Blizzard نىڭ Dota تىپىدىكى ھەقسىز ئويۇنى: Heroes of the Storm
مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئوينىغان ئويۇنۇم ھەم كومپيۇتېر بىلەن ئۇچرىشىشىمغا مۇشۇ Blizzard نىڭ ئويۇنى سەۋەپ بوپتىكەن. شۇڭلاشقىمۇ ھازىرغىچە بۇ شىركەتنىڭ ئويۇنلىرىنى قەۋەتلا ياقتۇرىمەن. گەپكە كەلسەك، ئالدىنقى قېتىم كۆپچىلىككە DOTA ۋە Dota ئويۇنلىرىدىن Dota2 ۋە Lol نى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، يېقىندا Blizzard شىركىتىمۇ ئۆزىنىڭ ھەرقايسى چوڭ ئويۇنلىرىدىكى قەھرىمانلار يىغىلغان Dota تىپىدىكى ئويۇن : Heroes of the Storm نىڭ بىر قىسىم ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىدى.
Heroes of the Storm بولسا بىر تۈرلۈك كوللىكتىپ ھەمكارلىقىدىكى ئويۇن بولۇپ، ئويۇندىكى قەھرىمانلار كۆپچىلىككە ئىنتايىن تونۇشلۇق بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، Diablo، Wow دىكى مۈشۈكئېيىق، 星际争霸 دىكى Nova دېگەن پېرسوناژلار ھەممىسى بۇ ئويۇنغا قوشۇلغان. تۆۋەندە بۇ ھەقتە بىر CG كۆرۈپ ئۆتەيلى.
Dota دەۋرىدە پۇرسەتنى چىڭ تۇتماي Dota2 ۋە Lol غا بېرىپ قويغان Blizzard بۇدا جايىدا ئولتۇرالمىغان بولسا كېرەك، ئاخىرى ئۆزىنىڭ ھەقسىز Dota تىپىكى ئويۇنىنى ئىشلەپ چىقىپتۇ، ئەلۋەتتە، بۇنداق بولۇشىنى پەرەز قىلىش ئانچە تەس ئەمەس ئىدى. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، بۇ تۈردىكى ئويۇننى ياقتۇرىدىغان ھەۋەسكارلار ئۈچۈن، بۇمۇ يېڭىچە بىر خىل تاللاش بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا Blizzard يەنە ئويۇننىڭ بىر بۆلەك سىناق ئويناش جەريانىنىمۇ ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئويۇننىڭ كۆرۈنمە يۈز ۋە باشقا ئېلىمېنتلىرى ھەققىدە بىزنى ياخشى تونۇشقا ئىگە قىلىدۇ.
قوشۇمچە: Dota تىپىدىكى ئويۇنلار ھەققىدە | Dota2 ۋە LOL
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: DOTA، ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,930 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 03-ئاينىڭ 17-كۈنى
- يازما مەنزىلى: heroes-of-the-storm.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟
- كېيىنكى يازما > كەلگۈسىدىكى ئويۇن دۇنياسى – دەۋر ھالقىغان يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ئويۇنچۇق Virtuix Omni
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
- يەنە پاركور – قاتىل ئەقىدىسى : چوڭ ئىنقىلاب
ئويۇن بىلەن ئانچە خۇشۇم يوقتى، شۇنداق بولسىمۇ بىر كۆرەپ باقاي…
ئۈنۈمى قالتىسكەن.
بايا نەچچە كىرگەن يىڭى مەزمۇن يۇقتى ، نىمانچە تۇيۇقسىز دەيمەن ، ھەي بۇپتۇلا ئۇزۇمنى تۇتۇۋالاي . ھە؟! سۇراپ باقسام ، بۇ ئۇيۇننى كۇمغا چۇشۇرۇپ ئۇينامدۇق ياكى تۇر بەتتە ئۇينامدۇق ، مۇشۇ ئۇيۇنلارغا تىزىملىتىش سەل تەسمۇ قانداق ئىنگىلىسچە سەۋىيە تەلەپ قىلامدۇ ياكى خەنچە سەۋىيە مۇ ، ئۇزۇمنى ئالسام ئۇيغۇرچە بىلىمەن خەنچىنى ئانچە مۇنچە ئىنگىلىسچىنى پەقەتلا بىلمەيمەن .
كۇم دېگەن نېمە ئۇ؟
كۇم دىگەن كۇمپىيۇتۇرنىڭ قىسقىچە ئاتىلىشى
مەن كومپىيوتېر بىلەن ھەپىلىشىپ كۇم دېگەن گەپنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن
بۇلىدىكەن بۇ ئۇيۇن
cgكۆنىشلىرگە قارىسا بەك خىل ئۇيۇنى بەك ماز
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورخۇمارلار . تەدبىركار بىلەن كۆرىشىدىغان جىددى ئىش باتتى قانداق ئالاقىلىشالايمەن
ھەي ئارساس بىلەن ئېۋۇ خېنىمنى جەڭگە سېلىپ قويۇپ ئارساسنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈپلىۋېتىپتىغۇ، 80 لىك ۋاقتىدا خەن يولداشلار ئارساسنىڭ قېشىغا ئاران بارالىغان يەنە ئوت ئەجدىرھاسى بىلەن ئاۋۇ ئەپەندوم قانداقمۇ كۈچ سىنىشالىسۇن؟ wow دىكى ئاتامانلارنى بەكلا چۈشۈرىۋېتىپتۇ. مەن چېغىمدا بىر كۆرۈپلا مۇشۇنى ئويلىدىم. شېركەت wow چىلارنىڭ ئاچچىغىنى كەلتۈرۈپ قويغىدەك….
بۇ ئويۇننى قانداق چۇشۇرىمىز ؟ ياكى تېخى بۇ ئويۇن چىقمىدىمۇ ؟
چۈشۈرۈپ ئويناپ باقسام بولتى ئادىرسى نەدىكەن،
بىللە ئوينايدىغانلار بارمۇ؟ ئەينى ۋاقىتتا مەن كومپيۇتېر بىلەن يىڭى تونۇشقاندا مودا بولغان زۇلمەت، پىلانىتلارئارا ئۇرۇش دىگەن ئويۇنلارنىڭ سايىسىنى كۆرۈپلا ئوينىغۇم كىلىپ كەتتىغۇ؟ ئەگەر بۇ ئويۇن جوڭگۇغا كىلىپ قالسا كىم ۋاستىچىلىكىنى قىلار؟ تىڭشۇندە lol بار. ۋاڭيىدا dota2 . بۇ ئويۇننىڭ ۋاستىچىلىكىنى شىڭدا قىلارمۇ؟ شۇنداق بولۇپ قالسا ياخشى بولاتتى دە؟
ئەگەر FPS+TPS ئېتىش تۈردىكى ئۇيۇن ئويناپ باقسام بولتى،ياكى cf دىن مەززە تاپالمىغۇچىلا ghostrecononline.com تورىغا مەرھەمەت.
lol نى ئەمدى ئۆگىنىۋاتسام بۇ نەدىن چىقتى ئەمدى،مەنغۇ ھېچنېمىنى چۈشەنمىدىم سىندىن،لېكىن پەچەت ئىشلاپ قويۇپتۇ
بۇ ئويوننى چۈشۈردۈم قانداق تىزىملىتىمەن ، ياردەم قىلىڭلا.
بۇ ئۇيۇن heroes of newerth مانىڭ غا ئوخشاپ قالامدۇ نىمە…..HON غا
مەن ئوينىيالمىدىمغۇ