NOKIA نىڭ يېڭى يانفونى قانداقراقتۇ؟ بىر تورداشنىڭ Nokia Lumia 800 نى ئىشلەتكەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى ئاڭلاپ باقايلى
ئۆتكەندە ئېلان قىلىنغان «Windows 8 بىلەن Windows Phone نى چۈشىنىڭ» ناملىق تېمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن Windows Phone دېگەن ئۇقۇم بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشقان ئىدىم،شۇ سەۋەپ يېقىندىن ياقى بۇسېستىمىلىق تېلىفۇننى ئىشلىتىپ سىناپ بېقىش مەقسىتىدە توردىن نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى كۆردۇم ،سېلىشتۇردۇم ۋە ئاخىرى بۇ سېستما قاچىلانغان Nokia Lumia 800 دىن بىرنى سېتىۋالدىم. يۇقىرقى يازمىدا نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ بۇ سېستىمىلىق تېلفۇنغا قىزىقىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا بۇ خىل تېلىفۇن بىلەن iPhone نىڭ قايسىسىنىڭ ياخشىلىقى توغرىسىدا ئۇچۇرغا موھتاج ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.
گەرچە مەن كەسپى خادىم بولمىساممۇ يۇقىردا دەپ ئۆتۈلگەن ئىككىلا تېلفۇننى ئىشلىتىپ باققان ئىستىمالچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ يازمىنى يېزىۋاتىمەن، ئەلۋەتتە كۆپچىلىك مۇنداقلا كۆرۈپ قويساڭلار بولىدۇ. بۇ ئىككى تېلفۇن يەنى مەن بۇرۇن ئىشلەتكەن iPhone4 نىڭ تۇنجى نەشىردىكىسى ۋە ھازىرقى Nokia Lumia 800. توغرىسىدىكى كەسپى تېخنىكىلىق، سانلىق مەلۇماتلار توردا بەك كۆپكەن، شۇڭا بۇ يەردە مەن بۇ توغرىلىق كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرماي نەق ئۆزۈم ھېس قىلغانلىرىمنى يېزىپ باقتىم. ئەگەر ئەستايىدىل تورداشلار بولسا ئۆزىڭىز كۆرۈپ سېلىشتۇرۇپ ئاندىن تاللاڭ، ھەرقانداق ئاقىۋەتكە مەن ئىگە ئەمەس.
ئالدى بىلەن تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن:
بۇ توغرىلىق كۆپ سۆزلىمىسەممۇ بولىدۇ. چۈنكى ھەممىنىڭ كۆزى باشقا، ئەتراپىمدا بەك كۆپ كىشىلەرنىڭ قولىدا ئالمىنى كۆرۈپ زېرىكتىممۇ ياكى 1-ئەۋلاد ئالمىدىن تارتىپ ھازىرغىچە چوڭ ئۆزگىرىش يوق سىرتقى شەكىلدىن زېرىكتىممۇ ئىشقىلىپ نوكىيانىڭ بۇ سىرتقى كۆرۈنىشى ماڭا يېقىملىق، كۆركەم ۋە چوڭ سۈپەت تەسىر بەردى (ئالما خۇمارلار ئاچچىقىڭلار كەلمىسۇن جۇمۇ بۇ پەقەت شەخسى قارىشىم)ئەلۋەتتە نوكىيانىڭ بۇ تېلفۇنلىرىنى تاللىغاندا سىز ھېچ بولمىغاندا ئۆزىڭىزنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە قاراپ تۇرۇپ قارا، كۆك، ھالرەڭ ۋە يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان ئاق قاتارلىق 4 خىل رەڭدىن بىرىنى تاللىيالايسىز، مېنىڭ تاللىغىنىم قارا رەڭدىكىسى بولدى. ئالمىدا بولسا ھەممىمىزگە مەلۇم ئاق ۋە قارا ئىككى خىللا، كېيىن پۇل خەجلەپ قاپ ئالماشتۇرسىڭىز ئەلۋەتتە بولىدۇ. بۇجەھەتتە نوكىياغا ھازىرچە بازاردا قاپ يوق.
