نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > يۇمشاق دېتاللار > يازما مەزمۇنى

Ubuntu 12.04 تارقىتىلدى (كۆرۈنمە يۈزى %93 ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سېستىمىسى)

ubuntu

4-ئاينىڭ 27-كۈنى، Ubuntu سىستېمىسى  Ubuntu 12.04 Precise Pangolin نىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك قوللاش نۇسخىسىنى تارقاتتى، ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان يېرى شۇكى، بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ 93 % ئۇيغۇرچىلاشقان تىل بولىقى بار. دېمەك، Linux ئائىلىسىدە بىزنىڭمۇ ئۆز يېزىقىمىزدا بىر مەشغۇلات سىستېمىمىز بولدى دېگەن گەپ.

ئۇزۇن مۇددەتلىك قوللاش نۇسقىسىنى 69 خىل تىل-يېزىقتا ئورنىتىشقا بولىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىمىزمۇ بۇ 69 تىل-يېزىقلارنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالدى. ھەم يەنە، ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى يېزىقلار ئىچىدە، ئۇيغۇر يېزىقىمىز بولسا، ئەرەبچە ۋە پارىسچىدىن كېيىنلا 3-ئورۇندا ئۇبۇنتۇ سىستېمىسىنىڭ ئورنىتىش تىل تاللانمىلىرىدىن ئورۇن ئالدى. ئەرەبچە، پارىسچە ۋە ئۇيغۇرچىدىن ئىبارەت 3 تىل-يېزىقتىن سىرت، باشقا ھېچقانداق ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى يېزىقلار تېخى بۇ 69 خىل تىل-يېزىقلار ئىچىدىن ئورۇن ئالالىغىنى يوق.

كومپيۇتېرىڭىزغا ئۇبۇنتۇ نۇر تەخسىنى سېلىپ ياكى ئۇبۇنتۇ بارماق دىسكىنى ئۇلاپ، كومپيۇتېرنى قوزغاتسىڭىز، دەسلىپىدە يۇقۇردىكى ئېكران يۈزىنى كۆرىسىز. كېيىنكى قەدەملەرنى ئېكراندىكى ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىپ، ئۇبۇنتۇ سىستېمىسىنى سىناپ باقسىڭىز ياكى كومپيۇتېرىڭىزغا ئورنىتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

image

ئاساسلىق يېڭى ئىقتىدارلار:

ئۈستەل يۈزى نۇسخىسى :
Unityئۈستەل يۈزىگە كۆتۈرۈلمە كۆرسۈتۈش(HUD) ئىزدەش ئىقتىدارى ، ئەنئەنىۋى تىزىملىكنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلدى؛ Video Lens سىن ئىزدەش ئىقتىدارى ، بۇنىدا يەرلىك سىن ۋە توردىكى سىنلارنى ئىزدەشكە بولىدۇ؛ كۆڭۈلدىكىدەك مۇزىكا قويغۇچ  Rhythmboxغا ئۆزگەرتىلدى ؛ 3.2.14 kernel,LibreOffice 3.5.2,GNOME 3.4.1، يېڭى ئۈستەل يۈزىنى يىراقتىن كونتىرول قىلىش يۇمتالى Remmina ؛Software Centerدىن يۇمشاق دېتال قاچىلىغاندىن كېيىن ماس تىل بولىقىنى قاچىلاش ئىقتىدارى ؛ بۇنىڭدىن باشقا يېڭى مەزمۇنلار Upstart 1.5,GCC 4.6.3,Python 2.7.3 ۋە Python 3.2.3 قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

مۇلازىمىتىر نۇسخىسى :
ئەڭ يېڭى بولغان OpenStack ، رەسمى ھالدا Xen,Metal as a Service,Java,ARMقاتارلىقلارنى قوللايدۇ .

[ Ubuntu 12.04 كۆرۈنمە يۈزىدىن كەسمىلەر ]

چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):

32 بىتلىق نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش     |     مەنبە: تورخۇمار     |    تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش(32 ۋە 64 بىتلىق)

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 8 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ، ، ،
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 04-ئاينىڭ 30-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: ubuntu.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. بىغەم : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئوبۇنتۇ قاچىلىغانلار قاچىلاش جەريانىدا بەك دىققەت قىلىڭلار.

    مەن بۇرۇن بىر نەچچە نەشرىنى قاچىلاپ ئىشلەتكەن. بۇ قېتىممۇ يېڭى چىققان نۇسخىسىنى قاچىلاپ كۆرۈپ باقاي دەپ، ئويناشقاندەك قىلىپ 500G قاتتىق دىسكىنى فورماتلىۋەتتىم.
    مانا ھازىر قايتا قاچىلاۋاتىمەن

  2. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قاچىلىغاندا ئىككى خىل تاللاش بار، خاتا تاللىسىڭىز شۇ… ئامال يوق، مەنمۇ شۇنداق قىلىپ قاتتىق دېسكامدىكى نەچچە يىلدىن بىرى يىغقان بارلىق بېساتلىرىمدىن قۇرۇق قالغان.

  3. ۋەيرانى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن wubiبىلەن قوش سېستىما قىلغان.ئەمما ئۇيغۇرچە قىلالمىدىم.مۇمكىن بولسا بىرەر بۇرادەر چۇشەندۇرۋەتمەمسىلە؟

  4. نۇرمەمەت : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋۇ ئىنكاسلارنى ئوقۇپ قورقۇپ قاچىلاشقا پىتىنالمايۋاتىمەن. مەندە ھىچقانداق بىلىم يوق بۇنداق نەرسىلەرنى قاچىلاشقا دائىر.

  5. نۆل ۋە بىر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇدۇل مېىڭىپ ئوڭغا ئايلانسىڭىزلا كۇتبەگ بىلوگىغا بارىسزدە لۇنىكىسقا ئائېت ھەممە نەرسە بار. :smile:

  6. كامىران : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يۇبۇنتۇدا يېزىلدى ،، مەنمۇ wubiدىگەندە قاچىلىغان لىكىن شۇ ئۇيغۇرچە بولمىدۇ . . بولسا بىر چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز.

  7. تەكلىماكان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دېمەك قوش سىستېما قىلىپ قاچىلىسا ئۇيغۇرچە قىلىغىلى بولمايدىغان گەپما؟

  8. ئەركە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ مۇشۇ Ubuntu دىگەننى پەقەتلا ئىشلىتىپ باقمىدىم، ئىشلىتىشقۇ ئۇ ياندا تۇرسۇن كۆرۈپمۇ باقماپتىمەن توۋا…
    بىر سىناپ باقايمىكىن… WIn 7 بىلەن قوش سېستىما قىلىپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ باللا..؟! قاچىلاش جەريانىدا قاتتىق دېسكا فورماتلىنىپ كىتىدىغان ئىش بولسا بولدى قاچىلىمايمەن مەن.. تولا ئەسلىگە قايتۇرۇپ ھاردىم ھېلىمۇ.. :neutral:






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)