كۈلكە – جاننىڭ ئوزۇقى | بىر قىسىم تاللانغان يۇمۇرلار(1)
ئىلگىرى توردا ئۇچرىتىپ قېلىپ ساقلاپ قويغان يۇمۇرلار ئىدى، مەزمۇنى ساغلام ۋە خېلى ئىجابىي يۇمۇرلار بولغاچ بىللە كۈلەيلى دەپ يوللاپ قويدۇم. سورۇنلاردا سېرىق يۇمۇر تۈگەپ قالسا، ماۋۇنداق يۇمۇر ئېيتىپمۇ ئادەم كۈلدۈرگىلى بولىدۇ، چوڭ سۈپەت ئولتۇرىۋالاي.
توشقان بىلەن تاشپاقىنىڭ مۇسابىقىسى باشلىنىپتۇ،مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن توشقان خېلىلا ئۇزاپ كېتىپتۇ،تاشپاقا ئۆز مېڭىشىدا مىسىلداپ كېتىۋاتسا ئېغىر قېپىنى يۈدۈپ ئاران كېتىۋاتقان قۇلۇلىنى كۆرۈپ ئىچى ئاغرىپ دۈمبىسىگە مىندۈرىۋاپتۇ،ماڭە – ماڭ بىريەرگە كەلسە بىر چۈمۈلە كېتىۋاتقان ئۇنىمۇ ئېلىۋاپتۇ.چۈمۈلە تاشپاقىنىڭ دۈمبىسىدە قۇلۇلىنى كۆرۈپ “ ياخشىمۇ سىز “ دىيىشىگە قۇلۇلە قوپۇپ ”چىڭ ئولتا ،ما ئاداش يامان تېز ماڭىدىكەن “ دىگۈدەك .
———————-
بىر توڭ قىشتا يېرىم كېچىدە بىر ئۆيگە ئوت كېتىپتۇ،ئاتا – ئانا دەرھال ئۆيدىن قېچىپ قارىسا ئوغلى يوق ،ئاپىسى شۇ ھامان دات – پەرياد كۆتۈرۈپ ۋاقىراپتۇ “ قېنى سەن ئوغلۇم ………“ئۆيدىن ئوغلى ئالدىرىماي جاۋاپ بېرىپتۇ“ كىيىملىرىمنى كىيىۋاتىمەن “
– ۋاي بالام ما ئۆي كۈيۈپ كېتەي دەۋاتسا نىمە كىيىم كىيىش .چاققان چىق !– دەپ ۋاقىراپتۇ ئاپىسى .بەش مىنۇت ئۆتۈپتۇ قارىسا ئوغلى يەنە چىقمىغان ،ئاپىسى جىلى بولۇپ يەنە ۋاقىراپتۇ ”ۋاي بالام،ساقمۇ سەن ،نىمىشقا چىقمايسەن؟ “
كىيىم كەيمە دىگەنتىڭ،كىيىملىرىمنى سېلىۋاتىمەن — دىگۈدەك ئوغلى .
————————
دەپنىخانىغا ئۈچ جەسەتنى ئېلىپ كەپتۇ،دەپنە خادىمى قارىسا ئۈچىلىسىنىڭ چىرايىدا كۈلكە قېتىپ قالغان پېتى ئۆلگەن ،ھەيران بولۇپ ساقچىدىن سوراپتۇ “ ئەپەندىم ،بۇلار قانداق ئۆلگەن ؟ “
– ماۋۇ ئاداشقا تۈنۈگۈن ئون مىليون دوللار مۇكاپات چىقىپتىكەن،خوشاللىغىدا تولا كۈلۈپ ئۆلۈپ قاپتۇ ،ماۋۇ ئاداشنىڭ ئايالى ئۇدا 8 قىز تۇغۇپ تۈنۈگۈن بىر ئوغۇل توغۇپتىكەن ،شۇنىڭ خوشاللىغىدا ئوغلىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ ھىجايغان پېتى ئۆلۈپ قاپتۇ — دەپتۇ ساقچى .
