خەلقئارا شاھمات شاھى بىلگەيتېسنى شاھماتتا 79 سكونتتا ياساپ قويۇپتۇ
نورۋېگىيە رادىئو-تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ NKR پروگراممىسىدا، بىلگەيتېس بىلەن خەلقئارا شاھمات شاھى Magnus Carlsen بىر مەيدان شاھمات دوئېلىغا چۈشكەن.
گەرچە دوئېل دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما باشلىنىپ تۈگىگىچە پەقەت 79 سكونتتىن كېيىن، بىلگەيتېس شەرەپ بىلەن يېڭىلگەن.
Magnus Carlsen بولسا نورۋېگىيەلىك خەلقئارالىق شاھمات شاھى، نۆۋەتتە خەلقئارا شاھمات ساھەسىدىكى 1-دەرىجىلىك شاھماتچى(نومۇرى 2872، ئىككىنچى ئورۇندىكى ماھىرنىڭ نومۇرى 69، تارىختىكى نومۇرى 2800 دىن ئاشقان ئاز ئۇچرايدىغان شاھماتچىلارنىڭ بىرى)، ئۆتكەن يىلدىكى دۇنيا شاھمات چېمپيونلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە، خەلقئارا شاھمات شاھى دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
بۇ قېتىملىق كۈچ سىنىشىشتىن كېيىن، بەزى تورداشلار بىلگەيتېس شاھماتنى چۈشەنمەيدىكەن، ئاددى بولغان دەسلەپكى قەدەمنىمۇ ياخشى ماڭالمىدى دەپ قارىغان.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: رىقابەت، مۇسابىقە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 14,286 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 01-ئاينىڭ 27-كۈنى
- يازما مەنزىلى: bill-gates-chess.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ھايۋاناتلار ھەققىدە سىز ئاڭلاپ باقمىغان قىزىقارلىق 10 ئىش
- كېيىنكى يازما > قىزىقارلىق دۇنيا جېنىس رېكورتلىرى
- 2015-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مەزگىلىدىكى قىز-ئوغۇللار پائالىيەت قوللانمىسى
- سامسۇڭ Tizen قاتارلىق سىستېمىلار Android قا ھۇجۇم باشلىدى
- مۇسابىقە مەيدانىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئاشۇ كىشىلەر، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان مىنۇتلار
- «يەرشارى فىلىم ئېكىسكۇرسىيىسى 2013» – توردىكى ئۇنۋېرسال كۆرۈنۈشلەرنىڭ كىرىشتۈرۈلمىسى، قالتىس چىقىپتۇ
- موتسىكىلىت ئۆگىنىشنى بوۋاق ۋاقتىدىن باشلاش كېرەك! موتسىكىلىت مەكتىپىدىكى بۇ ساقىلارنىڭ يامانلىقىنى كۆرۈڭ!
- گىمناستىكىچى قىزچاق كالتەك توپ مەيدانىدا تۇنجى توپنى ئۆزگىچە باشلاپ قويۇپ دۇنياغا تونۇلۇپ كېتىپتۇ
- مېسسىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى كىرگۈزگەن ئەڭ قالتىس توپلىرىنىڭ يىغىندىسى | ئىسمى جىسمىغا لايىق توپ شاھى دېگەن شۇدە؟!
- قىززىقارلىق جىنس رىكورتى – ھەممىدىن بەك ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىدىغان پۇتبول مەستانىلىرى | تۈركىيە
- ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مىنۇتى مىڭ سەر ئالتۇنلۇق ئېلانلارمىش | 2013-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
ئىنكاسى بەك تېز كەن ھە ؟
پاھ سۈرئەت بەك تىزغۇ
شاھماتنى بەكلا ئۆگەنگۈم باتتى، ئانچە-مۇنچە بىلىمەنيۇ ، ئەمما يوق دىيەرلىك. ياخشىراق شاھمات ئۆگىتىدىغان دەرسلىك بولسا تەۋسىيە قىلىڭلارچۇ باللا…
سىنلىق، كومپيۇتېر دېتالى، يېزىقچە بولامدۇ ياكى ئەپ بولامدۇ ئىشقىلىپ بىرەنى تەۋسىيە قىلىڭلار…
مېنىڭمۇ ئۆگەنگۈم بارئىدى.
@ ئەركە ، شاھمات ئۆگەنگۈڭلار بولسا QQ游戏 دا دەرس بېرىپ قويىمەنغۇ ؟
ياخشى ماڭالمىدى دېگەن بىلەن قىستاپ ئامالسىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ ئەمەسمۇ. نېمە بولدى بۇ گايتىسكام تاراتقۇلاردا بەك جىق كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدىغۇ.
ھەيران قالغۇچىلىكى يوق، ئەلۋەتتە ياساپ قويىدۇ،-دە… خەلقئارالىق شاھمات شاھى تۇرسا ئۇ.
