نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

85-نۆۋەتلىك ئوسكار ئاكادېمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىر قىسىم نادىر كىنو-فىلىملەر | ئوسكار مۇكاپاتى كېچىلىكى

يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان كىنو ساھەسىدىكى قابىللارنى باھالاپ چىقىدىغان ئوسكار ئاكادېمىيە مۇكاپاتى، شۈبھىسىزكى كىنو مەستانىلىرى ئۈچۈن ئەڭ تەقەززا بولىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ كېچىلىكتە پۈتۈن دۇنيادىكى نەچچە مىليونلىغان كىنو مەستانىسى ۋە كىنو ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغۇچىلار بىرلىكتە، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مىنۇتلارغا شاھىد بولىدۇ ۋە مەستانىلەر ئۆزىنىڭ مەبۇدىسىنىڭ شان-شەرەپلىرى ئۈچۈن كۆز-ياشلىرىنى تۆكۈشىدۇ…

oskar

بۇ يىلقى 85-نۆۋەتلىك ئوسكار ئاكادېمىيە مۇكاپاتى(The 85th Annual Academy Awards) نەچچە كۈن ئاۋال غەلبىلىك يېپىلدى. كېچىلىكنى نەچچە يىللارقىغا قارىغاندا بەك قىززىدى دېيىشكە بولمىسىمۇ، بىراق ھەر ھالدا ئۇتۇقلۇق بولدى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل ئىشلەنگەن كىنو-فىلىملەر مەيلى سىنارىيە جەھەتتىن بولسۇن، كۆرۈنمە ئۈنۈم جەھەتتىن بولسۇن، ئاۋاز ئۈنۈمى جەھەتتىن بولسۇن، كىيىم-كېچەك لايىھەسى جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئارتېستلار قوشۇنى جەھەتتىن بولسۇن، ئىنتايىن كۈچلۈك دېيىشكە بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن مەلۇم كىنو ياكى ئارتېستنىڭ خېلى كۆپ تۈردە مۇكاپات ئالغان ئەھۋالمۇ بار. شۇنىڭدەك، بۇ يىل يەنە 9 ياشلىق بىر قىز ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتېستلار قاتارىدا ئىسمى ئاتىلىپ، ئوسكاردىكى يېڭى رېكورت – يېشى ئەڭ كىچىك ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتېست ئىسمى ئاتىلىش مۇكاپاتى رېكورتنى ياراتتى. مۇشۇنىڭدەك، دۆلەت، مىللەت، جىنس، ئىرق، ياش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان پائالىيەتلەر كىشىنىڭ زوقىنى قوزغىماي قالمايدۇ. ئۇنداقتا قۇرۇق گەپنى قويۇپ، بۇداقى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بىر قىسىم كىنو-فىلىملەر ھەققىدە توختىلايلى.

ئەڭ نادىر قىسقا كارتون فىلىم مۇكاپاتى – قەغەز ئادەم

تورخۇماردا تېخى يېقىندا تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن قەغەز ئادەم(PaperMan) فىلىمى مەزكۇر تور بېكەتنىڭ ئۆزىدىلا تورداشلارنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىغان ئىدى. فىلىمدىكى كۈچلۈك ئىپادىلەش كۈچى ۋە مۇۋاپىقىيەتلىك يورۇتۇلغان بىر مەيدان مۇھەببەت ھېكايىسى كىشىنى ھوزۇرلاندۇرماي قالمايدۇ. ۋەھالەنكى، بۇ فىلىم بۇدا ئەڭ نادىر كارتون قىسقا فىلىم مۇكاپاتىنى ئالدى. بۇ فىلىم توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەنچىگە ئىگە بولماقچى بولسىڭىز: قېنى مەرھەمەت.

ئەڭ نادىر كارتون فىلىم مۇكاپاتى – Brave

بۇ يىل ئىسمى ئاتالغان كارتون فىلىملەر ئىچىدە، بىر قەدەر داڭق قوزغىغان ئىككى كارتون فىلىمنىڭ بىرسى 无敌破坏王، يەنە بىرسى مۇشۇ Brave(قەيسەر). ئەلۋەتتە، ھەر ئىككى فىلىمنىڭ ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولسىمۇ، باھالاش ھەيئىتىدىكىلەر ئەڭ ئاخىرىدا بۇ مۇكاپاتنى Brave غا بەردى. بۇ كىنو توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچىگە ئىگە بولاي دېسىڭىز – قېنى مەرھەمەت.

