«ۋاسكېتبول ماھىرى»نىڭ سىز كۆرمىگەن باشلىنىش قىسمى [قۇمدىن سىزىلغان تىز سىزما]
كىچىكىمىزدە بىزگە ھەمرا بولغان، ھەممىمىزنى ۋاسكېتبولغا غەرق قىلىۋەتكەن بىر كارتون فىلىم بار. ئۇ بولسىمۇ ياپونىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق كارتون فىلىمى – ۋاسكېتبول ماھىرىدۇر.
بۈگۈن تور ئارىلاۋېتىپ بۇ قۇم سىزما ئەسىرىنىڭ پۈتۈش جەريانىنى كۆرۈپ قالدىم، قايىللىقىم قوزغال ۋە ئاشۇ دەقىقىلەردىكى ھېسىياتلىرىم قايتا قوزغالدى، تولىمۇ ھاياجانلاندىم. كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان مۇزىكىلار، ساكۇراگى، مىتسۇئىيلار… ئەلۋەتتە، بۇنداق ھاياجانلىق مىنۇتلارنى تورخۇماردىكى دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن بۇ تۇنجى تېمامنى يوللاپ باقتىم. ياقتۇرىدىغان دوستلارنىڭ ئىنكاسنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋاسكېتبول ماھىرى قۇم سىزما ئەسىرى:
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئەسەر، سەنئەت، كارتون، ۋاسكېتبول
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,182 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 02-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: slamdunk-qum-sizma.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > [بىر كىنو بىر دۇنيا] Pi نىڭ ئاجايىپ سەزگۈرەشتىلىرى – كۆرمەسلىككە نىمە باھانىڭىز بار؟
- كېيىنكى يازما > 85-نۆۋەتلىك ئوسكار ئاكادېمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىر قىسىم نادىر كىنو-فىلىملەر | ئوسكار مۇكاپاتى كېچىلىكى
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- مۇھەببەت ھەققىدىكى تەسىرلىك قىسقا فىلىم – سوۋغا
- ئەينى چاغدىكى دىسنېي كارتون ئوبرازلىرىنىڭ چىراي ئىپادىسى قانداق لايىھەلەنگەن؟
- باشقىلار ماشىنىسىنىڭ ئەينىكى توپا بولۇپ كەتسە قانداق قىلىدىكەن، ئوبدان كۆرۈڭ
- ھەقىقىي مەنزىرىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ئاجايىپ قالتىس كومىك رەسىملەر
- بولدى مېنى توسىماڭلار، خەير-خوش كۆپچىلىك، مەن رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگىلى ماڭدىم!
- [پارول] ئەپچىلەم ۋە ئۈجمە سايىسى (يېڭى زامان نۇسخىسى)
- گىرىم قىلىشنى بىر ياققا قويۇپ تۇرۇپ، ئېغىزىغا كارتون سىزىپ چىققان قىزچاق
بۇ مېنىڭ ئەسىرىم ئىسمنى دىۋان دەپ قويايمىكى
خەپ دەپ ساقالنى سىلاپ قالدىم، ئۆزۈم ئوتۇراي دەپ F5نى بېسىپ تۇرساممۇ سىز ئولتۇرۋاپسىز.
پەقەت ئولتۇرغۇم يوق ئىدى، شۇ ھىرىپ كېتىپ شۇنداق ئۆزەمنى تاشلىسام، ئولتۇرلۇپ كەتتىم….
ھازىرقى قىز باللىغا گەپ كەتمەيدۇ ، يامان بوپ كەتتى.،.،
پونى ئاتماي تۇرسام بوپتىكەن ، ۋاي ئىسىت دىۋان ، ئىككى تىما بۇلا بولماي يىلىم چىقتىغۇ …ۋەدىلەشكىنىمىز ئىسىڭىزدە قالمىدى ھەقچان ھې ھې ھې
دىۋاندا ئولتۇرالىسىڭىز كىنوغا تەكلىپ قىلىمەن دېگەندەك قىلغانمىتىڭىز ئىشقىلىپ….. شۇ ئىسىمدە قالماپتۇ؟
ئۇزىڭىز يازغان تېمىغا ئۇزۇڭىز دىۋان بولۋالماقچىمىتىڭىز
نەفىسە خېنىم مۇبارەك بولسۇن!!! دېۋان سەت يارىشىتۇ ئەسلى تۆردە ئەرلەر ئاۋال توغرا بولاتتى، ئابوم قارىدىن تۆ تالاشقانلىرى پەقەت قاملاشماپتۇ
راس گەپنى دىسەم دېۋاندا ئاياللار ئولتاسىمۇ خېلى قىزىتىدىكەن دىسە، تېمىغا كىرىپلا ۋاراڭ-چۇرۇڭنىڭ دەستىدە ئاۋۇ ۋاسكىتبولچىنىڭ ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىيالمىدىم
رۇسىيەلىك بىر ئايالنىڭ بىر ئەسىرى بارغۇ مۇشتاقراق. بۇنداق ئادەملەر تۇغۇلۇشىدىنلا مۇشۇنداق قالتىس ئوخشايدۇ، مەن نېمىشقا دىۋاندا ئولتۇرۇپ تېما كۆرۈشتىن باشقا ئىش قىلالمايدىغاندىمەن
بەك ئىش قىلغۇڭىز كەپ كەتكەن بولسا دىۋاننى بىزگە تاشلاپ بىرىپ ،يوغان مەيداندىن بىرنى تېپىپ ۋاسكىتبول ئويناپ كىرسىڭىزمۇ ياق دىمەيتۇق .،.