دۇنياۋى بايغا ئازراق بولسىمۇ يۈز قىلماپتا ما شاھماتچى!!ما بىلگايتىس بىزنىڭ دۆلەت پۇخراسى بولۇپ،بىزنىڭ دۆلەتنىڭ دۇنياۋى شاھمات شاھىنىڭ شاھى بىلەن ئوينىغان بولسا،ئا بىزنىڭ دۆلەت شاھمات شاھىنىڭ شاھى 10قىتىم بىلگايتىس بىلەن ئوينىغان بولسا100قىتىم ئۇتتۇرۇپ بىرەتتى بىلگايتىسقا.ئۇف ئەجەپ تەس چۈشىنىپ ئوقىدىميا ما يازغان خىتىمنى.سىلەرمۇ چۈشىنەلىدىڭلارمۇ؟
ئۆزىڭىزمۇ تەستە چۈشەنسىڭىز بىز قانداق چۈشىنەمىز..؟
ئۇنداق شاھمات ئويناشنى بىلمەيدىكەن دەپ تەنقىدلەپ كەتكۈدەك دەرىجىدە ئەمەس ئىكەنغۇ ؟؟
ئۇستىلارغا ئۇچراپ قالغاندا ھېلىغۇ 79سىكۇنت ئىكەن . 6قەدەمدىمۇ مات بولۇپ قالىدىغان ئىش نورمال ھېسابلىنىدۇ . يەنە كېلىپ بۇ رەسمىي دوئىل ئەمەس ئادەتتىكى بىر چاقچاقتەكلام دوئىل بوپتۇ . تەنقىدلەپ كەلگەنلەر بەلكىم شاھماتنى ئۆمۈرىدە ئويناپ باقمىغانلار بولىشى مۇمكىن
ئاۋۇ ئاداش تولا پەسكە قاراۋېرىپ چىرايىنىڭ تۈزىلىشىمۇ پەسكە قاراپ قاپتۇ .
دىققەت قىلدىڭلارمۇ ئەسلى بىرىلگەن ۋاقىتمۇ شۇ 2 مىنۇتكەن ئاۋۇ باسقان سائەتتىن بىلگىلى بولىدىكەن بۇنداق ئۇتتۇرۇش ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس دەپ قارايمەن
ئوتتۇز سېكۇنتقا قارشى ئىككى مىنۇتكەن تېخى!
ۋاي،ئۇ شاھمات شاھى تۇرسا ، بىل گايتىسنىڭ كەسپى يا شاھمات بولمىسا ،،،يېڭلىپ قېلىشى نورمال ئىشقۇ!
كارلىسىننىڭ گەيتىس ئەپەندىنى يىڭىشى ناھايتى ئىنىق. لىكىن گاتىس ئاخۇن 3نجى قەدەمدىلاپىيادەتۇتقىلى پىل چىقىپ خاتالاشتى.قارىغاندامەنمۇمات قىلالىغۇدەكمەن بىل گەيتىس دىگەن ئەجنەبىينى.
يىزىپ بولدۇم، يوللىۋېتەي.
موزدۇز بىلەن لەڭپۇڭچىنى ئاياق ياماشقا سالسا موزدۇزنڭ ئۇتۇش نىسپتى يۇقرى بولىدۇ.بىر شەرىت لەڭپۇڭچى بۇرۇن مۇزدۇزلۇق قىلمىغان بولۇشى شەرىت.
گايتىس شاھمات ئۈچۈن بىر پروگرامما يېزىپ ئاۋۇ شاھماتچىنى قىيناپ ئوينىسا بۇلىدۇ
بىل گايتىسنىمۇ ناچار ئوينىدى دېگىلى بولمىغۇدەك،ئاۋۇ ئاداش دەسلىۋىدىلا ئىككى ئاتنى ئاقسا چىقىرىپ قويۇپ،پىسخىكا جېڭى قىپتۇ،بۇنداق شارائىتتا پىشقان شاھماتچى بولمىسا جىددىيلىشىشى تۇرغانلا گەپ.شاھماتتا باشقا ئۇرۇقنىڭ كۆزى بولغان بىلەن،ئاتنىڭ كۆزى يوق،چاچراپلا چىقىدۇ،شاتىراقلاپ قاچىدۇ.ئۇ ئۇستام گايتىسنىڭ راكروك قىلغىنىدىن پايدىلىنىپلا،باشقا ئۇرۇقلارنى چىقارغىلى قويماي بىر بۇلۇڭغا كەپلەپ قويدى.شۇ چاغدىلا يېڭىش-يېڭىلىش بەلگىلىنىپ بولغان ئويۇندا گايتىس قارى تەمكىنلىك بىلەن بىر ئۇرۇقنى قۇربان قىلىپ،ئۆزىنىڭ كۆتىنى ئاچتى دېگەن گەپ…
ماڭا قويۇپ بەرسە يېرىم مىنۇتمۇ تۇرالماسلىقىمدا شەك يوقتەك تۇرىدۇ.
ىلگىرى كومپىيوتىر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىدا مىكروسوفت شىركىتى لاھىيەلىگەن شاھمات ويۇنىدا كومپىيوتىر دۇنيا شاھمات شاھى كاسپاروفنى يەڭدى دەپ اڭلىغان ىدىم.
ماۋۇ كارلسېن راسلام يامان بالا ئىكەن. 17 يېشىدىلا خەلقئارادىكى 1-نومۇرلۇق شاھماتچى بولغان. مانا ھازىر 23ياشقا كىردى. ھازىرقى دەرىجە نومۇرى 2882.5 .