سىرتقى كۆرۈنۈشنى سۆزلىسەك يەنىلا ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ ئىشلىتىشچانلىققا ئىگە كونۇپكىلىرىنىڭ بار يوقلۇقىدا، كۆپچىلىك بىلىمىز، ئالمىنىڭ ئالدى يۈزىدە پەقەت شۇ يوغان بىرتاللا كونۇپكا. مېنىڭچە بەزىلەر بۇنىڭغا كۆنۈپ كەتكەن بولسىمۇ يەنە بەزىلەر بۇ قوپال كونۇپكىدىن بىزار بولغان بولسا كېرەك، ئىشقىلىپ مېنىڭ تازا خوشۇم كەتكەن، ھەم سۈپەتكە تەسىر يەتكەن ھەم ئىشلىتىش قولايسىز، نوكىيانى ئىشلىتىپ تۇنجى ھېس قىلغىنىم ئالدىنقى يۈزىدىكى 3 كۇنۇپكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ناھايىتى كۆركەم ھەم قولايلىق ئىكەن، يەنى ۋىندوۋس كۇنۇپكىسى. چېكىنىش كۇنۇپكىسى ۋە ئىزدەش كۇنۇپكىسى . كۆركەم دېيىشىمدىكى سەۋەپ بۇ ئۈچىسىلا سېزىلمە كونۇپكا بولۇپ بۇ جەھەتتە ئالمىنىڭكى كونۇپكىسىدىن كۆپ چىرايلىق، ھەم تېلفۇن بىلەن تەڭ يېنىپ تۇرىدۇ.
نوكىيادىكى ۋىندوۋس كۇنۇپكىسىنىڭ رولى ئالمىدىكى چوڭ كۇنۇپكىنىڭ رولى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ئىكەن ئەمما چېكىنىش كۇنۇپكىسى كۆپ قولاي ئېلىپ كېلىدىكەن، يەنى ھەرقانداق بىر مەشغۇلاتنى ئېلىپ بارغاندا بولۇپمۇ تورغا چىققاندا بۇ كونۇپكىنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ بولىدىكەن، يەنى كومپيۇتىر تاختىسىدىكى چېكىنىش كونۇپكىسىنىڭ فۇنكىسىيەسى بىلەن ئوخشاشكەن. ئوڭ تەرەپتىكى ئىزدەش كونۇپكىسى بولسا بىۋاستە bing.com غا ئۇلىنىش قىلىپ قويغان كۇنۇپكىكەن. بۇ ئىزدەش ماتورىمۇ ھازىرقى ئاساسلىق ئىزدەش ماتورلىرىدىن بولۇپ ئىشلىتىشكە بەك ئەپلىككەن.
ئەمدى يان تەرەپتىكى كونۇپكىلىرىغا كەلسەك ئالمىدىن ئارتۇق بولغىنى فوتو ئاپارات كۇنۇپكىسى ئىكەن .ئۇنىڭدىن باشقا ئالمىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى ئېكراننى قۇلۇپلاش كونۇپكىسى نوكىيادا يان تەرەپتە ئىكەن. كۆپىنچىلەر دېيىشى مۇمكىن ئاپارات كونۇپكىسىنىڭ ئەمەلى رولى ئانچە يوق دەپ. لېكىن شۇنداق بىر پەيتلەر كېلىپ قالىدۇكى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا تېلفۇنىڭىزنى چىقىرىپ سۈرەتكە تارتىپ شۇ سىكۇنت شۇ دەقىقە ئىچىدىكى كۆرۈنۈشنى ساقلىماقچى بولسىڭىز……….ئەلۋەتتە ئالما ئىشلەتكەنلەر بۇ خىل ئەھۋالدا ئېكراننى ئېچىپ ئىچىدىن كامېرا ئەپنى قوزغۇتۇپ ئاندىن رەسىم تارتقۇچە بەلكىم ئۇ كۆرۈنۈش ئۆتۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، بۇ خىل ئەھۋالغا مەن يولۇقۇپ باققان، شۇ چاغدىلا مەن ئالمىنىڭ بۇ كونۇپكىسى يوقلۇقىدىن بىزار بولغان.