ئەڭ نادىر چەتئەل تىلىدىكى فىلىم – Amour

amour

بۇ پېنسىيەگە چىققان ئىككى مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ مۇھەببىتى تەسۋىرلىنىدىغان فىلىم بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئوسكاردا ھەرقايسى تۈرلەردە ئىسمى بەكلا كۆپ ئاتالدى، شۇنداقلا ئەڭ نادىر چەتئەل تىلىدىكى فىلىم مۇكاپاتىنى ئالدى. قىززىققۇچىلار بولسا تۆۋەندىكى ئورۇندىن چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.

Amour خەنچە خەتلىك نۇسخىسى    |    مەنبە: تورخۇمار

ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىجادى مۇزىكا مۇكاپاتى – Skyfall

adele-skyfall-theme-song

بۇ تۈردە ئىسمى ئاتالغان ئوخشاش تۈردىكى فىلىملەردىن 悲惨世界، ئېيىق تەددي ۋە Life of Pi قاتارلىقلار بار، كۆرۈنۈپ تۇرۇشتىكى رىقابەتچىلەر خېلىلا كۈچلۈك. بىراق ئەڭ ئاخىرىدا Adele يەنىلا ئۆزىنىڭ Skyfall سى بىلەن يېڭىپ چىقىپ تۇنجى قېتىملىق ئوسكار قەدىمىنى ئوڭۇشلۇق بېسىۋالدى. ئەلۋەتتە، مەزكۇر ناخشىنى مەنمۇ قەۋەتلا ياقتۇرىمەن، 007 نىڭ بۇ كىنوسىغا قارىغاندا، مەزكۇر ناخشىسى تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق چىققان دېيىشكە بولىدۇ. تۆۋەندە مۇشۇ ناخشا كىرىشتۈرۈلگەن كىنونىڭ ئۆزىدىكى MTV نى كۆرۈپ ئۆتەيلى.


ئەڭ نادىر گىرىم ۋە ئەڭ نادىر ئاۋاز ئۈنۈمى مۇكاپاتى – 悲惨世界

les_miserables_ver11

فرانسىيە چوڭ ئىنقىلابىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ئىشلەنگەن، نۇرغۇن كلاسسىك كۆرۈنۈشلەردىن تەركىب تاپقان فىلىم بولۇپ، مۇزىكىلىق تىياتىردىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن. مەزكۇر فىلىمنى تېخى كۆرگۈدەك بولمىدىم، بىراق ئوسكاردا ئىسمى ئەڭ كۆپ ئاتالغان ۋە مۇكاپاتنىمۇ كۆپ ئالغان فىلىمنىڭ بىرى مۇشۇ. قارىماققا پۈتۈن كىنودا ناخشا ئېيتىپلا چىقىدىغاندەك تۇرىدۇ.

悲惨世界 نى چۈشۈرۈش    |    مەنبە: تورخۇمار

ئەڭ نادىر ئاۋاز كىرىشتۈرۈش مۇكاپاتى – 007/بىنلادېننى قەستلەش

Zero-Dark-Thirty

بىنلادېننى قەستلەش ناملىق بۇ فىلىممۇ مەزكۇر ئوسكاردىكى يارقىن نۇقتىلارنىڭ بىرسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ فىلىمدە رول ئالغان ئايال باش ئارتېستمۇ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال باش پېرسوناژ قاتارىدا ئىسمى ئاتالدى. فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى ئاساسلىقى تيۇلىن ئەترىتىنىڭ بازا تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى بىنلادېنغا بەرگەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق زەربىسىنى قانات يايدۇرۇپ ئىشلەنگەن. فىلىمنى تېخى كۆرۈپ باقمىدىم، فىلىمدە بىنلادېن چىقامدۇ يوق ئۇنىمۇ بىلمەيمەن. قىززىقىدىغانلار كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.

