نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما مەزمۇنى

رىۋايەتلەردىكى «ئالمىچى بوۋاي» سىتىۋ جوبز بۈگۈن CEO لىقتىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى!!

بۈگۈن ئالما شىركىتى مۇدىرىيىتىدىكىلەر، ئالما شىركىتى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى(CEO) سىتىۋ جوبزنىڭ ئىستېپا بەرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئورنىغا ئالما شىركىتىنىڭ COO سى تىم كۇكنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، جوبز مۇدىرىيەتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىدىغان، كۇك مۇدىرىيەتكە قوشۇلىدىغان، بۇ قارار دەرھال كۈچكە ئىگە قىلىنىدىغان بولدى. كىشىلەر پەرەز قىلىپ يەتكەن بۇ كۈن يەنىلا يېتىپ كەلدى…

جوبز 24-چېسلا ئالما شىركىتى مۇدىرېيىتىدىكىلەر ۋە خىزمەتچىلەرگە سۇنغان ئىستىپانامىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ خېلى بۇرۇنلا، تاكى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىلىق ۋەزىپىسىنى قايتا ئۆتىيەلمىگۈدەك بولغان چاغدا كۆپچىلىككە چوقۇم ئۇقتۇرۇش ھەققىدە تەييارلىق كۆرۈپ قويغان ئىكەن، ئويلىمىغان يەردىن بۇ كۈن يەنىلا يېتىپ كەلگەن، ئۇ بىرلا ۋاقىتا كۇكنى ئۇنىڭ ئورنىغا باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن.

جوبز يەنە خېتىدە ئالما شىركىتىنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە زور ئىشەنچ بىلەن قارايدىغانلىقىنى، ئالمىنىڭ ھەر بىر خىزمەتچىسىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۆۋەندىكىسى جوبزنىڭ ئىستىپانامىسىنىڭ تولۇق مەزمۇنى:

ئالما شىركىتى مۇدىرىيىتى ۋە ئالما شىركىتىگە:

مەن ئىزچىل ھالدا، ناۋادا كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى مەن قايتا ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولالماي قالسام ھەمدە كىشىلەرنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويسام قانداق بولار دەپ كېلىۋاتقان ئىدىم، ئاۋال سىلەرگە شۇنى ئېيتسام، بەختكە قارشى بۇ كۈن يەنىلا يېتىپ كەلدى.

بۇ يەردە، مەن ئۆزۈمنىڭ ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىمنى جاكارلايمەن. ناۋادا مۇدىرىيەت مۇۋاپىق كۆرسە، مېنىڭ مۇدىرىيەتنىڭ باش مۇدىرى ياكى مۇدىر، ھەتتا ئادەتتىكى خىزمەتچى خادىم ۋەزىپىسىنى ئۆتىسەممۇ بولىدۇ.

مېنىڭ ئورنۇمغا تەيىنلىنىدىغان ئادەمگە كەلسەك، مەن مۇدىرىيەتنىڭ مېنىڭ ئورنۇمغا يېڭى ئىزباسار تەيىنلەش پلانىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن ھەمدە تىم كۇكنى ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىقىغا تەۋسىيە قىلىمەن.

مېنىڭچە، ئالما شىركىتىنىڭ ئەڭ پارلاق ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىغا تولغان كۈنلىرى تېخى ئالدىمىزدا. مەن يېڭى ئورنۇمدا تۇرۇپ ئالمىنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىنى كۆرۈشنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇشنى خالايمەن.

