ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇر شەخىسلەر تونۇشتۇرۇلغان ئەپ – شەخىسلەر
قارلۇق شىركىتى بىلەن بىلقۇت شىركىتى ھەمكارلىشىپ «مەشھۇر شەخىسلەر» ناملىق كىتابلار توپلىمىنىڭ ئايفون نۇسخىسىنى ئىشلىدى. بۇ ئەپ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان كىشلەرنىڭ ھاياتى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقالايسىز ياكى ئوماق پەرزەنتلىرىڭىزگە ھېكايە قىلىپ بېرەلەيسىز.
قىسقىچە تەسىرات:
10 مىنۇتلۇق ۋاراقلاپ كۆرۈپ بېقىشىمغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر ئەپ بىزنى يەنە بىر كۆچمە ماتېرىيال مەنبەسى بىلەن تەمىن ئېتىدىغان شارائىت ھازىرلاپتۇ دەپ قارىدىم. ئەلۋەتتە، ئەپنىڭ ئىشلەتكۈچى تەسىراتى ھەققىدە ھېس قىلغان ۋە چوقۇم تۈزىتىش كېرەك دەپ قارىغان بىر قانچە مەسىلىنى بايقىدىم. ئاۋال ھېس قىلغىنىم، ئەپ يانتۇ ئېكران ھالىتىدە كۆرۈنىدىغان بولۇپ، دەسلىۋىدە ئۈچ دانە شەخىسنىڭ سۈرىتى بېسىلغان كىتاب مۇقاۋىسى جاھازىدا كۆرۈنىدۇ. بۇ ھالەتتە كاللامغا تۇنجى قېتىم كەلگەن خىيال، باشقا كىتابلارنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن ئېكراننى گورزېنتال يۆنىلىشتە سىيرىش كېرەكتەك بىلىندى، بىراق نەچچە سكونت ھەپىلىشىش ئارقىلىق ئەسلىدە، ئاستىدىن ئۈستىگە سىيرىپ كۆرىدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلدىم. بەلكىم مەندەك ھېس قىلغانلار يەنە بولۇشى مۇمكىن.
يەنە بىر مەسىلە شۇكى، قايتىش كۇنۇپكىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشى مۇۋاپىق ئەمەس. بىر شەخىسنىڭ ماتېرىيالىنى ئېچىپ بىر قانچە ۋاراق كۆرگەندىن كېيىن(مۇشۇ قانداق كۆرۈش ئۇسۇلىنىمۇ ئېكراننى نەچچىنى سىيلاپ تاپتىم – -)، قايتىش كۇنۇپكىسىنى تاپالماي تۇرۇپ قالدىم. ئادەتتە مۇتلەق كۆپ قىسىم ئەپلەردە، پۈتۈن ئېكراندا مەزمۇن كۆرۈۋاتقان چاغدا، ئېكراننى بىر چەكسەك ئۈستىدە بىر ستون پەيدا بولۇپ قايتىش كۇنۇپكىسى كۆرۈنەتتى. مەن ئەپنى بىراق تاقىۋېتىپ قايتا ئېچىپ باشقا بىر قانچە كىتابنى ئېچىپ، ئەسلىدە قايتىش كۇنۇپكىسىنىڭ كۆرۈمسىز ۋە سەت بىر تال ئاق سىترىلكا شەكلىدە سول بۇرجەككە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغانلىقىنى بايقىدىم، دەسلىۋىدە تاپالماسلىقىدىمكى سەۋەپ، ئەسلىدە تەگلىكمۇ ئاق رەڭدە بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىدىن ئىكەن. بۇ خىلدىكى قايتىش ئۇسۇلى ئوكيان خەۋەرلىرى ناملىق ئەپتىمۇ قوللىنىلغان، ئوكيان خەۋەرلىرىدىكى قايتىش كۇنۇپكىسىنى تېپىش گەرچە تەس بولمىسىمۇ، بىراق ھېلىقى ئاق سترېلكا ئۈستى ئوڭ تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان، بۇ دائىم سول تەرەپ ئۈستىدىكى قايتىش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئادەتلەنگەن iOS ئىشلەتكۈچىلىرى ئۈچۈن ئاز بولمىغان قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىكەن.