– ئەمىسە ماۋۇ بەكرەك ھىجىيىپ قالغان ئاداشچۇ ؟ دەپ سوراپتۇ دەپنە خادىمى ئاخىرقى جەسەتنى كۆرسۈتۈپ .
– بۇ بىچارە تۈنۈگۈن بىر دەرەخكە يامىشىۋېتىپتىكەن ،دەل شۇ چاغدا چاقماق چېقىلسا بولىدۇ،بۇ ئاداش تېخى بىرسى ئۆزىنى رەسىمگە تارتىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ……………
————————–
بىر ئادەم بالكونىنى تازىلاۋېتىپ بىر كونا جىن چىراق تېپىۋاپتۇ،چىراقنى ئەمدى سۈرتۈپ تۇرۇشىغا ئىچىدىن بىر دىۋە سەكرەپ چىقىپ“ئېي ئادەم،مېنى قۇتقۇزغانلىغىڭ ئۈچۈن بىر تەلىۋىڭنى ئورۇندايمەن،قېنى ئېيتقىن ”دەپتۇ ،ھىلىقى ئادەم تۇرۇپ كېتىپ ”چىراق ئىچىدىن چىققان باشقا جىنلار ئۈچ تەلەپنى ئورۇندايدىكەندۇق، سىز بىرنىلا دەيسىزغۇ “ دىيىشىگە دىۋە قوپۇپ “ مەن دىگەن ئاتۇشلۇق دىۋە ،بولە چاققان تەلىۋىڭنى دە ”دەپتۇ،ھىلىقى ئادەم ئويلىنىۋېلىپ “ مۇشۇ مۈشۈكنىڭ توققۇز جىنى بولىدىكەن،مېنىڭمۇ توققۇز جېنىم بولسا ”دەپتۇ ، ”تەلىۋىڭ ئىجاۋەت “ دەپلا دىۋە يوقاپ كېتىپتۇ . كۈنلەر ئۆتۈپ ھىلىقى ئادەم زېرىكىپ بىر قېتىم ئۆلۈپ باقماقچى بولۇپتۇ،ئويان – ئويلاپ بۇيان ئويلاپ پويىز چاقىدا ئۆلۈپ باقماقچى بوپتۇدە رېلىستا يېتىۋاپتۇ ،ۋاي ئەپسۇس بۇ ئادەم شۇ پېتى بىراقلا ئۆلۈپ قاپتۇ ،“ نىمە ؟دىۋىنى يالغانچىكەن دەمسىز ؟ ياق، ياق ،ئۇ كۈنكى پويىز نەق ئون ۋاگونلۇق ئىكەن “
————————-
– قاراڭ دوختۇر ، يېقىندىن بېرى كۆزۈم يىراقنى كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالدى — دەپتۇ بىمار .
– شۇنداقمۇ — دەپتۇ دوختۇر ۋە بىمارنى باشلاپ دەرىزە ئالدىغا كېلىپ قۇياشنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ “ ئاۋۇ نىمە “ دەپ سوراپتۇ .
– قۇياش !
– ئەمەسە دەڭچۇ قېنى ،ئۇنۇڭدىن يىراق يەنە نەنى كۆرمەكچىتىڭىز — دىگۈدەك دوختۇر .
———————————————–
بىر ئادەم بېلىق تۇتماقچى بولۇپ باشتا سازاڭنى يەمچۈك قىلىپ بېقىپتۇ،نەچچە سائەتكىچە قارماققا ھىچنىمە ئېلىنماپتۇ،بولكىنى يەمچۈك قىلىپ بېقىپتۇ،ھىچنىمە يوق ،گۆشنىمۇ يەمچۈك قىلىپ بېقىپتۇ ،يەنە ھىچنىمە يوق ،ئاچچىغىدا 100 سوملۇق پۇلدىن بىرنى قارماققا ئىلىپلا سۇغا تاشلاپتىكەن سۇ ئاستىدىن بېلىقلار “ ھېي ئوغرى ،سەي بازىرى كۆرۈپ قالدىڭمۇ بۇ يەرنى “ دىگۈدەك
———————————————–
ھاياتىڭىزنى قەدىرلەي دىسىڭىز ،جوڭگو دۆلەت كوماندىسىدىن يىراق تۇرۇڭ !