ۋاسكىتبول ئوينىغان ۋىدىئونىمۇ يوللاپ قويۇپتۇغۇ تورخۇمار ، كۆرمىدىڭىزما؟ ئويناپ كىرىپ بولۇپ ئولتاغان دىۋان شۇ
تېما يازىدىغان يەنە بىر ئەزا كۆپىيىپتۇدە، قارىساملا باشقا بىرسىنىڭ گىپىدەكلا .. .. .
قېنى ماۋۇ ئابۇم قارى؟ دىۋاننى تارتقۇزۇپ قويدۇڭلىما ئەمدى
ئېچىشقان يەرگە بەلەن سىپىلدى ما تۇز ، ئالدىنقى تىمىدىغۇ دەيمە تېخى پو ئېتىپ ما نەفىسە دىگەن بالا دىۋاندا ئولتۇرالىسا ئىككىنجى دىۋان تالاشمايمە دەپ ساپتىكەنمە ، مانا نەچچە كۈن ئۆتمەي چاۋام چىتقا يېيىلدى ، مەندىن ئىبرەت ئېلىڭلا ما قىز بالا ، خاتۇن كىشى دىگەننى سەل چاغلاشقا بولمىغۇدەك
مەنمۇ گۇۋاھ بوپتىكەنمە، سىلىنىڭ ئۇتتۇرۇپ قويۇشىڭلىنى بىلگەن بولسام كۆرمەسكە سالىدىكەنمە
ئۆزەڭلە دىگەنغۇ ئوغاۋالا ئەكەك دەپ، دىۋاندا ئۇتتۇرۇپ قويغان بوساڭلا كېلەركى نۆۋەت پەگا تالىشىپ بېقىڭلا بولمىسا (چاق چاق)
ساكوراگى، رۇكاۋا، مىياگى، مېتسۇئى، تاكىنورى…
ھەي مۇشۇ كارتوننى كۆرسەملا ئاشۇ سەبىئي ۋاقىتلىرىم كۆز ئالدىمغا كىلىپ، كۆز ئەتراپىم ئۇيۇشۇپ، بۇرۇنلىرىم ئېچىشىشقا باشلاتدي دېسە… قايتىلانماس بالىلىق ۋاقىت، گۈزەل غەمسىز مېنۇتلار…. بىر تال گىياھ، بىر تال تاشتىنمۇ ھەقىقىي گۈزەللىكنى ھېس قىلغان، ھېسسىياتلىرىمىزنى شۇ ساپ ھاۋا بىلەن تەڭ سۈمۈرۈپ، گۈزەل ئارزۇ – ئارمانلارغا چۈشكەن دەقىقىلەر ھەرگىزمۇ قايتىلانمايدۇ…
ھازىرقى تۈگىمەس غەم ۋە ئىشلار، قاتتىق بېسىم ۋە سوغۇق چىرايلار بىزدىكى شۇ ھېس تۇيغۇلارنى شۇ ساپ شاماللار بىلەن تەڭ ئۇچۇرۇپ كەتتى… بىزدە ھازىر نەدە ئۇنداق ھۇزۇر، نەدە ئۇنداق ئارزۇ – ئارمان… ھەي سۆزلىگەنسىرى يەنە يۈزۈم ساڭگىلاپ كېتىۋاتىدۇ… رەھمەت تېما ئىگىسىگە… كۆپ تەشەككۈر
ئەگەشتىم ، گەپكە ئەجەپ ئۇستا ئىكەنسىز ، مەلىمما سىلى ؟ نەسىر ئۇقۇغاندەك بوپقالدىم
ھا ھا ھا مەن مۇئەللىم ئەمەس، لېكىن مۇئەللىملەرنىڭ بەزىبىر گەپلىرىگە ئازىراق قايىل بولماسلىقنىمۇ ئويلاپ باقمىدىم. ھەر ھالدا ياخشى…
بۇ گەپلەرنى خېلى چىن ھېسسىياتىم بىلەن دېدىم. شۇڭا ھاياجان سەل كۈچلۈك بولۇپ قالدى.
