نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > ھېسسىي دۇنيا > يازما مەزمۇنى

قىزلار كىمگىلا ياتلىق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ھامان پۇشايمان قىلىدۇ…

قىزلار كىمگىلا ياتلىق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ھامان پۇشايمان قىلىدۇ...

ھەرقانداق ئەرنىڭ بىرەر نام نىشان، مۇراد مەقسىدى بولغىنىغا ئوخشاش، قىزلارنىڭمۇ ئەرلەرنى تاللىشىدا مەلۇم ئوي پىكىرلىرى، ئۆلچەم بىرلىكلىرى بولىدۇ، ئەلۋەتتە. مەسلەن: ئىستىقبالى بولۇش، پىشقان بولۇش، كۆيۈمچان بولۇش…دېگەندەك. زادى قانداق ئەرگە ياتلىق بولغاندا كېيىن پۇشايمان قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتا كۆزۈم قارىغۇ بولۇپ قاپتىكەن دەپ تىللايدىغان ئىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغاندۇ؟ قېنى ئەمىسە، بىز بىر بىرلەپ كۆرۈپ باقايلى!

پۇلى كۆپ ئەلەرگە ياتلىق بولغاندا: يېيىشىڭىز ئېسىل تاماق، ئولتۇرىشىڭىز ئالىي ماشىنا، كاتتا ئۆي ئىمارەت، كىيىشىڭىز پۇزۇر، داڭلىق كىيىملەر، تاقىشىڭىز قىممەت زىبۇ زىننەتلەر… بۇ خىل تۇرمۇش ئەلۋەتتە يامان تۇرمۇش ئەمەستە؟!! كىم راھەت كۆرۈشنى خالىمايدۇ؟ كىم جاپانى خالايدۇ، دەيسىز؟! ئەمما، ئەرلەرنىڭ پۇل تېپىشى ۋاقىت ۋە زېھىن تەلەپ قىلىدۇ. پۇلى كۆپ ئەرلەر بىر بولسا كەچكىچە سودا قايناملىرىدىن بوشىيالمايدىغان سودىگەر، يا بولمىسا كەچكىچە زىياپەت ئولتۇرۇش، يىغىندىن بوشىمايدىغان كاتتا ئەمەلدار ئەرباب. سودىگەرنىڭ كاللىسىدا پايدا نەپتىن ئۆزگە نەرسە ئاز، كۈندە دىگۈدەك سالغان مەبلىغى بىلەن تاپقان پايدىسىنىڭ ھېساۋاتى، ئاستا ئاستا ئۆيدىكى ئىللىقلىقنى سۇسلاشتۇرىدۇ. ئەمەلدار پۇلدارلار بولسا كۈندە زىياپەت بولمىسا يىغىن دېگەندەك ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئۆيدىكى ۋاقتى ئازدىن ئاز بولىدۇ. پۇلدار ئەرلەر تولىراقى ئاياللىرىنى ئۆيگە يالغۇز تاشلاپ قويىدۇ، ئۆزلىرى سىرتتا ئالدىراش يۈرۈيدۇ. بۇنداق ئەرلەرگە ياتلىق بولسىڭىز، سىزنىڭ شۇ تېلىۋېزورغا، ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش ئورنىغا ياتلىق بولغان بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق. بۇ ۋاقىتتا، سىز چىداشنى، روھىي جەھەتتىكى بوشلۇققا چىداشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك، شۇ روھىي جەھەتتىكى بوشلۇقنىڭ سىزگە ئېلىپ كەلگەن ھاۋادەكلا بەخىتىنى، قەلبىڭىزدىكى ئاچچىقنى يۈتقاندەك يۇتۇشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.