بىر كۈنى مەن ئىشىك – دەرىزىنى ھىم تاقاپ ،پەردىلەرنى چۈشۈرۈپ ئەمدىلا مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ 5 – قانىلىنى ئېچىپ جوڭگو دۆلەت كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ تۇرغان ئىدىم،ئاغىنىلىرىم كېلىپ ئىشىكنى ئۇرغىلى تۇرۇشتى . مەن ھاپىلا – شاپىلا تېلىۋىزورنى ئۆچۈرۈپ ئىشىكنى ئاچتىم .ئۇلار مېنىڭ ئوڭايسىز ھالىمنى كۆرۈپ “ ئەسلىدە سەن ئىشىكنى چىڭ تاقاپ سېرىق فىلىم كۆرىۋېتىپسەندە “ دىدى ،مەن دەرھال ئۆزەمنى ئاقلاپ ”ئىشىڭنى قىلىشە ماڭ،سېرىق فىلىمنى سەندەك ئىشەك گۇيلار كۆرىدۇ “ دىدىم ،ئاڭغىچە بىر .ئاغىنەم تېلىۋىزورنى ئېچىپ “ ھە سەن ئەسلى جوڭگو دۆلەت كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈۋاتقانما ”دىدى،يۈزۈم دەرھال ئوت ئېلىپ قىزىرىپ كەتتى – دە دەرھاللا “ ياق ،ياق ،مەن ئەسلى سېرىق فىلىم كۆرۈۋاتقان “ دىدىم .
———————————————–
يەنە ھىلىقى دىۋە بار جىن چىراق بىر جوڭگولۇققا ئۇچراپ قاپتۇ،دىۋە ”مېنى قۇتقۇزىۋالغىنىڭغا رەھمەت ،مەن ما ئاتۇشلۇق دىۋە،بىرلا تەلىۋىڭنى ئورۇندايمەن،چاققان بولە “ دەپتىكەن ھىلىقى جوڭگولۇق ”مۇشۇ ياپۇنىيەنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋەتسەڭ “ دەپتۇ،دىۋە قوپۇپ “ ئاداشە ۋا،بۇنداق تەس ئىشنى دىگۈچە باشقا تەلەپنى دىگىنە “ دەپتىكەن جوڭگولۇ قوپۇپ “ ئەمىسە جوڭگو دۆلەت پۇتبول كوماندىسى بۇ قېتىم چىمپىيون بولسۇن “ دەپتۇ ،دىۋە كۆتتىنى قاشلاپ تۇرۇپ كېتىپ ”باشتىكى تەلىۋىڭ نىمىتى ؟ “ دىگۈدەك
——————————
– ئاڭلىسام ئاكاڭنى جوڭگو دۆلەر كوماندىسىدا توپ تېپىدۇ دەيدىغۇ ؟
– ھېي لاۋزا،سېنىڭ ئاكاڭ جوڭگو دۆلەت كوماندىسىدا توپ تېپىدۇ ،سېنىڭ داداڭ جوڭگو دۆلەت كوماندىسىدا تېنھېر، پۈتۈن ئائىلەڭ جوڭگو دۆلەت كوماندىسىدا ئىشلەيدۇ
——————————-
بىر قىز ئىشتىن چۈشكۈچە كەچ بولۇپ كىتىپتۇ ، قاراڭغۇدا قورقۇپ مىڭىۋاتسا ،كەينىگە بىرسى ئەگىشىۋاپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن قىز نەق زاراتگاھلىق تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپتۇ ، ھىلىقى كىشىمۇ كەينىدىن تەڭ يۈگۈرەپتۇ . قىز بىر قەبرىنىڭ ئالدىغان كىلىپ توختاپتۇ -دە – دادا قەبرە ئىشىكىنى ئاچە ، ئاچقۇچ ئىلىۋىلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن . دىيىشىگە ھىلىقى كەينىدىكى ئەگىشىپ كىلۋاتقان كىشى بەدەر قىچىپ كىتىپتۇ . قىز ئۇھ دەپ تۇرشىغا ،قەبرىدىن :
-يەنە ئاچقۇچنى ئۇنتۇپ قاپسەن -دە ، كىرە ئۆيگە ”دىگەن ئاۋاز كەپتۇ ، قىز ئالدى كەينىگە قارىماي قىچىپتۇ .
