Dota تىپىدىكى ئويۇنلار ھەققىدە | Dota2 ۋە LOL
چوڭ ئويۇنلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن يىل ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغاچقا، يېقىندىن بۇيان تونۇشتۇرغۇدەك ئانچە ياخشى ئويۇنلارمۇ يوق. بۈگۈن تور ئويۇنلىرى تۈرىدىكى نۆۋەتتىكى قىززىق نۇقتا – DOTA تىپىدىكى ئويۇنلار(Dota2 ۋە LOL) ھەققىدە بىردەم پاراڭ سوقايلى.
نۆۋەتتە Dota تىپىدىكى ئويۇنلاردىن، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا بىر قەدەر داڭلىق بولغان ئىككى ئويۇن – Dota2 ۋە League of Legends(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ LOL دېيىلىدۇ) بار. بۇ ئىككىسىدىن LOL بەلكىم كۆپچىلىككە بەكرەك تونۇشلۇق بولۇشى مۇمكىن. ئاۋال ئىككى ئويۇن توغرىسىدا توختىلىش ھەققىدە، Dota دېگەن ئاتالغۇ ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەيلى.
Dota توغرىسىدا
Dota دېگەن سۆز ئېنگلىزچە Defense of the Ancients نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، قەدىمكى ئورمانلىق، يادىكارلىق، ئۆتمۈشتىكى خارابىلىكنى قوغداش دېگەندەك چۈشەنسەك بولىدۇ. Dota ئويۇنى تۇنجى بولۇپ، Blizzard نىڭ 魔兽争霸3:冰封王座 ئويۇنىدا بىر خەرىتە نامىدا بارلىققا كەلگەن. يەنى بىرلا ۋاقىتتا 10 ئادەم تەڭلا تورغا ئۇلىنىپ ئوينايدىغان بولۇپ، ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ(ئادەتتە 5 تە 5 بولۇپ ئوينىلىدۇ) ئۆزىگە تەۋە ماكاننى قوغداش ۋە قارشى تەرەپنىڭ زېمىنىنى ھالاك قىلىش مەقسەت قىلىنىدۇ. Dota بولسا، نۆۋەتتە Blizzard شىركىتى ئورگان تەرەپتىن ئېتىراپ قىلغان بىردىنبىر RGP تىپىدىكى ئويۇن خەرىتىسى. Allstars يۈرۈشلۈك خەرىتىلەرنى يېڭىلىغۇچى ئامېرىكىلىق IceFrog(تور نامى) دېگەن كىشى.
LOL ھەققىدە
ئويۇننىڭ تولۇق نامى League Of Legends بولۇپ، قىسقارتىلىپ LOL دېيىلىدۇ. DOTA-Allstars خەرىتىسىنىڭ ئەسلى ئاپتورى SteveGuinsoo دېگەن كىشى(Dota نىڭ ئاساسلىق ئاچقۇچىلىرىنىڭ بىرى، Dota ئويۇنىدا 羊刀 دېگەن نام بېرىلگەن) ئاساسلىق ئېچىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا DOTA-Allstars مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى PenDragen قاتارلىقلار Riot Games شىركىتى نامىدا تۈزۈپ چىققان ئويۇن. ئويۇن ئەسلىدىكى Dota نىڭ رىقابەتلىشىش سۇپىسىدىن، ئايرىم مۇستەققىل ھالدىكى تور ئويۇنى ھالىتىگە يۆتكەلگەن بولۇپ، Dota نىڭ ئويۇن رېتىمىغا ۋارىسلىق قىلغان. نۆۋەتتە بۇ ئويۇن دۆلىتىمىزدە 腾讯 شىركىتى تەرىپىدىن ۋەكالىتەن ماڭدۇرىلىۋاتىدۇ.
تۆۋەندە LOL ئويۇنى ھەققىدىكى بىر CG فىلىم كۆرۈپ ئۆتەيلى.
Dota 2 ھەققىدە
Dota2 بولسا، ئەسلىدىكى War3 ئويۇن ماتورىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، ئامېرىكا Valve شىركىتى ماڭدۇرىۋاتقان، ئەسلىدىكى Dota ئويۇن خەرىتىسىنىڭ ئاپتورى IceFrog بىلەن Valve شىركىتى بىرلىكتە تۈزۈپ چىققان كۆپ كىشىلىك RGP تىپىدىكى ئويۇن. Dota2 نىڭ پۈتۈن ئويۇن ئۇسلۇبى ئەسلىدىكىگە ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق قەھرىمان پېرسوناژ ئويۇنغا تەڭ يۆتكىلىپ چىققان. مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، Dota2 دەل Dota نىڭ يېڭىچە نۇسخىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە بۇ ئويۇن دۆلىتىمىزدە 完美 شىركىتى تەرىپىدىن ماڭدۇرىلىۋاتىدۇ.