بىنلادېننى قەستلەش(مەنزىل)     |     مەنبە: تورخۇمار

مەزكۇر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يەنە بىر نادىر فىلىم – 007:Skyfall. ئۈستىدە بۇ فىلىمنىڭ ناخشىسى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن. فىلىمنىڭ مەزمۇنى، ئاساسلىقى ئانا مېھرىگە قانمىغان ئىككى قېرى ئالاھىدە خادىم ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت تەسۋىرلىنىدۇ. 007 مەستانىلىرىنىڭ بىر كۆرۈپ قويۇشىغا ئەرزىيدۇ.

007:Skyfall نى چۈشۈرۈش     |   مەنبە: تورخۇمار

ئەڭ مۇنەۋۋەر كۆرۈنمە ئۈنۈم مۇكاپاتى – Life Of Pi

life-of-pi

بۇ يىلقى ئوسكاردا ئەڭ چوڭ غەلبە قىلغۇچى شەك شۈبھىسىزكى – Life Of Pi دۇر. مەزكۇر فىلىم 8 تۈردە ئىسمى ئاتىلىپ تۆت تۈردە ئوسكار مۇكاپاتى ئالدى. مۇشۇ ئەڭ مۇنەۋۋەر كۆرۈنمە ئۈنۈم مۇكاپاتىدا Life Of Pi بىلەن بىر قاتاردا ئىسمى ئاتالغان رەقىبلىرىدىن، 普鲁米修斯، خوببېتلار، قار مەلىكە ۋە ئوۋچى، قىساسكارلار ئىتتىپاقى قاتارلىق فىلىملەر بار. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، كىنو ئېكرانىدا كىشىنى زىل-زىلىگە سالغۇدەك كۆرۈنۈشلەرگە ئىگە بۇ كىنولار ئىچىدە، كۆرۈنمە ئۈنۈم جەھەتتىن يېڭىپ چىقىش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. Life Of Pi دىكى چىرايلىق كۆرۈنۈشلەرنى تېخى يېقىندا ئايرىم توختىلىپ ئۆتكەن، ناۋادا شۇ توغرىسىدىكى تەپسىلاتلارغا قىززىقسىڭىز، قېنى مەرھەمەت.

ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال باش پېرسوناژ -  Jennifer Lawrence

SilverLiningsPlaybook

ئەمدى 22 ياشقا كىرگەن ياش ئارتېست Jennifer Lawrence باشقا رەقىبلىرىنى يېڭىپ، 乌云背后的幸福线 دېگەن فىلىمدىكى قالتىس رول ئېلىش ماھارىتى بىلەن، بۇ قېتىمقى ئوسكاردا كىنو خانىشى بولدى. ناۋادا بۇ فىلىمغا قىززىققۇچىلار بولسا چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.

乌云背后的幸福线 نى چۈشۈرۈش     |     مەنبە: تورخۇمار

ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر باش پېرسوناژ – Daniel Day Lewis

film-lincoln-splsh

ئۈچ قېتىم ئوسكار كىنو شاھى بولغان Daniel Day Lewis بۇدا ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى Lincoln ئوبرازىنى ئوڭۇشلۇق يارىتىپ تاماشىبىنلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى دېيىشكە بولىدۇ. فىلىمدە سابىق ئەلباش لىنكولىننىڭ قەستكە ئۇچراشتىن تۆت ئاي بۇرۇنقى كەچۈرمىشلىرى تەسۋىلەنگەن بولۇپ، خىلمۇ-خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئاخىرىدا ئامېرىكىنى بىرلىككە كەلتۈرگەنلىكى ھەققىدە ئىشلار تەسۋىرلىنىدۇ. توردىكى بىر خەۋەردىن كۆرۈشۈمچە،  فىلىم ئىشلىگۈچىلەر Daniel Day Lewis نى مەزكۇر فىلىمدە رول ئېلىشقا 5 قېتىم تەكلىپ قىلىپ ئىزچىل رەت قىلىنغان ئىكەن، Daniel Day Lewis نىڭ رەت قىلىش سەۋەبى بولسا، ئۇ لىنكولىننى تېخى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى، بۇ ئوبرازنى تولۇق تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى، تاكى لىنكولىن ئوبرازى ئىچىگە چۆكۈپ كىرمىگۈچە بۇ رولنى ئېلىشنى خالىمايدىغانلىقى ئىكەنمىش. ناۋادا بۇ فىلىمگە قىززىقسىڭىز، چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.