ئەسلىدە قەبرىگە مۆكۈۋالغىنى جەسەت ئوغىرىسى ئىكەن . ئۇ قولىغا گۈرجىكىنى ئىلىپ قەبرىنى قازاي دەپ تۇرىشىغا ،ياندىكى قەبرىدىن:
-كىچىك قىز بالىنى قورقۇتقۇچە تېزىراق ئىشىڭنى قىلە ،گۇي . ما قەبرىدە ياتقىلى 80 يىل بولاي دىدى ،سىنى ساقلاپ كۆزۈم تۆت بولدى . دىگەن ئاۋاز كەپتۇ ، قەبرە قازغۇچى قورققۇنىدىن ھوشىدىن كىتىپتۇ . قەبرىدىن بىرى كىيىملىردىكى توپا -چاڭلارنى قىقىشتۇرغىنىچە چىقىپ “ مەندىن ئىش تالاشقانغا توي ”دەپ ئالدىدىكى قەبرىنى كولاي دەۋاتسا ، يىراقتىن دوڭ ،دوڭ ،دوڭ… … قىلغان ئاۋاز كەپتۇ ، قورققۇنىچە بېرىپ قارىسا بىر قېرى بوۋاي قەبرە تىشىدىكى خەتلەرنى قايتىدىن يازغىلى تۇرۇپتۇ .ھىلىقى جەسەت ئوغىرىسى لاغىلداپ تىتىرەپ تۇرۇپ :
_ بوۋا ، نىمە ئىش قىلىۋاتىدىلا ؟ دەپ سوراپتۇ .
بوۋاي ئارقىسىغا قاراپمۇ قويماي :
_ ماۋۇ بەغىرەزلەرنى يىمەي -ئىچمەي باقساممۇ ، قەبرە تاشقا ئىسمىمنى خاتا يېزىپ قويۇپتۇ . شۇنچە يىل ساقلىسام بىرسى كىلىپ تۈزىتىپ قويمىدى ،بۈگۈن ئاچچىقىمدا ئۆزۈم تۈزىتىۋىتەي دەپ قەبرىدىن چىقىشىم .
ھىلىقى جەسەت ئوغىرىسى تىكلا چۈشۈپتۇ .
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئۈزۈندە، يۇمۇر
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 09-ئاينىڭ 28-كۈنى
- يازما مەنزىلى: humor-20100927.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > پۈتۈنلەي ھەقسىز ۋە قاچىلاش ھاجەتسىز بولغان PDF كۆرۈش قورالى – Foxit Reader
- كېيىنكى يازما > سېستىما قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، Windows 7 ئەلالاشتۇرۇش ئۇستىسى بىلەن مۇڭدىشىش
- تور دۇنياسىدىكى ئاشۇ بىر قىسىم ئۆزگىچە تاڭسۇق پاراڭلار
- ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش، دەرغەزەپكە كېلىش، كۈلۈشىنى ياكى يىغلاشنى بىلمەسلىكنىڭ قانداق پەرقلىرى بار؟
- ناۋادا سىزنىڭ ئىككى ئىنىكىڭىز بار بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئىنەكلەرنىڭ تەقدىرى قانداق بولار ئىدى؟
- پۇتبول مەيدانىدىكى چۈچۈك پاراڭلار | تاللانغان بىر يۈرۈش پۇتبول يۇمۇرلىرى
- كۈلكە – جاننىڭ ئوزۇقى | بىر قىسىم تاللانغان يۇمۇرلار(3)
- كۈلكە – جاننىڭ ئوزۇقى | يەنە بىر يۈرۈش تاللانغان يۇمۇرلار(2)
ھا ھا ھا …
بۈگۈن تازا بىر كۈلىۋالدىم … ئاۋۇ جۇڭگۇ دۆلەت كوماندىسى دەسسەتلا چۈشۈرۋېتىپتىغۇ …. ھەي ،، مۇشۇ خىلدىكى يۇمۇرلار خەنلەرنىڭ تورلىرىدىمۇ خېلى جىق
ھو ھو ،،، سەت قىززىق يۇمۇرلاركەن، بولۇپمۇ جوڭگو دۆلەت كوماندىسىنىڭ بەكراق قىززىقكە. دېمىسىمۇ شۇ ….
