قىزىقارلىق دۇنيا جېنىس رېكورتلىرى
كانادالىق ئوباس(ئوڭ تەرەپ) بىلەن كراي ھەمكارلاشقان «غەلىتە مەخلۇق» ئويۇنىدا بىر مىنۇت ئىچىدە 55 دانە تۆمۈر لىگەننى كاردىن چىقىرىپ دۇنيا جېنىس رېكورتى قامۇسىدىن ئورۇن ئالدى.
دۇنيا بويىچە ئەڭ پاكار ئەر نىپاللىق 72 ياشلىق كەندالا باخدۇر. ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى 54.6 سانتىمېتىر، تەن ئېغىرلىقى 12 كىلوگرام كىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ بوي ئېگىزلىكى دۇنيا جېنىس قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، كەندالا دۇنيا ساياھىتى قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.
بىر مىنۇتنىڭ ئىچىدە ئەڭ جىق تولۇق دۇمىلىيالايدىغان رايرانى لوندوندىكى سوخو رايونىدا بىر مىنۇتنىڭ ئىچىدە 25 قېتىم 360 گرادۇسلۇق ئۆلچەم بىلەن تولۇق ئايلىنىپ، دۇنيا جېنىس رېكورتى قامۇسىدىن ئورۇن ئالدى.
دۇنيا بويىچە چىچى ئەڭ كۆپتۈرمە بۈدرە بولغان ئامېرىكىلىق گوستوننىڭ چىچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 16 سانتىمېتىر، بۈدرە چىچىنىڭ ئايلانمىسى 1.39 مېتىر كىلىدۇ.
لوندوندىكى يەتتە نەپەر ئەۋرىشىم تەنلىك سىرىك ئارتىسلىرى ئېگىزلىكى 1.92 مېتىر، كەڭلىكى 1.5 مېتىر بولغان بوشلۇققا بىرلا ۋاقىتتا كىرىپ دۇنيا جېنىس رېكورتى قامۇسىدىن ئورۇن ئالدى.
كانادالىق كەرس نەپەس ئالمىغان ھالدا ئوت يالقۇنى بار تاياقچىنى ئىككى مىنۇت 1.51 سىكۇنت ۋاقىتتا چىشلەپ تۇرۇپ دۇنيا جېنىس رېكورتى قامۇسىدىن ئورۇن ئالدى.
ئېرلاندىيەلىك كاشېر ساقىلىغا 3107 دانە چىش كولىغۇچنى قىستۇرۇپ، دۇنيا جېنىس رېكورتى قامۇسىدىن ئورۇن ئالدى.
دانىيەلىك لارسمو سەككىز يىشىدىن باشلاپ ئېغىر مىتال مۇزىكا ئەتىرەتلىرىنىڭ پىلاستىنكىسىنى يىغىپ، تاكى 2012-يىلىغىچە جەمئىي 4168 پارچە پىلاستىنكا يىغىپ دۇنيا جېنىس رېكورتى قامۇسىدىن ئورۇن ئالدى.
ئامېرىكىلىق جوشۋا مىللىر 2012-يىلىغىچە 1546 جۈپ كانۋېرس ماركىسىدىكى توپ ئايىقى سېتىۋالغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە بۇ ماركىدىكى ئايىقى ئەڭ كۆپ بالا ھېسابلىنىدىكەن.
لوندوندىكى داڭقى چىققان سەيئېن 24 دانە ئەۋرىشىملىك قىلىچنى ئېغىزىغا سىلىپ تاكى قىزىلئۆڭگىچىگىچە ئاپىرالىغانلىقتىن دۇنيا جېنىس رېكورت قامۇسىدىن ئورۇن ئالدى.
لوندونلۇق 28 نەپەر قىز Mini Cooper مۇسابىقە ماشىنىسىغا كىرىپ، دۇنيا جېنىس رېكورتىدىن ئورۇن ئالدى.
ئاۋسترالىيەلىك سىرىكچى قىز چېرىش مەگ 51 دانە ئېغىزى ئوچۇق شامپان بوتۇلكا شىشىسى ئۈستىدىن بالىتچە مىڭىپ ئۆتۈپ دۇنيا جېنىس رېكورتى قامۇسىدىن ئورۇن ئالدى.
ئۇ 2013-يىلى يەنە 12 سانتىمېتىرلىق ئېگىز پاشنىلىق ئاياق بىلەن ئۇزۇنلىقى 7.52 مېتىر، كەڭلىكى 2.42 مېتىرلىق پولات ئارغامچىدىن مېڭىپ ئۆتتى.