Lincoln نى چۈشۈرۈش(مەنزىل)     |    مەنبە: تورخۇمار

ئەڭ مۇنەۋۋەر رېژىسور – 李安

anglee

تەيۋەنلىك رېژىسور  李安 نىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر رېژىسور مۇكاپاتى ئېلىپ ئوسكار سەھنىسىگە چىقىشى، Life Of Pi نىڭ مۇۋەپپىقىيىتىگە يەنە بىر مۆھۈرنى باستى. بۇ 李安 نىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق ئوسكار مۇكاپاتى ئېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەڭ نادىر فىلىم مۇكاپاتى – Argo

argo

كۆپ قېتىملىق ئىسمى ئاتىلىشلاردىن كېيىن، ئوسكاردىكى ئەڭ كاتتا مۇكاپات، يەنى ئەڭ نادىر كىنو-فىلىم مۇكاپاتى Argo غا بېرىلدى. مۇكاپاتنى ئامېرىكا 1-خانىمى مىشېل ئوباما ئۆزى ئېلان قىلدى. مەزكۇر فىلىم ھەقىقىي بولغان ۋەقەدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ئىراقتىكى تۇتقۇنلۇق كىرزىسى، نۆۋەتتە قىززىق ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى ۋە تېرورېزىم، شۇنداقلا يەنە ھوللىيۋودقا بولغان تەنە ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەنگەن. ناۋادا قىززىقۇچىلار بولسا چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.

Argo نى چۈشۈرۈش    |     مەنبە: تورخۇمار

85-قېتىملىق ئوسكار ئاكادېمىيە مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى

85th-academy-awards-show

ئاخىرىدا بۇ قېتىملىق ئوسكار مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى كېچىلىكىنىڭ ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قوياي. قىزىل پالازدا ماڭىدىغان يەرلىرىنى كۆرمىسەكمۇ بولار، كېچىلىكنىڭ ئەھۋالىغا قىززىقىدىغانلار چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.

85-قېتىملىق ئوسكار مۇراسىمى كېچىلىكى    |     مەنبە: تورخۇمار



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئۇيغۇربەگ 2013.02.27 , 15:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر دىۋان باركەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلۈپتۇ!

    • كۇسەن 2013.02.27 , 17:26

      ئۇلۇپ قالسا بولمايتى :oops::oops::oops:

    • ئايشەم تورى 2013.02.27 , 21:25

      ئۇزۇن يىللار بوپ كەتتى دىۋان تەگمىگىلى:lol:

    • قارا ھەرە 2013.02.27 , 21:34

      ھەقىقەتەن پەيزى كىنولار كەن!

      بولسا ئاۋۇ «بېنلادىننى ئۆلتۈرۈش» دېگەن فىلىمنىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى قالدۇرغان بولسىڭىز، كۆپىنچە كىنولارنى تورخۇماردىن بىۋاستە چۈشۈرۈپ كۆنۈپ قالغاچقا باشقا توربەتكە كىرىپ چۈشۈرۈي دىسەم قولۇم مائۇسقا پەقەت بامىدى.

  2. پەنجىر 2013.02.27 , 15:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان :mrgreen:

    • سەۋر 2013.02.27 , 21:24

      بۇنى دىۋان دىمەيمىز پەگا دەيمىز پەگا :grin:

    • ئايشەم تورى 2013.02.27 , 21:25

      شىپايۋان دىسەك بولماسما؟:evil:

    • ئايشەم تورى 2013.02.27 , 21:26

      پىشايۋان دەيمەن دەپ ، شىپايۋان دەۋەتىپتىمەن …
      كىگىز ، كۆرپە ، پەگا دىگەندەك …:arrow:

    • ئابومجان 2013.02.27 , 21:36

      ئۈچ دىۋاننى كۆدۈميا بۈگەن ، تورخۇماردىكى باللا دىۋانغا تازا كۆيگەن چېغىۋا ، يەنە دەيمەن سەۋىر قىل شۈكرى قىل سەۋىر قىل ، سەۋىرنىڭ تېگى دىۋان …ھىجاراپ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى

  3. نەفىسە 2013.02.27 , 15:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئوسكار نى سۆيىمەن دىۋاننىمۇ شۇ

    • پەنجىر 2013.02.27 , 15:29

      نەفىسە خېنىمنىڭ ئېلخەت ئادىرسىنى يازمايلا دىۋانغا .ئېتىلغان چېغى بار!:razz:

  4. پەنجىر 2013.02.27 , 15:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يا ئاللا . مەزمۇننى ئوقۇماي دىۋان دېسەملا بولدىغان ، ما، سەتچىلىكنى !

