كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ ۋاسكېتبول ] دېگەن خەتكۈشكە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
يېپيېڭى يازمىلار:
COSPLAY دېگەن بۇ ئاتالغۇ بىزگە ناتونۇش بولسىمۇ، ئەمما چەتئەلدە خېلى كۆپ ئومۇملاشقان. تۆۋەندە ئۇتۇقلۇق چىققان بىر يۈرۈش ۋاسكېتبول ماھىرى(SlamDunk) فىلىمىنىڭ COSPLAY لىرىنى كۆرۈپ باقايلى… ساۋاتسىزلارنى تازىلاش قىسمى: COSPLAY دېگەن نېمە؟ COPSLAY دېگىنىمىز ئېنگلىزچە Costume Play نىڭ قىسقارتىلىپ يېزىلىشى. ئادەتتە كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەت، جابدۇقلار ۋە شۇنىڭدەك گىرىم ئارقىلىق كومىك ئەسەرلىرى، …..
كىچىكىمىزدە بىزگە ھەمرا بولغان، ھەممىمىزنى ۋاسكېتبول غا غەرق قىلىۋەتكەن بىر كارتون فىلىم بار. ئۇ بولسىمۇ ياپونىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق كارتون فىلىمى – ۋاسكېتبول ماھىرىدۇر. بۈگۈن تور ئارىلاۋېتىپ بۇ قۇم سىزما ئەسىرىنىڭ پۈتۈش جەريانىنى كۆرۈپ قالدىم، قايىللىقىم قوزغال ۋە ئاشۇ دەقىقىلەردىكى ھېسىياتلىرىم قايتا قوزغالدى، تولىمۇ ھاياجانلاندىم. كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان مۇزىكىلار، ساكۇراگى، مىتسۇئىيلار… …..
« ۋاسكېتبول ماھىرى» دېگەن كارتون فىلىمدە ۋاسكېتبول توغرىسىدىكى گەپلەر سۆزلىنىدۇ(سېپى ئۆزىدىن قۇرۇق گەپقۇ بۇ؟!)، شۇنداق بولغانىكەن، ئېنىقلا ھەرخىل ھەرياڭزا توپ كوماندىلىرى بولۇشى ئېنىق. بۇ كوماندىلار ئىچىدە كىشىگە بىر قەدەر چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى شوخوكو كوماندىسى بولۇپ، بۇ كوماندىدا تۆت چاتاقچى، بىر نەپەر كەسكىن كوماندا باشلىقى، يەنە كۆزەينەكلىك بۇرادەر(ئىسمى …..
بىزدە «ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ، ئۆزگىنى شىر چاغلا» دەيدىغان بىر ماقال-تەمسىل بار. مەيلى سىزنىڭ مەرتىۋىڭىز قانچىلىك يۇقىرى بولسۇن، قورساقتا ئاز-تولا ئۇمىچىڭىز بولمىسا، يەنىلا ئاجىز سانىلىسىز. خۇددى تۆۋەندىكى سىنغا ئوخشاش. تەبىئىي پەن ئوقۇغان ئادەمنى بوش چاغلىماڭ، مەيلى ئۇ پول سۈرتىدىغان تازىلىق ئىشىچىسى بولسىمۇ!
NBA مەستانىلىرى ئۈچۈن، ۋاسكېتبول ماھىرلىرىنىڭ توپنى ھەر خىل نەپس ھەرىكەتلەر بىلەن بېسىپ سالغىنىنى كۆرۈشتىن ئارتۇق ھاياجان بولمىسا كېرەك؟ تۆۋەندىكىسى تورداشلار رەتلەپ چىققان بىر يۈرۈش بېسىپ سېلىش ماھارەتلىرى بولۇپ، ئىشىنىمەنكى ئاخىرقى بىر توپ چوقۇم يادىڭىزدا قالىدۇ!
70 ياشلىق بوۋاي ئەسلىدە ئۈچ نومۇرلۇق توپچىكەن ئەمەسمۇ؟! NBA دىكىلەر بەس-بەس بىلەن بوۋاينىڭ بۇ كەسىپكە ئېلىپ كەلگەن بېسىمىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئاغرىنىۋېتىپتۇدەك! دەرۋەقە، ھەقىقى ئۇستاملار ئەسلىدە خەلق ئارىسىغا يوشۇرۇنغان ئىكەن، ئەلمىساقتىكى ۋاسكېتبول مەستانىسى ۋە ماھىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ بوۋايغا قايىللىقىمنى بىلدۈرمەي ئامالسىزمەن!
ئارتۇق سۆزلەشنى راۋا كۆرمىدىم، تۆۋەندىكى Video دىكىلەر زادى ئەسلىدە ۋاسكېتبول ئوينايدىغان پۇتبول چىلارمۇ ياكى ئەسلىدە پۇتبول ئوينايدىغان ۋاسكېتبول چىلارمۇ بۇنى تېخىمۇ بىلمىدىم. ھەممە نەرسىنى سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان ئەجنەبىيلىرىمىز، كۆزۈمنى يەنە بىر قېتىم ئېچىپ قويدى…
ۋاسكېتبول ئوينىمىغىلى ئۇزۇن يىللار بولۇپ كېتىپتۇ، بىراق ھەر قېتىملىق NBA، CBA مۇسابىقىلىرىنى قالدۇرماي كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن ۋە ۋاسكېتبول غىمۇ خېلى ئىشقىم بار. ئىلگىرى تېلىۋېزوردا NBA چولپانلىرى نىڭ ۋاسكېتبولنى سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ ئوينىغان بىر يۈرۈش ھەرىكەتلىرىنى كۆرۈپ تولىمۇ ھوزۇرلانغان ئىدىم، بۈگۈن تور ئارىلاۋېتىپ ئارىمىزدىمۇ ۋاسكېتبولنى شۇنچىلىك نەپس ئوينىتالايدىغان بالىلارنىڭ بارلىقىغا قاراپ …..
مەنمۇ كۆرەپ باقاي