2012-يىلى روسىيەلىك سىرىكچى ئېگور چىشى بىلەن بىر پىكاپنى 30 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا سۆرەپ ئاپىرىپ دۇنيا جېنىس رېكورتى قامۇسىدىن ئورۇن ئالدى.
2012-يىلى 39 ياشلىق مەشقاۋۇل ئەچيېپ 52 تال قوشۇقنى بەدىنىدە تۇرغۇزۇپ دۇنيا جېنىس رېكورتى قامۇسىدىن ئورۇن ئالدى. ئۇنىڭ دىيىشىچە بەدىنىدىكى تەر سۈيىنىڭ ماگىنىتلىك تارتىش كۈچى بار ئىكەن.
قالتىس ئادەم رېچتېر 32.39 سىكۇنتنىڭ ئىچىدە بەش دانە پولات مىخنى چىشى بىلەن سۇغۇرچىلىپ دۇنيا جېنىس رېكورتى قامۇسىدىن ئورۇن ئالدى.
ئاندىريىۋ 3.63 مېتىر كىلىدىغان ماي سۈركەلگەن بۇرمىسىمان سىمنى بۇرنىدىن سىلىپ ئېغىزىدىن چىقىرىپ دۇنيا جېنىس رېكورتى قامۇسىدىن ئورۇن ئالدى.
ئامېرىكىلىق بىلوت بىر مىنۇت ئىچىدە سەككىز دانە ئۇچقۇر تەخسىنى ئون مېتىردىن ئارتۇق جايغا ئېتىپ ئۇچۇرۇپ دۇنيا جېنىس رېكورتى قامۇسىدىن ئورۇن ئالدى.
كانادادىكى قۇياش سىرىك ئۆمىكىنىڭ مۇقىم سىرىك خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 1300 گە يىتىپ، دۇنيادىكى سىرىكچىلىرى ئەڭ كۆپ سىرىك ئۆمىكى ئاتالغان ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا جېنىس رېكورتى قامۇسىدىن ئورۇن ئالدى.
گېرمانىيەلىك بۇچىر بەدىنىدىن 453 دانە تۆشۈك تىشىپ دۇنيا جېنىس رېكورتى قامۇسىدىن ئورۇن ئالدى.
كانادالىق 95 ياشقا كىرگەن موماي ئەندا يوگا ھەرىكىتى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ھازىرغا كەلگۈچە ھەپتىدە بىر سائەت يوگا دەرسى ئۆتىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇ دۇنيا جېنىس رېكورتى قامۇسىدىن ئورۇن ئالدى.
كانادالىق بوناب گۆش ئېلىدىغان كانارىنى بىلەك تىرىسىگە ئۆتكۈزۈپ 14.4 كىلوگرام كىلىدىغان مىتال چىلەكنى 10 سىكۇنت تۇرغۇزۇپ دۇنيا جېنىس رېكورتى قامۇسىدىن ئورۇن ئالدى.
ئاۋسترالىيەلىك كرام دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ئوت چەمبىرەك ئوينىتالايدىغان سىرىكچى ھېسابلىنىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇ دۇنيا جېنىس رېكورتى قامۇسىدىن ئورۇن ئالدى.
جىمىسنىڭ يىغىپ ساقلىغان جەمئىي 322 دانە چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچىسى بار بولۇپ، دۇنيا جېنىس رېكورتى قامۇسىدىن ئورۇن ئالدى.
گېرمانىيەلىك كەشپىياتچى سېپۇتنىڭ ياسىغان بۇ ۋېلىسپىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7.8 مېتىر، ئېگىزلىكى 3.7 مېتىر، چاق دېئامېتىرى 3.3 مېتىر، ئېغىرلىقى 150 كىلوگرام كىلىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ كەشپىياتچى دۇنيا جېنىس رېكورتى قامۇسىدىن ئورۇن ئالدى.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: رېكورد، قالتىس، قىزىقارلىق
- يازمــا مەنبەســى: نۇر تورى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 15,796 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 01-ئاينىڭ 29-كۈنى
- يازما مەنزىلى: funny-guinness-25.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > خەلقئارا شاھمات شاھى بىلگەيتېسنى شاھماتتا 79 سكونتتا ياساپ قويۇپتۇ
- كېيىنكى يازما > ئەردوغان ھولوگرافلىق پرويېكسىيە تېخنىكىسى ئارقىلىق لېكسىيە سۆزلىدى
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- تالانتلىقلار ئەل ئارىسىدا | بىر بۆلەك «خاسىيەتلىك» كىشىلەر
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئەر پېرىخون Zach King نىڭ كارامەتلىرى
جاھاندا ھەر قىسىم ئىشلار بار…
مەنمۇ ئۇيدىكى لىگەنلەنى ئېچىقىپ ئاكامنىڭ بىشىغا ئۇرۇپ رىكۇت ياراتسام مۇشۇ لانىڭ قاتارىغا كىرەلەنمۇ
ئۇنداق قىلسىڭىز ئاكىسىدىن ئەڭ كۆپ تاياق يىگۈچى دەپ شۇلارنىڭ قاتارىغا كىرەلىشىڭىز مۇمكىن .
