نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > Blog ساۋاتلىرى > يازما كۆرۈش

WordPress سېستىمىسىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان بوشلۇق تاللاش ھەققىدە

WordPress سېستىمىسىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان بوشلۇق تاللاش ھەققىدە

يېقىندىن بۇيان BlogBus سۇپىسىنىڭ مۇقىم بولماسلىقى ۋە نۇرغۇن بلوگگېرلارنىڭ بەس-بەستە WordPress قا كۆچىشىگە ئەگىشىپ، بلوگگېرلار ئارىسىدا WordPress تا Blog قۇرۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. ئارىدا نۇرغۇن بلوگگېرلار ئۆزىنىڭ WordPress قا قىزىقىپ قالغانلىقىنى ۋە مۇۋاپىق تور بوشلۇقى تەۋسىيە قىلىش ھەققىدە مەندىن مەسلىھەت سورىغانمۇ بولدى، شۇڭا بۈگۈن قىسقىچە قىلىپ بۇ ھەقتە بىلگەنلىرىمنى ئازراق بىلجىرلاپ بېقىشنى لايىق تاپتىم.

WordPress نىڭ ئەڭ مۇۋاپىق خىزمەت مۇھىتى Linux مۇلازىمېتىرى

شۇنداق. بۇ مەن توردىكى ماتېرىياللارنى كۆرۈش ۋە ئۆزۈم سىناقتىن ئۆتكۈزۈش جەريانىدا يەكۈنلىگەن ھۆكۈم بولۇپ، WordPress نىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكى خىزمەت قىلىش مۇھىتى LAMP(يەنى Linux+Apache+MySql+PHP) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى كۆپ قىسىم بوشلۇق ساتقۇچىلارنىڭ مۇلازىمېتىرى Windows بولۇپ، Linux سەپلەنگەن مۇلازىمېتىرلار بىر قەدەر ئاز. بىراق Linux مۇھىتىدىكى Apache نىڭ خىزمەت ئۈنۈمى Windows قا قارىغاندا كۆپ يۇقىرى بولۇپ، WordPress تىكى بىر قىسىم زۆرۈر بۆلەكلەر Linux مۇلازىمېتىرىدا ئەڭ ياخشى خىزمەت قىلالايدۇ، بىر قىسىم زۆرۈر قىستۇرمىلار(مەسىلەن، WP Super Cache)بۇ Windows مۇھىتىدا نورمال خىزمەت قىلالمايدۇ، شۇڭا كۆپچىلىككە تەۋسىيەم: ناۋادا WordPress نى ئىشلىتىپ بلوگ قۇرماقچى بولسىڭىز، يەنىلا Linux سەپلىمىلىك مۇلازىمېتىرلاردىن بوشلۇق ئېلىڭ.