راست قىززىق ئىكەن، دۆلەت كاماندىسىنى چۈشۈرىدىغان يۇمۇرلانى بۇنچە كۆپ ئاڭلىماپتىكەنمەن، لىكىن ئاغىنەم ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى دەپ بەرگەن.
بىركۈنى يىكەنكۆل ئەتراپىدا ئايلىنىپ كىتىۋاتسا بىر ماشىنىنىڭ كەينىگە چاپلاپ قويغان خەتنى كۆرۈپتۇ،نىمە خەتتۇ دەپ ئۇقۇب باقسا مۇنداق يېزىلغان ئىكەن.
«ماشىنامدىن نېرىراق تۇر ئەگەر ماشىنامغا بىر ئىش بولىدىغان بولسا دۆلەت كوماندىسىغا ئاپپىرىپ توپ تەپكۈزىمەن»
ئاڭلاپ باقمىغان يۇمۇرلاركەن .
جۇڭگۇ دۆلەت كۆماندىسى ھەققىدە مەنمۇ بىر يۇمۇر ئاڭلىغان .
ئۈچ بۇغا سۈت جەۋھىرىدە مىلامىن بايقالغاندىن كىيىن مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلار تەكشۈرۈپ بارسا كالىدىن سۈت ئالغانلار ئامال يوق سۈت كالىدىن مۇشۇنداق چىقىپ قالدى دەپتۇ ، كالىدىن سورىسا ئامال يوق ئوت – چۆپلەر بۇلغىنىپ كەتتى دەپتۇ، بېرىپ ئوت-چۆپتىن سۈرۈشتۈرسە ،ئامال يوق سۇ بۇلغىنىپ كەتتى دەپتۇ، بېرىپ سۇدىن سۈرۈش تۈرسە ئامال يوق جۇڭگۇ دۆلەت كوماندىسىدىكىلەر پۇتىنى يۇغانتى دەپتۇ .
ماۋۇسى دەششەتكەن راست
مەنمۇ بىرنى قوشۇپ قوياي:
ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا ماشىنىسىنى توختىتىپ قويغان بىر كىشى ماشىنىنى ھەيدەپ مىڭىپتۇ، پۇل تۆلەيدىغان يەرگە قارىسا ئەتىگەن ئۆزى ماشىنا توختاتقاندىكى كىشى يوق،7-8 ياشلاردىكى ئوماق بىر قىز تۇرغۇدەك، ئۇكىشىنىڭ بالىغا مەستلىگى كىلىپ بىر يۈەن پۇلنى قولىدا ئىگىز كۆتۈرۈپ‹‹ پۇلنى كىمگە بىرىمەن؟›› دەپ ۋارقىراپتۇ،
قىز ‹‹ماڭا›› دەپ پۇلنى ئالغىلى قولىنى ئۇزاتسا ھىلىقى كىشى چاقچاق قىلىپ‹‹ ۋوييۇ، كىچىككىنە قىز بالىكەن ھە ماۋۇ›› دىسە ھېلىقى قىز تەپتارتماستىن‹‹ بىر كويلىرىغا مەن كەلمەي ئانام كەلسە بولامتى ››دىگۈدەك…
بۇ قەشقەردە بىر نەچچە يىل ئىلگىرى راست بولغان ۋەقە، ئەلۋەتتە ھازىر بىر كويغا مۈشۈكمۇ ئاپتاپقا چىقمايدۇ….
ھەممسى پىچەتكەن.
دەششەت يۇمۇرلاكەن بۇ!