ئالما شىركىتىدە، مەن بۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ ياخشى دوستلار بىلەن تونۇشتۇم، مەن بۇ يەردە نۇرغۇن يىللاردىن بېرى مەن بىلەن ئورتاق تىرىشقان بارلىق كىشىلەرگە ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

سىتىۋ.جوبز

سوئال: جوبزنىڭ ئىستېپا بېرىشى، ئالما شىركىتىگە قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟

بۈگۈن ئالما شىركىتى مۇدىرىيىتىدىكىلەر، ئالما شىركىتى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى(CEO) سىتىۋ جوبزنىڭ ئىستېپا بەرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئورنىغا ئالما شىركىتىنىڭ COO سى تىم كۇكنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، جوبز مۇدىرىيەتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىدىغان، كۇك مۇدىرىيەتكە قوشۇلىدىغان، بۇ قارار دەرھال كۈچكە ئىگە قىلىنىدىغان بولدى. كىشىلەر پەرەز قىلىپ يەتكەن بۇ كۈن يەنىلا يېتىپ كەلدى…

جاۋاپ(توردىن ئېلىندى):

جوبز مەيلى قايسى ۋاقىتتا ئىستېپا بەرسۇن، ئالما شىركىتىنىڭ پايچېكى ھامان چۈشىشى مۇقەررەر، بۇ ئالما شىركىتى چوقۇم قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك بىر رېئاللىق، چۈنكى مەبلەغ سالغۇچىلاردا ئالما شىركىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك قىممەت يارىتىشىغا بولغان كۆز-قارىشىدا، جوبزدىن ئىبارەت بۇ ئادەمنىڭ ئايرىلىشى سەۋەپلىك ئۆزگىرىش بولىدىغىنى ئېنىق.

بەزىلەر دەيدۇ، بىر ئەترەتنىڭ تۆھپىسىنى بىر ئادەمنىڭ بېشىغا يۈكلەپ قويۇشقا بولمايدۇ. توغرا، ئالما شىركىتىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ قالتىس ئىنژېنېرلار، لايىھەلىگۈچىلەر، پروگراممېرلار، Jonathan Ive قا ئوخشاش لايىھە تالانت ئىگىسى، Tim Cook قا ئوخشاش مۇنەۋۋەر باشقۇرۇغۇچى خادىملار بار، ئەمما بىر تۈركۈم تالانتلىقلاردىن تەشكىللەنگەن ئەترەت، چوقۇم تالانتلىق بىر مەھسۇلات لايىھەلەپ چىقالىشى ناتايىن، ھالبۇكى، قالتىس ياسالغان مەھسۇلاتمۇ دۇنيا سودا ساھەسى ۋە ئىستېمال مەدىنىيىتىنى ئۆزگەرتەلىشى ناتايىن.

ئالما شىركىتىگە نىسبەتەن، جوبز بىر دانە كەم بولسا بولمايدىغان روھىي ئامىل، تالانتلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى قوزغاش، ئىستېمالچىلارنىڭ تونۇشىنى ئادىمىيلەشتۈرۈش، بازاردىكى ئىناۋەتنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە، جوبزدىن ئىبارەت بۇ پېرسوناژنىڭ ئورنىنى ھېچكىم ئالالمايدۇ. جوبز ئىستېپانامە سۇنغاندىن كېيىن، ئالمىنىڭ بازار قىممىتى شۇ ھامان 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ كەتكەن، بۇ دەل بۇ كىشىنىڭ قىممىتىنىڭ پۇل شەكلىدىكى ئىپادىسى.

ئۇنداقتا روھىدىن ئايرىلغان ئالما شىركىتى ئالاھىدە بىر ئورۇندىن ئادەتتىكى ئورۇنغا چۈشۈپ قالارمۇ؟ بۇ بىر مەسىلە ئەمەس، بەلكى بىر تاللاش، ئالما شىركىتى كەلگۈسى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە جوبز يوق بولۇشتەك شارائىتتا شىركەتنىڭ تەرەققىياتىنىڭ پەيدىنپەي سۇسلىشىدىغانلىقىدەك بىر رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. جوبز ئەلۋەتتە بىر قاتار مۇكەممەل نەرسىلەرنى لايىھەلەپ چىقالايدۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىگە ئوخشاش يەنە بىر جوبزنى لايىھەلەپ چىقىشقا ئامالسىز. ناۋادا رىۋايەتنى كۆچۈرگىلى بولغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ دۇنيادا رىۋايەت بولمىغان بولاتتى. تېخنىكا، سودا ساھەسى، مودا، خاراكتېرگە بولغان چوڭقۇر چۈشەنچە ۋە توغرا بولغان ئىشەنچ، مۇكەممەل بولغان مەھسۇلات ئارقىلىق بىر بىرلەپ دۇنيانى ئۆزگەرتتى، بۇ پەقەت رىۋايەت خالاس.