بۇ يەردە رەسىم تارتىش توغرىسىدا گەپ چىقىپ قالدى، بۇ توغرىلىق بىر ئاز توختىلاي، نوكىيانىڭ كامىراسى بىرلا، يەنى كەينى تەرەپتىكى 8 مىليون پىكساللىق يۇقىرى ئېنىقلىق دەرىجىدىكى كامىرا. ئالدى تەرەپتە كامىراسى يوق. ئالمىنىڭ بولسا كەينى تەرەپتىكىسى 5 مىليون پىكساللىق ئالدىدىكىسى 300 مىڭ پىكساللىق جەمئىي 2 كامىراسى بار. رەسىمنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسى بويىچە ئېيتقاندا نوكىيانىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسى ۋە سۈپىتى يۇقىرى ئىكەن، ۋىدىئونىڭ سۈپىتىمۇ نوكىيانىڭ يۇقىرى ئىكەن.
ئىچكى تۈزۈلىشى توغرىسىدا:
ئالدىنقى تېمىدا دېيىلگەندەك، نوكىياغا ئەڭ يېڭى ۋىندوۋس سېستىمىسى يەنى Windows Phone 7.5 قاچىلانغان. بۇ سېستىما توغرىسىدا تەپسىلى سۆزلىنىپتۇ، مەن كۆپ توختالمىدىم. ئەلۋەتتە ئالمىغا كۆنۈپ قالغانلار دەسلەپتە بۇ سېستىمىنى ئىشلىتىپ كۆنەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما بۇ سېستىمىمۇ ئىشلىتىشكە قولاي ئىكەن، بىر قانچە كۈنگە قالمايلا كۆنۈپ قالدىم. تېلفۇننى تۇنجى نۆۋەت قوزغاتقاندا خۇددى كومپيۇتىرغا سېستىما قاچىلىغانغا ئوخشاش بىرقاتار تىزىملىتىشلارنى ئېلىپ بارىدىكەنسىز. تىزىملاتقاندا ۋىندوۋستىن ئېلخەت بولۇشى شەرتكەن. سېستىما قوزغىلىشىمۇ ناھايىتى تېزكەن، سېستىمىغا كىرگەندىن كېيىن كۆرۈنگەن بەت يۈزى يەنى مېترو يۈزى كۆرۈنىدىكەن.
ئالمىدا بەت يۈزىنى نەچچىگە ئايرىغىلى بولىدۇ،ئەمما بۇنىڭدا بەت يۈزى 2لا يەنى يۇقىردىكى مىترو يۈزى ۋە قوشۇمچە بەت(يەنى باشلاش بېتى)
مېترونى ئىشلىتىشمۇ ناھايىتى قولايلىق. سىز قاچىلىغان ئەپلەر ئالدى بىلەن باشلاش بېتىدە يەنى ئىككىنچى بەتتە بولىدۇ.ئۇنى مىترو يۈزىگە چىقىرىپ قويسىڭىز يوغان ھەم كۆركەم بولۇپ كۆرۈنىدۇ. بۇيەردە شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە بولۇدىكى نوكىيانىڭ ئېكرانىنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسى ھەمدە ئېكراننىڭ سېزىمچانلىقى ئالاھىدە يۇقىرى ئىكەن.
