نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما كۆرۈش

10 مىسال: شىركەت قۇرغۇچىسى ئۆزىنىڭ تېخنىكا شىركىتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن…

bill

بىلگەيتىس 2000-يىلى CEO لىقتىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئېشىش سۈرئىتى بىر قەدەر ئاستىلاپ قالدى، مەسىلەن، ئىزدەش ماتورى، ئەقلىفون، بۇلۇت ھېسابلاش قاتارلىق بىر قانچە چوڭ مودا تېخنىكىغا قايتۇرغان ئىنكاسى كۆرۈنەرلىك ئاستا.

image

Twitter

Twitter نى نۇرغۇن نۇقتىلاردىن قارىغاندا، Jack Dorsey نىڭ ئىجادىيىتى دەپ قاراشقا بولىدۇ. گەرچە ئۇ 2008-يىلى CEO لىقتىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، Twitter ئابونت سانىدا پارتىلاش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولغان بولسىمۇ، ئەمما ھېلىھەم ئېنىقراق بىرەر پايدا ئېلىش سودا شەكلىنى تاپالىغىنى يوق. ئۆتكەن يىلى سايلانغان يېڭى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Dick Costolo ئۇنى شىركەتكە قايتىدىن تەكلىپ قىلدى. گەرچە پايدا ئېلىش خاراكتېرلىك سودا ھالىتىدە يەنىلا بىرەر بۆسۈش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما Dorsey پايدا ئېلىش شەكلىدىكى سودا ھالىتىگە باشلايدىغان نۇرغۇن يېڭى ئىقتىدارلارنى Twitter غا ئېلىپ كىردى ۋە ئالما بىلەن ھەمكارلىشىپ iPhone غا Twitter نى باشلاپ ئەكىردى.

image

Intel

Andy Grove ئىسىملىك بۇ كىشى Intel غا CEO بولغان 10 يىلدىن بېرى، Intel نىڭ بازار قىممىتى 4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن بىراقلا بىر يېرىم تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا كۆتۈرۈلدى. ئەمما 2005-يىلى مۇدىرىيەتنىڭ رەئىسلىكىدىن ئىستېپا بېرىۋەتكەندىن كېيىن، Intel نىڭ پايچېكى ئىزچىل بىر خىل رېتىمدا تۇرۇش، ھەتتا چۈشۈپ كېتىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلدى، ئۇنىڭدىن باشقا نۆۋەتتە ARM دىن كېلىۋاتقان رىقابەت تەھدىدىمۇ كۈندىن كۈنگە كۈچىيىپ بېرىۋاتىدۇ.

image

Palm

Jeff Hawkins تۈزۈپ چىققان Palm OS مەشغۇلات سېستىمىسى 90-يىللاردىكى ئەڭ مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان مەھسۇلات Palm Pilot قا ئىنتايىن ياخشى ئاساس سېلىپ بەرگەن ئىدى.

ئەمما، ئارقىدىن بۇ شىركەت بىر قاتار باشقىلار تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىش پاتقىقىغا كىرىپ قالدى. ئالدى بىلەن U.S.Robotiscs بىلەن بىرلىشىپ كەتتى، كەينىدىن يەنە 3Com بىلەن قوشۇلدى. تاكى 1998-يىلىغا كەلگەندە Hawkins ۋە بىرگە ئىگىلىك ياراتقۇچى Donna Dubinsky ھەمدە Ed Colligan ئايرىلىپ باشقا بىر شىركەت Handspring نى قۇرغانغا قەدەر ئىشلار مۇشۇنداق داۋاملاشتى. بىرلا ۋاقىتتا، Palm مۇ باشقۇرۇش ھەيئىتىدىكىلەرنىڭ چوڭ كۆلەملىك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشىنى باشتىن كەچۈردى، گەرچە بۇ ئەسىرگە تەۋە بىر قىسىم خېلى يامان ئەمەس ئەقلىفونلارنى ئىشلەپچىقارغان بولسىمۇ، بىراق ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا يار ئېغىزىغا بېرىپ قېلىپ ئاخىرىدا HP تەرىپىدىن بىر مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق باھا بىلەن سېتىۋېلىندى.

image

Android

Andy Rubin ئون يىلنىڭ ئالدىدا باشقىلار بىرگە Danger شىركىتىنى قۇرغان، ئەمما 2003 يىلى مەبلەغ سالغۇچىلار تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە داۋاملىق Android نى ئېچىش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان. كېيىنكى نەتىجە شۇ بولدىكى، Andy Rubin ئاندرويىدنى باشلاپ Google غا باردى ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇ ئەمگەك مېۋىسىنى ھازىرقى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئەقلىفون مەشغۇلات سېستىمىسى قىلىپ چىقتى، Danger شىركىتى بولسا 500 مىليون دوللار باھا بىلەن مىكروسوفتنىڭ يېنىغا پاناھلىق تارتىپ باردى ۋە ئۆمرى ئىنتايىن قىسقا بولغان ئىجتىمائىي ئالاقە يانفونى Kin نى ئىشلەپچىقاردى.

image

Foursquare

Dennis Crowley ئالتە يىل ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئاساسىدىكى تورى Dodgeball نى Google غا سېتىپ بەرگەن ئىدى. ئەمما 2007-يىلىغا كەلگەندە Crowley گۇگېلنىڭ مۇۋاپىق بولمىغان باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدىن بىزار بولۇپ ئۆزى چىقىپ بۇرۇنقىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان يەنە بىر شىركەت Foursquare نى قۇردى، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە شىركەتنىڭ تەخمىنىي قىممىتى 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىكەن.