ئوغۇللار قانداقكىن ئۇخمۇدۇم، لېكىن ئاشۇ ۋاقىتلاردا ساكوراگىنىڭ رەسىمىنى قاملاشتۇرۇپ سىزىدىغان، ۋاسكىتبولنى ياخشى ئوينايدىغان ئوغۇللارغا ئالاھىدە قىزىقاتتۇق، سىنىپلار ئارا ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى بولۇپ قالمىسۇن زادى، شۇ بىر كۈنى ھاياجاندا دەرىسمۇ قۇلاقلارغا كىرمەيدىغان….گەرچە قايتىلانماس ئەسلىمىلەرگە ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئاشۇ ئارىمىزدكى ئىللىق ھېسلارنىڭ مەڭگۈ يوقالماسلىقىنى تولىمۇ ئۈمۈد قىلىمەن، سىلەرچۇ ئەمسە باھاچىلار، ھازىرمۇ ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ يىغىلىپ توپ ئوينامسىلەر يا، قىزلار ھازىرغىچە توپنى ياخشى ئوينايدىغان بالىلارغا قىزىقىدۇ جۇمۇ
ھى ھى ھى
كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىدىن كەتمەيدىغانلارنى ياقتۇرمامتىڭلار ؟
مەن توپنى ياخشى ئوينايمەن ……
بۇ قىز بالىنى مىنىڭ توپ ئوينىغىنىمنى كۆرۈڭ دەپ مەيداننىڭ يېنىغا ئەكىلىپ قويغىلى بولمىسا قانداق قىلغۇلۇق ئەمدى ….
ئانچە مۇنچە توپ ئويناپ قويسام بۇلامدۇ نىمە ؟ ئۆگىنىش ئۆگىنىش دەپلا ئۆتسە راسلا قىزلا قىززىقمايدىغان ئوخشايدۇدەپ قويدۇم
ھە،ماقۇلە ھە مەن قىزلاردىن سوراپ باقاي ئۆزگىچە تەمگە قىزىقىدىغان پەنجىر يىگىتتەكلەر بارمىكىن، تەلباجان مەن قارشى ئېلىشىىڭلارغا ئۇچىرايمەن دىمەكچىغۇ ھە سىز
راس گەپنى قىلغاندا ۋاسكىتبول دىگەن ئويۇنلا ئەمەس. بىرخىل روھ……………
توغرا دەيسىز ! مەن مۇشۇ توختىماي ئويناپ يەنە ئويناپ ئۆيگە كەلگەندە ئەمدى ئەتە ئوينىمايمەن دەپ 1 سائەت بولماستىنلا يەنە خىيالىم گارغا توپنى قانداق ئېتىشتا قانداق ھەركەت چىقىرىپ باشقىلارنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىشتىلا قالىدۇ . ھى ھى ھ
مەنمۇ بەك ياقتۇرۇپ كۇرىمەن بۇ كارتۇننى .
ئىشىنەمسىلە ئىشەنمەمسىلە ئۇزەڭلىنىڭ ئىشى پو ئاتمىدىم بۇ كارتۇن تاس قالغان مىنى ۋاسكىتبول ماھىرى ۋە رەسسام قىلىۋەتكىلى ، مەن توختىماي رۇكاۋا بىلەن ساكۇراگىينى سىزاتتىم .
ھىلى ھەممۇ سىزالەيمەنغۇ دەيمەن
ئۇھ……………بىلىپ بىلمەي ئېغىز چاققانلىق قىلىپ، توپلا ئويناپ قىز دوست تاپىمىغانلارنىڭ پاناھ جايىنى قۇرىۋالدىممۇ نىمە؟؟ئالدىرماي كېلىڭلار ھە، بىر باشتىن تىزىملىتىڭلار!!!ياشانغانلار ئالدىن تىزىملاتسا بولىدۇ ھە…..
ۋاي ۋۇي،،،نمىدىگەن قىززىق گەپلەر بۇ ،،،ئابومجان تۈگىشىپتۇ،،قىزبالىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ،،،،ھاھاھاھاھا
تورخۇمارداشلارنىڭ مۇنۇ قىززىق پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ ، تۆت كۈنلۈك يول ئازابىدىن بىراقلا قۇتۇلغاندەك بولدۇم
راسلا قىزىق گەپ بولىدىغان بىر دۇنيا كەنغۇ بۇ …
بۇ ئەسەرنىڭ پۈتىشى ئۈچۈن بىرەر ئاي ۋاقىت كەتكەندۇ ھە