Linux مۇلازىمېتىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى

Linux مۇلازىمېتىرلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتتۈم، ئەلۋەتتە WordPress لا ئەمەس، مۇتلەق كۆپ قىسىم ساندىكى PHP+MySql رامكىسىدا تۈزۈلگەن پروگراممىلارمۇ Linux مۇھىتىدا ئەڭ ياخشى خىزمەت قىلالايدۇ، بۇ يەردە بىز پەقەت WordPress ھەققىدىلا توختىلىپ ئۆتەيلى. يەنە باشقا ئارتۇقچىلىق بار دېسەك، Linux مۇلازىمېتىرلىرىدا كۆپىنچە بىر بوشلۇققا بىر قانچە بېكەتنى تەڭ قويغىلى، بىر قانچە تورنامنى تەڭلا ئۇلىغىلى، بىر سانداننى خالىغانچە بۆلۈپ ئىشلەتكىلى ۋە خېلى كۆپ FTP ئابونتى قۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ناۋادا Linux مۇلازىمېتىرلىرىنىڭ كەمچىلىكى بار دەپ قارالسا، ئەڭ چوڭ كەمچىلىكى: بۇ خىلدىكى مۇلازىمېتىردىن بوشلۇق ساتقۇچىلار ئاساسەن دېگۈدەك بوشلۇققا ئېقىم مىقدارى چەكلىمىسى قويىدۇ(ئادەتتە كۆپىنچە Windows مۇلازىمېتىرلىرىدا بۇ چەكلىمە يوق)، يەنى بوشلۇقنىڭ باھاسى ئانچە قىممەت ئەمەس، بىراق سىزگە ھەر ئايدا بەلگىلىك ئېقىم مىقدارى بېرىدۇ، بۇ ئېقىم مىقدارى توشقان كۈنى تور بېكەت ئېچىلىشتىن توختايدۇ، ناۋادا داۋاملىق ئېچىشنى خالىسىڭىز ئېقىم مىقدارىغا ئازراق مىقداردا پۇل خەجلەپ قوشتۇرسىڭىز بولىدۇ. ئادەتتە 1G لىق ئېقىم مىقدارىنىڭ نورمال باھاسى 5 سوم ئەتراپىدا بولىدۇ، بىراق كۆپىنچە مۇلازىمېتىرلاردا سىزگە خېلى كۆپ مىقداردا ئېقىم مىقدارى سەپلەپ بېرىلىدۇ، ئادەتتە بلوگىڭىزدا رەسىملەر ئانچە كۆپ بولمىسا، بىۋاستە چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگەن ھۆججەتلەر كۆپ بولمىسا ياكى بولغان تەقدىردىمۇ ئوغرىلىقچە ئۇلىنىشتىن ساقلاش تېخنىكىسى قوللانغان بولسا، بلوگىڭىزنىڭ كۈندىلىك IP سىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 500 دەپ ھېسابلىساق، سىزگە بىر ئايدا 20GB ئېقىم مىقدارى بېرىلگەن بولسا، ئۇ ھالدا خاتىرجەم ئىشلەتسىڭىز بولىۋېرىدۇ. ئادەتتە بۇ ئېقىم مىقدارى تامامەن ئېشىپ قالىدۇ. ناۋادا بلوگىڭىزنىڭ كۈندىلىك IP سى 2000 دىن ئاشسا، ئۇنداقتا سىز بۇ 20GB لىق ئېقىم مىقدارىنى سەل چوڭايتىشنى ياكى تېخىمۇ چوڭراق ئېقىم مىقدارى تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەتنى تاللاشنى ئويلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ.

مۇلازىمېتىرنىڭ WordPress نىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرى ۋە شەرتلىرىنى قانائەتلەندۈرۈش دەرىجىسى

ئادەتتە Linux مۇلازىمېتىرى بار بوشلۇق سېتىش ئورۇنلىرى، جۈملىدىن دۆلىتىمىزدىكى بوشلۇق ساتقۇچىلار ئاساسەن WordPress ئۈچۈن مەخسۇس مۇلازىمەت ئاجراتقان بولۇپ، مەخسۇس مۇلازىمېتىرلىرى WordPress نىڭ بارلىق ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرىدىغان قىلىپ تەڭشەلگەن بولىدۇ. شۇڭا بوشلۇق سېتىۋالغاندا بۇ شەرتلەرنى تولۇق ئوقۇپ، مەخسۇس WordPress بوشلۇقى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ سېتىۋېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. Linux مۇلازىمېتىرى ئىكەن، WordPress قا ماس كېلىدىكەن دەپلا سېتىۋېلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.

