دېسنىنىڭ بىزنى تەققەززا قىلغان قەھىرمانلىق قىسسىسى «قەيسەر مەلىكە-Merida» | ئەڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۋېلىڭ
تېخى يىقىندىلا pixar (دېسنى) ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتكەنتۇق. ئەلۋەتتە كارتون ساھەسىدىكى بۇ گىگانىتنىڭ دائىم بىزنى ھاياجانغا سېلىپ كىلىۋاتقىنىنى ئىنكار قىلالمايمىز. دېسنىنىڭ ھەر بىر فىلىمى بىر سەنئەت ئەسىرىدۇر. ئۇنىڭ قىممىتى يالغۇز بىزنى ھاياجانغا سېلىش بىلەنلا ئەمەس، بەلكى بىزگە كىنو – فىلىمنى قانداق كۆرۈشنى ئۈگۈتۈشتىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. بۈگۈن تورخۇمارلارغا pixar نىڭ بىزنى (جۈملىدىن مېنى) ئۇزۇن ساقلاتقان يەنە بىر كارتون فىلىمى «قەيسەر مەلىكە-Merida» ھەققىدىكى قۇرۇق پاراڭدىن ئازىراق سۇنىمىز.
فىلىم دېسنىنىڭ ئالدىنقى بىر قانچە ئۇتۇقلۇق چىققان ئەسەرلىرىدىن «شىر پادىشاھ» ۋە «مىسىر شاھزادىسى» قاتارلىق كارتون فىلىملەرگە ۋەقەلىك ئىجات قىلىپ تونۇلغان، دېسنىدىكى تۇنجى ئايال يىتەكچى Brenda Chapman نىڭ ئاساسى يىتەكچىلىكىدە روياپقا چىققان بولۇپ، بۇ Chapman نىڭ يەنە بىر چوڭ ئۇتىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گەرچە بۇ بىر قەھىرمانلىق قىسسىسى بولسىمۇ ئەمما فىلىم يەنىلا كومىدىيەگە تويۇنغان. شۇڭا مەيلى چوڭلار بولسۇن ياكى بالىلار، ھەممىسىنىڭ كۆرۈشىگە ماس كېلىدۇ.
فىلىم ۋەقەلىكى ھەققدە ئىككى كەلىمە
فىلىمدە : يىراق ئۆتمۈشتىكى شوتلاندىيە ئىگىزلىكى. بىر قەھىرمان شاھ ۋە ئۇنىڭ كەپسىز مەلىكىسى ئوتتۇرسىدىكى قىززىقارلىق ھېكايە. قەيسەر مەلىكە Merida دادىسىنىڭ تەربىيەسىدە قالتىس مەرگەن ۋە چاققان بولۇپ يىتىلىدۇ. ئەمما ئانىسى ئۇنىڭ تېخىمۇ سىلىق سىپايە ۋە سالاپەتلىك مەلىكە بولۇپ ئەنئەنىنى ساقلاپ قېلىشىنى خالايتى. بىر قېتىملىق مەلىكىگە يىراقتىن كەلگەن ھەر قايسى قەبىلىلەردىن جۆرە تاللاش پائالىيىتى جەريانىدا، مەلىكە قاتتىق بىر قارارغا كېلىدۇ ۋە ئەنئەنىنى بۇزۇپ تاشلاپ تېخىمۇ ئەركىن ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ بۇ خىيالى ۋە ئەخمىقانە قىلىقى پادىشاھلىقىغا ۋە ئۇنىڭ ئانىسىغا غايەت زور ئاپەت باشلاپ كېلىدۇ.
قېرى جادىگەرنىڭ نەيرىڭىگە چۈشكەن مەلىكە، ئۇقۇشماستىن ئۆز ئانىسىنى ئېيىققا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. شۇندىن باشلاپ مەلىكە ئانىسىنى باشلاپ يىراق قىرلاردا ھېلىقى جادىگەرنى تېپىپ ئەپسۇننى ياندۇرۇشقا تىرىشىدۇ. بارا-بارا ھەقىقى ياۋايىلىققا قاراپ تەرەققى قىلىۋاتقان بۇ ئانا ئېيىق ئالدىدا مەلىكە قەتئى ئىككىلەنمەيدۇ. بۇ جەرياندا ئۇلار ھەرخىل خىيىم-خەتەرلەرگە يولىقىدۇ. ھەتتا ئۆز دادىسى تەرىپىدىن ئوۋلىنىپ كېتىش خەتىرىگىمۇ دۇچار بولىدۇ. .ئۇنداقتا مەلىكە ئانىسىغا كەلگەن قارغىشنى يوقىتالامدۇ ؟ ئۇلارنىڭ بەخىتلىك تۇرمىشى يەنە ئەسلىگە كېلەمدۇ ؟ جاۋابىنى يەنىلا فىلىمدىن ئىزدەڭ!