خۇددى ئالمىنىڭ AppStore بولغىنىدەك بۇنىڭمۇ marketplace ۋە مەخسۇس نوكىيا ئۈچۈن app highlights دەپ ئىككى تور دۇكىنى بار، بۇيەردىكى ھەرخىل ئەپلەر بىلەن ھەرھالدا ئېھتىياجنى قاندۇرغىلى بولىدۇ(ھازىرچە چەت ئەللەردە ۋىندوۋس فوننىڭ ئەپلىرى نەچچەمىڭ خىلدىن كۆپ ئەمما جۇڭگودا قانچىلىك بۇنى بىلمىدىم)ئەلۋەتتە يېڭى سېستىما بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەپلەرنىڭ سەرخىللىقى ۋە تۈرى بويىچە ئالمىنىڭكىگە يەتمەسلىكى مۇمكىن، ئەمدى كومپيۇتىرغا ئۇلاشقا كەلسەك بۇنىڭمۇ iTunes قا ئوخشاش مەخسۇس دېتالى بار. يەنىZune، بۇنى ئىشلىتىش مېنىڭچە iTunes غا قارىغاندا كۆپ قولايكەن.ئەگەر Zune نى قاچىلىمىسىڭىز كومپيۇتىر تېلفۇننى تونۇمايدىكەن.
ئەمدى ئىشلىتىشكە كەلسەك، خۇددى ئالمىغا ئوخشاش تورسىز مۇھىتتا بۇ تېلفۇننى ئىشلەتسىڭىز ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئىقتىدارلىرىدىن تولۇق پايدىلىنالمايسىز، شۇڭا مۇلازىمىتىڭىزنىڭ تۈرى چوقۇم تور بولغان بولۇشى ياكى ئەتراپىڭىزدا دائىملىق WIFI سىگنالى بولۇشى كېرەك، تورغا چىقىش توغرىسىدا مەن ئىككىلا تېلفۇننى بىر يەرگە ئېلىپ كېلىپ 3g مۇھىتىدا ۋە WIFI مۇھىتىدا تورغا ئۇلاپ ئوخشاش توربەتلەرگە چىقىپ سىناپ باقتىم، ئىككىلا مۇھىتتا توربەتلەرنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى ئاساسەن نوكىيانىڭ تېز بولدى. ئەمما ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى تور بەتلەر نوكىيا دا ئاساسەن تولۇق ئېچىلىپ بولالمىدى ھەمدە ھەرىپلەرئايرىم ھالەتتە كۆرۈندى، ئالمىدا بولسا نورمال ئېچىلدى. بىلمىدىم بۇ نېمە سەۋەپتىنكىن، يەنە بىرگەپ بۇ تېلفۇندا ھازىرچە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ يوق.
بەزى ئوخشاش ئەپلەر يەنى Google Maps ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بەزى بىرقانچە ئەپلەر نوكىيادا ئالمىغا قارىغاندا تېز ئېچىلدى. ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسىمۇ نوكىيادا تېز ھەم توغرا بولدى. لېكىن يەنى بەزى ئەپلەر يەنى ھازىرقى 微信 دېگەندەك جۇڭگونىڭ ئەپلىرى نوكىيادا پەقەت ياخشى يۈرۈشمەيۋاتىدۇ، بۇ توغرىسىدا كۆپچىلىك دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. بەلكىم بەزى ئەپلەر ئالمىنىڭكىدەك مۇكەممەل بولۇپ بولالمىغان بولۇشى مۇمكىن.
مەن يولۇققان يەنە بىر مەسىلە شۇكى: نوكىيانىڭ تېلفۇن دەپتىرى سىز تىزىملاتقان بارلىق ئېلخەت ۋە facebook قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە قوراللىرى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەنكەن،يەنى ئالاقىلىشىش نى ئاچسىڭىز سىزنىڭ بارلىق ئالاقىلىشىدىغان كىشىلىرىڭىزنىڭ ھەممە ئۇچۇرلىرى بىللە چىقىدىكەن. مېنىڭكى facebook ۋە ئېلخەتتىكى بارلىق تونۇشلۇرىمنىڭ ھەممىسى بىللە چىقىۋېلىپ (جەمئىي800يۈزدەك كىشى)بۇنىڭ ئىچىدىن تېلفۇن دەپتەردىكى ئىسىملارنى ئايرىيالمايۋاتىمەن، بۇمۇ بىر ئاۋارىچىلىق ئىش بولدى. مەن ئەتراپىمدىكى نوكىيا ئىشلەتكەنلەردىن سورىسام ئۇلارمۇ مەندەك ئەھۋالغا يولۇقۇپتۇ ھەمدە ئۇلارمۇ ھەل قىلالماپتۇ.