تۆۋەندە Dota2 ئويۇنى ھەققىدىكى بىر CG فىلىم كۆرۈپ ئۆتەيلى.
Dota2 ۋە LOL ھەققىدە
ئۈستىدە ئىككى ئويۇن ھەققىدە بىرەر قۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق. ئىككى ئويۇننىڭ پەرقى ھەققىدە توختالغىنىمىزدا، ئومۇمىي جەھەتتىن ئىككىسىدە پەرق يوق دەپ قارىلىدۇ. يەنى، ھەر ئىككى ئويۇننىڭ ئويناش ھالىتى تامامەن ئوخشاش. ئۇنداقتا پەرقى ھەققىدە توختالغىنىمىزدا، LOL نىڭ ماڭدۇرۇلۇش جەھەتتە مۇئەييەن ئەۋزەللىككە ئىگە. چۈنكى، دۆلىتىمىزدە بۇ ئويۇننى كاتتىۋاش 腾讯 كۆتۈرىگە ئالغان. 腾讯 نىڭ ئويۇنلىرىنىڭ مۇقىملىق دەرىجىسى، يەرلىكلەشتۈرۈش جەھەتتىن دۆلىتىمىزدە قارشى ئېلىنىش دەرىجىسى يۇقىرى. Dota2 غا كەلسەك، سۈپەت جەھەتتىن مۇئەييەن ئەۋزەللىككە ئىگە. چۈنكى، ئويۇن ئەسلىدىكى Dota ئويۇنىغا ۋارىسلىق قىلىپلا قالماي، يەنە Dota تۈرىدىكى خەرىتىلەرنىڭ ئەسلى ئاتىسى IceFrog قاتارلىقلارنىڭ قولىدىن چىققان. يەنى ئاپتور ئويۇندىكى قەھرىمانلار، تەڭپۇڭلۇق، رېتىم جەھەتتىن ئىنتايىن چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا بىر قىسىم كونا Dota چىلار ئۈچۈن، Dota2 ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇشى مۇمكىن.
مۇنداقچە ئېيتقاندا، LOL بىر قەدەر دەسلەپكى DOTA ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن، يەنى ئىلگىرى Dota تۈرىدىكى ئويۇنلار بىلەن ئۇچراشمىغان ئابونتلارغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. نېمىلا دېمىگەن بىلەن، بۇ تۈرگە تەۋە ئابونتلار يەنىلا مۇتلەق زور ساننى ئىگىلەيدۇ. DOTA2 بولسا، كونا DOTA چىلارغا بىر قەدەر ماس كېلىشى مۇمكىن. بۇ تۈردىكى ئابونتلار ئازراق بولسىمۇ، بىراق سۈپەت جەھەتتىن بىر قەدەر يۇقىرى. ناۋادا سىز بىر LOL ھەۋەسكارى بولسىڭىز، DOTA2 نى ئويناپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ، 100 دىن ئارتۇق يېڭىچە قەھرىمان ۋە قويۇق Dota پۇرىقى سىزگە تېخىمۇ يېقىپ قېلىشى مۇمكىن. ناۋادا سىز بىر DOTA2 ھەۋەسكارى بولسىڭىز، ئۇنداقتا LOL نىڭ پۇزۇر كۆرۈنمە يۈزى سىزنى تېخىمۇ جەلپ قىلىشى مۇمكىن. ھەر ئىككىلىسىدە ئوخشاش سەۋىيەدىكىلەر مۇسابىقىسى(LOL دا 排位赛 دېيىلىدۇ، Dota2 دە 天梯系统) بار. ھەر ئىككىلىسىىدە ئويۇندىكى قەھرىمانلار ئۈچۈن تەييارلانغان ئىنتايىن قالتىس ئىشلەنگەن تېرىلەر بار. بۇ توغرىسىدا كېيىن يەنە داۋاملىق توختىلىشىمىز مۇمكىن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: DOTA، LOL، RGP، ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 25,015 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 01-ئاينىڭ 14-كۈنى
- يازما مەنزىلى: dota2-lol.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 2013-يىلىدىكى ئويۇنلارنىڭ ئەسلىمىسى – 3 مىنۇتتا 2013-يىلىدىكى چوڭ ئويۇنلارنى كۆرۈپ چىقىش
- كېيىنكى يازما > Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