image

Sun

ئورتاق ئىگىلىك ياراتقۇچى Scott McNealy ئىنتېرنېتنىڭ تەرەققىياتى تازا دېگەندەك بولمايۋاتقان مەزگىللەردە Sun نىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا گۇۋاھچى بولدى، ئەمما بۇ مەزگىل ئۆتۈپ گۈللىنىش دەۋرىگە كەلگەندە، يەنە دۆڭدىن پەسكە قاراپ سىيرىلىشكە باشلىدى. 2006-يىلى شىركەتنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى Jonathan Schwartz قا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، Sun تېخىمۇ چوڭقۇر قىيىنچىلىقلارغا پېتىپ كەتتى، يۇقىرى سەپلىمىلىك مۇلازىمېتىر ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىنىڭ ئاستىلىشىغا ئەگىشىپ، Java ئارقىلىق قانداق پۇل تېپىشنىمۇ بىلەلمىدى. Scott تەخىتتىن چۈشكەندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ تۆھپىسى، مىكروسوفت بىلەن ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مونوپوللوققا قارشى كېلىشىم ئىمزالاپ، Sun نىڭ نەقپۇل خەزىنىسىنى ئىككى ھەسسىلىدى.

Sun ئەڭ ئاخىرىدا يەتتە مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق باھا بىلەن سېتىۋېتىلدى.

image

AOL

Steve Case ئۆزى بىر قوللۇق AOL نى قۇرۇپ چىقتى ۋە ئۇنى دەرىجىدىن تاشقىرى ئىنتېرنېت شىركىتى قىلىپ چىقتى، 2000-يىللىرى Time Warner نى يۈتىۋالدى. كەينىدىن 2005-يىللىرىغا كەلگەندە، Case مۇدىرىيەتتىن ئىستېپا بەردى، 2009-يىلى AOL ۋە Time Warner يەنە بىر قېتىم بۆلۈنۈپ كەتتى، AOL نى كۈتىۋالغىنى بولسا يېڭى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Tim Armstrong بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن AOL نىڭ تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولمىدى.

image

Yahoo

杨致远 ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا مىكروسوفتنىڭ 40 مىلياردتىن ئاشىدىغان Yahoo نى سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى سودىسىنى بۇزۇپ قويغاندىن كېيىن، كەينىدىن مۇدىرىيەت ئۇنى CEO لىق ئورنىدىن تېپىپ چۈشەردى. ئەمما كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان يېڭى باش ئىجرائىيە ئەمەلدار Carol Bartz مۇ ياھۇنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئىزچىل ئامالسىز قالدى ۋە يېقىندا ئالدىنقىسىغا ئوخشاشلا مۇدىرىيەتتىكىلەر تەرىپىدىن تېپىپ چۈشۈرۈلدى.

jjjj

Apple

1985-يىلى باشقۇرۇش جەھەتتىكى كۆز-قاراشنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلى، جوبزنى مۇدىرىيەتتىكىلەر ئۆز قولى بىلەن قۇرغان ئالما شىركىتىدىن ھەيدەپ چىقاردى، دەل شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئالما شىركىتى ئىزچىل تۆۋەنگە قاراپ مېڭىشقا باشلىدى، ھەتتا ئاخىرىدا ۋەيران بولۇش گىرداۋىغىمۇ بېرىپ قالدى. ئەمما جوبز 1997-يىلى قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، شىركەتنىڭ ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەر بولدى. باشقىلىرىنى كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ كۆپچىلىككە ئايان.

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 8 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. قەھرىمان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن مۇ دىۋان بۇلالايدىكەنمەن ئە :mrgreen:

  2. پرېستان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مېنى قايسى بلوگ CEO لىققا تەكلىپ قىلسا بۆسۈش خارەكتېرلىك ئالغا ئىلگىرلەيدۇ… :mrgreen:

  3. مېستىر01 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ سىتۋ جۇبىزدەك ئادەم بولوشنى ئارزۇ قىلمەن.. :roll:

  4. ئاغىنىلەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىزمۇ تىرشارمىز شۇنداق بىكەت شىركەتلەرنى قۇرۇشقا :cool:

  5. ئۇيغۇربەگ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئاساسلىقى ئېلان چەككىلى كەلدىم-يۇ، پرېستاننى شۇ ھامان بلوگىمىزنىڭ CEOلىقىنى بېرىشكە ۋەدە قىلدىم!

  6. نۆل ۋە بىر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەگەر سىز سىتۋ جۇبىزدەك ئادەم بولوشنى ئويلىشىۋاتقان بولسڭىز،ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇپ چىقىپ ئاندىن قارار قېلىڭ.ئاسان ئەمەس جۇمۇ؟!

    • مېستىر01 :

      چاتاق يوق ،مەن سىتۋ جۇبىزنىڭ .بىل گەيتىسلەرنىڭ تەرجىمالىنى سۆزلەپ شاما قىلۋىتىمەن .ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرىغا ئائىت ماتىرياللارنى دائىم دىگۈدەك كۈرۈپ تۇرمەن.

  7. Forever : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سىتىۋجوبىزغا ھەقىقەتەن قول قويماي تۇرالمايمەن ، لېكىن ئۇ بۇددا دىنىغا ئىتقات قىلىدىغۇ دەيمەن …..

 汗