ناھايىتى قاملاشقان ئەرلەرگە ياتلىق بولغاندا: بۇ ئېنىقكى ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىق. گەرچە ئۇ سومباتلىق يىگىت پەقەت سىزنىلا ياخشى كۆرسىمۇ، ئەمما ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان، بەلكىم پەقەت سىز يالغۇزلا بولماسلىقىڭىز مۇمكىن، ھەم باشقا قىزلارنىڭ ھېچنىمىگە قارىماستىن، پىدايىلارچە قىلغان ھۇجۇملىرىغا ئۈلگۈرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، قاملاشقان ئەرلەرنىڭ گۈزەل نازىنىنلارنى ئۇچرىتىپ قېلىشىمۇ ئەلۋەتتە شۇنچىلىك قاملىشىپ كېلىدۇ، تېز كېلىدۇ. توساپ توساپ بولالمايسىزدە، ئاقىۋەت تۇرمۇشىڭىزدىن ئاستا ئاستا مەسىلە چىقىشقا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىز ئۆزىڭىز ئېيتىپ، ئۆزىڭىز ئوينايدىغان ئارتىسقىلا ئايلىنىپ قالىسىز، خالاس.

سىزگە ھەمرا بولالايدىغان ئەرلەرگە ياتلىق بولغاندا: ھەركۈنى سىزگە ھەمرا بولالايدۇ، ئۇنىڭ سىرتتىكى ئىشلارغا چىقارغان ۋاقتى ناھايىتى ئاز، تۇتىۋېلىش قابىلىيىتى ياخشى؛ سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز، سىلەرنىڭ توي خاتىرە كۈنۈڭلار، ھەتتا ئاپىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرىنىمۇ شۇنچە ئېنىق ئېسىدە تۇتىدۇ. ئۇ ھەركۈنى ۋاقتىدا ئۆيگە قايتىدۇ،، يەنە بىر ئۈستەل ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ، قورۇما قورۇيدۇ. سىزگە ھەمرا بولۇپ، بازار ئايلىنىدۇ، بالا بېقىپ، تەربىيىلەشنى بىلىدۇ. سىزنىڭ ھەربىر كۈنىڭىز ئۇنىڭ ياردىمىسىز ئۆتمەيدۇ، مانا بۇغۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئەر بولار؟! ئەمما، بۇ خىل ئەرلەرنىڭ قابىلىيىتى ئادەمنى گۇمانلاندۇرىدۇ، شۇڭا ئانچە كۆپ ئىقتىسادى يوق، شۇڭا سىزنىڭ سىرتلاردا ئەرلەر بىلەن تەڭ جاپا چېكىپ، پۇل تېپىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ،، شۇندىلا سىلەرنىڭ ماددى تۇرمۇشۇڭلار ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ. باشقا ئاياللارنىڭ ئۆيلىرىدە خانىشتەك ئولتۇرۇپ، يولدىشىنىڭ تېپىپ بەرگەنلىرى بىلەن ناز كەرەشمە ئىچىدە ياشاۋاتقىنىنى، قوللىرىنىڭ پاختىدەك يۇمشاق، يۈزلىرىنىڭ پارقىراپ تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭىزدە، ئۆزىڭىزنىڭ سىرتلاردا ئالدىراش يۈرۈپ يىرىكلەشكەن يۈزلىرىڭىز، قوپاللاشقان، قاتتىق قوللىرىڭىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ… يۈرۈگىڭىزنى چاشقان يىگەندەك بولىسىزدە، كۆڭلىڭىزدە، باشقىلار نىمە ئۈچۈن ئالماس ئەرلىرىگە تايىنىپلا راھەت ياشايدۇ، مەن نىمەدەپ تۆمۈر تەسەكتەك ئەر بىلەن جاپا تارتىمەن دەپ ئويلاپ ئازابلىنىسىز.

