مېسسىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى كىرگۈزگەن ئەڭ قالتىس توپلىرىنىڭ يىغىندىسى | ئىسمى جىسمىغا لايىق توپ شاھى دېگەن شۇدە؟!
مېسسى(تولۇق ئىسمى Lionel Andrés Messi)، ئارگېنتالىق پۇتبولچى، 1987-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى تۇغۇلغان، ھۇجۇمچى ۋە ئوتتۇرا مەيداندا ئوينايدۇ، ھازىر بارسېلونا كوماندىسىدا، ئۇ كۆپچىلىك تەرىپىدىن «يېڭى مارادونا» دەپ ئاتالغان. 2009-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى، مېسسى 08-09 مۇسابىقە پەسلىدە بارسېلونانى يېتەكلەپ 6 قېتىملىق چېمپيونلۇقنى ئالغان…
نەچچە كۈن ئالدىدا مادرىد بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە گەرچە ئۇتتۇرىۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما مېسسى ئىنتايىن چىرايلىق بىر توپ سالدى. ئەلۋەتتە، مېسسى بۇرۇنمۇ نۇرغۇن چىرايلىق توپلارنى سالغان. تۆۋەندە پۇتبول دۇنياسىدىكى دۇردانىلەر دەپ قارىلىدىغان ئاشۇ چىرايلىق توپلارنىڭ يىغىندىسىنى بىر كۆرۈپ باقايلى.
مېسسىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى كىرگۈزگەن ئەڭ قالتىس توپلىرىنىڭ يىغىندىسى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: پۇتبول، تەنتەربىيە، مۇسابىقە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,515 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 03-ئاينىڭ 04-كۈنى
- يازما مەنزىلى: messi-best-shock-goal-highlights.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 85-نۆۋەتلىك ئوسكار ئاكادېمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىر قىسىم نادىر كىنو-فىلىملەر | ئوسكار مۇكاپاتى كېچىلىكى
- كېيىنكى يازما > ئىلھام بار يەردە ئارتۇق ھەشەمنىڭ لازىمى يوق، بىر كونا بىنا بولسىلا ھەممە ئىش تامام
- 2015-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- مېسسى يېڭى يىلدا ياپونغا بېرىپ بىر تۈرلۈك رېكورد تاماملىۋېتىپ كەپتۇمىش
- Nike ئەڭ يېڭى پۇتبول كارتون ئېلانى! فەچەتلىكتە دوستسىز قالغان ئېلان بوپتۇ بۇ!
- دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مەزگىلىدىكى قىز-ئوغۇللار پائالىيەت قوللانمىسى
- 2014 Nike دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئاۋات ئېلانلىرىنىڭ بىرى – تەۋەككۈل قىلىش
- خەلقئارا شاھمات شاھى بىلگەيتېسنى شاھماتتا 79 سكونتتا ياساپ قويۇپتۇ
- ۋەھشەت ئويناپ قويغان كوچا پۇتبولى! توپ دېگەن پۇتقا چاپلىشىپلا تۇرىدىكەنغۇ بۇلارنىڭ؟!
- مۇسابىقە مەيدانىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئاشۇ كىشىلەر، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان مىنۇتلار
- تىك-تاك توپنى مۇتلەق خاتا ئويناش ئۇسۇلى: تىك-تاك پىچاق
- ھەقىقىي پۇتبول 2014
دىۋانوف
دىۋان 2
نىمدا تالىشىدىغاندۇ دىۋان دەپ ……..
دىۋان تالىشىدىغان مەندەك ئې چىمدەك باللانى دىۋانخور دېيلى بۇندىن كىيىن ھې ھې
توپ ئوينىسا مىسسىدەك ئوينىسا، توپ بىلەن بىر تەن – بىر گەۋدە بولۇپ …..
س رونالدو دەپ كىتىدىكەن ، ئۇ ئاداش ماڭا پەقەت ياخشى تەسىر بەرمەيدۇ، ھە دىسە چىدىماستەكلا ، ماۋۇ مىسسىدەك ئېغىر بېسىق بولماي …..