  5. جاھانكەزدى 2013.02.27 , 17:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋانىلەر………

  6. قايماق 2013.02.27 , 17:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇيغۇر بەگ غوجام دىۋان نەدە قەسلەپ ئۆلتۈرلۈپتۇ
    :cry:

  7. قىرانى 2013.02.27 , 18:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋۇ ئەڭ نادىر كىنو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فىلىمگە ئىران كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرگەن .

  8. بانكىر 2013.02.27 , 18:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يەنە بىر ئىسل تىما،
    بىر باشتىن كۆرۈپ چىقسام بولغۇدەك.

  9. ئەركە 2013.02.27 , 19:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋۇي ۋۇي ۋۇي ۋۇي ، تىز بولمىساڭلا ھېلى بىكا پەگامۇ قالمايدۇ جۇمۇ باللا…!
    بولۇڭلار ئاشىقى دىۋانلار !
    ئاۋۇ كىنولارنىڭ كۆپىنچىسىنى كۆرۈپ بوپتىمەن. مەنمۇبەك ياقتۇرىمەن ئاۋۇ Sky fall نى .

  10. ئەركە 2013.02.27 , 19:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋۇ Life of Pi بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن كۆرۈپ چىقتىم. پەيزى چىقىپتۇ زادى.

  11. تەلبا 2013.02.27 , 20:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان دىگەن خەتنى كۆرسەملا ئابومجان ئېسىمگە كېلىدىغان بوپقالدې جۇما. دىۋان دىگەن خەتنى ئىزدەشتىن بۇرۇن ئابومجاننى دىگەن خەتكە قاراپ باقىدىغان بوپقالدىم دېسە….

    • كۇسەن 2013.02.27 , 20:41

      ھى ھى ھى :mrgreen::mrgreen::mrgreen:

    • ئابومجان 2013.02.27 , 21:30

      ئەجەپ خىجىل قىلدىڭىز ئەدەمنى ، باللا مۇشتا دەۋىرىپمۇ دىۋاندا نۇمۇس قىپ ئولتۇرامماۋاتىمە ھې ھې ، باللامۇ ئولتۇرۇپ باقسۇن شاھانە دىۋاندا ، نەچچە كۈندىن كىيىن ئولتۇراييا بولدى دىۋاندا

    • تەلبا 2013.02.27 , 22:43

      ئابومجان بەشكۇنگىچە مەن يوق دەۋاتاتتىڭىز گېپىڭىزنى قىپ بولغىچە يەنە پەيدا بوپقاپسىز ھە. سىزدە دىۋان باريوقلىقىنى يا بولمىسا گېپىڭىزنى قىلغان قىلمىغانلىقىنى ھىس قىلالايدىغان بىرەر ئالاھىدە ئىقتىدار بارمۇيە…:shock:

    • ئابومجان 2013.02.27 , 23:35

      ئالاھىدە ئىقتىدار دەپ قاپسىز ، قۇساق ئاچسا تاماق يەيمە ، ئۇيقۇم كەلسە گوپ ياتىمە ، مۇشۇلا با ، باشقىسنى دەپ يۈرمەي ، بەش كۈنگىچە چىقالماسمەنمۇ دەپ ئەنسىرىگەن ، ھەنىم بوسا يانفۇندىمۇ بەلەن چىققىلى بۇلىدىكەن ، ئەممازە مۇشۇ كۈلىدىغان يەرگە كەلگەندە تۇلا خەتچىلاپ كۈلۈپ ھېرىپ قالدىم ، دبىركار ئەپەندىم مۇشۇ يانفۇن نۇسقىسىدا ئىنكاس يازغاندا چىراي ئىدىسىنى پەقەت قاتقىلى بومماسما ؟ بى ئىزدىنىپ باقسىلا بوپتىكەن ، ئا يىشۇ دىگەن ماڭقا شۇمدەك تىرىڭلا قىپ باشلىرى يۇرۇپ كىتەمدۇ تېخى