مىنى دوراپتۇ مېنى
مۇشۇ تورخۇماردىكى «سەھرالىق» تورخۇمارنىڭ دىۋانىدا ئەڭ كۆپ ئولتۇرغان بالا،
مېنىڭچە يۇقارقى رىكورتقا قوشۇپ قويسا بولغۇدەك …
سەھرالىق چوڭ بولدى،ھازىر دىۋان تالاشمايدۇ
ئۇ 2013-يىلى يەنە 12 سانتىمېتىرلىق ئېگىز پاشنىلىق ئاياق بىلەن ئۇزۇنلىقى 7.52 مېتىر، كەڭلىكى 2.42 مېتىرلىق پولات ئارغامچىدىن مېڭىپ ئۆتتى.
مانىڭدىكى ئاۋۇ كەڭلىكى 2.42مىتىر دىگەن گەپ خاتا يېزىلىپ قالدىمۇ نىمە؟ئۇزۇنلۇقى7مېتىر،كەڭلىكى 2مېتىر بولسا پۇلات ئارغامچا ئەمەس پۇلات تاختاي بۇلىدۇ
2.42 مېتىرلىق ئېگىزلىك دىسەك توغرا بولىدۇ
ئۇ 2013-يىلى يەنە 12 سانتىمېتىرلىق ئېگىز پاشنىلىق ئاياق بىلەن ئۇزۇنلىقى 7.52 مېتىر، كەڭلىكى 2.42 مېتىرلىق پولات ئارغامچىدىن مېڭىپ ئۆتتى.
ئۇنداق ئارغامچىدا مەنمۇ ماڭالايمەن.
ئىگىز پاشنىلىق ئاياق بىلەنما؟
ئىگىز چەمىلىك ئاياق بىلەن.
ۋوجو ئاۋىلسىپىتنى توختاتماي ھەيدەم دىغاندۇ
نىمىندا قىززىق مەخلۇق لار بۇ.
ئەلشاھ ئەپەندىم تورخۇماردا ئىنكاسىغا ئەڭ كۆپ قورچاق ئىپادە قىستۇرۇلغان ئىنكاس يېزىپ دۇنيا جىنس رىكوتى ياراتتى.
بىزنىڭ ئۆيدىكى مۈشۈك چاشقان تۇتالمايدۇ بۇ مۈشۈكۈممۇ كىرەلەرمۇيا ئاۋۇ قاتارغا؛
راست قىزىقارلىق جېنىس رىكورتلار ئىكەن ، بەزىسىگە يۇزىمىزنى سەل قېلىن قىلساق بىزمۇ شۇ غەلىتە جېنىس رىكورتىغا ئىرىشەلىگۇدەكمىز . مەن ھەرگىزمۇ ئاكسىنى ئۇرۇپ دىمەكچى ئەمەس ھە
ھى ھى ھى
بىر مېنۇتتا 8دانە ئۇچقۇر تەخسىنى 10مېتىر يەرگە ئۇچۇردىغان ئاۋۇ رېكورتنى مېنىڭچە مېنىڭ بالاممۇ قىلالىشى مۇمكىن.
بەزىللىرى ئادەمنى راستىنلا بىئارام قىلىدىكەن . بۇنداق نەرسىلەرنى ئاز يوللىساڭلار باللا ….
جىنىس رىكورتىنى ىاراتماقنى شۇندا ئاسان ئىش دەمسىلە
ئوزمىز بىر ئىشنى قىلالماي خەخ قىلسا ياراتماي
قىززىق خەخ ھە بىز
(ﺑﯩﺮ ﻣﯧﻨﯘﺗﺘﺎ 8ﺩﺍﻧﻪ ﺋﯘﭼﻘﯘﺭ ﺗﻪﺧﺴﯩﻨﻰ 10ﻣﯧﺘﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﭼﯘﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﯞﯗ ﺭىﻜوﺭت دىگىنى مىنىڭچە 80 تالمىكىن خاتا يىزىلىپ قالغاندەك تۇرامدۇ نىمە ؟