بۇنداق بىرسىنى ماختاپ يەنە بىرسىنى چۈشۈرسەك تازا ياخشى بولماسمىكىن دەيمە .، ھەر ئىككىلىسى دۇنياۋى كۆزگە كۆرۈنگەن چولپانلاردۇر ، شۇنداقلا ھەر ئىككىلىسنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقلىرى بار .،مىسسىنىڭ چەكلەنگەن رايۇنغا شۇڭقاردەك بۆسۈپ كىرىپ توپ كىرگۈزىشى ھەر قانداق ئادەمنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈردۇ مەنمۇ ھەم ئۇنىڭ مۇشۇ ئارتۇقچىلىقىنى بەك ياخشى كۆرىمەن ،.ئۇدا 4قىتىم ئالتۇن توپتا ئىرىشكەنلىكى ھەممە ئادەمنىڭ ماختىشىغا ئەرزىيدۇ ئەلۋەتتە .،.ھالبۇكى رونالدومۇ بەدەن ساپا ،تېخنىكا جەھەتلەردىن ھەقىقى بىر پۇتبولچىدا بۇلۇشقا تىگىشلىك ئارتۇقچىلارغا ئېگە ئۇمۇ توپ ئوينىسا ھەقىقى بىر بىلى قاتقان ئەركەتكەك توپ ئوينايدۇ ،ئۇرغان توپلىرى يىراق ئارلىقتىن بولسىمۇ شۇنداق بېسىملىق ئۇرىدۇ، تارىختىن بۇيان مۇشۇ كەمگىچە يۆتكىلىش باھاسى جەھەتتە ئەڭ قىممەت باھادا يۆتكەلگەن پۇتبولچى پەقەت مۇشۇ رونالدو.،..چىدىماسلىققا كەلسەك بۇ دىگەن ھەممە ئادەمدە بولدىغان پىسخىكىلىق خاراكتىر ..،ھەر قانداق ئادەم قارشى تەرەپكە ئۇتتۇرۋىتىشنى خالىمايدۇ .،ناۋادا ئۇتتۇرۋەتسە شۇ ئۇتتاغىنىغا چىدىمايدۇ .،شۇڭا رونالدونىڭ مەيدان ئىچى ياكى سىرتىدا ئۇتتاغىنىغا چىدىماي ياش تۆككىننى كۆرۈپ تۇرمىز ، ئوغۇل بالنىڭ كۆزىدىن ئاسانلىقچە ياش چىقمايدىغۇ .،.بۇنى شەخسەن رونالدوغىلا ئارتىپ قويساق تازا ئاقىلانىلىك بولماس .،. شۇڭا بۇ ئىككىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرنى ئۆگىنىپ كەمچىلىلىك تەرەپلىرى بولسا ئىبرەت ئالساق دەيمەنغۇ .،.،
مىسسىنى توپ شاھى دىسە قوشۇلمايمەن جۇما ! C.Ronaldo مۇ قېلىشمايدۇ ، ئوغۇل بالىنىڭ قەھرى ھەم زەھىرى بولمىسا بولمايدۇ … مىسسىمۇ C.Ronaldo دەك ئاشۇنداق زىددىيەت ئىچىدە توپ ئويناپ باقسۇنچۇ قېنى …
ياساۋۇلنىڭ پىكىرى ئورۇنلۇق ، مەن مېسسى رونالدۇ ئىككىلىسىگە ئامراق ، ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئالاھىدىلىكى با ، لىكىن مادرىدتىكى پىپى دىگەن ئاداش بىلەن قەتئى خوشام يوق ، بەك مەينەت توپ ئوينايدا
مەنمۇ ما يولداشنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن
كىرىستان رونالدۇ ھەممىدىن قالتىس !! مىسسىغا ئوتتۇرا مەيدان ياردەم كەلمىسە كاللىنىڭ پوقىغا ئوخشاش قاراپ تۇردۇ.. كىرىستان رونالدۇ ھەم ھوجۇم ھەم مۇداپىيە ، ھەم ئوتتۇرا مەيدان ئوينىلايدۇ … مىسسىچۇ ؟ 10000 مىسسى بولسىمۇ بىر كىرىستان رونالدۇغا تەڭ قىلمايمەن …
بۈگۈن روسىيەلىك ئاغىنىمىزدىن بىرسى دىۋاندا ئولتۇرۇپتۇ مانا ، دىۋانوف دەپ …
مەن تورخۇمارغا بىر تەلەپ – پىكىر بەرمەكچى ،يەنە بىر ئايلىق ۋە ياكى بىر يىللىق دىۋانوفچى ، يەنە دىۋاندا ئەڭ كۆپ ئولتۇرغانلارنى سىتاستىكا قىلىپ بىر تېما يازساڭلار ، شۇ ئەڭ كۆپ دىۋانىچىگە دىۋان پادىشاھى دەپ نام بەرسەك ، قىززىقارلىق ئويۇن بولغۇدەك …
يائاللا ناۋاتتەك پىكىر بولدىدە ماۋۇ ، سەت قوللايمە ، بۇرۇنراق دىيىشكەن بولساق ئالدىنقى ئايلىق شاھانە دىۋان پادىشاھسى مەنلا بۇلاتتىمكەنتۇق ، ھې ھې خى خى شى شى
ھى ھى مەن 3قاتا ئولتۇرغان دېۋندا ئاخساغىنە
شاۋى ، ئىنىستالاردىن ئايرىلغان مەسسى قانداق بولىدۇ ؟ بۇنى ئاۋال ئويلاش كېرەك . بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ C.ronaldo تازا ئېچىلىپ كەتتى . يىل ئاخىرغىچە مۇشۇ پېتى ماڭسا
بارسا شاھلىق لوڭقىسىدىن خوشلاشتى ، ئۇزغۇنلۇقتىن ئۈمىد ئاز .
