يېڭى يىلدا نېمە سوۋغا سېتىۋېلىشنى ئويلاۋاتىسىز؟ iPhone ياكى چىرايلىق لايىھەلەنگەن ياندېسكا؟
مانا خاسىيەتلىك قارلار 2010-يىلىنى ئۇزىتىپ، 2011-يىلىنىڭ كېلىشىنى ئالدىراتماقتا، ھەممىمىز يېڭى بىر يىلنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرىمىز. بۇ يېڭى يىلدا كۆپچىلىك ھەر خىل تەبرىكلەش ياكى باشقا پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنى ئويلاشتىمىكىن؟ ئەلۋەتتە يەنە نۇرغۇنلىغان تورداشلار ئۆز-ئارا تەبرىكلەش، تۇغۇلغان كۈن قاتارلىقلارغا قانداق سوۋغات ئېلىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇشى، ۋە ياكى ئۆزى ئۈچۈن ياخشىراق بىرەر سوۋغات سېتىۋېلىپ تەبرىكلەپ قويۇشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە يىراق ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇۋاتقان ساۋاقداشلار ئالدىراش ئىمتىھانلار ئارىلىقىدا، يۇرتقا قايتقاندا چوڭلارغا، ئاكا-سىڭىللارغا ۋە ياكى قىز-ئوغۇل دوستىغا كۆڭۈلدىكىدەك بىرەر نەرسە ئالغاچ كېتىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا بۈگۈن بىز كۆپچىلىك ئۈچۈن ئوغۇللار ھەم قىزلارغا ماس كېلىدىغان بىر يۈرۈش سوۋغاتلارنى تەييارلاپ چىقتۇق. تېخى سوۋغات سېتىۋالمىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى يېڭى يىللىق سوۋغاتلار بىر كۆرۈپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ…
رەسىمگە قاراپ يانفونمىكىن دەپ قالدىڭىزغۇ دەيمەن؟ ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنتايىن چىرايلىق ۋە ئۆزگىچە لايىھەلەنگەن iThink ماركىلىق ياندېسكا(移动硬盘)، سۈرئىتى تېز ۋە سىغىمى چوڭ، باھاسى ئەرزان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. مودا قوغلىشىدىغان، گۈزەللىك قوغلىشىدىغانلار ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى تاللاش بولالايدۇ!
قول سائىتىمۇ ئەلۋەتتە ياخشى سوۋغات بولالايدۇ، نەپس ئىشلەنگەن بىر دانە ئالىي دەرىجىلىك قول سائىتى سىزنىڭ سالاپىتىڭىزنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە سىز ئۈچۈن ھەر قاچان ۋاقىتنىڭ قانچە بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرالايدۇ!
Apple نىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىر قاراشقىلا ئادەمنىڭ كۆزىنىڭ يېغىنى يەيدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ناۋادا رەقەملىك ئۈسكۈنىلەرنى ياخشى كۆرىدىغان قىزلار ياكى ئوغۇللار بولسا، Apple نىڭ ئەڭ يېڭى 4-ئەۋلاد iPod Touch مەھسۇلاتىمۇ ئىنتايىن ماس كېلىدۇ!
ئەلۋەتتە، چوڭلار ئۈچۈن iPad تىنمۇ ياخشى سوۋغات بولمىسا كېرەك؟ ناۋادا سىزنىڭ ئېشىنچا ئازراق پۇلىڭىز بولسا، بۇ زامانىۋى مەھسۇلاتتىن چوڭلارنىمۇ خەۋەردار قىلىپ قويۇڭ، مەيلى كىنو كۆرۈش ياكى تورغا چىقىش بولسۇن، iPad يەنىلا يوغان ئېكرانى بىلەن كۆپ ئۈستۈنلۈككە ئىگە!
ئەلۋەتتە ئاياق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى كۆپىنچىمىز بازارغا چىقىپ تۇتۇپ، كۆرۈپ، سىناپ ئاندىن سېتىۋالىمىز. بۇ بولسا ياۋروپادا قاتتىق مودا بولىۋاتقان بىر خىل پاسوندىكى پۇتنى ئىسسىق ساقلايدىغان ئەرلەر خۇرۇم ئايىقى بولۇپ، كېلىشكەن قىياپىتىڭىزنى نامايەن قىلىشتا كام بولسا بولمايدۇ ئەلۋەتتە!
پورتمال كىشىگە ئامەت ئېلىپ كېلىشكە سموۋىل قىلىنغان بىر خىل ئالىي دەرىجىلىك سوۋغا ھېسابلىنىدۇ، بىر دانە چىرايلىق لايىھەلەنگەن ئالىي دەرىجىلىك خۇرۇم ئەرلەر پورتمىلى سىزنىڭ تۇرمۇش پوزىتسىيەرىڭىزنى بىلدۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ!