- يەنە پاركور – قاتىل ئەقىدىسى : چوڭ ئىنقىلاب
مۇشۇ lolغا بەك ئۆچ بۇلۇپ كەتتى بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ،ئۇكام بىر يىل بولدى توختىماي ئويناپ ئۆيدىكىلەرنىمۇ زىرىكتۈرىۋەتتى بۇ بالا ئەتىگەن سائەت بەشتىن چۈشتىن كىيىن 2گىچە ئوخلايدۇ،ئاندىن تۇرۇپ كومپىيۇتېردا مۇشۇ Lolنى باشلىسا ئەتىسى ئەتىگەن سائەت بەشكىچە ئوينايدۇ،ئۇنىڭ ھەركۈنى قىلىدىغان ئىشى مۇشۇ ،ئۆيدىكىلەر ۋە چوڭلارنىڭ ھەممىسى نەسھەت قىلىپمۇ باقتى ،قەتئىي پايدىسى يوق ،بۇرۇن تۇلا تورخانىلاردا ئويناپ ئۇيگە كەلمەيتى ،ئۆيدىكىلەر ئەنسىرەپ ئاخىرى ئۆيگە تور ئەكىرگەن ئىدى . بالىغا يۇمشاق قاتتىق ئامالنىڭ ھەممىنى قىلىپ باقتۇق لىكىن بۇ ئويۇنغا شۇنداق خۇمار بولۇپ كەتتىكى ،، توسقانسىرى بەك بىرىلىپ كىتىدۇ.بەزىدە ئويلاپمۇ قالىمەن مۇشۇ ئۇيۇننىڭ شۇنداق جەلىپ قىلىش كۈچى بارمىدۇ؟ئاڭلىسام دوسلىرىممۇ ئوينايدىكەن ،مەنمۇ ئويناپ سىناب باقتىم مەنچە ھېچقانداق ئەمەسكەن ،يەنىلا مەجبۇرىيەت چاقىرىقىغا يەتمەيدىكەن.
بولسا مۇشۇ ئويۇننىڭ مۇلازىمىتىرى پارتىلاپ كەتكەن بولسا ،پۈتۈن ئارخىبلار يۇيۇلسا ھەجەپ ياخشى بولاتتى ، شەخسەن كۆز قارىشىم.
مۇشۇ ئۇيۇن ئابونتىنىڭ توردىكى ۋاقتىنى مەلۇم دائىردە چەكلەپ قويغىلى بولماسمۇ؟
قارىغاندا خاككىر تىپىپ ئۇنىڭ تېڭشۇن چ چ نۇمۇرىنى ئوغىرلاتساق بولغۇدەك …..
بىر ئاۋارچىلىق بولدى دىسە بۇ ئىش ،بىر ئادەمنى كىرەكتىن چىقىراي دەپ قالدى.
تورخۇمارلارنىڭ بۇئىشتىن ئىبرەت ئېلىپ بۇ ئويۇنغا توغرا مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .تور دىكى ئىشلار ھامان مەۋھۇم ،،،،
بۇ ئويوننى مەنمۇ ئوينايمەن،2~3قول ئوينىساملا زېرىكىپ قالىمەن.ئادەم نېمىشقا مەۋھۇم دۇنياغا بېقىنىپ قالىدۇ؟ سەۋەبى رىئال دۇنيادىن ئۆزىنى جەلىپ قىلغۇدەك نەرسىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى،بۇنىڭغا ئەگەر موھىتنىڭ سەلبىي تەسىرى قوشۇلسا ،ئادەم ھەتتاكى مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيا بىلەن ئارلاشتۇرۇپ قويۇشى مۇنكىن…ئىنىڭىزغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇڭلار،سىرتتىكى نەرسىلەرگە قىززىقتۇرۇڭلار،دوسلىرى بىلەن كۆپرەك سىرتقا چىقسۇن.مەنچە شۇنداق بولغاندا ئاستا-ئاستا ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.
بىرلان قېرىندىشىمىزنىڭ دىگەن سۆزى ناھايتى ئورۇنلۇق بۇلۇپتۇ ، مەنمۇ بۇرۇن شۇنداق ئوينايتىم ھازىر ئازراق ئوينىساملا زېرىكىمەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالايدىغان بولدۇم ، جاھان كۆردۈم جاپانىمۇ ھالاۋەتنىمۇ كۆردۈم ،ھازىرمۇ ئانچە-مۇنچە ئويناپ قۇيمەن ئۇيۇننى لىكىن ئۇكىڭىز بەك بېرىلىپ كىتىپتۇ بولسا ساياھەتلەرگە ئەپچىقىپ ئوينۇتۇڭ جاھاننى كۆرسۈن ئۇ يەر بۇ يەرلەرگە ئىشلەشكە ئەپرىپ قۇيۇڭ سىرتقى مۇھىت بىلەن كۆپرەك ئۇچراشسۇن بولمىسا ئۆزىنى نابۇت قىلىۋالىدۇ.