تەشۋىق فىلىمى
سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش (شۈنلېيدىن چۈشۈرۈڭ)
720p نۇسخىسىنى چۈشۈرۈڭ | مەنبە : تورخۇمار بلوگى | 1080p نۇسخىسىنى چۈشۈرۈڭ | BRAVE ئورگان تور بېتى
توردىن كۆرۈشنى ئىستىگۈچىلەر BRAVE ياكى 勇敢传说 قاتارلىق خەتكۈچلەردىن پايدىلىنىپ ئىزدىسىڭىز بولىدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: فىلىم، قەھىرمان، قىزىقارلىق، كارتون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,604 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: brave.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تۆمۈر بوۋاق پالۋاننىڭ ئىنىسى بۇدا لى شياۋلوڭغا ئايلىنىپ تاشقى پلانېتتىن كەلگەن مەخلۇقنىڭ يۈرىكىنى سۇغۇرىۋاپتىمىش…
- كېيىنكى يازما > يەتتە مىنۇتتا 007 فىلىملىرىدىكى 50 پارچە كلاسسىك كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ ئۆتۈش ۋە بارلىق 007 كىنولىرىنى چۈشۈرۈش
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- مۇھەببەت ھەققىدىكى تەسىرلىك قىسقا فىلىم – سوۋغا
- ھېلىقىدەك فىلىملەر – پۈتۈنلەي يېڭىچە قىياپەتتە ئېچىۋېتىلدى!
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
پىكشارنىڭ بولسا چۈشۈرىۋالاي!
پىكىسار
توۋا دەيمەن ، مۇشۇ دىسنىينىڭ كارتون فىلىمرىگە كارامەت ئامراقمە ، ئۇرۇش سۇقاش دىگەنلەگە تازا قىززىمايمە ، ئىسسىق چاي دەملەپ قۇيۇپ ئۈزۈمگە ئۈزۈم كۈلۈپ ئوتىتىراپ نەچچە كارتوننى كۈرۈۋەتسەمممۇ ھارمايمە ، ماۋۇ مۇز ئىراسى بىلەن ئۆتۈك كىيىۋالغان مۈشۈك دىگەن كارتوننى قانچە قېتىم كۆگەندىمە تاڭ ، ئاللا خالىسا بالام بىلەن ئوتتىراپ بىللە كارتون كۈنلەگىمۇ ئاز قالدى دىسە
3D نۇسقىسى لازىم بولغانلار بۇ يەردىن چۈشۈرسەڭلار مۇ بولىدۇ.
http://kuai.xunlei.com/d/VIFKLBYRCYXG?p=130028
فىلىمنىڭ تەرجىمىسى باشلاندى، پات ئارىدا ئاق بۈركۈتتە ئېلان قىلىنىدۇ
باياتىن توردىن تەشۋىق فىلىمىنى كۆرۈۋىدىم.رەھمەت،-ھە ۋىروسچاق!
چۈشۈرۈپ كۆردۈم. شۇندا پەيزى كارتۇنكەن بۇ… ۋىروسجانغا رەخمەت ھە.. يەنە بامۇ يا ،،،ھى ھى..
ماڭا ئىنكاس يېزىش رايونىدا ياخشى ئۆزگىرىش بارغۇ ھە باللا.. تاپالغىنى گۈل كەلتۈرەر، تاپالمىغىنى بىر تال ئىنكاس…ھى..ھى
تەمىنلىگەن سۈزۈك نۇسخىسى پەقەتلا چۈشمەيدىغۇ؟؟؟
ھەقىقەتەنمۇ نادىر كارتون. يېقىندىن بۇيان بىز بىلەن يۈزكۆرۆشكەن كلاسسىك كارتونلارنى بېسىپ چۈشتى دەپ قارايمەن . بۇئەمەلىيەتتە مۇھەببەت تېمىسىدىكى ئېسىل قىسسە ئىكەن. بىزنىڭمۇ ئاجايىب قىسسەلىرىمىز,گۈزەل رىۋايەتلىرىمىز بارئىدى, يەنە قانچە زامانلار توپا بېسىپ تۇرار?
بولسا شۇلارنى ئېنگىلىزچە سىنارىيەلەشتۈرۈپ پېكساردېگەندەك شېركەتلەرگە ئەۋەتىپ بىردىغان گەپمىكىن-تاڭ….
سىغمى نىمانداق چوق
كىلاسسىك كارتونلاردىكى ئوبرازلارنى ئۆزگەرتىش مودا بولىۋاتىدۇ . يېڭى كۈل قىز قىسسىسىنىمۇ شۇنداق ياخشى كۆرگەنتىم . ئۇنىڭدا كۈل قىز بەختلىك بوپ بولغاندىنكىن كىيىن جادۇگەرنىڭ سېھىرلىك تايىقى ئېھتىياتسىزلىق بىلەن ئۆگەي ئانىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدىكەن ۋە بىرلا سېھىرلەپ ھەممە ئىشنى ئەسلىگە قايتۇرىدىكەن ، يەنى كۈل قىز كۈل قىز ھالىغا ، شاھزادە ئۇنىڭ بىلەن ئەزەلدىن كۆرۈشمىگەن ھالغا كېلىدىكەن …ئىشقىلىپ كۈل قىز تىرىىشىپ يۈرۈپ ئۆز بەختىنى ياندۇرۇپ كېلىدىكەن ۋەھاكازالار .
قىزىققۇچىلار ، 新灰姑娘 دەپ ئىزدەپ بېقىڭلار ، فىلىم ئىسمى شۇنداقمىتى ئەمەسمىتى يادىمدا يوق .ئىككى يىل بۇرۇن كۆرگەن .
بولىدىكەن