كىنولاردىكى فانتازىيەلىك ئۇچار ئاپتوموبېللارنى ھەيدەيدىغانغا جىق قالمىغان ئوخشايدۇ، چاقى بار ماشىنا مودىدىن قالارمىش…
نۇرغۇن فانتازىيەلىك كىنو-فىلىملەردە بىز ھەمىشە كىشىلەرنىڭ ھاۋادا لەيلەپ يۈرۈيدىغان ئاپتوموبېللارنى ھەيدەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز، بۇ خىلدىكى كەلگۈسى ئۇقۇم ئاپتوموبېللىرى قارىماققا قەتئىي مۇمكىن بولمايدىغاندەك تۇيۇلىدۇ، ئەمما ھەقىقەتەن شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ تامامەن مۇمكىن ئىش. چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، كالېفورنىيە شىتاتىدىكى Aerofex شىركىتى ھازىر ھەدەپ مۇشۇ خىلدىكى لەيلىمە ئاپتوموبېل قۇرۇلمىسى بىلەن ھەپىلىشىۋېتىپتۇدەك.
Aerofex نىڭ لەيلىمە ئاپتوموبېلى ئانچە مۇرەككەپ ئەمەس بولۇپ، چاق قىسمىغا ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك گورزېنتال پىرقىرىما قانات ئورنىتىلغان. ئىلگىرى بىزمۇ نۇرغۇن پىرقىرىما قانات ئورنىتىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى كۆرۈپ باققان، ئەمەلىيەتتە پىرىنپىسى تامامەن ئوخشايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا، مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان لەيلىمە ماشىنا قۇرۇلمىسى ئاللىقاچان ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، تېخنىكا چەكلىمىسى تۈپەيلى، تەتقىق قىلغۇچىلار مۇقىملىق ۋە ماشىنا گەۋدىسىنىڭ قاپلىنىش مەسلىسىنى ھەل قىلالماي، ئاخىرى بۇ تەتقىقاتتىن ۋاز كەچكەن. بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن Aerofex نىڭ ھەل قىلىش چارىسى بولسا، شوپۇرنىڭ تىزىغا يېقىن جايغا ئىككى دانە كونتروللىغۇچ ئورنىتىش ۋە شوپۇرنىڭ ئۆزىنىڭ بەدەن تەڭپۇڭلۇقى ئارقىلىق ماشىنا گەۋدىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان، قېنى قۇرۇق گەپ قىلماي سىنغا مەرھەمەت قىلايلى، ناۋادا كەلگۈسىدە بۇ خىلدىكى تېخنىكىلار پىشىپ يېتىلىپ ئائىلىلەرگىچە ئومۇملاشسا….
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئاپتوموبېل، تەرەققىيات، تۇرمۇش، فانتازىيە، كەلگۈسى، ماشىنا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 14,174 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 08-ئاينىڭ 23-كۈنى
- يازما مەنزىلى: suspended-cars.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > فرانسىيەدىكى ئىككى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى ئىشلەپ چىققان كارتون – تۈلكە پەرىشتە
- كېيىنكى يازما > موگو ئويۇنىدىكى قالايمىقانچىلىقلار، NoNoPanda، ئۆسۈملۈك ۋە جەسەتلەر، مۈشۈك ۋە چاشقان، ۋۇكۇڭ ھەممىسى بار…
- گېرماننىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرى مۇنداق ۋەھشەتكەن!
- BMW ئاجايىپ سەتەڭ يېڭى تىپلىق ماشىنىدىن بىرنى چىقىرىپتۇ، سارغۇچ يېشىل رەڭلىككەن
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- BMW شىركىتىنىڭ ئالداش بايرىمىدا قىلغان چاقچىقى، كەلمىگەن تەلەيدە ……
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
دىۋاننىڭ زادى نىمىگە پايدىسىبر؟
كۆپ ئولتۇرسىڭىز، بۇۋاسىر بولمايسىز شۇ
دوختۇرپۇلىنى تىجىگىلى بۇلىدىكەن دە
ئىشقا بېرىپ-كېلىدىغانغا كارامەت ماس كېلىدىكەن
بۇ ئاپتوموبېلنى ھەيدەش ئۈچۈن چوقۇم تۈز يول بولۇشى كېرەككەندە.
تورخۇمار ئەپەندى باش سۈرەتنى قانداق بەلگىلەش ۋە تېمىنى قانداق يوللاش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەرسىڭىز.
ئاشۇ سىز ئىنكاس يېزىۋاتقان كۆزنەكتىكى باش سۈرەت بەلگىلەش دېگەن ئۇلانمىنى بېسىڭ.
ۋەتەنجان بىلەن چاياننىڭ دىيالوگ ئالامەت كەپتۇ !مەنمۇ بۇرۇن دېۋاننىڭ نىمە پايدىسدۇ دەپ ئويلغان،ئەسلى سەۋەپ شۇكەندە !
چەتئەللەر )ياۋرۇپا،ئامىرىكا )ئالدى بىلەن خىيال قىلىپ ،ئاندى كېنۇ قىلىپ ئىشلەپ ئاخىردا ياساپ چىقىدۇ .
ۋەتەن !!سىز پوتپۇل مۇنبىردىكى ۋەتەنجانمۇ ؟؟
ھەئە شۇ
بۇ ماشىنا دۇنياغا كەلگۈچە بىز ئۈلۇپ ،جەسىتىمىز توپىغا ئايلىنىپ ،ئاشۇ تۇپىدىن كىسەك ياساپ سالغان ئۆيلەرمۇ ئۆرۈلۈپ كىتەمدىكىنتاڭ!!
دۇنياغا كىلىپ بوپتىغۇ ئاينا؟
مەن دىمەكچى ،بىزنىڭ بۇ يەرگە كەلگۈچە دەپ .چۈشەندۇقمۇ يا پرېستان قارى
ھەي ھەي باللا ھازىر بەزىلەر چاقى با ماشىننى ھەيداپ ئۇچۇتالماي ۋاتاتتى ئەمدى بۇچىقىپتۇ بۇنۇڭدا ئوبدان ئۇچقىدەك