مەن مەسسىنىڭ 4 قېتىم ئالتۇنتوپ ئالغىنىغا تازا رازى ئەمەس
مۇشۇ توپ تۈرىدىكى يۇمبۇلاقلا نەرسە بوسا ئەسلا خوشام يوق زادى . كىچىك ۋاقلادا بەك قىزىقاتتىم توپ سېتىۋالام كالاڭ يەنە باشقا نەرسە سېتىۋالسام پۇچۇق چىقىپ بەكلا كۆڭلۈم يېرىم بۇلدىغان شۇڭا سوۋۇپ كەتتىم
بۇ گىپىڭىزنى كۆرۈپ كىچىك ۋاقتىمدىكى بىر ئىش يادىمغا كەلدى .
باشلانغۇچنىڭ تەخمىنەن 3-4 جى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمىزغۇ دەيمەن، ئۇ ۋاقىتلاردا ئۆزىمىزنىڭ قۇرۇۋالغان توپ كوماندىمىز بار ئىدى، لېكىن ئوينايدىغان تۈزۈك توپ يوق ، شۇنىڭ بىلەن كوماندىدىكى بالىلار نەچچە كۈن خەجلەيدىغان پۇلىمىزنى يىغىپ بىر توپ ئېلىپ، مەيدانغا تاشلاپ بىرنى تەپسەك ئىتىلىپ كەتكەن، شۇ ۋاقىتتا كۆڭلىمىز بەك يېرىم بولغان ئىدى ….
ئويلاپ باقسام بەكلا بىچچارە ۋاقىتلىرىمىز ئىكەن جۇمۇ ….
بۇرۇنقى تورخۇمار كولۇبىنى تاپقىلى بولارمۇ؟ مەنغۇ پۇتبول دېگەن تەنھەر تۈرنى ياختۇرمەن، بىراق بۇنداق تېمىغا مۇسىۋەتسىز ئىكاسلار ئادەمنى سەل ئۈمىد سىزلەندۈرۈپ قويىدىكەن.
كېرە-كېرمەيلا دېۋان تالاشقان.
مېسسى ،داۋاملىق ئالغا!!!
مېسسنىڭ كەسىپداشلاغا بولغان مۇئاملسى ۋە ۋەتەنپەرۋەر ھەم شۇنداقلا شۇنداق تەمكىن تەرەپلىرى نۇرغۇن ئادەملەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان ، مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.
مېسسنىڭ مۇئاملسى شۇنداق تەمكىن . نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقى بار. 4 قېتىم ئالتۇنتوپ ئالغان قالتىس.
تورخۇمارنىڭ مىسسىنى ماختاپ يازغان بۇ يازمىسىغا قاتتىق نارازىلىقىمنى بىلدۈرىمەن
بۇ تېمىنى يىزىپ رونالدۇچىلارنىڭ چىشىغا تىگىپ قويۇپسىز ، مىسسىنىڭ كىرىستىيان رونالدۇدىن ئۈستۈن تۇردىغانلىقىنى پۈتۈن دۇنيا ئىتراپ قىلىدۇ ، لېكىن شۇ …
مېنىڭچە بولغاندا مىسسىنىڭ توپ ئويناش جەھەتتە ناھايىتى تالانتى بار ئۇنىڭ ئىختىيارى توپلىرىمۇ ئاز ئەمەس مىسسسى دېگەن ھەقىقىي توپ شاھى. كىرىستىيانو رونالدوغا كەلسەك ئۇ توپنى سەل شەخسىيەتچى تېپىدۇ (بۇنداق دەپ ئۇنى چۈشەرگىنىم يوق) مىسسى كىرىستىيانو رونالدو ھەر ئىككىلىسى ھازىر دۇنياغا داڭلىق توپچىلار ئىككىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئارتۇقچىلىلىرى بار ئۇ ئىككىسىنى سېلىشتۇرۇشمۇ بەك ئادىل ئەمەس شەخسەن مەن ئىككىلىسىگە ئۆچمۇ ئەمەس ئامراقمۇ ئەمەس مەن پەقەت بارسانىڭ كوللىكتىپچانلىقىغا ئامراق مەن يەنىلا رونالدىنخوغا ئامراق توپ دېگەننى شۇلا ئوينايدىغۇ ھە كاساپەت!
كىرىستىانو رونالدونىڭ شەخسىيەتچىلىك قىلىش سەۋەبى مىسسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كىتىش ئۈچۈنلا ، نۇرغۇن توپنى ئۆزۈم سالىمەن دەپ كەتكۈزۈپ قويغان يىرى جېق ، ئۇنىڭ پىسخىكا دوختىرىمۇ دەيدىغۇ :ئۇ كاللىسىدىكى شۇ ئۆچمەنلىك ، رىقابەتنى چۆرىپ تاشلىيالىسا مىسسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كىتىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاسانلا بىر گەپ .
مىسسى سۈرئتى تىز ، ھەمكارلىق كۈچى يۇقرى ، ماھارىتى ئۈستۈن ، لىكىن ئۇنىڭ مەستانىلىرگە تۇتقان مۇئامىلىسى سەل ئوغامنى قاينىتىدۇ ، رونالدودىن بۇنداق ھاكاۋۇرلىقتىن ئەسەرمۇ يوق ، شۇڭىلاشقىمۇ تاللاڭ دىسە مەن رونالدونى تاللايمەن .
كىرىستىيانو رونالدو ھەممىدىن قالتىس !