مەنمۇ بەك ئامراقتىم بىر قىزبالىنې ياخشى كۆرۈپ قېلىپ شۇ قىزبالا مېنى ئۆزگەرتتې…
ئەسلى دىمەي دىگەنتىم تورخۇمارغا خۇمار بولغان نەچچە يىل نىياڭقىسى تۇنجى قىتىم ما دىۋان نىسىپ بوپتۇ شۇڭا دىمەي بولمىدى دىۋان دىۋان……
لىكىن مەن مۇشۇ تىپتىكى ئويۇنلارنى تازا ئوينىمىغاچقىمىكىن تازا چۇشەنمەيدىكەنمەن دىسە……
ئۆمرۈمدە ئويناپ باقتىم دېگەن ئوياندىن ئىككىسىلا باركەن. بىرى 红警، بىرى 半条
ئاندا دېسەم بەك ئۇستىمىكىن دېمەڭلا. كومپيۇتېر ئويۇنىغا تازا خۇشتار ئەمەسكەنمەن.
بۇرۇن دوستلىرىمنىڭ نەرسە تېرىپلا يۈرگەن ئويۇنىنى كۆرۈپ نىماندا ھاماقەت ئويۇندۇ بۇ دېگەن تەسىرى قاپتىكەن، شۇڭا پەقەت ئويناپ باقماپتىمەن. بولمىسىغۇ ۋاقىت دېگەن پىنسىيىگە چىققان ئەدەمدەكلا باتتى بۇرۇن.
ئوخشاشكەنمىز، مەنمۇ شۇ ئىككىلا ئويۇننى ئويناپ باققان…
ئوييۇ ما ئويۇننى ما يەدە كودۇم جىما
ماۋۇ لول نى ئەمدىلەتىن ئويناۋاتىمەن،2 ھەپتىچە بولدى.؛بۇ ئويۇنچىلار ئوينىسا بولىدىغان ئويۇنكەن،ئىلگىرى قۇرت-قوڭغۇزنى چانايدىغان ئويۇنىمۇ ئوينامدۇ دەيتىم. لېكىن يېڭى بولساممۇ ھېس قىلغىنىم؛ بۇ ھەمكارلىق،كوللېكتىپ،بىرلىشىش،ماسلىشىش تىپىدىكى ياخشى ئويۇنكەن. قەھرىمانلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ئارتۇقچىلىقى كەمچىلىكى ، بىر بىرىنى تولۇقلاش قوغداش قاتارلىق نۇرغۇن ئۈنۈم بارىكەن.
لېكىن يەنىلا ئويۇن ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى ئىشلارغا تەسىر يەتمىگىنى ياخشى
مەن مۇشۇ تۇرخۇماردا تۇنۇشتۇرغانلا ئۇياننى چۇشۇرۇپ ئۇيناۋاتىمەن ماۋۇ ئۇيانمۇ قالمىسۇن ئۇيناپ باقاي
ئىلگىرى LOL ئوينىغانلارنى كۆرسەم مەنمۇ زىرىكەتتىم…. بىر يىلدىن بىرى ئويناپ خېلى ئامراق بوپ قالدىم… بەشەيلەن بىللە ئولتۇرۇپ كىچىلەپ ئوينىساق بەكلا قىززىيدۇ بۇ ئويۇن…
دىيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن…نوكساستا (诺克萨斯) ئوينايدىغانلار بولسا بىللە ئوينايمىز… ئۇيغۇر باللارمۇ خېلى جىق بۇ رايوندا
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تورخانىدا ئوينايدىغان ۋاقىتتا مۇشۇ ئويۇننى ئويناپ ئولتۇرغانلارنى كۆرسەم ئىچىم پۇشۇپ، بېرىپ گەدىنىنىڭ تۈۋىگە ھاپپاق بىلەن بىرنى سالغۇم كېلەتتى … يا چۈشەنمىگەچكە شۇنداقمۇ ….