WordPress بوشلۇقلىرىنىڭ نورمال باھاسى

ئادەتتە دۆلەت ئىچىدىكى WordPress بوشلۇقلىرىنىڭ باھاسى 400MB لىق بوشلۇق 200 سوم ئەتراپىدا، يەنى بىر MB نى 5 موغا سېتىۋالىسىز دېگەن گەپ. WordPress پروگراممىسىنىڭ ئۆزىنى ئورناتسىڭىز 10MB قا يېقىنراق بارىدۇ، باشقا قىستۇرما، ئۇسلۇب، ۋە يازما قىستۇرما رەسىملىرىنى ئۆزىڭىزنىڭ بوشلۇقىغا چىقارغان ھالەتتىمۇ 100MB بوشلۇقنى ئەڭ كامىدا 1 يىل دەخلى-تەرۇزسىز ئىشلىتەلەيسىز، ناۋادا زۆرۈر بولمىغان قىستۇرمىلارنى ئازايتسىڭىز ۋە قىستۇرما رەسىملەر بولمىسا ۋە ياكى قىستۇرما رەسىملەر باشقا ھەقسىز تور ئالبوملىرىغا چىقىرىلسا، ئۇ ھالدا بۇ بوشلۇقنى تېخىمۇ تېجىيەلەيسىز دېگەن گەپ.

تەۋسىيەلىك WordPress بوشلۇقى

نۆۋەتتە تەدبىركار ئۆزى تۇتىۋاتقان ياكى ۋەكالەتچىلىكىنى قىلىۋاتقان بىرەر مۇلازىمېتىر يوق، شۇڭا كۆپچىلىككە تۇتۇپ مەلۇم بىر بوشلۇقنى تەۋسىيە قىلىشقا ئامالسىزمەن. بىراق كۆپچىلىكنىڭ يۇقىرىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن توردىن ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان بوشلۇقنى تاپالىشىغا ئىشىنىمەن، بىر قىسىم تورداشلار نۆۋەتتە تەدبىركار ۋە تورخۇمار ئىككى بېكەتنىڭ تور سۈرئىتىنىڭ ئالاھىدە ياخشىلىقىنى، قايسى تور بېكەتتىن سېتىۋالغانلىقىنى مەندىن سۈرۈشتە قىلغان بولدى. نۆۋەتتە yuksel.me، tedbirkar.net ۋە torhumar.com قاتارلىق بېكەتلەر ئوخشاش بىر مۇلازىمېتىردا ماڭدۇرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ بوشلۇقنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن مەزكۇر بېكەتنىڭ ئاستى قىسمىدىكى تەۋسىيەلىك WordPress بوشلۇقى ناملىق ئۇلانمىنى بېسىپ كىرسىڭىز بولىدۇ. ناۋادا مۇشۇ مۇلازىمېتىرنى ياقتۇرسىڭىز ھەمدە چوقۇم مۇشۇ مۇلازىمېتىرنى سېتىۋېلىشنى قارار قىلغان بولسىڭىز، مەن قالدۇرغان ئاشۇ ئۇلانمىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىپ، 淘宝 دا پۇل تۆلىگەندىن كېيىن 12216833 نومۇرلۇق QQ نى قوشۇپ مەقسەتنى دېسىڭىزمۇ، ياكى ئاشۇ سېتىۋالغان ئورۇندىكى مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈش بويىچە تور نامىڭىز ۋە ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. ناۋادا بوشلۇق سېتىۋالغاندا مېنىڭ تەۋسىيە قىلغانلىقىمنى دېسىڭىز، بەلكىم تېخىمۇ قىزغىن مۇئامىلىگە ئېرىشىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. :oops:

无觅相关文章插件

[ئاللىقاچان 14 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. قاينام : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ناھايىتتى ياخشى يېزىلغان تېمىكەن ،بىزنى خېلى ياخشى ئاساسقا ئېگە قىلدى بوشلۇق مەسىلىسىدە ئاساسەن سىز دىگەن لىنىۇش مەشغۇلات سېستىمىسى بولسا ئەڭ ياخشى بولىدىكەن

  2. ئۇيغۇربەگ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمما لېكىن،مەن ئالغان بوشلۇقنى يامان ئەرزان ئالغانتىم :eek: ،ئەمما،يامان ئەمەس چىقىپ قالدى دىسە.نورمال ئېھتىياجىمدىن چىقىپ كېلىۋاتىدۇ :grin: بىرەر مەسىلە بايقالمىغاندۇ ھە؟ :eek:

    • سەھرالىق :

