ھېلىقىدەك فىلىملەر – پۈتۈنلەي يېڭىچە قىياپەتتە ئېچىۋېتىلدى!
ئەستايىدىل تورداشلارنىڭ كۆزىگە بەت ئۈستى قىسىم تىزىملىكتە يېڭىدىن قوشۇلغان ھېلىقىدەك فىلىملەر دېگەن ئورۇن چېلىققان بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق، تورخۇمارنىڭ ئالقىشلىق سەھىپىسى ھېلىقىدەك رەسىملەر بىر مەزگىل ماڭدۇرۇلۇپ تورداشلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، قىسقىغىنە سىناش ئاخىرلىشىپ، ھېلىقىدەك فىلىملەر سەھىپىسىمۇ ئاخىرى ئېچىۋېتىلدى. بۇ سەھىپىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى تورداشلارغا توردىكى بىر قىسىم قىزىقارلىق ۋە مەنىلىك فىلىم، كىنو، تىياتىر، ماشىنا، ئويۇن دېگەندەك سىنلارنى سۇنۇش، شۇنداقلا سىزمۇ بۇ سەھىپە ئارقىلىق ئۆزىڭىز ئۇچراتقان فىلىملەرنى تورداشلارغا سۇنالايسىز.
ھېلىقىدەك فىلىملەر سەھىپىسى ئىلگىرىكى تورداشلارغا چەكلىك ساندا فىلىم يوللاش ھوقۇقى بېرىش شەكلىدە بىر مەزگىل ماڭدۇرۇلغاندىن كېيىن ۋاقىتلىق توختىتىلغان ئىدى. يېقىندا ئىقتىدار جەھەتتىن كۈچەيتىلىپ ۋە تورداشلارغا قولايلىقلاشتۇرۇپ پۈتۈنلەي يېڭىچە قىياپەتتە ئېچىۋېتىلدى.
ھەرقانداق ئادەم فىلىم يوللىيالايدۇ
ھېلىقىدەك فىلىملەر سەھىپىسىگە ھازىر ھەرقانداق ئادەم فىلىم يوللىيالايدۇ. يەنى ھېلىقى رەسىملەرگە ئوخشاش، سىز پەقەت مۇناسىپ فىلىم ئادرېسىنى يوللاپ چاپلىسىڭىزلا فىلىم ئاپتوماتىك چىقىدۇ. پۈتۈن مەشغۇلات جەريانى ئىنتايىن ئاددى ۋە قولايلىق.
قوللايدىغان فىلىم بېكىتى كۆپەيتىلدى
ئەسلىدىكى ھېلىقىدەك فىلىملەر سەھىپىسى پەقەت 优酷 تورىنىلا قوللايتى، ھازىر بۇ جەھەتتىن كۈچەيتىلىپ، دۆلىتىمىزدىكى ئاساسلىق بولغان 优酷/土豆/56 قاتارلىق ئۈچ تور بېكەتنىڭ فىلىم فورماتىنى قوللايدۇ.
يوللانغان ھېلىقىدەك فىلىملەرگە ئىنكاس يېزىشقا بولىدۇ
ھېلىقىدەك رەسىملەر سەھىپىسىگە ئوخشاش، بۇ سەھىپىگىمۇ ئىنكاس يېزىش ئىقتىدارى قوشۇۋېتىلدى. يەنى يوللانغان ھەر بىر فىلىمنىڭ ئاستىدا كۆپچىلىك ئەركىن ئازادە ئىنكاس يېزىشىپ پىكىر ئالماشتۇرالايمىز.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، بۇداقى ھېلىقىدەك فىلىملەر سەھىپىسى بىر قەدەر مۇكەممەللەشتى ھەم تورخۇمارلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ قولايلىقلاشتۇرۇلدى دەپ ئويلايمەن. دېمەك، تورخۇماردا كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىدىن يەنە بىرسى كۆپەيدى دېگەن گەپ. ھە راست، فىلىم يوللىغاندا پەقەت فىلىم ئادرېسىنى يوللىساقلا بولىدۇ، سىستېما ئۆزى ئاپتوماتىك ھالدا قايسى فىلىم تور بېكىتىدىن يوللاندى، فىلىمنىڭ ئەسلى تېمىسى قانداق دېگەنلەرگە ھۆكۈم قىلىپ چىقىرىپ بېرىدۇ، ھېچقانداق ئارتۇق چۈشەندۈرۈش يېزىش ھاجەتسىز. ناۋادا فىلىم توغرىسىدا تولۇقلايدىغان مەزمۇن بولسا، فىلىم ئاستىدىكى ئىنكاس ئىقتىدارى ئارقىلىق تولۇقلاپ قويساقلا كۇپايە.