بۇ ئويۇن چۈشەنچەمچە 红警 غا ئوخشاشمىكى دەيمەن …
LOL چوڭ قۇرۇقلۇق مۇلازىمېتىرىدا 皮尔特沃夫 رايونىدىكى ئىسمىم munglan، تەيۋەن مۇلازىمېتىرىدىمۇ munglan, ئامېرىكا مۇلازىمېتىرىدىمۇ munglan ، ئوينايدىغانلار بولسا قوشۇڭلا بىللە ئويناپ قالىلى . چوڭ قۇرۇقلۇق مۇلازىمېتىرىدا 战斗力 7700 ، 排位 白银1 ياراتساڭلا قوشۇڭلا.
كۈندە ئۈچ قول ئويناپ قويىمەن.
مەن ئۆيەمگە تور ئەكىرمەستە گاڭ خو تورسىز چوڭ تىپتىكى ئويۇنلار نى بەك ئوينايتتىم . كەسپى چوڭ ئويۇن ھەۋەسكارى ئىدىم . چوڭ ئويانلار نىڭ يىڭىسى بەك ئاستا چىققاچقا، ساقلاپ بولامماي .
زىرىكىپ يىڭى ئويان چىققۇچە 2يىل CF ئوينىغان دەرىجەم 2 ئالماس ئىدى . بەك كۆڭەل قوياپ تەتقىق قىلىپ ئوينىدىم. ئادىشىم LOL نى تەۋسىيە قىپتى ، نىمە ئۇ كىچىك نىمىلەرنى ماڭغۇزۇپ ، مۇشۇ مۇ ئويانمۇ دەپتىكەنمە.
ئۆزەم قىزىقىپ قالغاندىن كىيى 1 يىل بولدى ۋەششى ئوينىدىم ، ئاشىقى بىقارار بولدۇم. بەك ئۇستا بولاپ قالدىم . چوڭ ئويانلارنى ئويناشقا خوشياقمىدى. ئىسمىم V52灬Assassin
كەسپىلەشتىم. ئادەتتە ئاساسەن بەندئىرچىڭ 班德尔城 دا ئوينايمەن . .46 قەھىرمان بار. كۆپىنچىسى 6300 كويلۇق جۇمۇ تىخى.
مەن ئوينىغان رايوندا ئوينايدىغانلار نىڭ قوشۋىلىشىنى قاتتىق تەلەپ قىلىمەن ، بۇ رايوندا ئۇيغۇر باللا خىلى جىق ، قوشۇمچە نوكساس تا مۇ ئويناپ قويىمەن. بەك ئامراق مەن بۇ ئويانغا.
يەنە بىر گەپ :
Forever ئاداشنىڭ ئىكاسى: (بېرىپ گەدىنىنىڭ تۈۋىگە ھاپپاق بىلەن بىرنى سالغۇم كېلەتتى ) ما گەپنى ئوقۇپ ئۆزەمنى تۇتۋالاماي قاقاھلاپ ، تىنالماي كۈلۈپ كەتتىم. كۆزەمدىن ياش چىقتى كۈلۈپ بولامماي ، ئانام نىمبولدى بالام دەپ ھەيران قالدى.
يوللىغان ھىلىقىدەك رەسىملىرىڭلامۇ بەك سەرخىل بەك ۋەششى ، بەك قاتىلكەن.
مىنىڭچە سىلە بەك يۇمۇرىستىك ، ماڭا ئوخشاشكەنسىلە.