ئەلۋەتتە، ئەپنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ۋە مەزمۇن دائىرىسى جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىنتايىن مول ۋە كۆركەم چىققان دېيىشكە بولىدۇ. شەخىسلەر ھەققىدىكى مەزمۇنلار ئۇيغۇرچە ۋە خەنچە ئىككى خىل مەزمۇندا تەييارلانغان بولۇپ، خەنزۇۋان بىر قىسىم پەرزەنتلەرنى مەشھۇر شەخىسلىرىمىز ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە قىلىشتىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاخىرىدا قارلۇق شىركىتى ۋە بىلقۇت شىركىتىنىڭ ئۆزىدىكى ئەۋزەللىكلەردىن پايدىلىنىپ ھەمكارلىق سۈپىتىدە بىزگە سۇنغان بۇ ئەپنى ھەقسىز ئىشلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكىنىمگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن ۋە بۇ ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ كۆپ مېۋىلەرنى بېرىشىگە تىلەكداشمەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: App، iOS، ئۇيغۇرچە، ئەپ
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 08-ئاينىڭ 14-كۈنى
- يازما مەنزىلى: shexisler-app.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئەرـ خوتۇننىڭ قىزىقارلىق ئىككى پارچە خېتى
- كېيىنكى يازما > ئۆتمۈشتىكى ئويۇنلارنىڭ ئەسلىمىسى – 150 سكونتتا PC ئويۇنلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئېلىپ كەلگەن ئەسلىمىلىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى
- مىكروسوفت Metro چە پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈزدىكى E-Mail مۇلازىمىتى Outlook.com نى ئوتتۇرىغا چىقارماقچى!
- قارلۇقتىن يەنە بىر يېڭى ئەپ: Eli For iPhone | پۈتۈنلەي ھەقسىز، iOS 4.0 دىن يۇقىرى iPhone غا ماس كېلىدۇ
- ئۇيغۇر تور بەتچىلىكى نىمە ئۈچۈن تەرەققىي قىلمايدۇ؟
- ئۇيغۇرچە ئەڭ چوڭ خەۋەر بېكىتى نۇر تورىنىڭ iPhone/Android نەشىرى – Nur(نۇر تورى) ناملىق ئەپ ئېلان قىلىندى!
- iOS 6 نىڭ تەپسىلاتلىرى ئاشكارىلاندى: iTunes بىلەن App Store بىرلەشتۈرۈلۈپ iStore دەپ ئاتىلىدىكەن
- iPhone دا ئۇيغۇرچە فونت تونۇتمايمۇ خەلقئارا خەۋەر ۋە ئېقىم مەسىلىلىرىنى كۆرگىلى بولىدىغان ئەپ – خەۋەرلەر(Okyan News)
- iOS 5.1.1 نى تۈرمىدىن مۇكەممەل قاچۇرۇش قورالى Absinthe 2.0 ئېلان قىلىندى! iPhone 4S/iPad3 لەرنى قوللايدۇ
- iPhone ئىشلەتكۈچىلەر ئەمدى Google دىن يول سوراش ھاجەتسىز! ئاڭلاشلارغا قارىغاندا iOS6 دىكى 3D خەرىتىمىش…
- Ubuntu 12.04 تارقىتىلدى (كۆرۈنمە يۈزى %93 ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سېستىمىسى)
- تەڭداشسىز قىزىل ئارمىيە باشقا ناخشىلارنى بىرەر قۇر چاناپ بولۇپ ئاخىرى ئۇيغۇرچە ناخشىلارغا تېگىش قىپتۇ!
ئەقلى تېلېفۇن ئىلىشقا باھانىلەر كوپ چىقىۋاتىدۇ جۇمۇ ،
ماڭا دەھشەت ياقتى، سىز دېگەندەك مەسىلىلەر ھەم بار
نىمىلا دىگەن بىلەن قارلۇقتىكىلەر ئۇيغۇرلىرىمىز ئۈچۈن جىق جاپا چىكىۋاتىدۇ جۇما……
ئىشقىلىپ ئۆز نامىمدىن ئۇلارغا كۆپ تەشەككۈر ئىيتىمەن
(گەرچە مەن ئۇلار ياسىغان ئەپلەردىن پايدىلىنالمىساممۇ)
قارلۇق بۇيىل خەجەپ يامان چىكىتىپ بارىدىگۇ
قارلۇق بۇ جەھەتتە ياخشى كېتىۋاتىدۇ . بۇ پۈتكۈل ئۇيغۇر IT كارخانىلىرىنى بۇ خىل ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئېلىھام بولالايدۇ ….