      ماڭا تەۋسىيە قىلمامسىز، مەنمۇ 300 ئاقچا خەجلەپ ئىلىپ قويغان بىرنى ،لىكىن شۇ چەكلىمىسى كۆپ، دۆلەت سىرتىدا بولغاچقا ،چۈشۈرىدىغان ھەر قانداق نەرسىنى قويسام بولمايدۇ…

  3. مۇئەللىم پۈتۈكلىرى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يانا پەگا قاپتۇدە …ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇي

  4. سندىبات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ ۋوردپەرەسكە كۆچەي دىگەن،تورنامى سېتىۋالامدىم؟بوشلۇقنىغۇ تورخۇمار ئەپەندىم تۇنۇشتۇرۇپتۇ!1يىلدا قانچە داچەن خەجلەرمەن؟

    • سەھرالىق :

      تور نامىمۇ ئالىسىز، بوشلۇقنىڭ گېپىنى ھەزرىتىم ناھايىتى بەلەن دەپتۇ، ئەمدى تور نامى ئالمايمەن دىسىڭىز، بەگ ئىنىمىزنىڭ خانىسىگە مەرھەمەت قىلىپ ھەقسىز تور نامىدىن بىرنى ئىلىپ شالاققىدە ئۇلىۋالسىڭىز تېخىمۇ بەلەن بوپ كىتىدۇ!!!

    • torhumar :

      com/net تورنام يىلىغا ئەرزان بولغاندا 50 سوم، بوشلۇق تەخمىنەن 200 سوم، بىر يىلدا جەمئىي 200 سوم ئەتراپىدا خەجلىشىڭىز مۇمكىن.

  5. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەزرەتلىرى، مۇشۇ بەك بەلەن تېما بوپتۇ ئۆزى، مەنمۇ ئاز-تولا ھەرىكەت قىلىپ،سلىنىڭ نەدىن بوشلۇق ئالغانلىرىنى تەكشۈرۈپ باققان ئىدىم ئۆز ۋاقتىدا، بۇنىمۇ دەپ بىرىپلا ئەمدى ما ھىيىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇ سىلىنىڭكىدەك پىچچەت ئۇسلۇبلارنىڭ ھەقسىزلىرىنى نەدىن تاپىمىز بىر دەپ بەرسىلە قانداق؟

    • torhumar :

      ئۇسلۇبلارنى wopurs.org دىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئازراق ئەجر سىڭدۈرىسىز.

  6. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تور ئادىرىسى خاتا بوپ قاپتۇ، http://www.wopus.org/ ئىدى ئەسلى، لىكىن سىلىنىڭكىدەك پىچچەتلىرى ئۇ يەردە يوق، مەن كۈندە مارىلايمەن، يارىمايدۇ… مىنىڭ نەزىرىمدە ئەڭ ئاددىي نەرسە ھەقىقى گۈزەلللىك ئۆلچىمىگە توشىدۇ، ئەمدى سىلىنىڭ بۇ ئۇسلۇبلىرىغۇ مەندە بار ئىدى بولمىسا، لىكىن ھەممىمىزنىڭ ئوخشاپ قالسا سەت تۇرامدىكى دىدىم… بولمىسا … :mrgreen:

  7. قۇتبىلىك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تەۋسىيەلىك WordPress بوشلۇقى خاتا بوپ قالمىغاندۇ؟ ھىچ بىر كىرەلمەيمەنيا؟

  8. mac : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تور بەت قۇرسا پۇل تاپقىلى بولامدۇ؟ مەن مۇشۇنۇڭغا سەل قىزىقىپ قالدىم.

  9. ئىز تېكىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تورخۇمار دوستلار قانداق ئەھۋالىڭلار ، ماڭا بوشلۇققا ۋورد پىرەس جاچىلاشتىن ياردەم قىلغان بولساڭلار . مەن شۇنچە ھەپىلىشپمۇ ھىچ قىلالمىدىم ، خالىس ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلار 410894566 نۇمۇرلۇق كوت- كوتنى قاچىلاپ ماڭا ياردەم قۇلۇڭلارنى سۇنۇپ قويغان بولساڭلار .

 汗