Spam دېگەن نېمە؟ WordPress نىڭ Akismet قىستۇرمىسى ئارقىلىق ئەخلەت ئۇچۇرلاردىن قۇتۇلۇش
wordpress ئىشلىتىۋاتقان بلوگگېرلارغا مەلۇمكى، WordPress نى قاچىلاپ مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن، زور مىقداردا SPAM(ئەخلەت باھا) نىڭ بلوگقا يامغۇردەك يېغىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. بۇ ئۇچۇرلارنى تاللاپ ئۆچۈرۈشمۇ بەك قولايسىز بولۇپ، ئادەتتىكى بۇ خىلدىكى باھالارغا SPAM بەلگىسى قويۇپ قويساق، كېلەر قېتىمدا شۇ ئابونتتىن كەلگەن باھالارنى ئاپتوماتىك سپەملەر قاتارىغا قوشۇۋېتىدۇ. بىراق، بۇ ئەخلەت ئۇچۇرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەرگىزمۇ ھەقىقى ئادەم بولماستىن، بەلكىم مەخسۇس تۈزۈلگەن پروگرامما ئارقىلىق يوللىنىدىغان بولغاچقا، ھەر قېتىمدا بۇ باھالارغا سپەم بەلگىسى قويۇش ئاقىلانە ئۇسۇل ئەمەس. ئۇنداقتا زادى قانداق قىلىش كېرەك؟
ساۋاتسىزلارنى تازىلاش – SPAM دېگەن نېمە؟
SPAM دېگىنىمىز، ئەخلەت ئېلان ئۇچۇرلىرىنى ئاپتوماتىك يوللاش ئۈچۈن تۈزۈلگەن مەخسۇس ماشىنا پروگراممىسىدا يوللانغان ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئادەتتىكى ئەخلەت ئۇچۇرلار بىلەن بولغان پەرقى: ئالدىنقىسى مەخسۇس تۈزۈلگەن پروگرامما ئارقىلىق توپ ھالدا نەچچە يۈزلىگەن ئۇچۇرنى بىراقلا يوللايدۇ، كېيىنكىسى بولسا، بىر قىسىم ئەخلەت ئۇچۇر يوللايدىغانلار، بلوگقا ئۆزى كىرىپ يوللايدىغان «مەدەنىي ئەخلەت»لەرنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا WordPress تىمۇ SPAM دېگەن سۆز ئەخلەت دېگەن سۆز بىلەن پەرقلەندۈرۈلۈپ، سىپەم دەپ ئېلىنغان.
سپەمگە قانداق تاقابىل تۇرىمىز؟
ئەمەلىيەتتە، WordPress نى قاچىلىغان چېغىمىزدا، ئۆزىدە تەمىنلىگەن Akismet ناملىق قىستۇرما ئارقىلىق بۇ ئەخلەت ئۇچۇرلارنى ئىنتايىن ئۈنۈملۈك توسۇشقا بولىدۇ. يەنى Akismet نى قوزغاتقاندىن كېيىن، بۇ SPAM ئۇچۇرلارغا بىز مەخسۇس SPAM بەلگىسى قويۇشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. Akismet ئۆزىدىكى ئامبارغا ئاساسەن نۆۋەتتىكى ئۇچۇرنىڭ سپەم ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىدۇ ۋە بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارنى ئاپتوماتىك ھالدا سپەم ساندۇقىغا يوللىۋېتىدۇ. بىز پەقەت ۋاقىت چىقىرىپ توپ ھالدا سپەم ساندۇقىنى تازىلاپ قويساقلا كۇپايە.
Akismet ئارقىلىق SPAM توسۇش
WordPress نىڭ باشقۇرۇش قىسمىدىن قىستۇرما دېگەن ئورۇنغا كىرىمىز ۋە Akismet قىستۇرمىسىنى تېپىپ قوزغىتىمىز. بۇ چاغدا، قىستۇرما دېگەن تۈرگە ئاكىزمېت سەپلىمىلىرى دېگەن بىر تۈر قوشۇلىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، Akismet نى نورمال ھالەتتە قوزغىتىپ قويغان ھالەتتىمۇ، تېخى رەسمى ئىشقا كىرىشمىگەن بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز Akismet نىڭ بىر دانە API ئاچقۇچىغا ئېھتىياجلىق بولىمىز. ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك:
ئاۋال http://akismet.com/get دېگەن ئادرېسنى ئېچىپ، Akismet نىڭ ئورگان تور بېكىتىگە بارىمىز.