يۇقىردا دەپ ئۆتكەنلەردىن باشقا بۇ تېلفۇندىكى ئەڭ چوڭ يېڭىلىق Windows SkyDrive بولۇپ بۇ ئارقىلىق تېلفۇنىڭىزدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنى توردا ساقلىغىلى بولىدىكەن، يەنى تېلفۇندىكى رەسىم ،ۋىدىئو،ئالاقىلىشىش دەپتىرى ۋە office ھۆججەتلىرىنى ھەرۋاقىت تورغا ئاپتوماتىك يوللاپ تۇرىدىكەن.يەنى تېلفۇنىڭىز يۈتۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ھۆججەتلەر يۈتمەيدۇ دېگەن گەپ. ئەمما Windows SkyDrive نى ئېچىش ئۈچۈن بەلگىلىك ھەق تۆلەش كېرەك. بىلمىدىم جۇڭگودا قانداقكىن، مەن دەسلەپتە تېلفۇن ئالغاندا ھەقسىز 20 گېگابايتلىق بوشلۇق سوۋغا قىلغان. ئۇنىڭدىن ئارتۇق بوشلۇق ئىلتىماس قىلسام سېتىۋېلىشىم كېرەككەن.
يۇقىرىدا مەن پەقەت مۇشۇ بىر ئايغا يېقىن نوكىيانى ئىشلىتىش جەريانىدىكى ھېسلىرىمنى سۆزلەپ باقتىم، بەلكىم بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىتىش جەريانىدا يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بۇ تېلفۇننى شۇنداقلا بۇ سېستىمىنى چۈشۈنىشىم مۇمكىن. كۆپچىلىك ئەگەر ئىشلىتىپ باققانلار بولسا بۇ يەردە تەجرىبە ئالماشتۇرساق، ئەگەر ئىشلىتىش ئالدىدا تۇرغانلار بولسا بۇ يازمام سىلەر ئۈرۈن ئازراق ياردەم بولۇپ قالغۇسى.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: NOKIA، WP7، ئەقلىفون، تېلىفون، يانفون
- يازمــا مەنبەســى: [ مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرى ]
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,474 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 05-ئاينىڭ 20-كۈنى
- يازما مەنزىلى: nokia-lumia-800-tesirat.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > iPhone ئىشلەتكۈچىلەر ئەمدى Google دىن يول سوراش ھاجەتسىز! ئاڭلاشلارغا قارىغاندا iOS6 دىكى 3D خەرىتىمىش…
- كېيىنكى يازما > iOS 5.1.1 نى تۈرمىدىن مۇكەممەل قاچۇرۇش قورالى Absinthe 2.0 ئېلان قىلىندى! iPhone 4S/iPad3 لەرنى قوللايدۇ
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ دەھشەت چىققان ئېلانى – Add Power to You Life
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
- NOKIA نىڭ Android يۈرۈشلۈك يانفونلىرى (NOKIA X/X+/XL) ئېلان قىلىندى
- Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟
دىۋانمۇ بۇ؟
شۇنداق ئوخشايدۇ
مەن تېخى تەدبىركار ۋىندوۋىس فون ئالغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن
ئايفونغا قارىغاندا مۇشۇ تېلىفۇن چىرايلىق كۆرۈنىدۇ ماڭا …
ئايفونغا يېتەمتى
مەن مۇ ئىشلەتتىم بۇتېلفۇننى ماڭا يارمىدى
شەخسى كۆزقارشىم .