مەبلەغ سالغۇچىلار ئىزچىل ھالدا ئالما شىركىتىنىڭ ئورۇنباسارىنى تەيىنلەش پلانىنى بېكىتىش ۋە ئاشكارە يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى، ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، جوبز مەيلى قايسى ۋاقىتتا ئىستېپا سۇنسۇن، بۇ رىۋايەتنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئىككىنچى بىر ئورۇنباسار چىقمايدۇ. Tim Cook ئالما شىركىتىگە ياردەملىشىپ تىجارەت ئەھۋالىنى داۋاملىق ساقلاپ كېتەلەيدۇ، ئەمما ئۇ بىزگە غايە ئاتا قىلالايدىغان كىشى ئەمەس، ئالما شىركىتىدىمۇ يەنە بۇنداق بىر كىشىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. بىز چوقۇم بىر دانە تىجارىتى يامان ئەمەس، ئەمما قايتىدىن چۈشنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالمايدىغان نورمال بىر سودا شىركىتىنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك.

ئۆتكەنكى 10 يىلدا بىز ناھايىتى تەلەيلىك، چۈنكى جوبز يەرشارىدىكى نەچچە مىليون كىشىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتتى. بۈگۈن،  بۇ رىۋايەتنىڭ ئاخىرقى باپىمۇ يېزىپ تۈگىتىلدى.

سىز يەنە بۇ يەرنى بېسىپ جوبز توغرىلىق تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچىگە ئىگە بولالايسىز



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ، ،
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,385 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 08-ئاينىڭ 25-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: steve-jobs-resigned.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئىزدەن 2011.08.26 , 00:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان ئىشقىدا دىۋانە، ئالمىغا قاچانمۇ ئۇلىشارمىز!

  2. سەھرالىق 2011.08.26 , 00:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەتىگەن پىنگىۋىننى ئاچساملا مۇشۇ ئۇچۇر كەلگەن…

  3. بەگزادە 2011.08.26 , 00:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭچە سىتىۋجوبىز بولمىسىمۇ ئالما6-ئەۋلات تىلفۇن،3-ئەۋلات ئايپەد لەر بازارغا سىلىنىدۇ. ئالما مەھسۇلاتلىرى تىخنىكا -سەۋىيەجەھەتتىن چىكىنمەيدۇ

  4. پاسىبان 2011.08.26 , 01:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ خەۋەر مېنى سەل ئۇھسۇندۇردى. بۇ كىشىمۇ چېكىنىپتۇ. ئالما بىزگە يەنە مۇشۇنداق كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان ئېسىل يېڭىلىقلارنى داۋاملىق تەمىنلىيەلەمدىغاندۇ؟ شۇلارنى ئويلاپ قالدىم.

  5. ئۇيغۇربەگ 2011.08.26 , 12:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر دەۋرنىڭ سەركىسى ئىشتىن چۈشكەن بولسا، ئۇنىڭ ئىزىنى باسىدىغان باشقا سەركىلەرمۇ داۋاملىق مەيدانغا چىقىشى ئېنىق! چۈنكى، بۇ جاھان بەيگە مەيدانى!

  6. Bakhtiyar 2011.08.26 , 14:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەزىلەر جوبز نى نىمىشقا iphone5 تارقىتىلغاندىن كىيىن ئايرىمايدۇ دەپ ئويلايدۇ.
    بۇ قاقۋاشنىڭ كاللىسى ئاجايىپ ئىشلەيدىكەن.