شىرىن سۆزلۈك ئەرلەرگە ياتلىق بولغاندا: بۇنداق ئەرلەر بىلەن بىللە ئۆتكەندە سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز ھەر ۋاخ چاغ يۈرۈيسىز، بۇ خىل ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئارتۇقچىلىقنى بايقاشقا ئالاھىدە ماھىر كېلىدۇ. سىزنىڭ ھەربىر ئۆزگەرگەن چاچ پاسونىڭىز، ئالماشتۇرغان يىڭى كىيىملىرىڭىز، ھەتتا سۈرگەن لەۋسۇرۇخىڭىزنىڭمۇ باشقا ماركىغا ئالماشقانلىقى ئۇنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇدە، سىزنى ماختاپ قۇلاقلىرىڭىزغىچە قىزارتىۋېتىدۇ. ئەمما، سىزنىڭ چوقۇم بىرنەرسىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ؛ بۇ خىل تىپتىكى ئەرلەر بۇنداق شېرىن شىكەر سۆزلەرنى ھەر قانداق ئاياللارغا دىيەلەيدۇ، خۇددى سىزگە دېگەندەكلا. سىز ھەتتا ئۆزىڭىزنىڭ بۇخىل گەپنى قانچىنچى بولۇپ ئاڭلىغىنىڭىزنىمۇ بىلەلمەي قالىسىز. بۇنداق ئەرلەر سەل خەتەرلىك، سەللا دىققەت قىلمىسىڭىز، باشقىلار بىلەن بىر يوتقاندا تەرلەشنىمۇ ئېغىر كۆرمەيدىغان بۇنداق ئەر سىزنى ئۆمۈرلۈك نادامەتتە قويىدۇ.

ئادەتتىكىدەك ئاددى ساددا ئەرلەرگە ياتلىق بولغاندا: سىز ئەلۋەتتە خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ، ئۇنىڭ سىزگە سادىقلىقىدا گەپ يوق، يىنىدىن ئۆتكەن ھەرقانداق قارا كۆز ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتالمايدۇ. ئەمما، بۇ خىل ئەرلەرنىڭ ئىنكاسىنىڭ ئاستىلىقى سىزنى چۆچىتىپ قويىدۇ، سىزنىڭ ئالغىلى خېلى ۋاقىت بولغان ئايىقىڭىزنى تاسادىپىي كۆرۈپ قالىدۇ دە، يىڭى ئالدىڭىزما؟ دەپ قويىدۇ. سىز ئۇنىڭدىن تىرناق لاكلىرىڭىزنىڭ قايسى رەڭگى بۇ ئاياققا ماس كېلىدىغانلىقىنى سورىسىڭىز، مەڭدەپ تۇرۇپ قالىدۇ. بۇ خىل ھېسىياتقا كەمچىل ئەرلەر سىزنىڭ گۈزەل چىرايىڭىز، لاتاپەتلىك تۇرقىڭىز، ئۇماق خۇلقى مىجەزىڭىزنىڭ قەدرىنى قىلىشنى پەقەتلا بىلمەيدۇ.

تالانتلىق ئەرلەرگە ياتلىق بولغاندا: بۇنى قانداق دېسەك بولار؟ تالانتلىق ئەرلەرنى ئالدى بىلەن ئىكى تۈرگە بۆلەيلى؛ بىرى ئۇتۇق قازانغان تالانت ئىگىلىرى. بۇنداق ئەرلەر بىلەن توي قىلغاندا، بېشىدا ئالامەت رومانتىك، گۈزەل بولىدۇ.. ئەمما، ئۇنداق تالانتى بار، ئۇتۇق قازانغان ئەرلەر كونىنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ھەرۋاقىت، گۈزەللىكنى قوغلىشىدۇ…يەنە بىرخىل تاللانتلىق ئەرلەر بولىدۇ، ئەمما بىر ئۆمۈر تەڭرىدىن زارلىنىپ، ھېچ ئىشنى بېشىغا ئېلىپ چىقالمىغان… بۇنداق ئەرلەر تېتىمۇ بولمايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتسىڭىز، شۇ بىللە تەڭرىدىن زارلىنىپ، باشقىلارنى تىللاپ، ھاياتتىن ئۈمۈدسىزلىنىڭ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ..ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بۇنداق ئەرلەرنىڭ پىسخىكىسىدىمۇ چاتاق چىقىپ، قۇرقۇنچلۇق بولۇپ قالىدۇ.