ھازىر كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە غايەت زور يوشۇرۇن بازار بار. يۇمشاق دېتالمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.
ئاۋاز ھۆججىتىنىمۇ قوشۇۋەتكەن بولسا تېخىمۇ بەلەن بولاتتىكەن …
ئاۋاز ھۆججىتىنى قوشۇپ سىناپ باققان. سىغىمى ئېشىپ كېتىدىكەن.
قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن قايسىنىڭ ئاۋازى لازىم بولسا شۇنى تاللاپ چۈشۈرىدىغان قىلىپ قويسىچۇ؟
نېمىشقا Android نۇسخىسى يوقتۇ؟
Android توغۇرلۇق ئۇچۇرلارنىمۇ يوللاپ قويساق بولاتتى .
نېمىش بۇ؟كونا تېمىلار باشبەتتە پەيدا بوپ قالدىغۇ؟تەدبىركار چوققىلاپ قويمىغانسىز؟
كونا ئەمەستۇ ؟؟؟ يېڭى چىقىپتىغۇ ؟؟؟ بۇرۇن ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن بۇ ئەپنى .
بۇ تېمىنى دېمىدىم‹‹ئەرـ خوتۇننىڭ قىزىقارلىق ئىككى پارچە خېتى››بىلەن‹‹ئالدانغانلىقىڭىزنى ئېتىراپ قىلىڭ، ئامېرىكا تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرىدىكى كۆپ قىسىم كۆرۈنۈشلەر مۇشۇنداق ئىشلىنىدۇ…››دېگەن ئىككى كونا تېما باش بەتكە چىقىۋاپتۇ!
قارلۇق ھەقىقەتەن قالتىس !
يېڭى بىر نەشر دەۋرىگە، يېڭى بىر بىلىم-ئۇچۇر تارقىتىش دەۋرىگە قەدەم قويىۋاتىمىز. قوشتىللىق مائارىپنىڭ زەخمىتىدە مۇنبەرلەردىن چەتلەشتۈرۈلگەن ئۆز مەدەنىي بىلىملىرىمىز مۇشۇنداق ئىلغار تارقىتىش ۋاسىتىسى بىلەن تېخىمۇ كەڭ تارقالغۇسى! ئاللاھقا شۈكۈرىلەر بولسۇن، بىزدىن ھەر ساھەنىڭ سەركىلىرىنى كەم قىلمىسۇن!
قارلۇق بىلەن بىلقۇتنىڭ ھەمكارلاشقانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەمكارلىقىنىڭمۇ غەلبىلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، مۇشۇنداق ھەمكارلىشىدىغانلار كۆپرەك بولسىدى كاشكى…
ياخشى ئۇچۇر، ئەپسۇس ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنە يوق
قارلۇقنىڭ بۇ ساھەدە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز ھەم بىلىپ تۇرىۋاتىمىز، ماۋۇ دىتال ئېلىپبەدىن قالسا ھەقىقى ئىشلىتىشچان، ئىنتايىن ياخشى ئەپ بوپتۇ، ئەلۋەتتە ئىشلىتىش جەھەتتە بەزىبىر كىچىك قولايسىزلىقلارنى تەدبىركار شەرھىلەپ بوپتۇ (مەنمۇ بۇنى گورزېنتال يۆنىلىشتە سىيرىيدىغان ئوخشايدۇ دەپ ھەپىلىشىپ كېتىپتىمەن )، ئاندىن قالسا مەيلى سىغىم ئاز-تولا ئاشسىمۇ ئاۋازلىق قىلىپ تەڭشىسەڭلار ھەقىقەتەن گۈلىگە گۈل كەلگەندەك بولىدىكەن، چۈنكى نەچچە يۈز مېگالىق ئۇيۇنلارنىمۇ چۈشۈرىمىز ئەمەسمۇ، ئىشقىلىپ ئالەمچە تەشەككۈرەر بولسۇن سىلەرگە
قارلۇق شېركىتىگە بارىكاللا