ئاخىرىدا كۆپچىلىكنىڭ بۇ يېڭى سەھىپىنى ياقتۇرۇشىنى، ھەممەيلەننىڭ تىرىشىشى ئارقىلىق تورخۇماردىكى يەنە بىر يېڭىچە ئاۋات ماكاننى بارلىققا كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
ھېلىقىدەك فىلىملەرنىڭ ئادرېسى: video
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تورخۇمار، فىلىم، ھېلىقىدەك فىلىملەر
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 55,182 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2015-يىلى 03-ئاينىڭ 06-كۈنى
- يازما مەنزىلى: torhumar-video-panel.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > يېقىندا كۆرگەن ھەم ياقتۇرغان بىر قىسىم قىسقا كارتون فىلىملەر
- كېيىنكى يازما > مۇھەببەت ھەققىدىكى تەسىرلىك قىسقا فىلىم – سوۋغا
- تەييارغا ھەييار
- مەن بار
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- ھېلىقىدەك رەسىملەرگە ئىنكاس يېزىش ئىقتىدارى قوشۇلدى
- روسىيەلىك تورداشلارنىڭ كىرىشتۈرۈپ چىققان 1-شەخس ئۈنۈمىدىكى قوراللىق ئېتىشىش فىلىم -Hardcore
- ئالاھىدە ئۈنۈمچى سولتەكلەر ئىشلىگەن قالتىس فىلىم – ئويۇنچۇق تاپانچا جېڭى
- قورقۇنچلۇق ھەمدە ئۆزگىچە خاتىمىگە ئىگە قىسقا فىلىم – ۋەھىمىلىك ساتىراشخانا
- 160 كىنو-فىلىمدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك كۆرۈنۈشلەرنىڭ توپلانمىسى
- «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى 11: يۇقىرى دەرىجىلىك جەڭ» نىڭ تۇنجى تەشۋىق فىلىمى ئاشكارىلاندى
- بور جېڭى 3.0 – بۇداقى قوراللار ۋەھشەتكەن، بور پالۋاننىمۇ ياساپ چىقىپتۇ بۇ گۇيلار!
دىۋانما:smile:
ۋاھ بۇ نە ئەمدى…
ئۈستىدە ھىچكىم يوقمۇ نېمە؟
تەستىق بىلەن چىقامدۇيە فىلىملەر؟‹
شۇنداق
ياخشى بوپتۇ
ئوبدان بىر سىناق قىلىپ، نەدىن نەگىچە ئۇقۇب بېقىپ قىمماي، مانا ئەتتىگەندىلا پالەچ بوپ قاپتۇ. ئىشقىلىپ مەن يوللىغان سىنلار يوق.
ئازراق خاتالىق چىقىپ قاپتۇ. مەن كەچكىچە ئوڭشىۋېتەي، تەخر قىلىپ تۇرۇڭلار
ئەجەپ ياخشى
پوچچى ئولتۇرۇپ كۆرەي ئەمدى
ھە، پوچچى نەچچە فىلىم يوللىۋېتىپ نوچچى كۆرەڭ
ئاستىغا قارىسام ‹تورداشلار چاپلىغان ھېلىقىدەك رەسىملەر› دەپ تۇرىدىغۇ…
ھە ئوڭشاپ قويدۇمغۇ
ئەمدى ئۆتتۇردىغان فىلىملەرنى كۈردىغان بوپتۇقتە…
يەنە يانفۇن نۇسخىسىدا چىقمايدۇ شۇندامۇ يا
كىرىپ باقسام ھېچنىمە يوقيا
خەي لىكىن فىلىم كۆمەكچى بولساق ئىلان چىقۋالدىكەن باللا سىلنىڭكىدىچۇ
پاھ ياخشىغۇ
بۇ ئۇيغۇرچە يۇ تۈ ب بولۇپتىدە بولسا شۇنداق قىلغان بولساڭلا ئاخسا بولاتتى
چىىڭلۇڭ نىڭ يىڭى كىنوسى ساماۋې قوشۇن http://www.tabasum.cn/play.asp?mid=6564 مۇشۇ تور بەتتە بار
مەن خاتالىق بايقىدىم.
ئالدىنقى بەتكە يۆتكەلمەيدىغۇ؟
ۋەھشى غۈ