنى بىزلە كۆرەممەيلا كېتىمىز ھەقاچان

  13. مايكول 2014.05.15 , 01:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ نەرسە تېزرەك چىقسا تازا بىر ئويناپ كەتسەم، :roll: ئويۇن ئوينايمەن دەپ جايىمدا تۇرۇپلا يۈگۈرۈپ تازا ھېرىپ كەتسەم:grin:، ۋاي ۋاي ۋاي..

  14. شەمشات 2014.05.18 , 11:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بولىدىكەن كىين نەۋرەمگە ئىلپ بىرىمەن

  15. سەردار 2014.05.23 , 21:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭ ھەممىدىن دىققىتىمنى تاتقىنى تۇنجى قېتىم گەپ قىلغان قارا تەنلىك يىگىت…..ئىسمىغا قاراڭ مۇھەممەت ئابدۇلقارىم كەن

  16. مۇخپۇل 2015.01.31 , 22:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئويۇنچۇق ئالىلىبۇرۇن چىقىپ بولدى.!!!

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量