ئاندىن كۆك رەڭلىك Get an Akismet API Key دېگەن كۇنۇپكىنى باسىمىز.
چىققان كۆزنەكتىكى I need Akismet for دېگەن ئورۇندىن ئادەتتە 1-تۈرنى تاللىساق بولىدۇ، ناۋادا بىر قانچە بلوگ ئۈچۈن بىرلا API Key ئالماقچى بولساق، ئۇنداقتا 2-تۈرنى تاللايمىز.
ئەمدى This website دېگەن ئورۇندىن is for my personal blog دېگەن تۈرنى تاللاپ قويساق بولدى، باشقا تۈرلەرنى زۆرۈر بولسا تاللىمىساقمۇ بولىدۇ. ئاندىن Continue دېگەن كۇنۇپكىنى باسىمىز.
ئەمدى چىققان ئورۇنغا تەرتىپ بويىچە، فامىلە، ئىسىم، ئېلخەت، يەنە ئېلخەت، سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ ئادرېسى(چوقۇم تولدۇرۇش شەرت ئەمەس) قاتالىقلارنى تولدۇرۇپ، Continue دېگەن كۇنۇپكىنى باسىمىز.
بۇ چاغدا ئابونت نامىنى كىرگۈزۈشنى سورايدىغان بىر ئورۇن چىقىدۇ، ئىسىم كىرگۈزۈپ بېرىپ Continue نى باسىمىز.
ئەڭ ئاخىرىدا Done دېگەن خەت چىققان بولسا، بىزنىڭ بايا تولدۇرغان E-mail ئادرېسىمىزغا، بىزگە بېرىلگەن Akismet API Key نى ئەۋەتىپ بېرىدۇ.
ئەمدى ئېلخەتنى ئاچساق، Your new Akismet API key دېگەن تېمىدا ئەۋەتىلگەن بىر يېڭى ئېلخەتنى بايقايمىز. ئىچىنى ئېچىپ ئىككىنچى قۇردىكى Your Akismet API key is نىڭ كەينىدىكى كودنى كۆچۈرىۋالىمىز ۋە WordPress نىڭ باشقۇرۇش قىسمىدىكى قىستۇرما- ئاكىزمېت سەپلىمىلىرى دېگەن ئورۇندىكى ئاكىزمېت API ئاچقۇچى دېگەن ئورۇنغا كىرگۈزۈپ، تاللاشنى يېڭىلاش كۇنۇپكىسىنى باسساقلا بولىدۇ. ناۋادا، ئاچقۇچىڭىز تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى، بلوگقا مەرھەمەت دېگەن ئۇچۇر كۆرۈنگەن بولسا، ئۇنداقتا مەشغۇلاتلار تۈگىگەن بولىدۇ.
دۇنيا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جىمجىتلىققا چۆمدى
قانداق؟ ئاكىزمېتنىڭ بىڭسى قانداقراقكەن؟ سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، Akismet نىڭ ئەخلەت ئۇچۇرلارنى توسۇش نىسبىتى 99% تىن ئاشىدىغان بولۇپ، تەدبىركارنىڭ بۇ نەچچە ئايلىق ئىشلىتىش تەجرىبىسىگە ئاساسلانغاندا، تېخى توردىن چۈشۈپ قالغان بىرەر سپەمنى بايقىمىدىم. ئەكسىچە، ئاكىزمېت بىر قەدەر سەزگۈر بولۇپ، ھەتتا بىر قىسىم ئىسىم ياكى ئېلخەت ئادرېسى قالايمىقان، باھا مەزمۇنىدا ئۇلانمىلار ھەددىدىن زىيادە كۆپ باھالارنى كۆرگەندە، بۇنىمۇ سپەم دەپ قاراپ سپەم ساندۇقىغا يوللىۋېتىدىكەن. بۇنداق ئەھۋال نەچچە ئونمىڭنىڭ ئىچىدىن بىرەرسى ئۇچرايدىغان ئوخشايدۇ. شۇڭا سپەم ساندۇقىنى تازىلىغاندا، يەنە ئازراق كۆز يۈگۈرتۈپ بېقىپ، نورمال باھالار كىرىپ قالدىمۇ يوق، بۇنىڭغا دىققەت قىلىپ قويغان ياخشى.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