ئەلۋەتتە، قىزلارمۇ چىرايلىق ۋە رومانتىك تۈسىگە ئىگە سوۋغاتلارنى ياخشى كۆرىدۇ، مەسىلەن زەنجىر ۋە بىلەيزۈك قىزلارغا بەخت تۇيغۇسى ئاتا قىلالايدىغان مۇھىم سوۋغاتلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: بايرام,تۇغۇلغان كۈن,سوۋغات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 551 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى
- يازما مەنزىلى: new-year-gift-2010.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > قىزلار كىمگىلا ياتلىق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ھامان پۇشايمان قىلىدۇ…
- كېيىنكى يازما > Android تەقلىدچىسى ئارقىلىق ھېچقانداق پۇل خەجلىمەيلا PC دا Google يانفونىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈش
تەۋسىيەلىك سوۋغاتلىرىڭىز سەل قىممەت بۇپ كەتتىمۇ قانداق ؟
باھاسى ئەرزان ، كۆركەم ، ئۆزگىچە سوۋغاتلاردىنمۇ تەۋسىيە قىلمامسىز ؟
بۇ سوۋغاتلارنى ئالالايدىغانلاردىن ئالالمايدىغانلار كۆپ چىقىدۇ .
كۆڭلىڭىزگە كەلمىسە بىر گەپنى سوراپ باقاي دېگەن مۇشۇلارنى سىز تەۋسىيەلىگەن ئادرېستىن كىرىپ سېتىۋالساق سىزگە قانچە پىرسەنت پايدا كېلىدۇ ؟ قىزىقىپ قالدىم
بىلىشىمچە بۇنىڭ تەدبىركارغا پايدىسى يوقمىكىن .
بۇ پەقەت تورخۇمارنىڭ خالىس مۇلازىمىتى .
munglan بۇنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس سىز.
بۇلارغۇ بەك نەپىس ئىشلەنگەنكەن ،مەندە بىرەسى بولسا دەپ ئويلايمەنۇ~~~~پۇل بەك كۆپ ئەمەستە ،ئاۋۇ سائەتنى ، ئالدىنقى كۇنى گۇگۇل ئېلاننىنى تەۋىسىيە قىلىپتىكەنسىز ،بىزگە مۇشۇنداق بىرەر نەرسە تەۋىسىيە قىلىپ پۇل تاپىدىغان ئىشلاننى ئۆگىتىپ قويسىڭىز . بىزمۇ بېيپ قالايلى ~~~
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر سوئالنى سورىۋالاي.
توردىن چۈشۈرگىلى بولمايدىغان ئۈن-سىن ھۆججەتلىرىنى IE دا ئاسانلا تېپىۋالاتتىم . بىراق Firofox تور ئەخلەتلىرىنى زادى تاپالمىدىم .
Firofox بۇنداق يەر يوقمۇ ياكى مەن تاپالمىدىممۇ ؟
قىستۇرمىسىنى ئىشلىتىپ شۇنىڭدىنلا چۈشۈرمەمسىز؟شۇ ياخشىراق!
قانداق قىستۇرمىنى دەيدىغانسىز ؟
تەپسىلىراق سۆزلىۋەتمەمسىز ؟
سائەت ، پۇل قاپچوق ، تېلىفون ، ئاياخ بودىكەن
iPod Touch تا pdf كۆرگىلى بولامدۇ؟
بولىدۇ.
سىستىمىسىنى يېشىپ، pdf كۆرگۈچ قاچىلايسىز.
ئەگەر سېستىمىسى 4.0 دىن يۇقىرى بولسا تامامەن بولىدۇ. ئامالى بۇ يەردە
ئاۋۇ يۆتكىلىشچان قاتتىق دېسكا نەچچە پۇلدۇ ، كۆزۈم چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ ….
500G كەن، 398 يۈەنكەن، 20 يۈەن كىرانى قاتسىڭىز 418 يۈەن بۇلىدۇ.
باھاسى مۇۋاپىق ، كۆرۈنىشى كۆركەم ئىكەن. ھازىرغىچە 1628 دانە سېتىپ بوپتۇ.
بىر زامانلاردا يېڭى يىللىق ئاترىتكا دەپ ئۆز ئارا سوۋغا قىلىشىپ يۈرىيدىغان ….. ئۇ زامانلار كەلمەسكە كەتتىمۇ نىمە ؟!
ئالدىنقى كۈنى بىر يىگىت بىزنىڭ ياتاققا كۆتۈرۈپ كىرىپتىكەن، شۇنداق ئاچسىلا ئادەمنىڭ يۈرەك كىسىلىنى قوزغايدىغان مۇزىكىلار چىقىدىغىنىدىن، بىزنىڭ سايىسى قوش باللار‹‹ئەرزانكەن››دەپ يارىتىشمىدى…