سىلە نى چچ رىمغا بەك قوشۋالغۇم بار . خالىساڭلار چچ نۇمۇرۇڭلارنى قالدۇرۇڭلار ، بەك مەخپى تۇتمىسام بومايتتى دەپ قالساڭلار مىنى قوشاڭلار . چچ : 925677892
QQ رىڭلىنى قېتىۋالاي دىسەم « ئاكا دە » دەپ سوئالى تۇرىدۇ
سىلى قىتىۋىلىڭلار 969672937
مەنمۇ مۇشۇ LOLنى ئوينايدىغانلارغا قاراپ بۇرۇن ھەيران قالاتتىم ، مۇشۇ ئويۇننىمۇ ئوينايدىكەن دەپ . كېيىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى مەنمۇ ئويناپ قالدىم . ھەقىقەتەن بولىدىغان ئويۇن ئىكەن . لېكىن ئويناپ باقمىغانلار ئەڭ ياخشىسى ئوينىماڭلار . بولۇپمۇ ئۆزىنى كونتىرول قىلالمايدىغانلار . بۇ ئويۇننىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئويۇننىڭ ئادىللىقىنىڭ يۇقىرى بولىشىمىكىن دەيمەن . سەۋەب ھەممىمىزگە مەلۇم تېڭشۈن ئويۇنلىرى بىر پۇل سۈمۈرۈش ماشىنىسى . كىم ئويۇنغا پۇلنى كۆپ خەجلىسە ئويۇندا شۇ يامان بولىدۇ . لېكىن LOLئوخشىمايدۇ . LOL غا پۇل خەجلەپ پارتىلتىۋەتسىڭىزمۇ بىرموچەن خەجلىمەي ئوينايدىغانلار بىلەن ھېچقانداق پەرقىڭىز يوق
LOL ئويۇنى بىر خىل ئىنكاس ھەم كاللا ئىشلىتىشنى ئالاھىدە تەلەپ قىلىدىغان ئويۇن . بەزى كىشىلەر 5000مەيدان ئويناپمۇ ئۆگىنەلمەيدۇ . بەزى كاللىسى ئوچۇق كىشىلەر 1000مەيدان ئوينىمايمۇ 5000مەيدان ئويناپ بولغان كونا ئويۇنچىلارنى بىر تەرەپ قىلىپ قويىدۇ . شەخسەن مەن ئاشۇنداق ، ئۆزۈمنى ماختىغىنىم ئەمەس . بۇ ئويۇننى كۆپ ئوينىمىغىنىم بىلەن ئۆزۈمنىڭ ئورنىنىڭ ھۆددىسىدىن راۋۇرۇس چىقىپ قويىمەن . (12000战斗力لىق نوچىلىنىمۇ نەچچە قېتىم بىر تەرەپ قىلىپ باققان)قىززىقۇچىلار ئويۇن توغرۇلۇق يولۇققان مەسىلىلەر بولسا مەندىن سورىساڭلار بولىدۇ .
مەندىن نەسھەت ھەرگىز قىززۇققۇلۇق قىلمىسۇن ما ئاتالمىش قەھرىمانلا بىرلەشمىسگە ئوتى يامان ۋاقىت زىيادە كۆپ ئىسراپ بوپ كىتىدۇ ما مەندىن ئىبرەت ئىلىپ بىلپ قىلىڭلا ئوينىماڭلا
ئالى مەكتەپكە دەسلەپ باغاندا بۇ LOL بىلەن تونۇشتۇم، ئوينىغانسېرىم سەۋىيەم ئاشتى. يېقىن دوستۇم ئېكرانىمغا قاراپ جىلە بوپ كىتەتتى دەسلەپتە، بىر ئۆگۈتۈپ قويغۇنۇمنى بىلىمە… ھەي ي ي بىچارە كېچىلىرى چۈشىگىمۇ كىرىپ كىتىدىغان بوپ كەتتى..
مەن بۇرۇن بەك ئوينايتىم ، ھازىر بۇنىڭدىنمۇ زىرىككىلى توردۇم 2-3كۈندە 4-5 قول ئويناپ قويىمەن. 皮尔特沃夫 دا ئوينايمەن ، بىللە ئوينايلى دىگۈچىلەر بولسا … مۇڭداشقۇ : 632985072 ( LOL دەپ ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ ! )
بىر خىزمەتدىشىم بەك ئوينايدۇ، بىكار بولسىلا تورخانىدا ئويناپ ئولتاغان، قاندا بىمىكى دەپ مەنمۇ ئويناپ باقسام ھېچ قىزىقالمىدىم.
بۇ قايسى ئويۇنلار،، خەنزۇچە ئىسمى نىمە ؟ بىر ئويناپ باقاي ..
ئۇيۇنچىلارنىڭ ھەممىسى كىرىۋاپتۇدە ماۋۇ تېمىغا
تورخۇماردىكى بالىلار بىر QQ توپىغا ياكى YY قانىلىغا يىغىلىپ، يېڭى رايوندىن ئىسىم ئېلىپ تازا بىر تۇتۇشمامدۇق؟ ئەمما ئىنكاس يازغانلار ئىچىدە ئۇستاملار جىقتەك قىلىدۇ.
مۇشۇ ۋاخقىچە ئوينىمىغاندىكىن ئوينىمايلا قوياي . ئىنىممۇ شۇنداق دەيدىغان قىزىقىپ قالما بىكارچىلا بولىسەن دەپ.
نىمىشقا ھەممىڭلار 皮尔特沃夫 دا ئوينايسىلە دەيمەن. دىمىسىمۇ مۇشۇ رايوندا ئۇيغۇرلا بەك جىقكەن.
班德尔城 دىمۇ ئۇستا باللا بەك جىق ، مەسىلەن : مەن.