ناۋادا سىز ئىلگىرى Akismet نى كېرەكسىز قىستۇرما دەپ قاراپ ئۆچۈرىۋەتكەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا قىستۇرما ئىزدەش ئورنىغا Akismet دەپ يېزىپ قاچىلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ. بىراق، ئۇيغۇرچە نەشىردىكى ئاكىزمېت قاچىلىنىشى ناتايىن. ئەلۋەتتە، WordPress نىڭ كېلەر قېتىملىق نەشىرىنى يېڭىلىغاندا، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ئاكىزمېت قىستۇرمىسىمۇ تەڭ يېڭىلىنىشى مۇمكىن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [Blog ساۋاتلىرى]
- ھالقىلىق ســــۆز: Akismet، wordpress، سپەم
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,737 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 01-ئاينىڭ 12-كۈنى
- يازما مەنزىلى: wp-akismet-spam.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > WordPress يازما يوللاش كۆزنىكىدىكى كۆرۈنۈشلۈك TinyMCE تەھرىرلىگۈچىگە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش
- كېيىنكى يازما > 8 نەپەر پەن-تېخنىكا ھۆكۈمرانلىرىنىڭ كومىك ئوبرازى! جوبز جادۇگەرگە ئوخشىتىلغان
- Windows تا PHP مۇھىتى ھازىرلاش | WordPress نى قاچىلاشتىن بىر مىسال
- WordPress يازما يوللاش كۆزنىكىدىكى كۆرۈنۈشلۈك TinyMCE تەھرىرلىگۈچىگە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش
- WordPress ئۆزى تەمىنلىگەن فۇنكىسىيەلەر ئارقىلىق بېكەت ئۇچۇرلىرىنى سىتاتسىكىلاش
- WordPress سېستىمىسىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان بوشلۇق تاللاش ھەققىدە
- WordPress تىكى باشقۇرۇش پارولىنى ئۇنتۇپ قالغان چاغدا…
دىۋان تالشىدىغان ئىش مودىدىن قالمىغاندۇ؟
دىۋان !!!
دىۋاندا ئولتۇرۇش ئەمەلدىن قالدى دوستۇم~!تورخۇما بەك نادىر ئۇچۇرلانى يوللاۋاتىدۇ ئەمگىكىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن~!
ئەسلى مۇنداق ئىشمۇ باركەندى_ئەس قاتىدۇ بۇ نىمە~
توستۇق دەپ نۇرمال ئىنكاسلارنىمۇ توسىۋەتمىسە بۇلىدۇغۇ…پروگرامما دىگەننىڭ كامادەك قالاپ تۇرىدىغان كۆزى بولمىسا يا….
زادىلا ماڭا كېرەك نەرسىنى يوللاپسىز، ھازىرلا سىناپ باقاي
سىلى دېگەن ئاۋۇ ‹‹ ئاكام سەمەت ›› قىستۇرمىسى ھازىرغىچە يۈكسەل بلوگنى 139 سىپەمدىن خالاس قىلدى. كۆپىنچىسى ئېنگىلىزچە سىپەملەر، ئاز مىقداردا ئېلان تۈسىنى ئالغان، تور مەنزىلى قالدۇرۇلغان ئۇيغۇرچە ئىنكاسلارمۇ بار.
«ئاكام سەمەت» دەڭ
كۈلۈپ تېلىقىپ قاپتىمەن
بىلوگ باسقا يوقما
ئەمما شۇ قىستۇرمىنى ئىشلىتىپ سپەمدىنغۇ قۇتۇلدۇم،شۇ ئۆزۈمنىڭ ئىنكاسىنى ئۆزۈم قايتا تەستىقلاپ ئاۋارە بولىۋاتىمەن
تەرجىمىدىكى سۆز- جۈملىلەرگە قارىغاندا، ئاكىزمېت خاتا ھالدا سپەملەپ قويغان ئىنكاسنى «سپەم ئەمەس» دەپ ئەسكەرتىپ قويغاندا ئاكىزمېت بۇنىمۇ ئېسىدە تۇتۇۋالىدىكەن.
بۇنىمۇ قىلىۋالدىم، ئەخلەت ئۇچۇرلاردىن قۇتۇلىدىغان بولدۇم…بىلىم بىلەن تەمىنلىگەن دوستقا كۆپ رەھمەت رەھمەت
مەن پەقەت ئاكزىمىت ئاچقۇچى ئالالمايۋاتىمەن .تەپسىلىيراق سۆزلىسەڭلا بولمامدۇ