نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > QQ دۇنياسى, رەقەملىك دۇنيا > يازما كۆرۈش

تېڭشۈننىڭ يېڭى مەھسۇلاتى مىكروخەت – iPhone/Android/Symbian دا ھەقسىز ئاۋازلىق قىسقا ئۇچۇر يوللاش

腾讯 يېقىندا يەنە بىر يېڭى مەھسۇلات – 微信 نى ئوتتۇرىغا چىقاردى. 微信 بولسا كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 飞信 غا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر خىل مەھسۇلات بولۇپ، يانفوندىكى GPRS ئېقىم مىقدارى ئارقىلىق قىسقا ئۇچۇر يوللاش ئىقتىدارىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان. سىز 微信 ئارقىلىق ھەقسىز قىسقا ئۇچۇر يوللىيالايسىز، سۈرەت-رەسىملەرنى ھەمبەھرلىنەلەيسىز، ئۇنىڭدىن باشقا يېقىندا 腾讯 بۇ مەھسۇلاتنىڭ 2.0 نەشىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ھازىر يەنە تېخى ئاۋازلىق ئۇچۇرنىمۇ بىمالال ئەۋەتكىلى بولىدۇ، يەنە كېلىپ ئاۋاز سۈپىتى ناھايىتى قالتىس!

كۇنۇپكىنى بېسىپ تۇرۇپلا گەپ قىلساق، ئاۋازىمىز قارشى تەرەپكە يېتىپ بارىدۇ

بۇدا يېڭىلانغان مىكروخەت 2.0 نۇسخىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىك، ھەقسىز ئاۋازلىق قىسقا ئۇچۇر يوللاش بولۇپ، سىز پەقەت بەلگىلەنگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ تۇرۇپلا يانفونغا قارىتىپ گەپ قىلسىڭىز، قارشى تەرەپ ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە سىزنىڭ ئاۋازلىق ئۇچۇرىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالالايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاۋاز سۈپىتىمۇ خېلى يۇقىرى ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، QMail نىڭ ئى-خەت ئەسكەرتىش، QQ مىكروبلوگىغا سۈرەت يوللاش قاتارلىق قوشۇمچە ئىقتىدارمۇ تەمىنلەنگەن.

ئۇچۇرنى خالىغانچە يوللىيالايسىز، قىسقا ئۇچۇر ھەققىدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز

微信 دىن پايدىلىنىپ قىسقا ئۇچۇر يوللىغاندا ھەق ھېسابلانمايدۇ، بەلكى GPRS ئېقىم مىقدارى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر 1M لىق ئېقىم مىقدارىنى 1 يۈەن دەپ ھېسابلىساق، نەچچە مىڭ دانە قىسقا ئۇچۇرنى خالىغانچە يوللىغىلى، ھەتتا رەسىم قىستۇرۇپ ئەۋەتكىلى بولىدۇ. ئايلىق ئېقىم مىقدارى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلىرىنى ئاچقۇزغان ئابونتلار ئۈچۈن، بۇ ئاجايىپ زور بىر ھەقسىز مەنبە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ!

ئۇچۇر يوللاش ئۈچۈن مەخسۇس ھېسابات قۇرۇش ھاجەتسىز، پەقەت QQ نومۇرىمىزنى ئىشلەتسەكلا كۇپايە

微信 نى يانفونغا ئورناتقاندىن كېيىن، پەقەت QQ نومۇرىمىز بىلەن تىزىملانساق بولدى. مەخسۇس ئايرىم ھېسابات قۇرۇش ھاجەتسىز، تىزىملانغاندىن كېيىن، ناۋادا QQ دىكى دوستلىرىڭىزمۇ 微信 مۇلازىمېتىنى ئاچقۇزغان بولسا، تىزىملىكتە كۆرۈنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۆۋەتتە 微信 نىڭ ئۇيغۇرچىغا بولغان قوللىشى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، پەقەت يانفون ئۇيغۇرچە تونۇتۇلغان بولسىلا، ئۇيغۇرچە قىسقا ئۇچۇر يېزىشقىلى بولىدۇ.

قىسقىچە تەسىرات

微信 ئومۇمى جەھەتتىن قارىغاندا 飞信 بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن، بىراق ئارتۇقچىلىقى شۇكى، مەھسۇلات 腾讯 نىڭ بولغاچقا، QQ نومۇرى بارلىكى ئادەمنىڭ ھەممىسى ئىشلىتەلەيدىكەن. يۇمشاق دېتال UI لايىھەسىمۇ شۇنداق كۆركەم ئىشلەنگەن ئىكەن. قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرىۋالغاندا ئادەتتىكى قىسقا ئۇچۇرغا ئوخشاش ئەسكەرتىش بېرىدىكەن، قىسقا ئۇچۇر قوبۇللاش ۋە يوللاش مەشغۇلاتى ئادەتتىكى قىسقا ئۇچۇر يوللاشقا تامامەن ئوخشاش بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئىشلەتكۈچىلەر كۆنەلمەسلىكتىن ئەنسىرەش تامامەن ھاجەتسىز ئىكەن، ھەتتا 微信 ئوچۇق بولمىغان ھالەتتىمۇ، قىسقا ئۇچۇر قوبۇل قىلىشقا تامامەن بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يېڭىدىن قوشۇلغان ئاۋازلىق قىسقا ئۇچۇر مىقدارى، كۇنۇپكىدا خەت بېسىشنى ئاۋارىچىلىق كۆرىدىغان ياكى قولايسىز ۋاقىتتا جىددى ئۇچۇرلارنى ئاۋاز ئارقىلىق يەتكۈزۈشكە بولىدىغان ئىقتىدار سەپلىنىپتۇ. ئايلىق GPRS ئېقىم مىقدارى دائىم ئېشىپ قالىدىغان، قىسقا ئۇچۇرنى كۆپ يېزىشىدىغان، قىسقا ئۇچۇر ھەققىنىڭ كۆپلىكىدىن بىزار بولغان ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى تاللاش بولغۇدەك دەپ قارىدىم.

نۆۋەتتە 微信 نىڭ Symbian S60v5/v3، Android ۋە iPhone, iTouch قاتارلىق ھەرقايسى مودا يانفون سۇپىلىرىدا ئىشلەيدىغان نەشىرى تولۇق تەمىنلەنگەن.

چۈشۈرۈش مەنزىلى:

مىكروخەت(微信) |   مەنبە: torhumar.com |    تور يۈزىدە ھەقسىز قىسقا ئۇچۇر يوللاش(飞信)

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 25 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
باھا بېتى: 1 2
  1. مۇرات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئاساسى جەھەتتىن مۇشۇنى ئىشلىتىۋاتىمەن، قولايلىقكەن (ئەلۋەتتە دائىم ئۇچۇرلىشىدىغان ئادىمىڭىزمۇ مۇشۇنى ئىشلەتكەن بولسا قولايلىق…. :grin: )

باھا بېتى: 1 2
 汗