كەسپىي ئەرلەرگە ياتلىق بولغاندا: ئاڭلىماققا يامان ئەمەس! مەسلەن؛ ئادوۋكات، دوختۇر دىگەندەك، تويدىن كېيىن نىمىلا ۋەقەگە يولۇقسا، يۆلەنگۈدەك، ياردەم قىلالىغۇدەك ئادەم بار. بۇ خىل ئەرلەر ساپالىق كېلىدۇ، ئادەتتە، ئۆزىنىڭ كەسپىي ئەخلاقىغا يات ئىشلارنى قىلمىغىنىغا ئوخشاش، ئائىلىسىگە يات ئىشلارنىمۇ ئالدىراپ قىلمايدۇ… ئەمما، شۇ كەسىپنىمۇ سىزگە ئوخشاش ئايالى قىلىپ ئەمرىگە ئالغاندەك، چاقىرتىلغان زامان نەدە بولمىسۇن، كېتىپ قالىدۇ، بېرىپ كېلىشىنىڭ قارارى يوق بۇنداق تۇرمۇش، سىزنى زېرىكىش ھېس قىلدۇرۇش بىلەن غېرىبلىق ئائىلەڭلارغا ياخشى بولمىغان نەتىجە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

مۇئەللىم ئەرلەرگە ياتلىق بولغاندا: مۇئەللىم ئەرلەرنىڭ يۇقىرىغا ئۆسۈش پۇرسىتى يوقنىڭ ئورنىدا،سىزگە ئويلىمىغان مۆجىزىلەرنىمۇ ھەم بېرەلمەيدۇ، خىزمەتتە تۆۋەندىن يۇقىرىغا ئالدىرىماي يامىشىدۇ. ياخشى يېرى پەقەت يىلدا ئۈچ ئاي ئۆي ئېرى بولۇش پۇرسىتى بار، بالىلارغا بىكارلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچى بولالايدۇ.

سىز بەلكىم مۇنداق دېيىشىڭىز مۇمكىن: ھەم پۇلدار، ھەم بىكار ۋاقتى كۆپ، ھېسىياتقا باي ھەم، ماڭا سادىق بىرسىنى تېپىپ توي قىلساملا بولمىدىمۇ؟ مۇشۇنداق ئەرگە ياتلىق بولسام يەنە پۇشايمان قىلامتىم؟ ئۇغۇ شۇ، بۇنداق ئەرگە ياتلىق بولسىڭىز ھەرگىز پۇشايمان قىلماسلىقىڭىز مۇمكىن! ئەمما، دۇنيادا نەدىمۇ بۇنداق تەلتۆكۈس ئەربولسۇن دەيسىز؟! بولغان تەقدىردىمۇ، سىز بىز ماس كېلىپ بولالمايمىز، چۈنكى، ئۆزىمىز ئۇنچە مۇكەممەل ئەمەستە!! شۇنىڭ ئۈچۈن قىزلار كىمگىلا ياتلىق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر پۇشايمان قىلىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ، بىز پەقەت ئەنئەنىۋىرىمىزگە مۇخالىپ بولمىغان ھالدا، شۇ نىكاھىمىزنى ساقلاپ قالىمىز، بۇنىڭدىن ھېچكىممۇ قۇتۇلالمايدۇ ئاخىر. چۈنكى، بىز ھەممىمىز كەمچىلىكىمىز ئارتۇقچىلىقىمىزدىن كۆپ ئادەملەردۇرمىز. بۇنىڭغا ئامال يوق، مانا بۇ تۇرمۇش!



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ھەۋەسكار 2010.12.24 , 16:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ مىنىڭ تورخۇمار كۇلۇبىنىڭ تۆرىسىدە تۈنجى ئولتىرىشىم.:mrgreen:

  2. يۈكسەل 2010.12.24 , 16:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭلار ھەي، ئوغلۇمنىڭ ئانىسى ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئايال ھېس قىلىدۇ…:oops:

  3. شاھيار 2010.12.24 , 19:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دادامنىڭ ئايالى دادام يوق ۋاقىتتا بەك كايىدۇ :evil:

    • ئۇيغۇربەگ 2010.12.25 , 02:17

      بۇ…نىمە بوپ كەتتى شۇنداقتا؟:shock:

    • نەزەرى 2010.12.25 , 02:32

      گەپلەر قىززىققۇ سەھەردە؟

    • شاھيار 2010.12.25 , 08:36

      بىرشىنى قىلى ۋەرسە ھامان زىرىكىدۇ دە :evil:

  4. نەزەرى 2010.12.25 , 02:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئېشىكى يوق موللامنىڭ قۇلىقى تېنىچ.تەگمەيلا قويسا بولمىدىمۇ خا خا

  5. قەيسەر 2010.12.25 , 03:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي ………. نىمە دىيىشنى بىلەلمىدىم.:sad:

  6. ئۇيغۇربەگ 2010.12.25 , 05:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قىزلار ياتلىق بولمىسا ئەسلى،ياتلىق بولسا بەخىتلىك بولالمىسا تېخى…:lol:

  7. سادا 2010.12.25 , 06:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن تىخى ئۇنى مەن بىلەن توي قىلالمىغىنىغا نىمىشقا شۇنچە ئازاپلىنىپ كىتىدىكىن دەپتىمەن!

  8. ئويغۇرلار بىلوگى 2010.12.25 , 06:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەزى ئەرلەرمۇ شۇنداقمىكىن دەيمەن ….:?::?:

  9. دولقۇن731 2010.12.25 , 07:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راست گپ قىلسام مەن توي قىلىشتىن تولىمۇ قورقىمەن

    • روھچىن 2010.12.25 , 10:27

      چاتاق يوقتۇ ؟:mrgreen:

    • دولقۇن731 2010.12.25 , 11:17

      ھې ھې ھې ، بۇنى يېزىپ بۇلۇپ ئۆزۈمنىڭمۇ كۈلگىسى كېلىپ كەتتى سىلەرنىڭ مۇشۇنداق چۈشىنىۋېلىشىڭلارنى ئويلاپ . مەندە چاتاق يوق ئەمما قۇزۇقنى بالدۇرلا قېقىپ قويسام بەزى ئىشلىرىم مۇشۇ سەۋەبلىك مۇجۇتقا چىقماسمىكىن دەخلىسى يېتەرمىكىن دەپ ئېيتىلغان گەپ ئىدى . سىزنىزە ….:mrgreen:

  10. ۋېرۇس 2010.12.25 , 11:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مېنىڭچە ئەرلەرمۇ مەيلى قانداق ئاياللار بىلەن توي قىلمىسۇن ھامىنى پۇشايمان قىلىدۇ .

  11. 0102 2010.12.25 , 14:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قىزلار يوققەن ئۇقۇيدىغان:!: نېمىشكە:eek: يازغانسىز بۇنى:?:

  12. بىرزات 2010.12.26 , 04:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۆزى يېزىپ ئۆزى كۈلىشىپ ئولتۇرىشىدۇ بويتاقلار:mrgreen:

  13. يولوچى 2011.05.14 , 21:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمىسە بىز خوتۇنلىرىمىزنى مەڭگۈ بەخىتلىك قىلالمامدۇق نېمە؟؟:roll:

  14. چاقماق 2011.08.27 , 13:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئادەم دىگەندە ئازراق شۈكرى قانائەت بولمىسا مەڭگۈ پۇشايمان بىلەنلا ئۆتۈپ كىتىدۇ. :arrow:

  15. سالام 2012.09.20 , 21:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇڭلاشقا ئايپاتەملەر بەك كۆپ

  16. يانمايمەن 2013.09.11 , 00:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پەقەت قىلغۇدەك ئىشى قالمىغان ئادەملەرغۇ بۇ. ھەي مۇشۇنى تەھلىل قىلغۇچە ياخشىراق بىر تارىخ كىتاپ ئوقۇپ قويايلى.

  17. تەمبۈرزادە 2013.09.11 , 00:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇڭا تۇرمۇش ئىشلېرىغا بىر نىمە دىمەك تەس ، ئۇنى دىسە ماۋۇ بۇنى دىسە ئاۋۇ قالدىغان گەپ . بىللە ئۆزلېرىنىڭ تۇرمۇش كارتىنىسىنى يازغاي ، باشقىسى باكا

  18. alyman 2015.07.28 , 22:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇڭا بۇدىگەن تۇرمۇشدە :idea::idea::idea::idea::idea::idea:

  19. 101 2015.07.28 , 22:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھېھې:mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量