  7. بۆرەيار 2011.08.26 , 22:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نەچچە كۈندىن بېرى قەيەرگە بارسام مۇشۇ خەۋەر… بىچارە ئالما سېسىپمۇ قالامۇ ئەمدى

  8. سۈرخان 2011.08.26 , 22:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ باققالنى ئاخىرى شەھەر مەمۇرىيىتىنى باشقۇرىغانلار ھەيدەپتۇدە:grin:كونسۇل كوچىسىغا كېلىپ كەچلىك بازاردا ساتسۇن ئەمدى ئالمىسىنى

    • سەھرالىق 2011.08.28 , 02:08

      ۋەتەنجان ئالما ساتقاندەك ساتسا«تېتىمىسا پۇل ئالمايمەن» دەپ قويۇپ ،قارىسا ھەممىسى چىشلەكلىك «پۇچۇق»:mrgreen:

    • ئەلشات 2011.08.30 , 12:27

      ئۇ ئالما ئەزەلدىنلا پۇچۇققۇ، بىر چىشلىمى يوق، جوبىز قارىممۇ ياكى بالىسىمۇ ئىشقىلىپ بىرسى چىشلىۋالغان ئالمىغۇ ئۇ

  9. دولقۇن731 2011.08.26 , 23:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەھمەت جوبس.

  10. مەنگۈنۇر 2011.08.28 , 23:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالما شىركىتى مەنچە ئازراق داۋالغۇچقا ئۇچرىغىنى بىلەن چوڭ زىيان بولمايدۇ ئەلۋەتتە..تىم كوك جوپىزغا ئوخشاش نەتىجىلەر يارتالىسا ئالما شىركىتىىنڭ كەلگۈسى .ئىنتايىن پارلاق بولغۇسى…

    • خىيال 2011.08.29 , 13:30

      مىنىڭچە تەسىرى خىلىلا چوڭ بولىدۇ. پىرىنسىپ بويىچە تەسىرى بولمايدۇ دىگەن بىلەن تىجارەت دىگەن بۇ بىر جەڭ بىر قۇماندان يىقىلسا بەلكىم قگڭ مەغلۇپ بۇلىشى مۇمكىن ……
      ئەمىليەتتە شۇنىڭغا ئوخشاش چۈنكى ئۇنىڭ كاللىسىمۇ ئۆزى بىلەن بىللە كىتىدۇ دە..

  11. روھچىن 2011.08.29 , 01:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ كىشىدىن كۈتۈدىغان ئۈمۈتلىرىمىز چوڭ ئىدى. بالدۇر ئىشتىن چۈشىۋالغاندەك بىلىندى.
    ئالمىنىڭ خاتىرىمىزدىن يۇيۇلۇشنىڭ باشلانمىسىمىدۇ -بۇ

  12. نۆل ۋە بىر 2011.08.29 , 16:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رىقابەتچىللىرى قۇتىرىغىلى تۇرغان بەيىتتە دەم ئالغۇسى كەپتۇغۇ؟!

  13. ئەلشات 2011.08.30 , 12:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ كىشى ئىستىپا بەرگەنم بىلەن ئالمىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ ھىچنىمە بىلەن كارى بولماي تۇرۋالماس، ھە راس بۇ كىشىنىڭ كىسىلى قانداق بولۇپ كەتتى، ساق ساقايغانمىدۇ، ماڭا بۇ كىشى كىسىلى بەك ئىغىردەك نەچچە كۈندىن كىيىن ئۆلۈپ كىتىدىغاندەك بىلىنىدۇ، ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي بۇ جوبىز قارىنىڭ

  14. بەگزادە 2011.08.31 , 22:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ساق بولسا ئىستىپا بىرەمدۇ…. مىنىڭچە ئۇنىڭ ۋاختى ئاز قالغان نىمە…
    بەلكىم ئالما 5-ئەۋلات تىلفۇنلارنىڭ سىتىش توختاملىرىنى تۈزۈپ بولغاندۇ ھەمكالاشقۇچى شىركەتلەر بىلەن..

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量