  12. ياساۋۇل 2013.02.27 , 23:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ يىل ئوسكار مۇكاپاتىغا ساپلا يىل ئاخىردا ئىشلىگەن كىنولارنى تاللامدۇ نىمە ،..:roll:

  13. ھەمزە 2013.02.28 , 11:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نىمدا قىززىپ كەتتى بۇ يەر.:wink:

  14. Forever 2013.02.28 , 12:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋۇ لىئەن دىگەن ئاداش كېچىچە قولىدىكى مۇكاپاتنى قۇچاغلاپ ياتتىمىكى دەيمەن ؟
    چۈنكى ئۇ ئاداشنىڭ مۇكاپات لوڭقىسىنى بىر قولىدا تۇتۇپ تۇرۇپ يانا بىر قولىدا ھامبۇرىگ يەۋاتقان رەسىمى بەك قىززىپ كېتىپتۇ ….. :evil:

  15. گىلورىس 2013.02.28 , 12:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نىمە كىنو كۆرسەم بولا دەپ غەم قىلغاندا، بۇ تېما تازىمۇ ۋاقتىدا يوللىنىپتۇ …. تورخۇمارغا بولغان سادىقلىقىمنى ئەلۋەتتە يۇقارىدىكى باھاچىلارغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، بىراق مېنىڭ تونىشىمچە تورخۇمارنىڭ جەلىپكارلىقىنى ئەلۋەتتە باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ تېخنىكىسى ۋە ھەمكارلىشىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ،لېكىن ئەڭ مۇھىمى تورخۇمار يىنىك كەيپىيات ۋە ھەشەمەتسىز سۆزلەر بىلەن ،دەل ۋاقتىدا تور خەلقىنى ئوزۇقلۇق قىممىتى بار بولغان ئەسەرلەر بىلەن تەمىنلىگەشكىمكى دەپ ئويلىدۇم.

  16. يارۇق 2013.02.28 , 14:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۈندە دىۋان تالىشىپ يۈرىدىغان «دىۋانىلەر»:mrgreen::mrgreen: چاقچاق جۇمۇ ما گىپىم، تەگەپ قالماڭلا يەنە…

  17. ەپەندى 2013.02.28 , 16:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نىم ھەممىڭلاردىۋان ، دىۋاندەيسىلەر، دىۋااندا پۇل تاقاتمايدىغاندۇ؟

  18. سەنسىز 2013.02.28 , 19:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خەرقانداق بىر كىنو فىلىم تورخۇمارىنىڭ كوزىدىن قىچىپ قۇتۇلالمايدۇ دىسە:oops::oops::oops::oops::oops:

  19. رىتا1028 2013.03.02 , 03:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    زادى ئاشۇ سىياسى ئارقا كۆرۈنۈشى بار مۇشۇنداق تاماشا مۇنبىرىنىڭمۇ ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ .
    ئارگونىڭ ئەڭ نادىر بوپقالغىنى ھازىرمۇ كاللامدىن ئۆتمىگۈلۈك . يەنە تېخى بۇلۇت ئاتلاسنىڭ ئىسمى ھېچنەدە يوق .
    ئەڭ نادىر ئاۋاز ئۈنۈم مۇكاپاتىغا ئاننا -كارىنىنا ئېرىشتى دەپ ئوقۇغىنىم يادىمدا ئىدى . ئاۋۇ كۈلپەتلىك دۇنيا دېگەن كىنوكەنلىكى نەدىن پەيدا بولغاندۇ ئەمدى ؟
    تېھراندىن قېچىش دېگەن كىنونى بەك قاباھەتلىك جېددى ئىشلىۋېتىپتۇ ، ئۇنىڭ ئورنىغا غەربكە ساياھەتنى كۆرگەن بولسام بوپتىكەنمۇ نېمە ؟ ھەركەتلىك كىنو كۆرىدىغانلار كۆرۈڭلار جۇمۇ تېھراندىن قېچىشنى .
    لىئەن ئوسكارغا يېڭى ئەمەس . شۇڭا مۇكاپاتنى قۇچاقلاپ زىيادە ھاياجانلىنىپ كەتكىنىنى نەزەردىن ساقىت قىلدىم .

    :eek::shy::shy::shy::shy::shy:

    • تورخۇمار 2013.03.02 , 12:34

      ئاننا-كارىننا مۇنەۋۋەر كىيىم-كېچەك مۇكاپاتىنىلا ئالدى

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量