ئايفوننىڭ ھازىرقى يېڭىسى كەينى كامېرا 8 مىليونغۇ دەيمەن؟
يەنىلا ئايفوننى تەۋسىيە قىلمايمەن، سامسۇڭنىڭ يېڭى چىقىۋاتقان تېلفۇنلىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن،ئاندروئىد قا يەتمەيدۇ
مەنمۇ ياختۇرۇپ كەتمىدىم نوكاش نى. ئالمىغا رىقابەت بۇلالمايدۇ.
مەن يەنىلا ئادىرو يەنى ئەنجۇر سىستىمىغا ئامراق بوپ قالدىم… ھەممە جەھەتتىم ئەپ جەھەتتىن بولسىمۇ ناھايىتى ياخشى …مەن ئالمىنىڭ سىستىمىسىنى ياكى باشقا سىسىتىمىلارنى تۇزۇك ھەپىلىشىپ باقمىغان شۇڭا ئارتۇقچىلىق كەمچىللىكنى بىلمىدىم .. بارا-بارا بىلىپ قالامەن…
نوكىيا نىڭ يەنە بىر تېلفونى بارتى نەچچە مىليون پېكسىرلىق چىقمىدىمىكىنا ؟ ئۈستىدە سۆزلەنگەن مۇ بولىدىكەن ، سىناپ بىقىشىمىز غا ئەرزىيدۇ! لىكىن ئالمىنىڭ يەنىلا مۇكەممەل ئەمەس ~~~
يېڭى چىققان تېلېفونلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالمىغا سېلىشتۇرۇلىشى، مەلۇم مەنىدىن ئالمىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىنى ئېتىراپ قىلغىنى بولسا كېرەك.
ئاۋۇ سول تەرەپتىكى گوگىل ئاسما ئېلانىنىڭ ئۈنۈمى پەيزىكەن.
ئۇنىمۇ دەيمىز بۇنىمۇ دەيمىز يەنىلا ئايفون 4س كە يەتمەيدىكەن، رەسىمگە تارتىش، ياكى باشقا جەھەتلەردىنمۇ خېلىلا پەرىقلىنىدىكەن، مۇشۇ ئاندۇرۇد تېلفۇنلىرى پەقەت خوشۇم يوق مېنىڭ
مەنمۇ ئامراق بولۇپ قالدىم بۇ يانفۇنغا ، باھاسى ئايفوندىنمۇ ئەرزانكەن تېخى !
كامىرا ،سىرتقى كۆرۈنۈشنى ،بۇلارئانچە مۇھىم ئەمەس، ئالمىنى شۇنچە يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە قىلغىنى ئۇنىڭ سېسـتىمىسى يەنى IOS
باللا مۇشۇ ئايفون4s نىڭ ‹‹سىرى›› دەيدىغان بىر نەرسىسى باركەنغۇ، تازا چۈشىنەلمەي قالغانىدىم. بۇ يەردە بەك چۈشەندۈرېۋىتىپتۇ. راست قالتىسكەن سىلەرمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار(تېمىنىڭ تېگىدىكى ئىنكاسقا قاراڭ)
http://www.intil.biz/home/thread-8937-1-1.html
تەدبىركار ئەپەندىمنىڭ ئالغان نوكىياسىدا سىرى بارمىكىنە؟ تەدبىركار ئەپەندىم قايتىدىن ئايفون سېتىۋالىدىغان بولدىدە ئەمدى……