ھەممە يىڭشوڭنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار . بەك كۆڭۈللۈك .
Master yi (无极剑圣) دا ماڭا كىلىدىغانلار بارمۇ ، بەك تىز بىر تەرەپ قىلىمەن.
مەن مۇشۇ يىڭشوڭنى تاللىسام دائىم 五杀 قىلىمەن.
مەنمۇ لوكساستا ئوينايمەن بەزى قەھرىمانلارغا ئالاھىدە ئۇستا
مەسلەن (无双,剑圣,德玛,德邦,盘僧,机器 蛮子。。。。)
مۇشۇلارنى ئوينىسام ئەزەلدىن كاللا ئىلىشتا ACE بوپلا ئوينايمەنغۇ
گاد لايك، لەجىندەرىي دەپ ھا ھا
بىللە ئوينايدىغانلار بولسا بىقللە ئوينايلى باللا، مەن مۇ خېلى ئويناپ قۇيدىغان ،لىكىن مۇشۇ ھەپتىدە بىر يېڭلاش ئەدەمنىڭ بەك ئىچىنى پۇشۇرۋىتىدىكەن .
خېلى بولىدىغان ئۇيۇن بۇ ، بىراق ئۈزىنى تۇتىۋالالمايدىغانلار ئوينىمىسا بۇلىدىغان ئۇيۇن بۇ بولمىسا چاتاق بار……
تور ئويۇنلىرىغا قىزىقىپ قالمىغان تۈزۈك
كۆرگەن-ئاڭلىغان،باشتىن كەچۈرگەنگە ئاساسەن چىقارغان يەكۈن
مەن 电信一区 艾欧尼亚 دا ئوينايمەن
ئىسمىم : 冰雪幻酷 QQ:591333363
ئوھ…………………..! تورخۇماردىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئويۇن خۇمارمۇ نىمە !
مەنچە بولغاندا بورادەرلەر ئەڭ ياخشىسى بۇنداق مەۋھۇم نەرسىلەرگە زىيادە بىرىلىپ كەتمەڭلار، قورساقنى ئاچ قۇيۇپ ، سىگىلىمۇ چىقىش خوش ياقمىغىدۇك قانچىلىك ئىش بۇ شۇ ئويۇندا ئويناۋىرىپ يامان ئۇستىلاردىن بولۇپ كەتسەڭلارمۇ بۇ پەقەت ۋاقىتلىق ،بۇخىل ئۇستۇلۇق كۈندىن كۈنگە يىڭىلىنىپ تۇرىدۇ ،تىخىمۇ ئۇستا بۇلۇش ئۈچۈن يەنە ۋاقىت چىقىرىپ ئويناپ تەتقىق قىلىش كىرەك ،بەزىلىرىڭلار مۇشۇنداق مەۋھۇم نەرسىلەرنى تەتقىق قىلىسىلەيۇ ،ئەمەلىي نەرسىلەرگە ئۇنداق بېرىلىپ ئىزدەنمەيسىلەر ،دوسلار ئارا پاراڭلاشقاندا بولسا باشقىلارغا ئۆزۈڭلارنىڭ يامانلىقىنى سۆزلەپ ئۇلارنىمۇ بۇنداق مەۋھۇم تۇرمۇش قوينىغا كىرىشىگە سەۋەبچى بۇلۇپ قالغانلىقىڭلارنى ئويلىمايسىلەر ،بۇنداق دىسەم ھەرگىز مىنى باشقىچە ئويلاپ قالماڭلار ، مۇشۇنداق ئۇيۇن ئۈچۈن ئۈزىنىڭ قىمممەتلىك ۋاقتىنى(بۇنداق دىسە جىق ئادەم كىتابى سۆز دەپ قىلىشى مۇمكىن)شۇنداق ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى ،شۇنداقلا جاپا تارتىپ تاپقان پۇللىرىنى دەسمايە قىلىپ تۇرۇپ ئوينايدىغانلارنى جىق كۆرگەن .ۋە ئۆز بىشىمدى ئۆتكۈزگەچكە شۇنداق دەۋاتىمەن .
تۇلىمۇ ھەيران مەن مۇشۇ 吧لارنىڭ ھەممىنى يولداشلار ئاچىدۇ ،بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز كىرىدۇ
ھەييييييييييييييييي نىمە ئىش بوپ كەتتى بۇ ؟؟؟؟؟؟
ھەجەپ قايناپ قالدىم دىسە
dota2 ئەڭ قىزىيدۇ …..lol بەك قونچاق …. كىچىك بالا ئوينىسا بولدۇ …..dota2 گە يېتىدىغان rpg ئويۇن تېخى يوق …..بۇلارنى يېزىۋېتىپ dota پىرى vigoss نى سېغىنىپ قالدىم ….
