كوچا ۋاسكېتبولى چەتئەللىكلەرلا ئوينايدىغان نەرسە ئەمەس! ئۇيغۇر يىگىتنىڭ ئاجايىپ ماھارەتلىرى!!!
ۋاسكېتبول ئوينىمىغىلى ئۇزۇن يىللار بولۇپ كېتىپتۇ، بىراق ھەر قېتىملىق NBA، CBA مۇسابىقىلىرىنى قالدۇرماي كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن ۋە ۋاسكېتبولغىمۇ خېلى ئىشقىم بار. ئىلگىرى تېلىۋېزوردا NBA چولپانلىرىنىڭ ۋاسكېتبولنى سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ ئوينىغان بىر يۈرۈش ھەرىكەتلىرىنى كۆرۈپ تولىمۇ ھوزۇرلانغان ئىدىم، بۈگۈن تور ئارىلاۋېتىپ ئارىمىزدىمۇ ۋاسكېتبولنى شۇنچىلىك نەپس ئوينىتالايدىغان بالىلارنىڭ بارلىقىغا قاراپ شۇنداق مەسلىگىم كەلدى، ئۇنداقتا قېنى بىرلىكتە ھوزۇرلىنىپ باقايلى.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ماھارەت,ۋاسكېتبول
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 1,752 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى
- يازما مەنزىلى: uyghur-basketball-man.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > GPS – يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى Global Position System دېگەن نېمە؟
- كېيىنكى يازما > PNGView – ئەينەكسىمان ئۈنۈمدىكى رەسىملەرنى كۆرۈشتىكى ياخشى تاللاش!
ھەنىم بولسا ھەر كەسىپتىن يىتىشىپ چىقىۋاتقان ئۇيغۇر چېمپىيۇنلارنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز … بۇ ھەنىم بولسا ياردار قەلبىمىزگە تەسسەللى بولىۋاتىدۇ …
ھەزرىتىم ئۆزلىرىمۇ ۋاسكىتبول خۇمارىكەنلىدە…
ئۈمىدسىزىلەندىم .
ياخشى ئوينايدىكەن.ئۈستىدىكى قەۋەتتىكى ئەپەندىم ئۈمۈدسىزلەندىڭىزىمۇ ياكى ئۈمۈد پەيدا بولدىمۇ؟
ئاۋۇ يەردە ئىملا خاتالىقى يۈز بىرىپتۇ .
NBA، CBA مۇسابىقىلىرىنى كۆرمەي كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن .
كۆرمەي ئەمەس قويماي بولسا توغرا بۇلامىكىن .
تۈزىتىپ قويدۇم، رەھمەت
ھەقىقەتەن مىللىتىمدىن پەخىرلىنىمەن! ئۆرلە ئۇيغۇر!!!
مەندەكلا ئوينايدىكەن،ھى ھى ھى…بەزىدە چۈشۈمدە شۇنداق ئويناپ قويىمەن!
بۇنىڭ بىرىنجىسىنى بۇندىن 1 يېرىم يىل بۇرۇن بلوگىمغا ۋە شەبنەم مۇنبىرىگە يوللىغان ئىدىم. شۇ چاغدىمۇ باھالار قالتىس بولغان ئىدى. باھالارنىڭ بەزەنلىرىدە گارغا كىرگۈزگىنىنى كۆرسەك دىگەن ئىستەك كۆپ ئىدى. بۇ قېتىممۇ ئانچە مۇنچە مۇشۇ پىكىرلەر چۈشتى. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىشىگە تىلەكداشمەن.