مەن نەق مۇشۇ تېلفوننى ئويناپ زېرىككەنلەرنىڭ بىرى(ئىشلىتىۋاتقانلار كۆڭلۈڭلارغا ئالماڭلار يەنە)، سەۋەبى بولسا 1. بۇ تېلفوننىڭ كۆك چىش ئىقتىدارى ھۆججەت يوللاشقا ئىشلىمەيدۇ،پەقەت كۆك چىش تىڭشىغۇچ قىلا ئىشلەيدۇ.2. WIFI ئىقتىدارى بولسا پەقەت ئېكران يېنىق ۋاقتىدىلا ئىشلەيدۇ ئەگەر تېلفوننىڭ ئېكرانى ئۆچۈپ قالسا WIFI مۇ ئىشلىمەيدۇ، چ چ دا خەت كەلسىمۇ بىلەممەيسىز دىگەن گەپ لىكىن بۇ تېلفوندا چ چ نى كومپىيۇتېردا ئېچىلغان ھالەتتىمۇ ئاچقىلى بولىدۇ.3. كۆپۈنچە دىتالىرى ھەقلىق، مەن شۇنىڭ بىلەن بۇ تېلفوننى سېتىۋېتىپ ئالما 4ئېس نى سېتىۋالدىم
مەنمۇ بۇ نوكىيا غا راسلا قىززىقىپ قالدىم جۇمۇ ئىشقىلىپ ماڭا بەك چىرايلىق كۇرۇندۇ بولۇپمۇ سىستىمىسىغا بەك قىززىقىپ قالدىم ئەگەر مۇمكىن بولسا بۇ نوكىيا ئىشلەتكۇچىمىزنىڭ بۇ يانفۇن توغۇرلۇق كۆپرەك ئۇچۇر بىرىشىنى ئۈمۈد قىلمەن!
نوكىيانىڭ يانفۇنلىرنىڭ سىرتقى قىياپەت لاھىيسى راسل پەيزى ئالمىغا رىقابەت ئىلان قىلىش ئۈچۈن ئالمىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئەپ مۇھىتى ھازىرلاش كىرەك
مەنمۇ نوكىيانى ياقتۇرىمەن!گەرچە ھازىر ئىشلىتىۋاتقىنىم سامسۇڭ بولسىمۇ!بۇنىمۇ ئامالنىڭ يوقىدىن ئىشلىتىۋاتىمەن!ئاللا خالىسا ئۇزۇنغا قالماي نوكىيادىن بىرنى ئالىمەن!يېڭىسىنى!!!
بۇ تىپتىكى نوكىيا نىڭ ئالدى كامىراسى يوقكەن
نوكىيا نىڭ يىڭى تېلفۇنلىرىنىڭ ئالدىدا كامىراسى با رەسىمگە تارتىشنى دىسەك مەنچە نوكىيا ياخشى بولۇپمۇ مۇشۇ يىڭى چىققان lumia تىپتىكى تېلفۇنلىرى ياخشى سىستىمىسى windows phone8 كۆتۇرۈلگەندىن كىيىن خېلى جىق ئەپلەر ياخشى بوپ كەتتى wifi غا كەلسەك ئىسىمدە قىلىشىچە 背景数据连接 مۇ ياكى 后台数据连接 مۇ دەيدىغان بىر يىرى بولىدىغان شۇ يەرنى تەڭشەپ قويسا بولاتتى~~ مەنچە يەنىلا نوكىيا ياخشى ~~ بۇ مىنىڭ ھىس قىلغانلىرىم ~~
ئۇنىمۇ دىدۇق بۇنىمۇ دىدۇق ھەممەيلەنگە يەنىلا كۆنگەن يانفۇن ياخشى ، ھەممىسىنىڭ ئۈزىگە چۇشلۇق ئالاھىدىلىكى بار ، ئايفۇننىڭ سىزىمچانلىقىنى ياخشى دىسەك ،ئەنجۈرنىڭ قوللىنىشچانلىقى ياخشى (يەنى ئاممىباپ ) ، ئايفۇننىڭ سىرتقى كۈرىنىشى ياخشى ئەمەس دىگەن بىلەن سېستىمىنىڭ مۇقىملىقى ياخشى،ئەنجۈرنىڭ ئۇنداق ئەمەس ……….