مىنىڭچە ھازىر كەلگەن ئۇيقۇمغا يىتىدىغىنى يوقكەن ھى ھى
قېنى دوتا2 نى بىر ئويناپ كۆرەي ، ئويۇننى ئويناپ تۇرغۇلۇق ،،، كاللىنى ئاچىدۇ ، كۆڭۈلنىمۇ ئاچىدۇ بىراق جىق ئوينىمىغىلۇق ،،، ۋاقىت كىتىدۇ ، بەخىت كىتىدۇ ….
مەن بەك ئۇستا
剑士
ئويون ئوينغانغۇ ياخشى كەيپى-ساپاقىلغاندىن لىكىن سالامەتلىك 1-ئوروندا، مەنمۇ بىر ئويۇن خۇمارى
قانداق تورخۇمارجان DOTA2دا 开黑قىلامدۇق يا كېڭ لى قىلامسەن ؟DOTA2 ئوينايدىغاندىن سەن بىللەن مەنلا بار ئوخشايمىز قارغاندا..
مەنمۇ بۇ ئۇيۇن يېڭى چىققاندا ، باللا ئويناپ كەتسە ئىچىم پۇشۇپ قالاتتى ، مەنمۇ باللانىڭ زورلىشى بىلەن ئويناپ سەت قىززىۋەتتىم لىكىن گەپ كەتمەيدۇ ، ئاخشىمى ئۇخلىساممۇ مۇشۇ ئۇيۇننى ئويناپلا ، لىكىن مەن دىن ئىبرەت بولسۇن بىلىپ-بىلمەي 黑色玫瑰 دە ئويناپ سامماڭلا ، ئەمما ئاچچىقتىن قان بېسىم قىىلىپ ، يەنە باشقا بېسىممۇ قىلىپ قۇيۇدۇ بۇ رايۇندىكى باللا
ئالىم ئەپەندى دېگىنىڭىز ئورۇنلۇق، ياشلارنىڭ ۋاقتى مۇشۇنىڭ بىلەنلا ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. ھەييييييي…!!
lol,dota,پىلانىتلار ئارا ئۇستۇنلۇكنى تالىشىش، (星际争霸)قاتارلىق ئويۇنلارنى ئادەتتكى رىۋايەت، (传奇)، مۆجىزە(奇迹)قاتارلىق ئويۇنلار بىلەن بىر قاتاردا قويۇش تازا مۇۋاپىق ئەمەس. lolمۇ ۋاسكىتبول، ۋالبول، قاتارلىقلارغا ئوخشاش ماھارەت مۇسابىقىسى، پەقەت بۇ ئىلىكتىرونلۇق خالاس!~بۇنىڭمۇ دۇنياۋى مۇسابىقىللىرى بار، مۇكاپاتىمۇ خىلىلا يۇقىرى. مىليون ئامرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ. تىڭشۇن ئۆتكۈزىدىغان پەسىللىك مۇسابىقىنىڭ مۇكاپىتىمۇ 400مىڭ خەلىق پۇلى…
ئەڭ مۇھىمى ،بۇ ئويۇندا دەرىجە ئۆستۈرۈش، جابدۇق ئۇرۇش دىگەنلەر مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا كۆپ ۋاقىت ئالمايدۇ. ۋاقتىڭىز چىقسا بىر ئىككى قول ئويناپ قويسىڭىز، بولىدۇ. ۋاقتىڭىز چىقمىسا بىرەر ئاي ئوينىماي تاشلاپ قويسىڭىزمۇ باشقىلارنىڭ بەك كەينىدە قالمايسىز، ئوتتۇرىدىىكى پەرق چوڭىيىپ كەتمەيدۇ. ئىشقىلىپ ئويۇن ئوينايدىغانلار باشقا ئويۇن ئوينىغاندىن مۇشۇنى ئويناپ قويسا ياخشى. پۇل كەتمەيدۇ، ۋاقىت ئىسراپ قىلمايدۇ.
ھەي dota2 نىڭ بۇ قېتىملق مۇسابىقىسىدىكى ئالتۇن چەيداۋنى
ئېلىپ كەتى دە eg كوماندىسى
تورخۇماردا dota2 ئوينايدىغانلا ئازكەن…
نىمە ئۇ لول دىگەن لە 90يىلدىكى قونچاقنىڭ ئۈزىغۇ…………